ھامىلىدارلىقنىڭ 8-ھەپتىسىدىكى دادا بولغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى
ۋاقتى: 2016-02-23
ئاۋاتلىقى: 509 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ سەككىزىنچى ھەپتىسى، ھامىلىدار ئانا بۇ ۋاقىتتا بىرىنچى قېتىم دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشى كېرەك. گەرچە ھامىلىدار بولغىنىغا ئەمدىلا سەككىز ھەپتە بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكىتى يەنىلا خېلى دەرىجىدە ئەپسىز بولىدۇ، بىراق ئەگەر ئېرى ئۇنىڭ يېنىدا ھەمراھ بولالىسا، ئۇنىڭ كۆڭلى خېلى ئارام تېپىپ قالىدۇ. دوختۇرخانىدا ياردەملىشىپ نومۇر ئېلىش، تەكشۈرۈش قەغىزىنى ئېلىش، ئېرى ئايالى بىلەن بىللە دوختۇرنىڭ ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى يېمەكلىك، ساقلىقنى ساقلاشتىكى پىكرى، يەنە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلارنى بىللە ئاڭلىغاننىڭ زىيىنى يوق.
Tags: