ھامىلىدارلىقنىڭ 2-ھەپتىسى نېمە يېيىش كېرەك؟
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 2-ھەپتىسى ھامىلىنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يۇپۇرماق كىسلاتاسى مول بولغان يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، گىلاس، ياڭاق، ئالۇچا، ئۆرۈك، دولانە قاتارلىق مېۋە-چىۋىلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، يۇپۇرماق كىسلاتاسى تولۇقلىغۇچى ئىچىشكىمۇ بولىدۇ. ھەر كۈنى نورمال ئادەمگە زۆرۈر بولغان 22000 كىلو كالورىيە ئېنىرگىيەنىڭ تەمىنلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلغاندىن سىرت، يەنە 400 كىلو كالورىيە (كالورىيە ئىسسىقلىق بىرلىكى بولۇپ، 1 كىلو كالورىيە 1 كىلوگىرام سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 1 سىلسىيە گرادۇس يۇقىرى كۆتۈرۈشكە كېرەكلىك بولغان ئىسسىقلىق ئېنىرگىيەسىگە تەڭ)
ھامىلىدارلىقنىڭ 2-ھەپتىسىدىكى كۆڭۈلدىكىدەك ئوزۇقلۇق:
ھەر كۈنى 250-500 گىرام سۈت، 2 تۇخۇم، ئۇرۇق گۆش 150-200 گىرام، سەي-كۆكتات 250-500 گىرام، مېۋە-چىۋە 2 تال، پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى، بېلىق، جىگەر قاتارلىقلار ھەر ھەپتىسى 3 قېتىم ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ.
ھامىلىدارلىقنىڭ 2-ھەپتىسى: ھامىلىدار بولغۇچى بېلىق، پۈرچاق تىپىدىكى يېمەكلىكلەر، كۆممە قۇناق، سۈت قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەپ بېرىشى كېرەك.