ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەيىبلەشنىڭ بالىغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىدىن قانداق ساقلىنىمىز

ئەيىبلەشنىڭ بالىغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىدىن قانداق ساقلىنىمىز

ۋاقتى: 2015-12-31 ئاۋاتلىقى: 1045 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەيىبلەشنىڭ بالىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىدىن قانداق ساقلىنىشنى بىلەمسىز؟

ئىقتىسادىي شارائىتى ياخشى ھەم ياخشى تەربىيەگە ئىگە ئائىلىلەردە تەنقىدلەش ئوچۇقتىن-ئوچۇق بولماستىن، بەلكى ناھايىتى يوشۇرۇن ئېلىپ بېرىلىدۇ. «سېنى تۇغقىچە تۇغمىسامچۇ، ئىسىت!» دېگەندەك ئېغىر، قاتتىق، ناچار ئەيىبلەش سۆزلىرى بالىلارنىڭ ھېس-تۇيغۇسىغا ناھايىتى ئېغىر تەسىر قىلىدۇ. ئىشخانامدا توختىماستىن يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ۋەقەلەر ماڭا تەنقىدلەش كۈچىنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكىنى، ئۇنى بېزەپ ھەم شېكەر يالىتىپ ئېلىپ بارغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ زىيىنىنىڭ ئۇنچە چوڭ بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى. ئادەتتە، ئاتا-ئانىلار كۆڭلىدىكىدەك ئىشلار يۈز بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن بالىلىرىنى ئەيىبلەيدۇ.
ئادەتتە بىز بالىلارنى تەنقىدلىگەن ۋاقىتتا، ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا بۇ كەمچىلىكلەرگە چىداپ بولالمىغانلىقىمىزنى، ئۇلارنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىمىزنى، ھەتتا ئۇنىڭدىن بىزار بولغان ھېسسىياتىمىزنى ئىپادىلەيمىز. تەنقىد ئۈمىدسىزلىكنىڭ يەنە بىر خىل شەكلى بولۇپ، ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىدىكى ئۈمىدسىزلىكنى بالىلىرىغا يەتكۈزىدۇ، بۇنداق تەربىيە ھەقىقەتەن ناھايىتى بەك يامان تەسىرگە ئىگە. ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ئەيىبلىگەن ۋاقىتتا ناھايىتى دىققەت قىلىشى زۆرۈر، چۈنكى ئۇ ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىغا دۈشمەنلىك ئۇرۇقىنى چاچىدىغان ئۇسۇلدۇر. تەنقىد بولسا بالىلارنىڭ قىممەت قارىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە «ياق» دېيىشىڭىز ياكى دېگەندەك خۇشال ئەمەسلىكىڭىزنى ئىپادىلىشىڭىز، ھەتتا ئۈمىدسىز گەپلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى تەنقىد ھېسابلىنىدۇ، ئەلۋەتتە، بەزەن ۋاقىتلاردا بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىمىزنى ئىپادىلەپ قالىمىز، بۇ ئەخلاق تەربىيەسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىدۇر. (مەسىلەن، دوستۇڭغا قىلغان مۇئامىلەڭنى كۆرۈپ بەكمۇ ئۈمىدسىزلەندىم.) بىزنىڭ تىلغا ئالغىنىمىز بالىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە قارىتىلغان، بالىنىڭ ئۆزىگە قارىتىلمىغان بولۇشى كېرەك. «مېنى بەكمۇ ئۈمىدسىزلەندۈردۈڭ» دېگەندەك ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى بالىلارنى گاڭگىرتىپ قويىدۇ ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدە نورمالسىزلىق تۇغدۇرىدۇ. تۈزىتىش بولسا بالىلارنى تەربىيەلەشتىكى مۇھىم ھەم زۆرۈر ھالقا، بىراق تۈزىتىش بالىنىڭ قىلغان ئىشىغا قارىتىلىشى، ھەرگىزمۇ بالىنىڭ ئۆزىگە قارىتىلماسلىقى كېرەك. مەسىلەن، سىزنىڭ 12 ياشلىق بالىڭىز بار دەيلى، ئۇ بۇ قېتىمقى ماتېماتىكا ئىمتىھانىدا تەييارلىقى ياخشى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن نەتىجىسى ياخشى بولمىغان بولسا، تۆۋەندىكى بىر قانچە ئۇسۇل ئارقىلىق تۈزىتىش بەرسىڭىز بولىدۇ:

بىرىنچى: ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماسلىق
بەلكىم بۇ بالا بىلەن پەقەتلا كارى بولماسلقنى كۆرسىتىشى مۇمكىن، ئەمما بۇنداق بولسا ئانچە ياخشى بولمايدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى خالىسا (بۇ چوقۇم شۇنداق قىلىشنى كۆرسەتمەيدۇ)، بەلكىم بۇ بالىنىڭ مەكتەپتىكى ئىپادىسى ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن.

ئىككىنچى: ئاقىۋىتىگە ئۆزىنى مەسئۇل قىلدۇرۇش
«بىز ئىلگىرى ساڭا ئەسكەرتكەن، ئىمتىھاننى ياخشى بېرەلمىسەڭ، باشقا كۈنلەردە دەرس تەكرارلاپ، پەقەت ھەپتە ئاخىرىدىلا تېلېۋىزور كۆرەلەيسەن. »

ئۈچىنچى: بالىنىڭ قايسى نۇقتىلاردا كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى تېپىشىپ بېرىش
بۇ بالىلارنىڭ دەرس تەكرارلىمىسا قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدىغان پەيتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدىن «ئادەتتە ماتېماتىكىدا ئىپادەڭ يامان ئەمەس ئىدى، بۇ قېتىم ئىمتىھاندا نەتىجەڭنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدە قانداقتۇر بىر سەۋەب بارمۇ نېمە؟ ياردەم كېرەك بولسا ئۇدۇل دېگىن» دېگەندەك سوئاللارنى سوراش ئارقىلىق، ئۇنىڭغا قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنى ئۇدۇل ئېيتىپ بېرىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ بېقىشى كېرەك.

تۆتىنچى: بالىنىڭ تىرىشچانلىقىغا نىسبەتەن ئۈمىدسىزلىكىنى ئىپادىلەش
«ئەگەر ئازراقلا تىرىشىۋەتسەڭ ياخشى نومۇر ئالالايسەن، مېنىڭ ئۈمىدسىزلەنگىنىم سەن قىلالايدىغان تۇرۇپ تىرىشمىغىنىڭ، بىراق نومۇر سېنىڭ، شۇڭا كېلەر قېتىم بەكرەك تىرىشامسەن تىرىشمامسەن بۇنى ئۆزۈڭ بېكىت».

بەشىنچى: تەنقىد ياكى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇش
«ئىمتىھاننى ناچار بېرىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم، ئىمتىھاننى ياخشى بېرىشكە ئامالسىز قالدىڭ؟ شۇنداقمۇ؟»
ئالدىدىكى تۆت خىل ئۇسۇل بالىلارغا ئانچە ئازار بەرمەيدۇ، بىراق تەنقىد خاراكتېرىدىكى ئىنكاسلار بالىلارغا بەك تەسىر قىلىدۇ. ئادەمگە ئازار بەرسە بېرىدۇكى مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ، ئەكسىچە مەسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، بالىلار ئۆزىنى «مېنىڭ كاللام باشقىلاردەك ئىشلىمەمدۇ قانداق» دەپ ئويلاپ قالىدۇ. قايتا-قايتا بېرىلگەن زەربە، قارىشى تۇرۇش ۋە تەنقىدلەش بالىنىڭ خاتا ھۆكۈم چىقىرىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ، ئۇ ئۆزىنى «مەن سۆيۈلۈشكە لايىق ئەمەس» دەپ قارايدۇ. گەرچە بالىلار بىلەن كۆڭۈلدىكىدەك پاراڭلىشىش ئۇسۇلىنى تېپىش بىر قەدەر قېيىن بولسىمۇ، كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار يەنىلا بۇ ئىشنى خېلى ئۈنۈملۈك قىلىۋاتىدۇ. چىن يۈرەكتىن پاراڭلىشىش بالىلار بىلەن ئۆز ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىشتىكى تۇنجى قەدەم ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا ئاتا-ئانىلارنى رازى قىلىدىغان بىر ئىشتۇر. ھېسسىي پىكىر ئالماشتۇرۇش ئاتا-بالا ئوتتۇرىسىدا كەم بولمايدىغان بىر بۆلەك بولۇپ، بۇ ئاتا-ئانىلارنى خۇشال قىلىپلا قالماستىن، بالىلارنىمۇ خۇش قىلىدۇ. ئەگەر ياخشى ئېلىپ بارسا، ئۇنى توغرا يولغا باشلاشتىن سىرت خاتالىقىنى ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك تۈزىتىۋېلىشىگە ياردەم بېرىشتەك قوش ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.
ئەكسىچە، تۈزۈمنىڭ كىشىگە بېرىدىغان تەسىرى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. گەرچە بىز بالىمىزنىڭ بىر قىسىم يامان ئىللەتلىرىنى كۆرگەن چېغىمىزدا ئۇنى جازالىغىمىز كەلسىمۇ، ھېسسىيات جەھەتتىن ئۇنداق قىلىشقا قىيىنغا چۈشىدۇ.
بالىمىزنى جازالىغاندا، بىز كۈلۈمسىرەش، قۇچاقلاش ياكى «سىزنى سۆيىمەن»دېگەندەك ئىنكاسلارغا ئېرىشەلمەيمىز. ئەكسىچە بىز چېكىنىش، قورۇنۇش، ئاچچىقلاش قاتارلىق ناچار ئىنكاسلارغا ئېرىشمىز. ھېسسىي پىكىرلىشىش بىلەن سېلىشتۇرغاندا جازالاش خېلىلا ناچار ئۇسۇل بولسىمۇ، تۈزۈم ئارقىلىق باشقۇرۇشمۇ بالىلارنى تەربىيەلەشتە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم قىسمىدۇر.
مەنبە: ئەلى مۇئەللىم سالونى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى