ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن ئىستېمال قىلىشتا دىققەت قىلىدىغان يېمەكلىكلەر(3)
ۋاقتى: 2016-07-15
ئاۋاتلىقى: 691 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
شېكەر
ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن، ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ، بولۇپمۇ ئايال تەرەپ قەنت مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگەندە قەنت مىتابولىزمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ھەتتا قەنت سىيىش كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن؛ ھامىلىدارلىقتىن كېيىن، ھامىلىنىڭ ئېھتىياجى سەۋەبىدىن قەنتنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ئاشىدۇ ياكى ئەسلىدىكى نورمال سەۋىيىنى ساقلاپ قالىدۇ، شۇڭا ئاسانلا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى قەنت سىيىش كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى قەنت سىيىش كېسەللىكى ئانىنىڭ سالامەتلىكىگە دەخلى قىلىپلا قالماي، يەنە ھامىلىنىڭ سالامەتلىكى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەھدىت سالىدۇ، شۇ سەۋەبتىن بالدۇر تۇغۇلىدىغان، بويىدىن ئاجراپ كېتىدىغان ۋە ئۆلۈك تۇغۇلىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئانا تىپىك قەنت سىيىش كېسەللىكى بىمارىغا ئايلىنىپ قالىدۇ، بوۋاق بولسا يوغان بوۋاق ياكى مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى نورمال بولمىغان بىمارغا ئايلىنىپ، بوۋاقنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە دەخلى قىلىدۇ.