بەزىلەردە سېستىما بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن ئىكران يۈزىدە ھىچنىمە كۆرۈنمەيدىغان،我的电脑 مۇ ئېچىلمايدىغان ئەھۋاللارغا دۇچ كىلىپ قالىمىز،بۇ ۋاقىتلاردا تۆۋەندىكى بۇيرۇقلارنى بىلسەك نۇرغۇنلىغان مەشخۇلاتلىرىمىز ئاسانلىشى مۇمكىن.بۇ بۇيرۇقلارنىڭ ھەممىسى سېستىمىنىڭ مۇھىم ھۆججەت،پىروگىراممىلىرىنىڭ تىز قوزغاتقۇچ بۇيرۇقلىرى بولۇپ،运行 غا كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئىشلەيدۇ. compmgmt.msc كومپىيۇتېر باشقۇرۇش پىروگىراممىسى قوزغىلىدۇ. devmgmt.msc قاتتىق دىتال باشقۇرۇش پىروگىراممىسى قوزغىلىدۇ. diskmgmt.msc دىسكا باشقۇرۇش،رايونغا بۆلۈش پىروگىراممىسى قوزغىلىدۇ. dfrg.msc دىسكا رەتلەش،تازىلاش پىروگىراممىسى قوزغىلىدۇ. eventvwr.msc مەشخۇلات خاتىرلەش پىروگىراممىسى قوزغىلىدۇ. fsmgmt.msc ئورتاق پايدىلىندىغان ھۆججەت قىسقۇچ قوزغىلىدۇ. gpedit.msc تەڭشەك گوروپپا پىروگىراممىسى قوزغىلىدۇ. lusrmgr.msc يەرلىك ئىشلەتكۈچى ۋە گۇرۇپپا پىروگىراممىسى قوزغىلىدۇ. perfmon.msc ئىقتىدار پىروگىراممىسى قوزغىلىدۇ. secpol.msc يەرلىك بىخەتەرلىك پىروگىراممىسى قوزغىلىدۇ. services.msc مۇلازىمەت تۈرلىرى پىروگىراممىسى قوزغىلىدۇ.
يۇقارقى تىز قوزغاتقۇچ ھۆججەتلىرىنى تەھرىرلەش ئارقىلىق ئوڭ كۇنۇپكا تىزىملىكى ھەر خىل قىلىپ ئۆزگەرتىپ،تەڭشىۋالغىلى بولىدۇ،مەسىلەن ئۇيغۇرچە Xp ئىشلەتكەنلەر بىلىدۇ،我的电脑 نى تاللاپ،ئوڭ كۇنۇپكىنى باسقاندىكى چىقىدىغان تۈرلەر ئادەتتىكى سېستىمىلاردا چىقىدىغان تۈرلەردىن كۆپ.بۇ خىل تەھرىرلەش ئۇسۇلى ئايرىم يازمىدا تۇنۇشتۇرىلىدۇ.ئۇ ۋاقىتتا ئۆزىڭىز خالىغانچە ئوڭ كۇنۇپكىنى تەھرىرلەپ ئۆزگەرتەلەيسىز. |