|
مەنمۇ بۇ توغرىسىدا قىسقا بىر ھېكايە سۆزلەي. مەن تېلفۇنۇمدا ئۇيغۇرچە يازغىلى بەش ئاي بولدى. ئاڭغىچە يانفۇن ئېكرانىدا ئۇيغۇرچە خەتلەرنى پەقەت تېلۋۇزۇرلاردا ۋە ۋىۋىسكىلاردا كۆرگەنتىم. قولۇمدىكى يانفۇننى ئېلىپ نەچچە كۈن ئۆتمەيلا ئۇيغۇرچە تۇنۇتىۋالدىم. چۈنكى مەن بۇرۇنلا تۇنۇتۇشنى مۇشۇ مۇنبەردە بۇرۇنلا ئۆگىنىۋالغانتىم. بۇ كۈنى مىنىڭ قانچىلىك خۇشال بولغىنىمنى ھېچكىم تەسەۋۋۇر قىلالماس. بۇ كۈنى مەن خۇشلۇقىمدىن ئۆيگىمۇ يېرىم كېچە بولغاندا، توك پۈتۈنلەي تۈگىگەندە قايىتقانىدىم. ئەمما بىر «قېرىنداش» نىڭ بىر نەچچە ئېغىز سۆزى پەقەت ئېسىمدىن چىقمايدۇ. مەن تېلفۇنۇمغا ئۇيغۇرچىنى تورخانىدا تۇنۇتۇپ سىرىتقا چىقىپلا خەت يېزىشقا باشلىدىم. شۇ ئەسنادا بىرى يېنىمدىن ئۆتۈپ كىتىۋېتىپ (ئۇ تېلۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئىشلەيدۇ. مەن ئىسمىنى بىلمىسەممۇ ئۆيۈم شۇ يەردە بولغاچ ۋە تېلۋۇزۇردا ھەمىشە كۆرۈپ تۇرغاچقا ئۇنى بۇرۇندىنلا تۇنۇيىتتىم ) ئىكرانغا قاراپلا توختاپ قالدى ۋە يېزىۋاتقىنىڭ ئۇيغۇرچىمۇ دېدى. مەن تېخى ئۇ ماڭا قاتتىق ھەۋەس قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن ۋە ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچەيېزىۋاتىمەن ، ئەگەر تېلفۇنىڭىز ئەقلىفون بولسا تېزلا تۇنۇتىمىز دىسەم ئۇ: ئۇيغۇرچە تونۇتۇپ نىمە قىلىدۇ. دەۋاتمامدۇ. مەن چاخچاق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ تۇرسام. ئۇ ئۇلاپلا، ئۇيغۇرچە خەت بۇنداق ئۈسكۈنىلەرگە قەتتى ياراشمايدۇ ، تازىمۇ ئەخمەق نېمىكەنسەن دېمەسمۇ. بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى ،ئەلۋەتتە ئارىدا خېلى كۆپ گەپلەر بولدى، مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر يەرگە كىلەلمەيدىغىنىمىزغا كۆزۈم يېتىپ يولۇمغا ماڭدىم. توۋا مەن نەچچە ئاي كېچە -كۈندۈز چۈش كۆرۈپ بۈگۈن ئانا يېزىقىمنى يېزىۋاتسام قاراڭ بۇ توڭگۇزنىڭ گەپلىرىگە. مەن ئويلايمەن، مۇشۇنداق ئانا تىل-يېزىقىدىن چانىدىغان مۇناپىقلارنىڭ تومۇرىدا باشقا تاھىپلارنىڭ قېنىمۇ بارمىكىن يا. ئەلۋەتتە مۇشۇ بىر قېتىملىقى ئەمەس. ھازىر بەزى خېلى چوڭ بىلىم يۇرتلىرىنى پۈتتەرگەن قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئاۋۇ تۇزكوردەك قاراشتا ئىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۇنداق ئۈسكۈنىلەردە ئۇيغۇرچە يېزىش «قىيىنمىش، ئاۋارىچىلىقمىش، ياراشماسمىش، زامانىۋى ئۈسكۈنىلەرگە خەنچىدىن مۇۋاپىقراقى يوقمىش.
ھەي ... ئاشۇنداق بىلىملىك قېرىنداشلىرىمىز ۋە زىيالىرىمىزنىڭ ھالى شۇ تۇرسا، بىزدەك كۆپ بىلىم ئالالمىغان دېھقان ياشلىرىنىڭ ئىچىدە مۇشۇنداق تۇزكورلاردىن قانچىلىك باردۇ دەپ ئويغا چۆمۈپ كېتىمەن بەزىدە. يەنىلا ياراتقۇچى ئىنساۋىنى بەرمىسە بىكاركەن.
مانا مەن بىر ئەپنى تەرجىمە قىلىپ بولۇپ ئىنگلىزچە label دەپ بىرلا خەتنى ئۇيغۇرچە قىلالماي بىر ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى. نىمىشقىكىن بۇ ئىنگلىزچە خەتنى ئۇيغۇرچە قىلساملا ئەپ نورمال قوزغالمايۋاتىدۇ. ئەسلىي بويىچە قىلسام يەنىلا نورمال.
مۇشۇ بىر خەتنى ئۇيغۇرچە قىلالماي ئەپنى مۇنبەرگە يوللىيالماي تۇرىمەن. |
|