ئەقىللىق بوۋاق تۇغۇشتا «ئەڭ ياخشى» ھامىلىدار بولۇش ئۇسۇلىنى تاللاش (3)
ۋاقتى: 2016-06-25
ئاۋاتلىقى: 784 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئەڭ ياخشى ھامىلىدار بولۇش كۈنىنى تاللىغاندا، رومانتىك كەيپىيات يارىتىش كېرەك، ئەر-ئايال ئاۋۋال ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش، ئىككى تەرەپنىڭ ھېسسىياتى، ئوي-پىكىرى ۋە قىلمىشى بىردەكلىككە يەتكەندە، ئاندىن گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا، ئەڭ زور چەكتە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا، بىر قىسىم ۋاسىتىلەر بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ جىنسىي ھېسسىياتىنى قوزغاپ، يۇقىرى دولقۇنغا يەتكۈزۈشكە تىرىشىش، بولۇپمۇ ئايال تەرەپنى جىنسىي يۇقىرى دولقۇنغا يەتكۈزگەندە، سۈپەتلىك تۇغۇشقا تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ. چۈنكى قاندىكى ئاممونىي كىسلاتاسى بىلەن گلىكوگېن ئىسپېرما سۇيۇقلۇقىغا سىڭىپ كىرىپ، سۇيۇقلۇقتىكى ئىسپېرما تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيىگە ئېرىشىپ، ئايلىنىشنى تېزلىتىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئەڭ قاۋۇل، ئەڭ كۈچلۈك ئىسپېرما تۇخۇم بىلەن بىرىكەلەيدۇ، تۇغۇلغان بالا ئاتا-ئانىسىنىڭ بەدەن، تاشقىي قىياپەت ۋە ئەقلىي-ئىقتىدار جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەيدۇ.