ھامىلىدارلىقنىڭ 28-ھەپتىسى دادا بولغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى
ۋاقتى: 2016-01-02
ئاۋاتلىقى: 690 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بۇ ۋاقىتتا تېزلا ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە قەدەم قويىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەر كىشى ئايالىغا ھەمراھ بولۇپ ھامىلە تەربىيەسى دەرسىگە كۆپ قاتنىشىپ، تۇغۇت بىلىملىرىنى ئىگەللىشى كېرەك ئۇنىڭدىن باشقا ئايالى بىلەن بىللە بالىسىغا ئىسىم ئويلىشىش، قايسى دوختۇرخانىدا يەڭگىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئويلاشسا بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ھامىلىنىڭ تېز سۈرئەتتە چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، قورساق چوڭىيىپ، ھامىلىدار ئايالدا بېلى ئاغرىش، ھەرىكەت قىلىشنى خالىماسلىق، جىنسىي ھەۋىسى ئاجىزلاش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئانا-بالىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن، جىنسىي ئالاقىنى چەكلەش كېرەك. ئايالىنى سۆيۈپ قويۇش، قۇچاقلاش ئارقىلىق مۇھەببىتىنى يەتكۈزسە بولىدۇ، بۇنى دادا بولغۇچى چوقۇم توغرا چۈشىنىشى كېرەك.