+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-5-13 11:29 3591 قېتىم كۆرۈلدى 24 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان پۈتۈن دۇنيادىكى 100 دىن كۆپ دۆلەتتە ONION勒索软件 ۋىرۇسى كەڭ كۆلەمدە تارقالدى. دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىمۇ نۇرغۇن كومپىيۇتېر بۇ ۋىرۇسنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىرىغان. بۇ ۋىرۇس ئاساسلىقى windows سىستېمىسىغا يۇقىدۇ، بولۇپمۇ ئوغرى نەشىردىكى ۋىندوۋس ۋە office ئىشلىتىۋاتقانلار تېخىمۇ ئاسان ھۇجۇمغا ئۇچىرايدۇ. بۇ ۋىرۇس ئاساسلىقى مۇھىم ھۆججەتلەرنى قۇلۇپلاپ قويۇپ، يۇقىرى سوممىدا پۇل تەلەپ قىلىدىكەن، قارشى تەرەپكە (ۋىرۇس ياسىغۇچىغا) پۇل تاپشۇرسا ئاندىن ئېچىپ بېرىدىكەن.

ۋىندوۋس سىستېمىسى ئىشلىتىۋاتقانلار دەرھال بۇ ۋىرۇستىن مۇداپىئە كۆرىدىغان ياماقنى قاچىلىۋېتىڭلار.
چۈشۈرۈش ئادېرسى: http://dl.360safe.com/nsa/nsatool.exe





مىكروسوفت ئىگە تەرەپتىن بۇ ئىشقا جىددىي قاراپ دەرھال ياماق چىقاردى. تۆۋەندىكىدىكى ئادرېستىن ئۆزىڭىزنىڭ سىستېمىسىغا ماس كېلىدىغان ياماقنى چۈشۈرۈپ قاچىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كومپىيۇتېرنىڭ 135/137/138/139/445 تور ئېغىزنى تاقىۋېتىڭ.
KB4012212(Win7 x86):

http://download.windowsupdate.co ... e7169812914df3f.msu




KB4012212(Win7 x64):

http://download.windowsupdate.co ... 09a992d8c4e92b3.msu




KB4012213(Win8.1 x86):

http://download.windowsupdate.co ... 9ecc8cbec471b05.msu




KB4012213(Win8.1 x64):

http://download.windowsupdate.co ... 2be974148520349.msu




KB4012606(Win10 x86):

http://download.windowsupdate.co ... 619e4a8e8d3492e.msu




KB4012606(Win10 x64):

http://download.windowsupdate.co ... 6be5b35127f8773.msu




KB4013198(Win10 1511 x86):

http://download.windowsupdate.co ... 14502c3b97329d5.msu




KB4013198(Win10 1511 x64):

http://download.windowsupdate.co ... d0d30592ab02f08.msu




KB4013429(Win10 1607 x86):

http://download.windowsupdate.co ... c4191587afbf065.msu




KB4013429(Win10 1607 x64):

http://download.windowsupdate.co ... 65956a74598e710.msu

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش7 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن3 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

24ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-5-13 12:08:27
يانفۇنىمىزنىڭ سېستىمىسى  تۇيۇقسىز ئىغىرلىشىپ
كەتسە بۇ باشقىلارنىڭ يانفۇنىمىزنى نازارەت قىلىۋاتقىنىنى بىلدۈرىشى مۇمكىن ئىكەن
تۆر
tirixqan008 ۋاقتى: 2017-5-13 11:55:29
ئاخشام win10نىڭ يىڭلىلاش ئۇقتۇرشىغا قارىسام ۋىروسخۇرنىڭ يىڭلاش ئۇقتۇرشىمۇ تۇرىدۇ ،بۇ ۋىرۇس دەھشەت يامان ۋىرۇس بولۇپ ئاساسلىقى مەندەك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرنىڭ كڭمپۇيوتۇرنى ئاساس قىلىپ يۇقىدىكەن .ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى نۇرغۇنلىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرنىڭ كومپۇيوتۇرغا يۇققان ھەم موھىم ھۆججەتلىرىگە مەخپى نومۇر سىلىپ قويۇپ يۇقىرى سوممۇلق تۆلەم تەلەپ قىلغان .مەن كۆرگەن ۋىرۇسلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ يامىنى
گىلەم
alip ۋاقتى: 2017-5-13 12:06:41
ئۈندىدار سالونىدىكىلەرنىڭ ئىنكاسى:
MahmutJan:
ITئائىلىسى خەۋىرى: دۆلىتىمىزدىكى بىرقىسىم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ تورى بۇ ۋىروسنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىرىغان ، شۇ سەۋەپ بىلەن ئالاھىدە ئەسكەرتىش قىلىپ بولۇپمۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقوغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى قاتارلىق مۇھىم ھۆجەتلەرنى يۆتكۈلۈشچان دىسكا قاتارلىق سىرتقى ساقلاش ئۈسكۈنسىگە يۆتكىۋىتىشنى تەكىتلەپتۇ.

پەخىرياد:
چوڭ ئىش يوقكەن، 2069 يۈەن تۆلىسە ئېچىپ بېرىدىكەن

5-قەۋەت
alim818 ۋاقتى: 2017-5-13 12:22:48
ئوخخو بىزمۇ دىققەت قىلايلى ئەمىسە،
تىمائىگىسىگەرەھمەت!
6-قەۋەت
selqut ۋاقتى: 2017-5-13 13:01:10
باھانى قىممەت بىكىتىپ قويدىمۇ نىمە؟
7-قەۋەت
KLB1908520 ۋاقتى: 2017-5-13 13:33:49
win10   1703  نىڭ يامىقى يوقمىدا  32bit
8-قەۋەت
飞机 ۋاقتى: 2017-5-13 14:09:41
ئ‍ۇنداقتا   يۇقۇملىىپ    بولغاننى   قانداق   ئ‍وڭشايمىزكەن
9-قەۋەت
18040880200 ۋاقتى: 2017-5-13 14:16:43
ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىكەن قىممەت ئەمەس  ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىقىدۇ ئەمەسمۇ
10-قەۋەت
ئايقۇت ۋاقتى: 2017-5-13 14:24:01
ئەسسەلەمۇ ئەلەيكۇم ،  135،136،137  ئېغىزلار نى قەيەردىن ئېتىمەن، ماڭا رەسىملىك ئۆگىتىپ قويساڭلار ، مەن كومپىيۇتېرنى ئۆزۈم   مۇشۇ تور بەت ، ۋە باشقا تور بەتلەردىكى دەرسلەردىن ئۆگىنىۋالغان
11-قەۋەت
pinhan ۋاقتى: 2017-5-13 14:28:46
شۇنى ئېيتىپ قۇيۇش كېرەككى ، بۇ ھەقلىق نەشىردىكى سېستىمىغا ۋىرۇس يۇقمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس بەلكى ھەقلىق نەشىر ئىشلەتكۈچىلەر مىكروسوفت تارقاتقان بىخەتەرلىك يامىقىنى قاچىلاپ بۇ ۋىرۇسنىڭ يۇقۇشىدىن مۇداپىئەلىنەلەيدۇ . ئەمما ئوغرى نەشىردىكىلەر ياماق يامىيالماي قالىدۇ دېمەكچى . بۇ ۋىرۇس مېنىڭ بىلىشىمچە ئورۇس خاككىرلىرى پۇل ئۈندۈرۈش مەقسىتىدە تارقاتقان ۋىرۇس بولۇپ ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىدىلا رايونىمىزدىمۇ يۇقۇملانغان كومپىيۇتېرلار بايقالغان ھەم مەلۇم مىقداردىكى پۇلنى بىت تەڭگىسى ھېساباتىغا ئۇرۇپ بەرسە يۇقۇملانغان ھۆججەتلەرنى يىشىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ، بۇ ۋىرۇس تېخى كومپىيۇتېرغا يۇقۇپ بولۇپلا ئۆزىنى ئۆچۈرۋالدىكەن يېۇى نەشىر چىققاندا يەنە يېڭىلىنىدىكەن . ئەگە پۇلنى ۋاقتىدا سالمىسىڭىز پۇل ھەسسىلىنىپ ماڭىدىكەن
12-قەۋەت
..adiljan ۋاقتى: 2017-5-13 14:49:17
ما ئىشنى كۈرەڭ ئەمدى مەندىغۇ ئۇنداق مۇھىم ھۆججەتلەر يوق ۋىروسخورلارغا  بۇ ۋىروسنى تازلىيالايدىغان ئىختىدارنى قوشسا بولغىدەك ئەمدى
13-قەۋەت
1234567 ۋاقتى: 2017-5-13 16:55:54
يۇقىرىدا دىيىلگەن تورئېغىزلىرنى قانداق ئېتىمىز؟بىلىدىغانلار بولسا ماڭا دەپ بەرگەن بولساڭلار بوپتىكەن.
14-قەۋەت
ئۇيغۇرr ۋاقتى: 2017-5-13 17:05:05
ما ئىشلانى كۈرۈڭ  ،  مەنغۇ ئەسلى يانفۇنغا ۋىروستىن ساقلاش دىتاللىرىنى ئىشلەتمەيتتىم  قارىغاندا قاچىلاپ قويسام بولغىدەك
15-قەۋەت
sadda(boy)006 ۋاقتى: 2017-5-13 17:30:28
ئاتەش119 يوللىغان ۋاقتى  2017-5-13 12:08
يانفۇنىمىزنىڭ سېستىمىسى  تۇيۇقسىز ئىغىرلىشىپ
كەتسە بۇ ...

تەكشۈرۈپ بېقىشنى ئۇقمىسىڭىز بەزىدە ئەپ قاچىلاش سەۋەبىدىنمۇ ئاستىلاپ كىتىدۇ ،
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部