قايسى خىل كىشىلەر ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
1. يېشى كىچىك تۇنجى تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە يېشى چوڭ ھامىلىدارلار.
2. تەن تۈزۈلۈشى پاكارلار.
3. كېسەللىك قوزغىلىش ۋاقتى ئادەتتە ھامىلىدارلىقنىڭ 20 ـ ھەپتىسىدىن كىيىن، بولۇپمۇ ھامىلىدارلىقنىڭ 32 ـ ھەپتىسىدىن كىيىن كۆپرەك كۆرۈلىدۇ.
4. يېتىلىشى ناچار، ئېغىر دەرىجىدە كەم قانلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار.
5. بىرلەمچى يۇقىرى قان بېسىم، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ھامىلىدارلارنىڭ كېسەللىك پەيدا بولۇش نىسبىتى يۇقىرى، كېسەللىك ئەھۋالى تېخىمۇ مۇرەككەپ بولىدۇ.
6. قوش گېزەك، باش سۈيى زىيادە كۆپ ھەم ئۈزۈم تۆرەلمە بولغان ھامىلىدارلارنىڭ كېسەللىك پەيدا بولۇش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
7. قىش پەسلى بىلەن ئەتىياز پەسلىدىكى سوغۇق مەزگىلىدە ۋە ھاۋا بېسىمى ئۆرلىگەن شارائىت ئاستىدا ئاسان كېسەل پەيدا بولىدۇ.
8. جەمەتىدە كېسەللىك بولغانلار، مەسىلەن ھامىلىدارنىڭ ئانىسىدا ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى بولسا، ھامىلىدارنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ.