ھامىلىدارلىقنىڭ 31-ھەپتىسىدە دادا بولغۇچى نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك—دادا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن خۇلاسە
ۋاقتى: 2015-08-11
ئاۋاتلىقى: 585 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 31-ھەپتىسىگە كەلگەندە ھامىلىدار ئانىنىڭ بالىياتقۇسىنىڭ سەزگۈرلۈكى كۈچىيىپ سىرتتىن ھەرقانداق غىدىقلاشلار بولغاندىمۇ ھەتتا يەڭگىل سىلكىنىشلەر بولسىمۇ ھەممىسى بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ بالدۇر تۇغۇتنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا بۇ ۋاقىتتا كۈتۈلمىگەن ئىشلار يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ساقلىنىش كېرەك.
بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئايالى بىرەر نەرسىنى سۆزلەپ بېرىشنى ياخشى كۆرسە دادا بولغۇچى ئەڭ ئىخلاسمەن ئاڭلىغۇچى بولۇپ بېرىشى كېرەك؛ ئەگەر ئايالى جىمغۇر بولۇپ گەپ قىلمىسا، ھامىلىدارلىق ۋە تۇغۇتقا نىسبەتەن كۆڭلىدە نۇرغۇن گۇمان بار بولىدۇ، ئۇنداقتا دادا بولغۇچى يۈرەكلىك بىلەن مەيلى نېمە ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر ئايالى بىلەن جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەمدە بولۇشى ھەم ئۈمىدكە تولۇپ ئايالى بىلەن بىرلىكتە گۈزەل ئەتىنى تەسۋىرلەپ تۇرسا بولىدۇ. ھازىر دادا بولغۇچىلار ئىمكانقەدەر ئاز كاماندىروپكىغا چىقىشى كېرەك. دادا بولغۇچى چوقۇم بۇ مۇھىم پەيتتە ئايالىغا كۆپرەك ھەمراھ بولۇشى، ئىلاجىسىز بولمىسىلا كاماندىروپكىغا چىقماسلىق كېرەك.