ھامىلىدارلىق40 -ھەپتىسىدىكى ھامىلىدارلارنىڭ بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشلەر
يانفوندا كۆرۈش
ئەگەر40 -ھەپتىگە كىرگەندە سىز ئاللىقاچان ئانا بولۇپ بولغان بولسىڭىز. ئۇنداقتا ھازىردىن باشلاپ داۋاملىق توردىن زۆرۆر بولغان بالا بېقىش بىلىملىرى ۋە كۆرسەتمىلىرىنى ئىزدەپ بىلىۋېلىڭ. ئەگەر سىز يەنىلا پۈتۈن نىيىتىڭىز بىلەن بوۋاقنىڭ تۇغۇلىشىنى كۈتىۋاتقان بولسىڭىز، ئۇنداقتا چوقۇم سالماق ۋە مۇقىم روھىي ھالەتنى ساقلاڭ. ئەگەر مۇشۇ ھەپتىنىڭ بىرەر كۈنى ياكى كېلەركى ھەپتىدە، قورسىقىڭىزنىڭ يىڭنە سانجىغاندەك ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئەگەر بۇ ئاغرىق بارغانچە ئۇزىراپ، كۈچىيىپ، مەركەزلەشسە سىزنىڭ تۇغۇت جەريانىڭىزنىڭ كۆپ قىسىمى باشلىنىپ بولغان بولىدۇ. تولغاق تۇتۇش ئارىلىقى 30 مىنۇتتىن ئاز بولغان ھامان، دوختۇرخانىغا بېرىپ تۇغۇشقا تەييارلىق قىلىڭ.
ئەگەر سىز ۋە بالىڭىز نورماللا بولسا، بالىڭىزنى ھەر قانچە بالدۇر كۆرگىڭىز بولسىمۇ دوختۇر ھەرگىز تولغاق كەلتۈرۈش ئاماللىرىنى قوللانمايدۇ.