ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى يود كەملىكنى داۋالاش
ۋاقتى: 2015-08-05
ئاۋاتلىقى: 695 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدار بولغانغا 22 ھەپتىلىك بولغاندا يود كۆرسەتكۈچى 89 بولسا ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ يوق؟
جاۋاب: ئەگەر ھامىلىدار ئانىدا يود كەملىك كۆرۈلسە ھامىلىدىمۇ يود كەملىك كۆرۈلىدۇ، ھامىلە يېتەرلىك مىقداردا قالقانبەز ھورمۇنى سېنتىزلىيالمايدۇ، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ھامىلىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەن بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا ھامىلىدار ئاياللار يود تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەر، يود قوشۇلغان ئاش تۇزى، يودلاشتۇرۇلغان پۇرچاق يېغى‹碘化豆油›، بېلىق، راك، خەيدەي قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىشى لازىم.