جۇڭگو توربەت باشلىقلىرى ئىتتىپاقى تورىنىڭ باھارنىڭ 17-كۈنى(5-ئاي)كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە ، يېقىندا ھەرقايسى چوڭ-كىچىك كومپىيۇتېر ئۇچۇرلىرى توربەتلىرىدە Google شىركىتىنىڭ تەتقىق قىلىۋاتقان Chrome OS سېستىمىسىنىڭ كەسمە كۆرۈنۈشلىرى ئېقىپ يۈرگەن،بولۇپمۇ دۆلەت ئىچىدىكى Linux ھەۋەسكارلىرى تورىدا بۇ رەسىملەر بەس-بەس مۇنازىرىگە چۆمۈلگەن. گەرچە،Chrome OS نىڭ باشبېتىدە ھېلىھەم‹‹سېستىما ئېچىلىۋاتىدۇ،سېستىما كۆرۈنۈشى ھەرۋاقىت ئۆزگىرىشى مۇمكىن...››دەپ يىزىپ قويۇلغان بولسىمۇ،بۇ كەسمە سۆرەتلەر Chrome OS دىن ئىبارەت بۇ سىرلىق سېستىمىغا قىزىقىدىغان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. بۇ كەسمە سۆرەتلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا كۆزنەك باشقۇرۇش ، جاھاننامە ، باشقۇرۇش سۇپىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەتكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە،يېقىندىن بىرى يالغۇز سېستىمىنىڭ يۇمتال ھەققىدىكى ئۇچۇرلارلا ئەمەس،ھەتتا Chrome OS مۇناسىۋەتلىك قاتتىق دىتال ئۇچۇرلىرى پات-پات تور دۇنياسىدا ئېقىپ يۈرگەن.بەزى ئۇچۇرلارغا كۆرە Acer شىركىتى مۇشۇ يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مەزكۇر سېستىمىنى بازارغا سالماقچى ئىكەن،ئەمما بۇ ئۇچۇر تېخى ئالاقىدار ئۇرۇنلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشمىگەن. مەنبە : ئىز تورى (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |