|
ھەممىمىزگە مەلۇمكى ئەقلى ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئىنسان ئەقلى يەتمىگۈدەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى ، ياخشى يېرى بىز بۇ تەرەققىياتلار بىلەن ماس قەدەمدە كېتىۋاتماقتىمىز ، ئەمما بىز شۇنى ئويلىشىپ بېقىشىمىز كېرەككى بىز بۇ تەرەققىياتلاردىن قانچىلىك ئىجابىي مەنپەئەتلەرگە ئېرىشەلىدۇق ؟؟؟
كىچىكىمدە بىر مەندىن چوڭراق ئاغىنەم بىلەن دائىم كونا تېلۋىزور ، ئۈنئالغۇ قاتارلىقلارنى چۇۋۇپ ئىچىدىكى ئۆزىمىزگە لازىملىق قارشىلىق ، كوندىستاتور ، ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپىلارنى چىقىرىۋېلىپ كىتابقا قاراپ ئولتۇرۇپ پەنەركە ئۈستىگە قائىدە بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ بىرتال باتارىيە چۈشىدىغان كىچىك تىپتىكى رادىئوغا يەتكۈزگۈچ (fm发射器) ياساپ چىقاتتۇق ۋە مەھەللىدىكى رادىئولارنى توختىتىپ قويۇپ ئورنىغا ناخشا ئېيتىپ كىشىلەرنى كۈلدۈرۋېتەتتۇق ، بىر ئاغىنىمىزنىڭ دادىسى تامنىڭ كەينىدە رادىئونى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ تازا ئىشلىگىلى تۇرۇپتىكەن تامنىڭ كەينىگە ئۆتىۋېلىپ چاستوتىسىنى تەڭشەپ (سىم ئورامنى كەڭ ياكى تار قىلساقلا تەڭشىلەتتى) سۆزلىسەك بەك قوقۇپ كەتكەنتى ، ئۆزىمىزنى تۇتىۋالالماي كۈلۈپ كەتسەك بايقىۋېلىپ خېلى يەرلەگىچە قوغلاپ كەتكەن ...
شۇنداق قىلىپ ھەممىمىز ئەقلى ئۈسكۈنىلەرگە ئاشىق بولۇپ ئايرىلالمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قاپتىمىز بولغۇلۇق بوپ بوپتۇ ، ئەمدى بولسىمۇ بۇ توغرلىق ئازراق پىكىر قىلىشىپ باقساق كىچىكمەيمىز !
بىزنىڭ ئېرىشكەنلىرىمىز كۆپ بولدىمۇ ياكى يوقاتقانلىرىمىزمۇ ؟ مېنىڭچە يوقاتقانلىرىمىز ئېرىشكەنلىرىمىزدىن كۆپ بولۇپ كەتتى ، ھەتتا نىسبەتلەشتۈرگىلىمۇ بولمايدۇ ! بىز زادى نېمىلەرگە ئېرىشتۇق ؟ ھەرخىل ئادەمنىڭ قىزىقىشى ئوخشىمايدۇ ، بىز شۇ ئاساسىدا پەرەز قىلىپ باقايلى :
بىر لۈكچەك بولسا ئۈندىدارىدا خېلى كۆپ پاراڭلىشىدىغان ئادەم قوشۇۋالغان بولۇشى مۇمكىن 90%تى چوكان ئەلۋەتتە ، ئەتىدىن كەچكىچە شۇلار بىلەن يالغان ياۋىداق گەپلەرنى ياسالمىلىق بىلەن سۆزلىشىپ يانفونىغا مەخپى نومۇر دېگەننى قەۋەت _ قەۋەت ئورنىتىۋېلىپ يانفونىنى باشقىلار تۇتۇپ قويسىمۇ يۈرەكلىرى باشقىچە سوقۇپ ( ئەلۋەتتە ساقلىغۇچ كارتىسىدا لىق سېرىق با تۇرسا ) ئىشقىلىپ كۈنلىرى دەككە - دۈككىدە ، بىردەم ئۈندىدارىدىكى قىزلىرى ئاخماق قىلىۋاتقان ، بىردەم ئاغىنىلىرى ھاراق سورۇنىغا چاقىرىپ ئامراق يانفونى يۈتۈۋاتقان ، سەللا دىققەت قىلمىسا خوتۇنى تېلىفونىنى چارلاپ ، بىرەتال جىننى بايقىۋالسا يائاللا قىيامەت ...
ئىشسىزنىڭ ئاتا - ئانىسى نېمە تېلىفونغىلا قارايسەن ؟ مۇشۇنداق يۈرسەڭ جېنىڭنى قانداق باقىسەن دەپ تاپا - تەنە قىلىۋاتقان ، ئۇنى ئاز دەپ خوتۇنى يا ماڭا تۇر يا تېلاونغا دەپ ياقىسىغا ئېسىلىۋاتقان ...
خىزمەتچىنىڭ خىزمەت ۋاقتىدا تېلفونىنى ئوينىغىلى قويماي جىگىرىدە قۇرت مىدىرلىغاندەك بىئارام بولۇۋاتقان ، خىزمەت ئۈنىمىدىنغۇ ئەسەر يوق ! مۇئاشىنىڭ ئۆي قەرزىگە تۇتۇۋالغان ئاز بىر قىسمىغا كىرىدىت كارتىسىنى زومۇزو سۈركەپ قىممەت پۇللۇق ئايفون ۋە ئېقىم مىقدارغا تىكىۋېتىپ خوتۇنىدىن تىل ئىشىتىۋېرىپ ما غورۇر سۇنۇپ قالمايۋاتقان ...
ئوقۇغۇچى بولسا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ مۇسادىرە قىلىشىدىن قورقۇپ تەنەپپۇس بىلەن كەچ بولۇشىنى كۈتۈپلا ئۆتۈپ دەرس قۇلاققا كىرمىگەن ، بۇرۇنقى بىز ئوقۇغان ۋاقىتلاردىكىدەك دەرستە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش بىلەن پەخىرلىنىش نەدە تۇرسۇن ، qq دا خونى كۆپ ئالغان ، دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ، شۇشۇ(美图秀秀) دا « ئاقسا » سۈرەتلىرىنى تازا ياساپ دوستلار چەمبىرىكى (朋友圈) گە چىقىرىۋالغان ، بىلوگلىرىغا ھەر «داڭلىق» پەلسەپىلەر بىلەن يېرىم يالىڭاچ «بەدىئىي» سۈرەتلىرىنى چىقىرىۋالغان نوچىكەن ...
شوپۇر بولسىغۇ ۋاي ۋاي ... شوپۇرنىڭ خوتۇنى يولدا دەپ ، شوخراقلىرى ماشىنىسىغا چىققان قىزلارنىڭ ئۈندىدارىنى مەنزىلگە يەتكۈچە قوشۇۋېلىشنىڭ كويىدا يۈرەكلىرى سۇ ، ھېچ ئامال قىلالمىسا ماشىنىدىن چۈشكەندە نامكارتىسىنى بېرىپ ، ۋېيشىڭ (ئۈندىدار) نومۇرۇممۇ شۇ دەپ ئەسكەرتىپ قويۇپ ، ئۈمىد ئىچىدە ساقلاپ كېتىدىكەن ، ئۇغۇ مەيلىغۇ كاللىسى شۇ قىزلارنىڭ كاللىسى جايىدىلا بولسا خالىغان قىزلانى ئالداپ بولالمايدىغۇ ، ئەمما ما بىزدەك خېرىدالدارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلىسا بولاتتى ، كۈندە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5 قېتىم تاكسىدا ئولتۇرىمەن ، شوپۇرنىڭ بىر قولىدا رول ، يەنە بىر قولىدا ئەقلىفونىنى تۇمشۇقىغا تەڭلەپ كولدۇرلاپلا ماڭغان ، بەزىلىرى كۈلۈۋاتقان ، بەزىلىرى غەزەپلىنىپ رولنى غاچ - غاچ تولغاۋاتقان ، مەنزىلگە باغاندا ھومىيىپ قاراپ قويۇپ چۈشۈپ كېتىمەن ، ماشىنىغا چىقسام شوپۇرنىڭ قولىغا قاراپ بېقىپ چىقىدىغان بوپقالدىم ...
ئەڭ يامىنىغا كەلدۇق ~ ئىشرەتخانىدىكىلەر ! بۇلار شۇنداق ۋەھشىكەنكى ! يېقىن ئەتراپتىكىلەرنى «ئوۋلاش» ئۈچۈن ئىنتايىن قەبىھ ئۇسۇللانى قوللىنىدىنىدىكەن بەزىلىرى مەسۇم قىزنىڭ سىياقىغا كىرىۋېلىپ بەئەينى ئاتالمىش مۇنارچى پەلەك شاھنىڭ 18 ياشلىق (7 يېشىدا پەرشكە قېچىپ چۈشۈۋالغان) قىزى ھېلىقى ئىككى راھىبنى جايلىغاندەك جايلايدىكەن ، يەنە بەزىلىرى بىۋاستىلا يالىڭاچ ھالدىكى سۈرەتلىرىنى چىقىرىۋېلىپ ئولجىلارنى بىۋاستە ئازدۇرىدىكەن ، پاراڭلىشىپ قالسىڭىز ئەمما بەئەينى كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلەنگەندەك خەتەرنى تۇيۇپ تۇرۇپمۇ قۇتۇلالمايدىكەنسىز ...
