سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

كومپىيۇتىېر ئىشلەتكۈچىلەر سەمىگە:

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-03-24 11:28مەنبە:ئالمىزار تورى يازغۇچى:izqilar زىيارەت سانى: قېتىم

1-ياخشى بولغان تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش
بىر تەرەپتىن كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلىپ ، بىر تەرەپتىن تاماق يېيىشكە ، مەشغۇلات ئۆيىنى ئاشخانا قىلىشقا بولمايدۇ ، بولمىسا ئاسانلا ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق ياكى ئاشقازان ياللۇغلىنىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ . كومپيۇتېرنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانى كۆپ
بولسا ، مەشغۇلات قىلىپ بولغاندىن كېيىن قولنى پاكىز يۇيۇپ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك .


2-تېرىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش كېرەك
يۈز ۋە قول تېرىلىرىنىڭ پاكىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك ، چۈنكى ، كومپيۇتېر ئېكرانىنىڭ يۈزىدە كۆپ مىقداردا تىنىچ زەرەتلەر ساقلىنىپ قالىدۇ بۇ زەرەەتلەر ئېكرانغا چاڭ-توزان
يىغىپ يۈز ۋە قولغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ-دە ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تېرىدە قاپارتما پەيدا بولۇش ، رەڭ پىگمېنتى ئۆڭۈش ئەھۋاللىرى پەيدا بولىدۇ .ئېغىرراق بولغاندا تېرە كېسەللىكلىرىنى پەيدا قلىدۇ.


3-ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك

ئېكران ئالدىدا ئولتۇرغان ۋاقىت ئۇزاق بولغاندا كۆرۈش تور پەردىسىدىكى بىنەپشە رەڭ ماددىسى خورايدۇ ، كۆرۈش بىنەپشە رەڭ ماددىسى ئاساسلىقى ۋىتامىن Aدىن تەشكىل تاپقان بولغاچقا ،كومپيۇتېردا خىزمەت قىلغۇچىلار تۇرۇپ ، يېسىۋىلەك ، پۇرچاق ، دۇفۇ ، چىلان ، ئاپېلسىن ، تۇخۇم ، سۈت ھايۋانات جىگىرى ، ئورۇق گۆش قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەدەنگە كېرەكلىك بولغان ۋىتامىن ۋە ئاقسىل تولۇقلىشى كېرەك .ئادەتتە چاي شامىسى تەركىبىدە نۇر چىقىرىدىغان ماددىلارنىڭ بەدەنگە بولغان تەسىرىنى ئازايتىدىغان ماددىلار بولغاچقا كۆپرەك چاي ئىچىپ بېرىشى كېرەك.

4-قىياپەتنىڭ توغرىلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك

مەشغۇلات قىلغاندا ئولتۇرۇش قىياپىتى توغرا بولۇش كېرەك . ئېكراننىڭ مەركىزى بىلەن مەشغۇلات قىلغۇچىنىڭ كۆرەك قسىمى بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە بولۇشى، شۇنداقلا كۆز بىلەن ئېكراننىڭ ئارىلىقى 40-50 سانتىمېتىر ئەترەپىدا بولۇشى كېرەك، ئەڭ ياخشىسى ئېگىز-پاكارلىقىنى تەڭشىگىلى بولىدىغان ئورۇندۇق ئىشلىتىش ، مەشغۇلات جەريانىدا پات-پات كۆزنى يۇمۇپ بىردەم ئارام ئېلىپ ، كۆز ئاجىزلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

5-خىزمەت مۇھىتىغا دىققەت قىلىش كېرەك

ئۆيىنىڭ يورۇقلۇقى مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك . بەك يورۇق ياكى بەك قاراڭغۇ بولۇپ كەتسە بولمايدۇ .
نۇرنىڭ بىۋاستە ئېكرانغا چۈشۈپ ئارىلاشما نۇر ھاسىل قىلىشتىن ساقلىنىش ، ئۆي ئىچىدىكى چاڭ توزان ۋە ئۇششاق جانلىقلارنى قەرەللىك تازىلاپ تۇرۇش ، تازىلىغاندا ئەڭ ياخشىسى نەم لاتا ياكى نەم سۈرتكۈچ ئىشلىتىش ، پات-پات ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك

6-ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك

ئادەتتە كومپيۇتېردا بىر سائەت مەشغۇلات قىلغاندىن كېيىن 10مىنۇت ئەتراپىدا ئارام ئېلىش كېرەك ، ئەڭ ياخشىسى مەشغۇلات ئۆيىنىڭ سىرتىغا چىقىپ قول-پۇتلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرۇشى لازىم ، نۇرغۇن كىشىلەردە بويۇن ئومۇرتقىسى ئاغرىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ ، بۇ چاغدا باش قىسىمىنى يەڭگىل ھەرىكەتلەندۈرۈپ بەرسە پايدىسى بولىدۇ

7-كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراشقا دىققەت قىلىش كېرەك
كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشراشتا ، قەرەللىك ئارام ئېلىش ، تەركىبىدە ۋىتامىن A كۆپ يېمەكلىكلەرنى ئېستمال قىلىشتىن باشقا ، يەنە يىراققا نەزەر سېلىش ، دائىم كۆز ئاسىراش گىمناستىكىسى ئويناش ، يېرەتلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .كومپيۇتېر مەشغۇلاتىدىكى توغرا بولغان ئولتۇرۇش قىياپىتى ئولتۇرغاندا پۇت ئالقىنىنىڭ يەرگە تولۇق تېگىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كرەك . بۇنىڭدا پۇتنىڭ يەرگە تېگىشىنى تەڭشىگىلى بولىدىغان خىزمەت ئۈستىلى ۋە ئورۇندۇق ئىشلىتىش ياكى پۇتقا تەگلىك كېرەك. تەگلىك ئىشلەتكەندە تەگلىكنىڭ كەڭلىكى يېتەرلىك بولۇشىغا شۇنداقلا پاچاقنى ئەركىن ھەرىكەتلەندۈرگىلى بولىدىغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.پۇت قىسىمىنىڭ ئەركىن تۇرۇشى ئۈچۈن خىزمەت ئۈستىلى ئاستىغا بوشلۇق قويۇپ پۇت ۋە تىزنىڭ ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ، چوڭ پاچاق ۋە تىزنىڭ كىچىك پاچاقنىڭ ئۈستىگە يىغىلىپ
قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. خىزمەت قىلغاندا دائىم پۇتنى سوزۇپ تۇرۇش ھەم پۇتنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇش كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا پات-پات ئورۇندىن تۇرۇپ خىزمەت ئۈستىلىدىن ئايرىلىپ ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇش ھە پۇتنىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتىپ پۈتۈن بەدەننى ئەركىن تۇتۇش كېرەك.

دىققەت: ساندۇق ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئۈستەلنىڭ ئاستىغا قويماسلىق ، پۇتنى ئۈستەل ئاستىدا ئەركىن سوزالايدىغان بولۇش ، پۇت ھېچقانداق توسالغۇغا ئۇچىرىماسلىقى كېرەك

ئالمىزار بېكىتىدىن-"ئىزچىلار "يوللىدى.

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(12)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !