+تېما يوللاش
alip يوللانغان ۋاقتى:2017-5-14 10:11 5618 قېتىم كۆرۈلدى 35 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تۆنۈگۈندىن باشلاپ ONION勒索比特币 دەيدىغان كومپىيۇتېر ۋىرۇسى يەر شارى مىقياسىدا يامراپ نۇرغۇن كومپىيۇتېرغا يۇقۇپ، پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. جۈمىلىدىن پۇل-مۇئامىلە ۋە باشقا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ كومپىيۇتېرىنىمۇ يۇقۇملاندۇردى. رايونىمىزدىمۇ بۇ ۋىرۇستا يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلدى. بۇ ۋىرۇستا يۇقۇملانسا كومپىيۇتېردىكى مۇھىم ھۆججەتلەرنى قۇلۇپلاپ قويۇپ 300 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا پۇل بېرىشنى تەلەپ قىلىدىكەن. بولمىسا زۆرۈر ھۆججەتلەرنى ئاچقىلى بولمايدىكەن. ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ھېچقايسى ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش دېتاللىرى ئۆلتۈرەلمەيدىكەن. رەسىم، ئارخىپ ھۆججىتى، پىرىسلانغان ھۆججەت دېگەندەك بارلىق ئارخىپ ھۆججەتلىرىگىمۇ يۇقىدىكەن. (بۇرۇنقى ۋىرۇسلار پەقەت exe دېگەندەك ئىجرا ھۆججەتلىرىگىلا يۇقاتتى)

مىكروسوفت دەرھال مۇناسىۋەتلىك ياماق چىقاردى. بۇ ھەقتە تۆنۈگۈن ئالپ تورىدا مەخسۇس يازما يوللىغان، شۇ بويىچە ياماق يامىۋەتسەڭلار ھەم تۆۋەندە دېيىلگەن ئۇسۇل بويىچە، 137,139، 445 تور ئېغىزنى چەكلىۋەتسەڭلار بۇ ۋىرۇس ھۇجۇم قىلالمايدىكەن. ھازىرچە بۇ ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى مۇشۇ شۇ.
ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك تور باشقۇرۇش تارماقلىرى بۇ ئىشقا جىددى قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش ئۇقتۇرۇشى تارقاتتى.

  1. 近日,全球爆发基于Windows系统进行传播的勒索病毒,用户受感染情况严重。为保障网络安全,请及时更新Windows安全补丁,备份重要资料,关闭445端口。(自治区党委网信办、新疆通信管理局宣)
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش


بۇ ۋىرۇس بۇرۇنقى كومپىيۇتېر ۋىرۇسلىرىغا ئوخشىمايدۇ. شۇڭا كومپىيۇتېر ئىشلىتىدىغان ھەممە ئادەم دىققەت قىلىشى كېرەك.
بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلاردىن بىر قانچە كۆرۈنۈش:






يۇقىردا دېيىلگەندەك بۇ ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن ۋىندوۋسنىڭ بىخەتەرلىك يامىقىنى ياماشتىن باشقا 445 تور ئېغىزنى تاقاش كېرەك.
445 تور ئېغىزنى تاقاش (Windows共享 نى چەكلەش) ئۇسۇلى:
تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك كومپىيۇتېرنىڭ تور كارتىسنىڭ خاسلىقىنى ئېچىپ، (控制面板\网络和 Internet\网络连接) رەسىمدىكى قىزىل سىزىق سىزىپ قويغان ئىككى تۈرنىڭ ئالدىدىكى يەنى، Microsoft 网络客户端 بىلەن Microsoft 网络的文件和打印机共享 نىڭ ئالدىدىكى توغرا بەلگىسىنى ئېلىۋېتىپ، جەزملەشتۈرۈپ كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغاتسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل windows 7 , windows 10 غا ماس كېلىدۇ.

137,139 تور ئېغىزنى تاقاش (netbios نى چەكلەش) ئۇسۇلى:
تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك IP ئادرېس يازدىغان يەرنى ئېچىپ، 高级 نى بېسىپ، ئاندىن WINS بېتىنى ئېچىپ، ئاستىدىكى  禁用TCP/IP上的NetBIOS نى تاللاپ جەزملەشتۈرۈپ، كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغاتسىڭىز بولىدۇ.

ئەڭ ياخشىسى كومپىيۇتېردىكى مۇھىم ھۆججەتلىرىڭىزنى كۆچمە دېسكا، بارماق دېسكا دېگەندەك سىرتقى ساقلاش ئۈسكۈنىلىرىگە زاپاسلىۋېلىڭ؛ يۇقارقىلارنى قىلىپ بولالمىسىڭىزۋاقتىنچە كومپىيۇتېرىڭىزنى توردىن ئۈزىۋېتىپ تۇرۇڭ.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش21 ھەمبەھرھەمبەھر1 قوللايمەنقوللايمەن11 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

35ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
RIXTA0998 ۋاقتى: 2017-5-14 10:24:57
رەھمەت سىزگە ، ئالىپ ئەپەندى ، ئەسكەرتكىنىڭىزگە ئالاھىدە رەھمەت.
گىلەم
foxtpdf ۋاقتى: 2017-5-14 10:37:11
ماڭىمۇ كەپتىكەنمۇشۇ ئۇچۇر نىمىش بوغاندۇ دەپ قالغان ئىدىم .
ئورۇندۇق
520JAWLAN520 ۋاقتى: 2017-5-14 10:54:52
رەھمەت ئالىپ ئەپەندى مومكىن بولسا ئاشۇ تور ئېغىزنى ئىتدىغان تەلەي يامقى يامايدىغان ئىشلارنى كىچىك سۈرەتلىك قىلپلا چقىرىپ قويسىڭىز نۇرغۇن ئادەملە كومپىيۇتىر ئىشلەتكەن بېلەن بۇنداق ئقتىدارلانى بىلمەيدۇ ئاددى قاراپ
5-قەۋەت
sirlikaqkuq ۋاقتى: 2017-5-14 10:56:07
مىنىڭ كومپيۇتېرىم يوق !!كومپيۇتېرى بار قېرىنداشلىرىمىز بەكرەك  دىققەت قىلسا  بولغىدەك ؟؟
6-قەۋەت
MAHMUDJAN2764 ۋاقتى: 2017-5-14 11:07:10
بۇ ئادەەتتىكى ۋىروس ئەمەس ، كومپىيوتىر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قاتتىق دىققەت قىلشىنى تەكىتلەتمەن، پۈتۈن خەلقىرا بويىچە بۇ ۋىروسنىڭ ھۇجىمىغا ئۇچرىغانلار بەك كۆپ ،  科技美学 دىگەن سالۇندىمۇ ئاۋازلىق ھەم سۈرەتلىك قىلىپ ئالىدە ئەسكەرتمە ۋە ئالدىنى ئىلىش تەدبىرىنى يوللىدى ، يۇقۇملىنىپ بولغان ئۈسكۈنلەرنى پۈتۈن دىسكىنى فورماتلاش ئىلىپ بىرىپ قايتا سىستىما يىزىش كىرەك ، ئەگەر سۈپەت كاپالىتى بار بولغان كومپىيوتىر بولسا زاۋۇت ھالىتىدىكى ھەقىقي نەشىر سىستىمىسىنى ھەقسىز يىزىپ بىردۇ ، ئەسكەرتىش :سىستىما يىزىپ بىردۇ ھەرگىزمۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ئەسلىگە قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ ھەم بىرەلمەيدۇ يەنە ھەم قايتۇرۇپ كىلىش مۇمكىن ئەمەس ، بۇ ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس ھەممەيلەن دىققەت قىللى. سىستىمىنى ئامالنىڭ بىرچە ئەڭ يېڭى نەشىرگە يېڭىلاڭلار ، يېڭىلاش ئوغرى نەشىر ھەم ھەقىقىي نەشىر چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.
7-قەۋەت
tirixqan008 ۋاقتى: 2017-5-14 11:23:26
بۇ ۋىرۇسنىڭ كۈچى بەك چوڭ ،بۇ ۋىرۇسنى ھازىرغىچە يوقتىدىغان ئۇسۇل يوق ،بىردىن بىر يوقتىدىغان ئۇسۇل ئاشۇلارغا پۇل تۆلەشكەن ،نەزىرىيە جەھەتتە بۇ ۋىرۇس ئارقىلىق مەخپى شىفىر سىلىنغان ھۆججەتنى نەچچە يۈزمىڭ يىلدا يەشكىلى بولىدۇ دەپتۇ ،ئامىرىكا FBI بۈگۈن ئۇختۇرۇش چىقىرىپ بۇ ۋىرۇسنى بۇزغۇچنى  30 مىليۇن ئامىركا دوللىرى بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى،بۇ ۋىرۇسنىڭ كۈچى قاتتىق كۈچلۈك ئەگەر بۇ ۋىرۇسنى يانفۇنغىمۇ يۇقىدىغان ھەم بارىلىق يانفۇننى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان قىلىپ ياسىغان بولسا چوقۇم دۇنيادا قاتتىق بىر قىتملىق قالايمىقانچىلىق كىلىپ چىقاتتى،ھەمىىڭلار بەك دىققەت قىلىڭلار بۇ ۋىرۇس پۇتكۈل دۇنيا خارەكتىرلىك ناھايىتى كۈچلۈك ۋىرۇسكەن بەك كۈچلۈك
8-قەۋەت
DILKAX8808 ۋاقتى: 2017-5-14 11:53:18
سېلىنغان پۇلنىڭ كىمنىڭ ھېساباتىغا كىرگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ ۋىروس ياسىغۇچىنى تاپالمامدىغاندۇ؟
9-قەۋەت
tirixqan008 ۋاقتى: 2017-5-14 12:09:19
DILKAX8808 يوللىغان ۋاقتى  2017-5-14 11:53
سېلىنغان پۇلنىڭ كىمنىڭ ھېساباتىغا كىرگەنلىكىنى تەكشۈ ...

سىز كىچىك بالىدەك تەپەككۇر قىلدىكەنسىز ،شۇنچە كۈچلۈك ۋىرۇسنى ياسىغان ئادەم ئاشۇ شۇنداق ئاسان تاپىدىغانغا يۇچۇق قويۇپ قويارمۇ ،ئۇنداق ئاسان ئىش بولسا FBI  بۇنداق ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئولتۇرمايدۇ ،ئۇنى ياسىغان ئادەم ھىچقانداق يوچۇق قويمقغۇدەك ئىش قىلىدۇ ،بولمىسا ئۇنى ياسىمايدۇ ھەم تارقاتمايدۇ
10-قەۋەت
ئالپ520 ۋاقتى: 2017-5-14 12:56:41
بۇ  ۋىروس  نى  ئادەم كەشەپ قىلغان  چۇقۇم  ئادەم  يىشەلەيدۇ   بۇنۇڭغا  ئىشنىمەن   
بىز  ئالدىن  تەييارلىق كۇرۇپ  تۇرساق  چۇقۇم  بۇ  ىروسنى   يوققىلالايدۇ  مەن  ئىشنىمەن   دولەت  دىگەن  يەنلا  چوڭ     شەخسى  قارقول  نىڭ  ھوجمى  ۋاقىتلىق  
11-قەۋەت
15389930046 ۋاقتى: 2017-5-14 13:18:10
بۇ ۋىروسنى ياسغان ئادەم تىرلىيادىر بولۇپ كىتە،بىلگايتىسمۇ بۇ ئىشقا قاتتىق كۆڭۈل بۆلدى ھەقچان
12-قەۋەت
15389930046 ۋاقتى: 2017-5-14 13:21:43
دۇنيادا قانچىلىك كومپىيۇتىر با ،قانچىسى تورغا ئۇلاقلىق ئەگەر مۇشۇلارغا ھۇجۇم قىلسا بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ھىس قىلغىلى بولمايدۇ،ئەگەر بۇ
13-قەۋەت
Boy卍HEr〇 ۋاقتى: 2017-5-14 13:25:58
ھازىر بۇ ۋىروسنىڭ خەۋىپى ئېغىردەك تۇرىدۇ ! تېلفۇنۇمغا 10000 دىن مۇشۇ توغۇرلۇق ئۇچۇر كەپتۇ
سىز كۆرسەتكەندەك 445 ئېغىزنى تاقىدىم ، لېكىن 138~138 ئېغىزنى تەڭشەيدىغان يەرنى تاپالمىدىمغۇ ! سېستىما ۋىندوس 10 ئىدى
14-قەۋەت
15389930046 ۋاقتى: 2017-5-14 13:29:08
ئەگەر بۇنى 445تىن باشقا كىرىش ئىغىزلىرغا كىرگۈزۈپ قويسا بۇنىڭ خەتەرى تىخمۇ يامان ،ئەگەر بۇ ۋىروسخورلار تىلفۇنغا ھۇجۇم قىلسا تىخمۇ يامان ،ئارتۇق گەپ قىلىماي ھەممەيلەن ئۆز ئۆزىمىزگە ئىگە بولۇپ ،يامان نىيەتلىك ۋىروسخورلارنىڭ ئىغىزنى تاقاپ ساغلام تور مۇھىتى بەرپا قىلساق ھەممەيلەن تىنىچ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرسەك مۇشۇ ئەڭ چوڭ بايلىق ھەم بەخىت
15-قەۋەت
iskender933 ۋاقتى: 2017-5-14 13:52:28
ئەگەر كومپىيۇتېردا مۇھىم ماتېريال يوق ھالەتتە بۇ  ۋىروس يۇقسا ، سىستىما يېزىش ئارقىلىق نۇرمال ھالەتكە ئەكەلگىلى بۇلىدۇ دىگەن سۆز
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部