سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

مانا بۇ ھەقىقى ئايال

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-06-01 10:02مەنبە:ئالمىزار تورى يازغۇچى:ئالمىزار زىيارەت سانى: قېتىم

مېھرىنى ھەممىگە، سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى بىرلا ئادەمگە بېغىشلىيالىغان ئايال ھەقىقىي مۇھەببەتلىك ئايال؛
ھەم جىسمانىي جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى تەن ئالىدىغان، ھەم روھىي جەھەتتىكى كۈچلۈكلىكىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ئايال ھەقىقىي قۇدرەتلىك ئايال؛
ھەم پۇل ئۈچۈن ئۆزىنى بۇلغىمايدىغان، ھەم ھالال پۇلى بىلەن مەئىشەت سۈرەلەيدىغان ئايال ھەقىقىي ئەخلاقلىق ئايال؛
گۈزەللىكنى جاھان ئەھلى ئالدىدا نامايەن قىلالايدىغان، لېكىن ئۇنى ھەرگىز بازارغا سالمايدىغان ئايال ھەقىقىي نومۇسلۇق ئايال؛
كۆڭلى بولمىسا، ھەتتا پادىشاھنىمۇ رەت قىلىپ، ئىشقى باغلانسا، كۆك نامراتنىڭمۇ ئايىغىغا باش قويالايدىغان ئايال ھەقىقىي ئىپپەتلىك ئايال؛
ھالۋىنى تولا يېگۈزۈپ زاڭ تېتىتىپ قويمايدىغان، ۋاقتى كەلگەندە كەكرىنىمۇ شېرىن ھېس قىلدۇرالايدىغان ئايال ھەقىقىي خۇلقلىق ئايال؛
ھەم سۆيگەن يارىنىڭ مەيدىسىگە يۆلىنىشنى بىلىدىغان،ھەم يىقىلغان يارىنى پۈتۈن جىسمى بىلەن يۆلەشنى بىلىدىغان ئايال ھەقىقىي ۋاپادار ئايال؛
راستنى ھامان راست دەيدىغان، لېكىن ئۆزگىنىڭ زىل كۆڭلىنى ئايايدىغان يەردە، چىن مەۋقەسىنى باشقىچە شەكىلدىمۇ ئىپادىلەشنى بىلىدىغان ئايال ھەقىقىي سەمىمىي ئايال؛
ئىچى قاينىغاندا توغاندەك ئىچىگە يىغالايدىغان، ئىچى توشۇپ كەتكەندە تاشقىندەك تاشالايدىغان، شۇنداقتىمۇ ئەتراپنى، يىراقنى نەزەردە تۇتالايدىغان ئايال ھەقىقىي سالماقلىق ئايال؛
چوغنى پۈۋلەپ ئوت قىلىپ، ھۇۋۇلداپ قالغان ئائىلىنى ئىللىتالايدىغان، لېكىن لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا ماي چېچېپ ئۆينى يانغىنغا ئايلاندۇرۇۋەتمەيدىغان ئايال ھەقىقىي ئەقىللىق ئايال؛
ئۆزىنى قەدىرلىگەنگە قۇللارچە ئىتائەت قىلىشنى بىلىدىغان، ئۆزىنى خارلىغانغا باتۇرلارچە قارشى چىقىشنى بىلىدىغان ئايال ھەقىقىي غورۇرلۇق ئايال؛
ھېجران ئازابى ئىچىدە ئۆمۈر بويى يارىنى كۈتۈپ ئولتۇرالايدىغان، بېشىغا جۇدالىق كەلسە، كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈۋىتىپ، يەنە يېڭىۋاشتىن ھاياتنى سۆيەلەيدىغان ئايال ھەقىقىي ساداقەتمەن ئايال؛
بالا ئۈچۈن ئانا زېمىندەك بارلىق ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈپ ئىڭرىمايدىغان، ھەتتا قورساقتىكى بالىسىنىڭ ئامان-ئېسەن تۇغۇلىشى ئۈچۈن كۈلۈپ تۇرۇپ جان بېرەلەيدىغان ئايال ھەقىقىي پىداكار ئايال؛
پەرزەنتىنى تۇنجى ھەم ئۈمۈرلۈك ئۇستاز سۈپىتىدەتەربىيلەشنى بېلىدىغان ھەم ئۆزىنىمۇ شۇنىڭغا لايىق ئۈزلۈكسىز تەربىيلەپ ماڭالايدىغان ئايال ھەقىقىي كۆيۈمچان ئايال...
مانا سېنىڭ مۇكەممەللىكىڭ، مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى سەندە تاكاممۇللاشسا، سەن ھەقىقىي ئايال، ھەقىقىي كۆيۈمچان ئايال...
مانا سېنىڭ مۇكەممەللىكىڭ، مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى سەندە تاكاممۇللاشسا، سەن ھەقىقىي ئايال، ئەڭ ھەقىقىي ئايال!!!

 

مەنبە: يازغۇچى ئەخمەد ئىمىننىڭ <ئايال> ماۋزۇلۇق نەسىرىدىن ئېلىندى.

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(9)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !