+تېما يوللاش
alip يوللانغان ۋاقتى:2015-2-16 16:38 10624 قېتىم كۆرۈلدى 96 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
        ئالپ تورىدا قانداق تېمىلارنىڭ تەستىقلانمايدىغانلىقى ھەققىدە بۇرۇن بىر نەچچە ئۇقتۇرۇش چىقارغان. يېڭى ئەزالار ئۇ ئۇقتۇرۇشنى كۆرمىگەن ئوخشايدۇ، تېمام تەستىقلانمىدى دەيدىغان ئىنكاسلار خېلى بار. شۇڭا قايتا ئۇقتۇرۇش چىقاردۇق.
       1. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايوننىڭ ئالاقىدار قانۇن، نىزاملىرىغا خىلاپ تېمىلار تەستىقلانمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزدىغان، مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلدىغان يازمىلار تەستىقلانمايدۇ.
      2. ئالپ تورى IT ئۇچۇر تېخنىكىسنى ئاساس قىلغان كەسپى تور بەت. شۇڭا تور بېتىمىزنىڭ خاراكتىرىگە ماس كەلمىگەن تېمىلار تەستىقلانمايدۇ. مەسىلەن: سىياسى، دىن، ئېقىم مەسىللىرىگە ئائىت يازمىلار، كىنو-فىلىم، ناخشا-مۇزىكا، ئەدەبىيات، ھەربىي ئىشلار... تۈرىدىكى يازمىلار تەستىقلانمايدۇ.
     3. دۆلەت سىرتىدىكى چەكلەنگەن تور بەتلەرگە چىقىش ھەققىدىكى تېخنىكىلار، تام ئاتلاش، V.P.N ھەققىدىكى مەزمۇنلار بار يازمىلار تەستىقلانمايدۇ.
     4. باشقا يەردە ھەقلىق سېتىلۋاتقان نەرسىنى بۇ يەرگە ئەكىلىپ ھەقسىز يوللىسا ياكى باشقىلارنىڭ ھەقلىق تېمىسىنى بۇ يەرگە ئەكىلىپ ساتىدىغان تېما بولسا تەستىقلانمايدۇ، ئۆزىنىڭ بولسا ئەسكەرتىش بەرسە بولىدۇ. باشقا تور بەتتىن كۆچۈرگەن تېمىلارنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتمىسە، نەشىر ھوقۇقى مۇناسىۋەتلىك يازمىلار بولسا تەستىقلانمايدۇ.
    5. يۇمشاق دېتال، يانفۇن ئەپلىرىنىڭ توغرا چۈشۈرۈش ئادېرسى بولمىسا، پالانى يەرگە بېرىپ تىزىملىتىپ كىرىپ چۈشۈرۈڭ ياكى پۇكۇنى سالونغا مانچىنى يولللاپ چۈشۈرۈڭ دەپ بولسا، قىسقىچە مەزمۇنى، كەسمە رەسىمى بولمىسا تەستىقلانمايدۇ.
    6. ھەقلىق روم ياكى باشقا ئەپلەرنىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادېرسنى تەمىنلىمەي ماڭا تېلفۇن قىلىڭ دەپ يازسا تەستىقلانمايدۇ. پالانى سالونغا مانچىنى يوللىسىڭىز مانداق مەزمۇن كۆرۈنىدۇ دەيدىغان تېما تەسىقلانمايدۇ.
    7. تېمىنىڭ ماۋزۇسى مەزمۇننى ئىپادىلەپ بېرەلمىسە تەستىقلانمايدۇ، مەسىلەن: چوقۇم كۆرۈڭ، ياردەم... دېگەندەك ماۋزۇ قويۇلغان تېمىلار تەستىقلانمايدۇ.
    8. تېما ياكى تەرجىمە ئەپنىڭ ئىملاسى بەكلا خاتا بولسا تەستىقلانمايدۇ.
    9. تەكرار تېمىلار بولۇپمۇ ياردەم سوراپ يازغان تېمىلار بۇرۇن ئوخشاش مەزمۇندىكى تېمىلار يوللىنىپ بولغان بولسا تەستىقلانمايدۇ. مەسىلەن: ھازىر يانفونغا ئۇيغۇرچە فونت قاچىلاش، كىرگۈزگۈچ قاچىلاش، روت ئېلىش ھەققىدىكى يازمىلار خېلى يېتەرلىك بار. شۇڭا بۇ ھەقتىكى تېما تەستىقلانمايدۇ. قايسى ئىشتىن ياردەم سورىسىڭىز ماس سەھىپىگە، ماس تۈرگە يوللاڭ. samsung  يانفۇندىن سورىغان ياردەمنى يۇمشاق دېتال، ياكى sony سەھىپىسىگە يوللىسىڭىز تەستىقلانمايدۇ.
شۇڭا ياردەم سوراش تېمىسى يېزىشتىن بۇرۇن ئىزدەش دېگەن يەرنى بېسىپ ئىزدەپ بېقىپ، ئوخشاش مەزمۇندىكى تېما بولماي قالسا ئاندىن تەپسىلى، ئىملاسى توغرا قىلىپ تېما يېزىڭ. باشقا پايدىلىنىش قىممىتى بار تېمىنىڭ ئاز-تولا ئىملا خاتالىقى بولسا باشقۇرغۇچىلار تەھرىرلەپ تەستىقلايدۇ، ئەمما ياردەم سوراش خاراكتىردىكى تېمىنىڭ ئازراقلا ئىملا خاتالىقى بولسا تەستىقلانمايدۇ.
   10. تېما يېزىش بىلەن ھەل بولمايدىغان تېمىلار تەستىقلانمايدۇ. مەسىلەن: قايسى كۈنى بىرسى ئاپتۇۋۇزدا يانفوننى ئوغىرىغا بەردىم قانداق قىلىمەن دەپ تېما يېزىپتۇ، تەستىقلىمىسام ھەممە تېمىغا يانفۇنۇم يۈتۈپ كەتكەن تېما يازسام تەستقلىمىدى دەپ ئىنكاس يېزىپتۇ. يانفۇنىڭىز يۈتۈپ كەتسە شۇ يۈتكەن يەردىن ئىزدەڭ ياكى ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ. ئايفوننىڭ ئوغۇرلىقتىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارنى قوزغاتقان بولسىڭىز شۇ ئىقتىدار ئارقلىق ئىزدەپ باقسىڭىز بولىدۇ. باشقا تېلفۇنىڭىز يۈتسە بۇ يەرگە تېما يېزىپ قويغانغا تېپىلمايدۇ. يانفۇنىڭىزنىڭ ئېكرانى چېقىلىپ كەتسە، ھاراق، سۇ تۈكۈلۈپ كەتسە، توك ئۆتمەس بولۇپ قالسا رېمۇنتخانىغا ئاپىرىڭ، بۇ يەرگە تېما يازسىڭىز بىرەرسى ئۆيىڭىزگە ئىزدەپ بېرىڭ ئوڭشاپ بەرمەيدۇ.
   11. كارتا ساتىمەن دەيدىغان ئېلان تېمىلىرى تەستىقلانمايدۇ. ئەگەر سىز مۇقىم كارتا ساتىدىغان تىجارەتچى بولۇپ ئۇزۇن مۇددەت كارتا ساتماقچى بولسىڭىز مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىش ئارقىلىق تورداشلارنى ئالدىماسلىققا كېپىل بولسىڭىز تېمىڭىز ئاندىن تەستىقلىندۇ. يانفون، كومپىيۇتېر ساتىدىغان تېمىلار بولسا تېما يوللىغۇچىنىڭ ئالپ تورىدىكى دەرىجىسىگە قاراپ تەستىقلاش، تەستىقلىماسلىق قارار قىلىندۇ.
   12. تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يازغانلارنىڭ، پىنيىنچە ياكى خەنچە ئىنكاس يازغانلارنىڭ ئىنكاسى ئۈچ قېتىمغىچە ئۆچۈرۈلۈپ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ. يەنە يازسا شۇ ئەزانىڭ بارلىق ئىنكاس، تېمىسى ئۆچۈرۈلدۇ، يەنە تەكرارلانسا شۇ ئەزا چەكلىندۇ. ھەر قېتىم ئىنكاس ياكى تېما ئۆچۈرۈلسە شۇ ئەزانىڭ توپلىغان جۇغلانمىسى ماس ھالدا ئازىيىپ ماڭىدۇ، شۇڭا تاينى يوق، تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئەخلەت ئىنكاسلارنى يازماڭلار. ئەزانىڭ دەرىجىسى ئۆسۈپ مۇنبەر ئاقساقىلى دەرىجىسىگە بارغاندا تېمىسى تەستىقسىز چىقىدۇ.
   13. يانفوندىن پايدىلىنىپ پۇل تېپىۋېلىڭ، پۇل تاپىدىغان ئەپ... دېگەندەك تېمىلار تەستىقلانمايدۇ.
   14. ھەر قانداق سەۋەب بىلەن باشقا ئەزالارنى ياكى باشقۇرغۇچىلارنى تىللىسا شۇ ئەزا تولۇق چەكلىنىپ، بارلىق ماتېرىياللىرى، ئاقچا، جۇغلانمىسى ئۆچۈرۈپ تاشلىندۇ.

تېمام نېمىشقا تەستىقلانمىدى، قانۇنغا خىلاپمىكەن دەپ ئۇچۇر يازدىغانلارغا: قانۇنغا خىلاپ تېما يازىدىغان ھەددىڭىز ئەمەس. شۇنداق ئىش بولۇپ قالسا بىز قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئەمەس. ئۆزىڭىزنى شۇلارنىڭ قولىدا كۆرىسىز. قانۇنغا خىلاپ بولمىسىمۇ تور بەتنىڭ قائىدىسى بار. شۇنىڭغا ماس كەلمىسە تەستىقلىمايمىز.

   مۇنبەر سۈپەتلىك تېمىلار قانچە كۆپ يېزىلسا شۇنچە تەرەققى قىلىدۇ. بىزمۇ تور بېتىمىزدە ئەزا، تېمىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز. مۇشۇ شەرتلەرگە چۈشۈرۈپ قانچىلىك تېما يازسىڭىز شۇنچە تەستىقلايمىز. ئالپ تورىنىڭ مۇلازىمېتىرنىڭ سىغىمى خېلى چوڭ، تېما يازغانغا توشۇپ قالمايدۇ. ئېلىپبە دەيدىغان گەپ بار.  سىزدە ئالپ تورىنى قوللايدىغان، تۆھپە قوشىدىغان ئىدىيە بولسىلا سىزگە يىتەرلىك شارائىت يارىتىپ بېرىمىز.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 8تەجرىبە +132 يىغىش سەۋەبى
iskender933 + 20 مەن قوللايمەن
ablizmansur + 2 مەن قوللايمەن
خۇمارىم. + 10
13040494496 + 20 مەن قوللايمەن
★BABUR★ + 10 مەن قوللايمەن
kilimat + 20 مەن قوللايمەن
Uyghur0795 + 20
ئالىپچى + 30 مەن قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش18 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن60 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

96ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
halkim ۋاقتى: 2015-2-16 19:37:19
توغرا تىمىمىز تەستىقلانمىسا تەستىقلانماسلىق سەۋەبىنى ئەسكەرتىپ قويغان بولسا ياخشى بۇلاتتى
گىلەم
alihan3 ۋاقتى: 2015-2-16 16:46:08
ۋاھ مەن  شەرىتسىز قۇشلىمەن   يارايسىز  ئالىپكا   
ئورۇندۇق
09032555 ۋاقتى: 2015-2-16 16:56:18
ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈرىش بۇپتۇ مەنمۇ قوللايمەن ،،، ئ‍الىپ ئ‍ەپەندى سىزگە قانداق ئ‍ۇسۇلدا ئ‍ايرىم خەت يازغىلى بۇلىدۇ
5-قەۋەت
ئالىپچى ۋاقتى: 2015-2-16 16:59:25
شەخسەن مەنمۇ بىر نەچچە قېتىم تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يېزىپ قويغان يېرىم بار، بۇنىڭدىن كېيىن قاتتىق دىققەت قىلىمەن. بېكەت باشلىقى ئەپەندىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ، بۇ تۈزۈم ماددىلىرىنى قايتا ئەسكەرتكىنىگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.
6-قەۋەت
rewayat ۋاقتى: 2015-2-16 17:05:51
قوللايمەن
7-قەۋەت
kara-burkut ۋاقتى: 2015-2-16 17:16:19
قوللايمەن ناھايىتى تەپسىلى چۈشەندۈرۈش بولۇپتۇ
8-قەۋەت
Bahadir9 ۋاقتى: 2015-2-16 17:20:34
قانۇن مۇقەددەستۇر.....
9-قەۋەت
كۆلەڭگە يەتتە ۋاقتى: 2015-2-16 17:21:44
ئ‍ەتىراپلىق بوپتۇ…
10-قەۋەت
KAWSAR@ ۋاقتى: 2015-2-16 17:31:28
alip يوللىغان ۋاقتى  2015-2-16 17:18
ئالپ دېگەن ئىسىم تارىختىكى بۈيۈك خاقان ئالپ ئەر توڭان ...

ھە مەنمۇ چۈشىنىۋالدىم
11-قەۋەت
ئالىپچى ۋاقتى: 2015-2-16 17:34:34
يەنە بىر گەپ،  مەن مۇشۇ ئەزالىق ئىسمىمنىڭ ئانچە مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى ، ھېچقانداق مەنىسى يوقلىقىنى بۇرۇنلا ھېس قىلغان، مەن بۇ مۇنبەرگە تۇنجى تىزىملاتقان ۋاقىتتا قايسىلا ئىسىمنى قوللانسام، بۇ ئىسىم تىزىملىتىپ بولۇنغان دەپ چىقىۋېلىپ، شۇنداقلا قولۇمنىڭ ئۇچىدىلا مۇنبەر نامى ئارقىسىغا «چى» نى قوشۇپ، تىزىملىتىش دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ ساپتىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئىسمىم مۇشۇنداق بولۇپ قالدى. شۇڭا ئۆزگەرتىۋېتىشنى ئويلاشقان ئىدىم. مۇۋاپىق بىر نام ئويلىشىپ قويۇپ ئۆزگەرتىۋەتسەم بولغۇدەك.
12-قەۋەت
ئالىپچى ۋاقتى: 2015-2-16 17:50:00
ئەمما بىلكان لۇغىتىگە «ئالىپ» دەپ كىرگۈزسە باشقا مەنىدە، «ئالپ» دەپ كىرگۈزسە يەنە باشقا مەنىسى چىقىدىكەن.

باھا سۆز

ئىككىسى ئوخشىمايدۇ بۇ توغرىسىدا ئىنتىلدا بىر تېما بار  ۋاقتى: 2015-2-16 21:58
13-قەۋەت
شاش0903 ۋاقتى: 2015-2-16 17:52:45
بەكلا ئ‍ەتراپلىق يېزىلىپتۇ بۇ ئۇقتۇرۇشنامە.
14-قەۋەت
رويال ۋاقتى: 2015-2-16 17:54:46
ياخشى  تەكلىپكەن  قوللايمەن
15-قەۋەت
شاش0903 ۋاقتى: 2015-2-16 18:00:37
مۇشۇ  ئ‍ەزالىق نامىنى ئەزالار  ئۆزى ئ‍ۆزگەرتەلمەمدىغاندۇ؟؟؟؟مەنمۇ  ئۆزگەرتىۋالسام بۇلىتتى.
16-قەۋەت
ئالىپچى ۋاقتى: 2015-2-16 18:04:03
شاش0903 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-16 18:00
مۇشۇ  ئ‍ەزالىق نامىنى ئەزالار  ئۆزى ئ‍ۆزگەرتەلمەمدىغا ...

بەلكىم بېكەت باشلىقى ئەپەندىگە ئۇچۇر قىلسىڭىز، شۇ ئۆزگەرتىپ بېرىشى مۇمكىن. مەنمۇ بۇنى كۆپ قېتىم دېيىشنى ئويلىغان، ئەمما ئاۋارە قىلىشنى ئويلاپ ۋاز كەچتىم. كېيىنچىرەك ئۆزگەرتىپ قويارمەن ئەزالىق نامىمنى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部