ئاياللارغا خاس بولغان ئەڭ گۈزەل ۋە قەدىرلىك نەرسە _ئىپپەتتۇر. ئىپپىتى يوق ئايال نۇرسىز، يالىڭاچ بىر گەۋدىدىن باشقا نەرسەئەمەس. ئىپپىتىنى ساقلاشقا تىرىشمىغان ئايال ھېچقاچان مۇھەببەت ۋە ئىلتىپاتقاسازاۋەر بولغان ئەمەس. (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)ئاچا-سىڭىللىرىم! سىزلەر ئۈچۈن ئەڭ زور بايلىق ۋە ئەڭئۇلۇغ مەرتىۋە، ئەڭ بۈيۈك پەزىلەت ئىپپەتلىك بولۇشتۇر. ئىپپەتلىك ئايال گەرچەكەمبەغەل بولسىمۇ، بىراق مەنىۋى جەھەتتىن بەدۆلەت ھېسابلىنىدۇ. ئىپپەتسىز ئاياللارھەر قانچە بەدۆلەت بولسىمۇ، كىشىلەر نەزىرىدە پېقىر ۋە ھۆرمەتسىز سانىلىدۇ. بويۇنغاتاقالغان مارجانلار، باش ۋە كۆكرەككە قادالغان گۆھەرلەر، ساندۇققا تولغانپۇل-پىچەكلەر بىلەنمۇ ئىپپەتنى سېتىۋالغىلى بولماس. ئىپپەت شۇنداق بىر زوربايلىقكى، ئۇنىڭ ئەسلا باھاسى يوق. خوتۇن-قىزلار گۈزەل ۋە چىرايلىقلىقى،پۇل-ماللىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىدىكى ئىپپىتى بىلەن پەخىرلىنىشىلازىم. ئىپپەتنىڭ نەقەدەر بۈيۈك پەزىلەت ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭتەركىبىگە كىرىدىغان ۋە ئاجرالماس بىر بۆلىكى بولغان خىسلەتلەر بىلەن تونۇشۇشزۆرۈردۇر. دانالارنىڭ يېزىشلىرىچە، ئىپپەتتە ئون بۆلەك بار: ھايا، سەۋر، ئۆزىنى تارتىش، پاكلىق، قانائەت،ئېغىر-بېسىقلىق، ئوچۇق چىرايلىق، ئىخلاس، تەرتىپ، ساخاۋەت. __ ئالىمەتۇلبەنات مەنبە: "ئاياللار ھەققىدە ھېكمەتلەر" |