ھامىلىدارلىقنىڭ 3-ھەپتىسىدە ئاياللار تېنىدە كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىش
يانفوندا كۆرۈش
بۇ ھەپتىسى ئاياللار بەدىنىدە باشقىچە ئالامەتلەرنى ھېس قىلالمايدۇ، بىراق بۇ ۋاقىتتا ئاياللارنىڭ تېنىدە سۈپەت خاراكتىرلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىۋاتقان بولىدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ 10 ھەپتىسى ئىچىدە، ھامىلىدار ئايالنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلە، ئەڭ دەسلەپكى تەن ئېغىرلىقى بىر مىللىگىرامغىمۇ يەتمەيدىغان، دېئامېتىرى ئاران 135-140 مىكرومېتىر بولغان ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن يېتىلىپ ئېغىرلىقى 3 كىلوگىرامدىن ئاشىدىغان، ئۇزۇنلىقى 50 سانتىمېتىرغا يەتكەن بىر ھامىلىگە ئايلانغۇچە، توپتوغرا 1 مىليارد ھەسسە چوڭىيىدۇ دېگەن گەپ!
دېمەك، 3-ھەپتىدە سىز ھېچقانداق ئۆزگىرىشنى ھېس قىلالمىغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بەدىنىڭىزدە ئاللىبۇرۇن ئاجايىپ ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، سىزگە تۇيۇپ يەتمىگەن بىر مەسئولىيەت ئارتىلىشقا باشلىغان، يولدىشىڭىز ئىككىڭلار ئارىسىدىكى ئىككى كىشىلىك تۇرمۇشمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالغان، بوۋىقىڭىز سىز بىلەن تەڭ كۈلۈپ تەڭ يىغلاشنى باشلايدىغان، ئانىلىق مېھرىڭىز تەبىئىيكى ئۇرغۇپ تېشىشقا باشلىغان ۋاقىت بولىدۇ.