ئورنىڭىز » باش بەت » قىستۇرما » ئىنكاسچىنىڭ يىڭى يازمىسىنى كۆرسىتىش قىستۇرمىسى CommentLuv

ئىنكاسچىنىڭ يىڭى يازمىسىنى كۆرسىتىش قىستۇرمىسى CommentLuv

ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: قىستۇرما | ئاپرىدە بولغان ۋاقتى:2011-يىل10-ئاي03-كۈنى |3,269 قىتىم

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بلوگگىر دوستلار! مەن بۈگۈن يەنە پەچەت قىستۇرمىدىن بىرنى ئىلىپ كەلدىم. بۇ قىستۇرما مۇنداق.

بىر كىشى بلوگىڭىزغا ئىنكاس يازغان بولسا شۇ يازغۇچى كىشىمۇ سىز بىزدەك Wordperss يازىدىغان بلوگگىر بولسا بۇ كىشى ئۇچۇرغا تىزىملاتقاندا ( ئىسمىڭىز ئىلخەت توربىتىڭىز دىگەن مۇشۇ كۆزنەكنى دىمەكچى)  بلوگ ئادرىسىنى تولدۇرغان بولسا مۇشۇ كىشى ئىنكاس يازغاندا بلوگىدا يوللانغان ئەڭ يىڭى يازمىنى مۇشۇ ئىنكاس ئاستىغىلا چىقىرالايدۇ، ئەلۋەتتە بۇقىستۇرمىنىڭ ئالاھىدىلىكى. سىز ھىچقانداق ھۈنەر ئىشلەتمەيسىز ھەم ئىنكاس يازغۇچىمۇ شۇنداق، پەقەت سىز بۇ قىستۇرمىنى بلوگىڭىزغا قاچىلاپ قوزغىتىپلا قويسىڭىز بولىدۇ، ئۈنۈمىنى بلوگىمغا ئىنكاس يازغاندا بىلىۋىلىڭ!

سىز بۇ قىستۇرما ئارقىلىق مەلۇم بىر بلوگگىرنىڭ بلوگىغا كىرمەي تۇرۇپلا شۇ بلوگگىرنىڭ ئەڭ يىڭى يازمىسىنى بىلەلەيسىز، تور ئادرىسى يازىدىغان يەرگە شۇ كىشىنىڭ توربەت ئادرىسىنى يىزىپ قويسىڭىزلا ئوقۇپ چىقىرىپ بىرىدۇ. ئەلۋەتتە يىڭى يازمامنى كۆرسەتمەيتىم دىسىڭىز يوللاش دىگەن كۇنۇپكىنىڭ ئاستىدىى بەلگىنى ئىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ

دىمەك بۇ قىستۇرما ئارقىلىق يىڭى بلوگگىرلار داڭلىق بلوگلاردا ئىنكاس يىزىپ ئۆزىنىڭ بلوگىنى ھەقسىز تەشۋىق قىلالايدۇ دىگەن گەپ! ئەلۋەتتە شۇ كىشى مۇشۇ قىستۇرمىنى قاچىلىغانلا بولسا. بۇ قىستۇرمىنى تور خۇمار قاچىلاپ قويغان بولسا.............

قىستۇرمىنى ئارقا بەتتىن قىستۇرما قاچىلاش  ئىزدەش رايۇنىغا ئىسمىنى ئىزدىتىپ قاچىلاپ قوزغىتىۋەتسىڭىزلا بولدى، ياكى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ قىنى ئەمدى بلوگىڭىزدا باشقىلارنىڭ دىۋان تالاشمىغىنىنى مەن بىر كۆرەي!

قىستۇرمىنى قوزغىتىپ بولۇپ مۇشۇ قىستۇرمىنى تەڭشەشكە كىرىپ  ( ئارقا بەت ئەڭ ئاستىدا تەڭشەكلەر ئىچىدە )  Ctrl+F نى باسسىڭىز ئىزدەش كۆزنىكى چىقىدۇ، بۇ كۆزنەككە recently posted دىگەن خەتنى يىزىپ ئىزدىتىشنى باسسىڭىز بۇ خەت بار يەرنى تىپىپ بىرىدۇ، ئاندىن مۇشۇ خەتنىڭ ئۆزىنىلا ئەڭ يىڭى يوللانغان يازما  دەپ تەرجىمە قىلىۋىتىڭ!

ئورنى رەسىمدىكى ئورۇن.

قىستۇرما نامى: CommentLuv

چۈشۈرۈش

 



无觅相关文章插件,快速提升流量

يازما خەتكۈچى:, , ,
يازما ئادرىسى:2366.html
ئەسكەرتىش: يازما كۆچۈرسىڭىز مەنبە ئەسكەرتىڭ

دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلەڭ~

ھازىر 28 پارچە ئىنكاس بار!
  1. ئۆزقان  ( 2011.10.3 02:38 ) : -14-قەۋەت

    ئاۋۋال مەن بىر قىستۇرىۋېتەي!

    جاۋاب
  2. bil  ( 2011.10.3 02:39 ) : -13-قەۋەت

    sinap bakay qu””kandak dimakqi zadi? :cool:

    جاۋاب
  3. ئۆزقان  ( 2011.10.3 03:05 ) : -12-قەۋەت

    مەن غەلىبىلىك قىستۇرۇپ بولدۇم، ئەمما ئۈنۈمىنى نەدىن كۆرەرمەن…

    جاۋاب
  4. ئۆزقان  ( 2011.10.3 03:06 ) : -11-قەۋەت

    ھى، ھى، ھى…، ئۈنۈمى دېگەن مانا!

    جاۋاب
  5. بوغلان  ( 2011.10.3 10:50 ) : -10-قەۋەت

    سەرخىل قىستۇرمىكەن بۇ، نەدىن تېپىۋالىدىغانسىز دەيمەن دە بۇنداق پېچەت قىستۇرمىلارنى :mrgreen:

    جاۋاب
  6. ئۇزۇق  ( 2011.10.3 11:07 ) : -9-قەۋەت

    ۋوي بۇلىدىغان ئىشكەنغۇ بۇ………………

    جاۋاب
  7. ئۇزۇق  ( 2011.10.3 11:20 ) : -8-قەۋەت

    مىنىڭ چىقمايدىغۇ

    جاۋاب
  8. ھارماس  ( 2011.10.3 12:09 ) : -7-قەۋەت

    پاھ.. قېنى سىناپ باقاي.. :cry:

    جاۋاب
  9. ئالىم  ( 2011.10.3 13:13 ) : -6-قەۋەت

    قېنى ئۇيغۇربەگنىڭ تېمىسنى سىناپ باقايلى :shock:

    جاۋاب
    • ئۇيغۇربەگ  ( 2011.10.3 20:42 ) :

      ئاپلا…يېڭى يازمام يوختىيا!

      جاۋاب
      • ئەلشات  ( 2011.10.3 21:57 ) :

        بەگ نىڭ يىڭى يازمىسى بولمىغاچقا چىقامىغان چىراي

        جاۋاب
  10. رازىيە  ( 2011.10.3 14:52 ) : -5-قەۋەت

    سەرخىل قىستۇرمىكەن

    جاۋاب
  11. murxid  ( 2011.10.3 16:40 ) : -4-قەۋەت

    مەنمۇ بىر سىناپ باقايچۇ قنى ئەلشاتجان بۇگۈن نىمىلەر نى ئلىپ كەلدىكىن :shock:

    جاۋاب
  12. نۇھ  ( 2011.10.3 23:02 ) : -3-قەۋەت

    ماۋۇ قىستۇرما ئىنكاس يازمايدىغانلارنىمۇ يازدۇرىدىكەن. :twisted:

    جاۋاب
  13. تۇران تېكىن  ( 2011.10.3 23:55 ) : -2-قەۋەت

    بۇ قىستۇرما قوشۇلسا ئىنكاس يازمايدىغانلارنىڭمۇ ئىنكاس يازغۇسى كىلىپ قالامدۇ نىمە؟! مەنمۇ بىر سىناپ باقايچۇ.

    جاۋاب
  14. نۇھ  ( 2011.10.4 00:27 ) : -1-قەۋەت

    كود شېئىرغا ئوخشايدۇ دىگەن سۆزنى ئەسلەپ قالدىم.

    جاۋاب
  15. نۇھ  ( 2011.10.4 00:28 ) : 0-قەۋەت

    شۇنداق قىلىپ بۈگۈن ئالىجاناپلىق بىلەن 3 ئىنكاس يازدىم. :smile: :roll:

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2011.10.4 00:34 ) :

      قارىغاندا بۇ ئاستا ئاستا تونۇمدۇ نىمە. سىز باشتا ئىنكاس يازغاندا كۆرسىتىپ بەرمەپتىكەن يازمىڭىزنى كىيىن يازغاندا تونۇپتۇ

      جاۋاب
  16. ئەۋلات  ( 2011.10.4 12:03 ) : -14-قەۋەت

    پەچەت قىستۇرمىكەن گەرچە كىچىككەن بولساممۇ مەنمۇ قىىستۇرۋالدىم رەخمەت :mrgreen:

    جاۋاب
  17. ئۇزۇق  ( 2011.10.4 15:51 ) : -13-قەۋەت

    idamning inkas yazmisimu yazghusi kip kalamdu njima bu kisturmining zorlixi bilan :twisted:

    جاۋاب
  18. شىرىن بۇلاق  ( 2011.10.4 17:46 ) : -12-قەۋەت

    بۇ قىستۇرما قوشۇلسا ئىنكاس يازمايدىغانلارنىڭمۇ ئىنكاس يازغۇسى كىلىپ قالامدۇ نىمە؟! مەنمۇ بىر سىناپ باقايچۇ.

    جاۋاب
  19. رازىيە  ( 2011.10.8 18:21 ) : -11-قەۋەت

    ياخشى قىستۇرما ئىكەن، نەدىنمۇ تاپقانسىز بۇنداق ياخشى نەرسىنى. :arrow:

    جاۋاب
  20. ئاتەش  ( 2011.12.16 20:06 ) : -10-قەۋەت

    راست، بۇ يازما ئىنكاس يازمايدىغانلارنىمۇ ئىنكاس يازدۇرىدىغان قىستۇرمىكەن ئەمەسمۇ.
    مەنمۇ سىناشنى باشلىدىم ئەمسە.

    جاۋاب
  21. كىتاپپۇرۇش  ( 2011.12.19 14:17 ) : -9-قەۋەت

    ۋاي راستما ؟ :smile:

    جاۋاب
  22. ياپراق  ( 2012.01.28 21:18 ) : -8-قەۋەت

    بولىدىغان قىستۇرمىكەن.

    جاۋاب
  23. ئەلپىدا  ( 2012.02.20 02:19 ) : -7-قەۋەت

    مەنمۇ قىستۇرۋالغان چىراي بۇ قىستۇرمىنى …

    جاۋاب
  24. ئىزدىنىش  ( 2012.05.26 15:50 ) : -6-قەۋەت

    مەن بۇ قىستۇرمۇنى ېشلتىپ باكاي

    جاۋاب
icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif