سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

تارىختىن بۇيان خانىم -قىزلىرىمىزنىڭ لاتاپىتىگە لاتاپەت قوشۇپ

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-05-14 17:39مەنبە:ئالمىزار تورى يازغۇچى:ئايسىز~كېچە زىيارەت سانى: قېتىم


                                    

  ئەتلەس — خانىم -قىزلىرىمىزنىڭ گۈزەللىكىگە گۈزەللىك، سۈلكىتىگە سۈلكەت قوشۇپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى كېيىم-كىچەك ماتېرىيالى بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە يېڭىچە قىياپەت بىلەن خەلقىمىزنىڭ مول ۋە رەڭگا رەڭ كىيىم-كىچەك مەدەنىيتىنى جانلاندۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا.

  خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى بولغان ئەتلەسنى چۈشنىش، ھازىرقى كىيىم -كېچەك مەدەنىيتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا يەنىلا بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەتلەسنىڭ گۈل نۇسخىلىرى ۋە رەڭ تۈرلىرىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە .

  قارا ئەتلەس— ئەتلەس ئائىلىسىدىكى ئەڭ قەدىمىي ۋە ئەڭ ئومۇمىي نۇسخا بولۇپ، تېگى قارا، گۈلى ئاق رەڭدە بولىدۇ. تەگلىك رېڭى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن‹‹ قارا ئەتلەس›› دەپ ئاتىلىدۇ.قارا ئەتلەسنىڭ گۈل نۇسخىسى ئەمەلىيەتتە خانتاجىنىڭ تەكشىلىكتىكى مۇبالىغلەشتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشىدۇر. قارا ئەتلەس يۈزىدىكى گۈللەرنىڭ جايلىششىنى ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈشكە بولىدۇ. ئەنە شۇ ئۈچ گۇرۇپپا گۈللەردىن ھاسىل بولغان بىر يۈرۈش گۈل نۇسخىسى بىر كېيىملىك ئەتلەسنىڭ 4/1 قىسمىغا چۈشۈرۈلىدۇ ۋە شۇ ئاساستا بىر تاق ئەتلەس يۈزىگە تۆت قېتىم دەۋر قىلىپ چۈشۈرۈلىدۇ.

  قارا ئەتلەس كىشىگە جىمجىتلىق، سەلتەنەت، سىرلىقلىق تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ. ئۇ ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدا ياشلارمۇ، ياشانغانلارمۇ ياقتۇرۇپ كىيىدىغان، تۆي-مەرىكىلەردە كىيىشكىمۇ، ھازا -ماتەملەردە كىيىشكىمۇ باپ كېلىدىغان ئەتىۋارلىق بۇيۇم ھېسابلىناتتى. ھازىر ئاساسەن ياشانغان ئاياللار كۆپرەك كىيىدۇ.

  قارا ئەتلەسنىڭ يەنە زۆتىنە تەگ ئەتلەس، يېشىل تەگ ئەتلەس، قىزىل تەگ ئەتلەس، چەش رەڭ تەگ ئەتلەس، ماش رەڭ تەگ ئەتلەس ۋە ئاق پېلەك ئەتلەس قاتارلىق يەتتە خىل رەڭ تۈرى بار.

  سېرىق ئەتلەس — بۇ خىل ئەتلەسنىڭ گۈل رېڭى سېرىق، تېگى ئاق رەڭدە بولىدۇ، شۇڭا ئۇ‹‹ سېرىق ئەتلەس›› دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ گۈل نۇسخىسى ئۈچ قەۋەت، ئوتتۇرىسىدا تەقرىبىي رومبا شەكىللىك ئاساسىي گۈل، گۈل مەركىزىدە قوش مونچاق، رومبىنىڭ ئاستى-ئۈستىدە بىر نەچچىدىن ئاسما مونچاق بولىدۇ.

  سېرىق ئەتلەسنىڭ ئىككى گىرۋىكىدە سېرىق قىزىل ياكى سېرىق قارا رەڭلىك زەنجىر شەكىللىك كانارا گۈل بولىدۇ، بۇ، سېرىق ئەتلەسنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ھېساپلىنىدۇ.

  سېرىق ئەتلەس يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئومۇمىي ئالاھىدىلىكتىن باشقا، رەخت يۈزىدىكى تارغاق شەكىللىك گۈل سانىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ ‹‹ قوش تارغاق سېرىق ئەتلەس ›› ۋە ‹‹ تاق تارغاق سېرىق ئەتلەس›› دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. سېرىق ئەتلەس گۈللىرىدە ئاساسەن تارغاق ۋە مونچاق شەكلى ئاساسىي گۈل ئېلېمېنتى قىلىنىدۇ. بۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياسىنىش –تارىنىشنى ياخشى كۆرۈش، پاكىزلىق، گۈزەللىكنى قىزغىن سۆيۈشتىن ئىبارەت ئىستېتىك ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

  تاق تارغاق سېرىق ئەتلەسنىڭ گۈللىرى چوڭ، ئازادە بولىدۇ. قوش تارغاق سېرىق ئەتلەسنىڭ ئىككى رەت گۈلى سىممېتىرىك جايلاشقان، چوڭ -كىچىك شەكىللىرى بىر–بىرىگە جىپسىلاشتۇرۇلغان بولۇپ، گۈل نۇسخىسى ساددا، ئەمما نەپىس بولىدۇ. ياش ۋە ئوتتۇرا ياش ئاياللارنىڭ كىيىشىگە باپ كېلىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردا سېرىق ئەتلەسنىڭ سېرىق يېشىل زەنجىر كانارىلىق، قوش قاتار زەنجىر كانارىلىق ۋە زەنجىر كانارسىز رەڭ تۈرلىرىمۇ ئارقا –ئارقىدىن بارلىققا كەلدى.

  قىزىل ئەتلەس—بۇ خىل ئەتلەسنىڭ گۈل رەڭگى قىزىل، تېگى سېرىق ياكى ئاق بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ‹‹ قىزىل ئەتلەس›› دەپ ئاتىلىدۇ. قىزىل ئەتلەس گۈللىرىمۇ ئىككى رەت، ئۈچ قەۋەت جايلاشتۇرۇلىدۇ. ئادەتتە ئەتلەس بوي ئوتتۇرا سىزىقىنىڭ ئىككى تەرىپىگە بىر رەتتىن گۈل چۈشۈرۈلىدۇ.

  قىزىل ئەتلەسنىڭ سەپلىمە گۈل شەكىللىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئەتلەس يۈزىدە ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان گۈل شەكىللىرىگە قاراپ‹‹ يىلان باغرى قاش ئەتلەس›› ، ‹‹ ئامۇتگۈل قىزىل ئەتلەس›› ، ‹‹ ناغرىگۈل قىزىل ئەتلەس›› قاتارلىق خاس ناملار بىلەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. بۇلار ئىچىدە ئامۇتگۈل قىزىل ئەتلەسنىڭ يەنە‹‹ ئۈچ ئامۇت قىزىل ئەتلەس››، ‹‹ تۆت ئامۇت قىزىل ئەتلەس››، ‹‹ بەش ئامۇت قىزىل ئەتلەس›، قاتارلىق شەكىل ئۆزگىرىشلىرى بار.

  قىزىل ئەتلەس گۈللىرىنىڭ جايلىشىشى سىممېتىرىك، رەڭ پەرقى ئېنىق، شوخ، كۆركەم بولۇپ، ئۇنىڭغا چۈشۈرۈلگەن گۈل نۇسخىلىرى مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشىپ كەتكەن، نەغمە -ناۋالار ياڭراۋاتقان باغ مەنزىرىسىنى ئىپادىلەيدۇ ۋە قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. قىزىل ئەتلەس قىزلار ۋە ياش ئاياللار ياقتۇرۇپ كىيىدىغان نۇسخا ھېساپلىنىدۇ.

  يەركەن ئەتلىسى — بۇ خىل ئەتلەس يەنە ‹‹ بېلىشمان نۇسخا ئەتلەس›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يەركەن ئەتلىسىگە يۇقىرىقى ئەتلەسلەردىكى گۈل ئۆرنەكلىك ئېلېمېنتلىرىنىڭ بىر قىسمى كىچىكلىتىپ ئىشلىتلگەندىن تاشقىرى، ئۆزىگە خاس بەزى گۈل ئېلېمېنتلىرىمۇ بار. ئۇنىڭ باشقا ئەتلەسلەردىن ئەڭ چوڭ پەرقى گۈل يوللىرى ئەتلەس ئېنىگە ئۈچ يول ئىككى دەۋر، تۆت يول ئىككى دەۋر، بەش يول، ئالتە يول، يەتتە يول ئىككى دەۋر قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئادەتتە قىزىل، قارا، ھال، يېشىل،زۆتىنە قاتارلىق رەڭلەر تەگلىك رەڭ قىلىنىدۇ. ئومۇمىي تەكشلىك كۆرۈنۈشىدە، ھەر بىر يولدىكى ھەر بىر گۈل گۇرۇپپىسىنى تەشكىل قىلغۇچى گۈللەر ئۈچ قەۋەت جايلىشىدۇ.

  يەركەن ئەتلىسىنىڭ گۈللىرىنىڭ جايلىششى رىتىملىق، كىچىك ۋە زىچ بولۇپ، شەكىل ئۆزگىرىشى مول، رەڭ تۈرى كۆپ، شوخ كەلگەچكە، ياش ئاياللار ۋە كىچىك قىزلارنىڭ كىيىشىگە باپ كىلىدۇ.

  يەركەن ئەتلىسىنى رەڭ تۈرى ۋە گۈل ئالاھىدىلىكىگە ئاساسلىنىپ، قارا ئەتلەس، سېرىق ئەتلەس ۋە قىزىل ئەتلەستىن كېيىن بارلىققا كەلگەن دېيىشكە بولىدۇ.

  ئالاقاغا شايى ئەتلەس— بۇخىل ئەتلەسنىڭ گۈل نۇسخىسى بەزى جەھەتتىن سېرىق ئەتلەس گۈلىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ.ئەمما ئەتلەس گۈللىرىدە ھەرە چىشى سىزىقلىق رومبا شەكلى ئاساسىي گۈل قىلىنىدۇ، شۇنداقلا گۈللەر ئۇششاق ۋە زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

  جەينەكگۈل ئەتلەس— بۇ ئەتلەسنىڭ بارلىققا كەلگىنىگە ئۇزاق بولمىغان بولۇپ، تۆت خىل رەڭ تۈرى بار. مەسىلەن: جەينەكگۈل قىزىل ئەتلەس دېسەك بۇنىڭ گۈللىرى ئاق رەڭدە بولىدۇ.بۆرەك، تارغاق قاتارلىق قارا ئەتلەسكە خاس بەزى گۈل نۇسخىلىرى چۈشۈرۈلىدۇ. بۇ جەھەتتە قارا ئەتلەسكە ئوخشىشىپ كەتسىمۇ، لېكىن تىگى قىزىل رەڭلىك بولۇش، گۈللىرى ئۈچ قەۋەتكە بۆلۈنۈپ، بىرىنچى ۋە ئۈچىنچى قەۋەت گۈللىرى ئوخشاش بولۇش، ئەتلەس يۈزىدە جەينەكگۈل ئالاھىدە گەۋدىلىنىش جەھەتتە پەرقلىنىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا تەگلىك رېڭى يېشىل بولغان جەينەكگۈل يېشىل ئەتلەس، جەينەكگۈل سۆسۈن ئەتلەس ۋە جەينەكگۈل زۆتىنە ئەتلەس قاتارلىقلارمۇ بار.

  كەلكۈن نۇسخا ئەتلەس— بۇ خىل ئەتلەسنىڭ ئۆرۈشىدە گۆش رەڭ ئاساس قىلىنىدۇ شۇنداقلا يەنە بىر بۆلۈك ئۆرۈشلەر چىگمە بوياق ئۇسۇلى ئارقىلىق سېرىق، قىزىل، زۆتىنە،يېشىل، قارا رەڭلەردە بويىلىدۇ، ئارقاق يىپ گۆش رەڭدە بويىلىدۇ. بۇ ئەتلەسنىڭ چاچما كەلكۈن نۇسخا ۋە تاج كەلكۈن نۇسخا دېگەن ئىككى خىل قېرىنداش نۇسخىسى بار. چاچما كەلكۈن نۇسخىلىق ئەتلەستە چاقماق شەكىللىك ياغلىقگۈل ئاساسىي گۈل قىلىنىدۇ. ئۇ چوڭ بىر ئاساسىي گۈل ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا سىممېترىك جايلاشقان تۆت سەپلىمە چاقماقگۈلدىن تۈزۈلگەن گۈل گۇرۇپپىسىنىڭ تەكرار داۋام قىلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ.

  تاج كەلكۈن نۇسخىلىق ئەتلەسنىڭ ھەر بىر گۈل گۇرۇپپىسى ئىككى قەۋەت بولۇپ، ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى يۈرەك شەكىللىك گۈلنىڭ سىرتىغا قاتمۇقات جايلاشقان ئۈچ قات رومبا شەكللىرىدىن تۈزۈلىدۇ. ئاستىنقى قەۋەتتىكى گۈلنىڭ ئۈستۈنكى يېرىمى رەڭدار سىزىقلاردىن، ئاستىنقى يېرىمى سېرىق سىزىقلىق مۇنچاق شەكىللىك گۈللەردىن تەركىب تاپىدۇ.

  موكىگۈل ئەتلەس—موكىگۈل ئەتلەس 2000- يىلى لوپ ناھىيىسىنىڭ جىيا يېزىسىدا ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ گۈللىرى ئەتلەس ئېنىگە قاتار ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. بۇلار موكىگۈل ئەتلەسنىڭ بەش خىل قېرىنداش نوسخىسىنى شەكىللەندۈرىدۈ. ھەر بىر قېرىنداش نوسخا قارا، قىزىل، زۆتىنە، يېشىل، گۆش رەڭ، پور رەڭ، سۆسۈن، سېرىق قاتارلىق سەككىزخىل تەگلىك رەڭ ئۆزگىرىشلىرىگە ئىگە بولۇپ، نۇسخا ۋە رەڭ تۈرى 40 خىلغا بارىدۇ.

  چاقماقَگۈل ئەتلەس— بۇ تىك تۆتبۇلۇڭ( چاقماق ياكى كاتەكچە) شەكىللىك رەڭدار يوللۇق ئەتلەس بولۇپ، قىزىل چاقماق ئەتلەس، قارا ، زۆتىنە، يېشىل، گۆش رەڭ چاقماق ئەتلەستىن ئىبارەت بەش خىل رەڭ تۈرىگە بۆلۈنىدۇ. ئەتلەس يۈزىدىكى گۈللەر سەركەش جايلاشقان رەڭدار چاقماقلاردىن تەشكىل تاپىدۇ.شۇڭا‹‹ چاقماق ئەتلەس ›› ياكى ‹‹ كاتەكچە ئەتلەس›› دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ بەش خىل ئەتلەسنىڭ تەگلىك رېڭى بىردەك ئاق رەڭلىك بولىدۇ. قىزىل چاقماق ئەتلەسنىڭ گۈلى قىزىل رەڭلىك، قارا چاقماق ئەتلەسنىڭ گۈلى قارا رەڭلىك، زۆتىنە چاقماق ئەتلەسنىڭ گۈلى زۆتىنە رەڭلىك بولىدۇ.

  چاقماق ئەتلەسنىڭ گۈل تۈزۈلۈشى ئاددىي بولۇپ، شاھمات تاختىسى شەكلىدە ئىككى خىل رەڭدىن تەشكىل تاپىدۇ. باشقا سەپلىمە گۈللەر بولمايدۇ

 





(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(9)
90%
دەسسەش
(1)
10%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !