ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنىڭ ئالامىتى
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنىڭ ئاساسلىق كىلىنىكىلىق ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىدەك:
1. قان بېسىمى يۇقىرىلايدۇ، قىسقىراش بېسىمى 17.3 kpa (130mmHg) دىن تۆۋەن، ياكى بوشىشىش بېسىمىkpa(90mmHg) 12.0 ياكى ھامىلىدارلىقتىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا/2kpa(30/15mmHg) 4 يۇقىرى بولسا دىياگنوز قويۇشقا بولىدۇ.
2. سۇلۇق ئىششىق، كىلىنىكىدا بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، ھەر ھەپتىدە 0.5 مىڭ گىرامدىن كۆپرەك ئاتىدۇ، ئىككى پۇت ۋە قورساق دىۋارىدا سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئىستىسقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئارام ئالسىمۇ سۇلۇق ئىششىق يانمايدۇ.
3. ئاقسىل سىيىش، ئادەتتە سۈيدۈكنىڭ ئوتتۇرىدىكى پاكىزە قىسمىدىن ئەۋرىشكە ئالىمىز، سۈيدۈكتىكى ئاقسىل مىقدارى (+) ياكى(+) دىن يۇقىرى، ياكى 24 سائەت ئىچىدە سۈيدۈكتىكى ئاقسىل مىقدارى 5 گىرام دىن كۆپ بولسا دىياگنوز قويۇشقا بولىدۇ.
4. بىماردا ئۆزلۈكىدىن بېشى ئاغرىش، بېشى قېيىش، كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش، كۆزى تورلىشىش، ئۈستۈنكى قورساق ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
تارتىشىپ ھوشسىزلىنىش، بۇ كېسەللىكنىڭ ئەڭ ئېغىر ھالەتكە يەتكەنلىكىنىڭ ئالامىتى، تۇغۇتتىن ئىلگىرى، تۇغۇت ئۈستىدە ياكى تۇغۇتتىن كىيىن يۈز بېرىدۇ. تارتىشىپ قالغان بىماردا يۈز مۇسكۇلى چىڭقىلىش، چىشى كىرىشىش، كۆز ئالمىسى بىر ئورۇنغا قادىلىش، ئارقىدىنلا مۇسكۇللىرى قېتىپ قېلىش، قاتتىق تارتىشىش، نەپەستىن توختاش، سېزىمىنى يوقۇتۇش، تەرىتىنى تۇتالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. قايتا قوزغىلىش قېتىم سانى كۆپ بولغان ياكى ئۇزۇن مۇددەت ھوشسىز ھالەتتە تۇرغان بىمارلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ.