+تېما يوللاش
alip يوللانغان ۋاقتى:2017-6-16 13:57 4501 قېتىم كۆرۈلدى 35 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
كېدا شۈن فېي  科大讯飞 بىلەن 洛可可 لايىھەلەش شىركىتى بىرلىكتە ياساپ چىققان زېرەك تىلماچ «晓译翻译机» ئۈسكۈنىسى رەسمى بازارغا سېلىندى. بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك .

زېرەك تىلماچ «晓译翻译机» نۆۋەتتە خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە، ئۇيغۇرچە، زاڭزۇچە تىللارنى ئۆز ئارا ئاۋازلىق تەرجىمە قىلالايدۇ. يەنى مۇشۇ ئۈسكۈنىنىڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرچە گەپ قىلسىڭىز قارشى تەرەپكە خەنزۇچە ياكى ئېنگىلىزچە تەرجىمە قىلىپ بېرىدۇ.



بۇ ئۈسكۈنىگە 科大讯飞 شىركىتىنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاۋاز تونۇش، تەرجىمە قىلىش تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن. ۋايفاي، كۆكچىش بىلەن ئۇلىنىدۇ.
ئىككى يىغىن مەزگىلىدە زۇڭلى لى كېچىياڭ كۆزدىن كۆچۈرگەن تۆۋەندىكى مەھسۇلات شۇ.



بۇ تەرجىمە ئۈسكۈنىسى ھازىر جىڭ دوڭ تورىدا ئالدىن زاكاس قىلىشنى باشلىغان. باھاسى 2999 يۈەن.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش13 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن11 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

35ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
燕山灰狼 ۋاقتى: 2017-6-16 14:08:34
ئۇيغۇر تىلىمىز  قېتىلغان بولسا  مەن بەك  خۇش  بولدۇم،
گىلەم
司令 ۋاقتى: 2017-6-16 14:11:01
تەرەققىيات زورغۇ لىكىن  بەكلا  قىممەتكەن
ئورۇندۇق
خام ۋاقتى: 2017-6-16 14:51:27
مۇھىمى تەرجىمە سۈپىتى قانداقراقتۇ، ئادەتتە ئىشلىتىدىغان ئاۋازلىق تەرجىمانلاردەك تەرجىمە قىلمىسىلا بولاتتىغۇ
5-قەۋەت
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-6-16 15:01:56
تەرجىمىنىڭ توغرىلىق نىسبىتى ئادەتتە بىز ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەرنىڭ ئاۋازلىق كىرگۈزۈش ئىقتىدارىنىڭ توغرىلىق نىسبىتىدىن تۆۋەن  بولمىسا بولاتتى.
بولمىسا ئالاقە قىلىشقاندا ئاسانلا ئۇقۇشماسلىق كېلىپ چىقىدۇ.
6-قەۋەت
1115898258 ۋاقتى: 2017-6-16 15:34:17
ئۇيغۇر تىلىمىز قېتىلغىنىغا ، مەن ناھايىتى خۇشال بولدۇم.
7-قەۋەت
kadrla ۋاقتى: 2017-6-16 15:52:52
پاھ ، ئەجەپمۇ قالتىس بولۇپتۇ ھە!تەرەققىيات زور.بولىۋاتىدۇ.ئۇيغۇر تىلى قوشۇلۇپ تېخىمۇ ياخشى بولۇپتۇ.
8-قەۋەت
0998alxah ۋاقتى: 2017-6-16 15:55:46
يانجۇقۇمدا پۇل بولغان بولسا ئىككىنى ئالاتتىكەنمەن ئاۋۇ تەرجىماندىن
9-قەۋەت
ئالپ520 ۋاقتى: 2017-6-16 16:03:22
مەن مۇ  بەك خوشال بولدۇم     توغرۇلۇق نىسپىتى  ۇقرى بولسا بۇلاتتى   
10-قەۋەت
nakix ۋاقتى: 2017-6-16 16:05:01
بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئۆتكەن يىلى ئوغرىلىقچە تارتىلغان رەسىملىرى تارقالغان ئىدى،ئاخىر ئىلان قىلنىپتۇ
11-قەۋەت
ئاتەش11 ۋاقتى: 2017-6-16 16:48:00
بەك خۇشال بولدۇم،تەرجىمە قىلىش توغرىلىق نىسبىتى قانچىلىكتۇ؟كېيىنچە بىرنى سېتىۋالمىسام
12-قەۋەت
شىر728 ۋاقتى: 2017-6-16 17:20:30
ھازىرقى تەرجىمە قىپ بىردىغان ئاۋازلىق ئەپلەر ھاجىتىمىزدىن چىقالايدۇ، لىكىن تىرىپ قوراشتۇرۇپ باغلاپ سەل ئاۋارچىلىق . مەنمۇ تەرجىمانلانىڭ جۈملە قوراشتۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ مۇكەممەللىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن
13-قەۋەت
uyghur26 ۋاقتى: 2017-6-16 17:53:52
ھەي ،پۇلۇم بولسا بىرنى ئالاركەنمەن
14-قەۋەت
سەھرا@ ۋاقتى: 2017-6-16 18:00:55
مەنچە ئەرزانكەن  ئھتياجى يۇقلاغا قممەت تۇيۇلغان بلەن ئھتياجلقلاغا  ھەققەتەن ئەرزان  يەنە ئاۋۇ  تلفۇندكى  تەرجمە دتالدن  تۇغرلق نسبتى  يۇقركەن ئۇنىڭ  قانداقسگە ئۇخشاش بۇلدۇ
15-قەۋەت
ئوغلان132 ۋاقتى: 2017-6-16 18:47:19
مېنىڭچە ئاۋازلىق تەرجىمە دىتالىغا قارىغاندە ئىقتىدارى  يۇقىرى بولىشى مۇمكىن ،ئاۋازلىق تەرجىمان ھەقسىز   بولغاندىكىن شۇ ،ماۋنىڭمۇ  باھاسى  خېلى  باكەن
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部