ئەمدى دىققەت ~ تەقۋادار مۇسۇلمانلار تەرەققىياتتىن پايدىلىنىپ نېمە قىلىۋاتىدۇ ، ئۇلارمۇ ئۈندىدار ئىشلىتىۋاتىدۇ ، ئۇلارمۇ يانفونغا ئوخشاشلا خۇمار ، ئەمما ئوخشىمايدىغان يېرى ئۇلار ھەق - ناھەق ، ھالال - ھارامنى ئايرىيالايدۇ ، ئۇلارنىڭ يانفونلىرىغا قۇرئاندەك «يول باشلىغۇچلار » ، ھەدىسلەردەك «ۋېرۇسخورلار، يانفون غوجىدارى» ، ئەزان توۋلاش دېتالىدەك «ئېقىم كونتىروللىغۇچى» قاچىلانغان ، ئۇلار شۇ قۇرئاننى ئوقۇپ تۇرۇش ئارقىلىق ، قىلىۋاتقان ئىشىنى تارازىغا سېلىپ ماڭالايدۇ ، ھەدىسلەرنى ئوقۇپ تۇرۇش ئارقىلىق دىلىنى پاكلاپ خىلمۇخىل تەسىر كۆرسەتكۈچى ۋېرۇسلاردىن ساقلىنالايدۇ ، تېلىفونىغا بېرىلىپ قالغان ۋاقىتلىرىدا ئەزان توۋلاپ قالسا ، ئۆزىنى شۇ ئېسىل تۇرمۇشلىرىنى شۇ بايلىقلىرىنى ئاتا قىلغان كېرەملىك زاتنىڭ ئىبادەتكە چاقىرۋاتقانلىقىنى ئەسكە ئالىدۇدە ، ئامراق ئەقلىفونى ئۇنىڭغا شۇ مىنۇتتا ھاڭگىرت پېيىدىنمۇ قەدىرسىز بىلىنىدۇدە ، ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئاتلىنىدۇ !
خوش ~ كىشىلەرنىڭ خۇلقى ئوخشىماسلىق سەۋەبلىك يانفونلارنىڭ بىز ئۈچۈن ئۆتەيدىغان رولىمۇ ئوخشىمايدىكەن ، بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ھوقۇقى . ئەمما بۇ يەردە يەنە بىر مەجبۇرىيەت ئوتتۇرىغا چىقىشى كېرەك ، چۈنكى بىزدە ئۈچ جەھەتتە ئورتاقلىق بار !
1 - بىزنىڭ مىللىتىمىز دىنىمىز بىر !
2 - ئانا تىلىمىزنىڭ زور خىرىسقا ئۇچراۋاتقانلىقىمىزدىن شەكسىزكى ھەممەيلەن خەۋەردار !
3 - بىزنىڭ (بارلىق مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ) بۇ جەھەتتە مۇئەييەن دەرىجىدە تالانتىمىز بار !
2009 - يىللاردا ekram.cn دەپ بىر توربەت قۇرۇلغان ، كېيىن نېمە سەۋەبتىنكىن توربەت نامى uyphone.com غا ئۆزگەرتىلدى . مەن شۇ توربەتكە بار ئىشتىياقىم بىلەن بېرىلىپ شۇ توربەتتىكى پەۋقۇلاددە ئەزاغا ئايلانغانىدىم ، چۈنكى شۇ توربەتتىكى ۋاقتىم ئوننەچچە مىڭ ئەزادىن ھەتتا توربەت باشلىقلىرىنىڭكىدىنمۇ خېلى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتكەنىدى ، ئۇۋاقىتلاردا نوكىيا يانفونى - دۇنيا يانفون ساھەسىدە بىردىنبىر نوچى ئىدى ! شۇڭا تەتقىقاتىمىزمۇ سېيمبىيان ئۈستىدە بولاتتى . مەن ھەم سېيمبىياننى تەتقىق قىلىپ خېلى يۇقىرى باسقۇچقا يەتكەنىدىم ، بىزنىڭ شۇ ۋاقىتلاردا مۇقىم نىشانىمىز بار بولۇپ ، نىشانىمىزبىردەك ~ ئەقلىفوننى يېزىقىمىزغا تەسلىم قىلدۇرۇش ئىدى ، بىز بەك تىرىشتۇق ، بۇ جەھەتتە رەھمەت ئېيتىشقا تېگىشلىك ئۇستازلاردىن admin ، لوست ، قاراخان قاتارلىق مېھنەتكەش تۆھپىكارلارنىڭ ئانا تىلىمىزغا قوشقان مىسلىسىز تۆھپىسىنى مەڭگۈ ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك ، بىز ئۇلارنىڭ بىز ئۈچۈن تالاي مەبلىغىنى بىز ئۈچۈن ئىشلىتىۋېتىپ ، ئۆزى قىينىلىپ قالغانلىقلىرى ، يەنە بىزنى دەپ تالاي كېچە ئۇخلىماي قىينالغانلىرى ئۈچۈن تېخى ھېچنىمە قىلىپ بەرمىدۇق ! ئۇلارمۇ ھەم بىزدىن ھېچنىمە كۈتمىگەن ھەم كۈتمەيدۇ ، شۇ ۋاقىتلاردا بىز يېزىقىمىزنى ئەقلىفونلاردا نورمال ئىشلىتەلىسەك چوقۇم ھەممىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە ئالاقىلىشىدىغانلىقىمىز توغىرلىق ئىپتىخارلىق ۋە ئۈمىد ئىچىدە قىزغىن پاراڭلىشىپ كېتەتتۇق ، بىر خىل ئارزۇ ، بىرخىل ئېدولوگىيە بىزنى يېتەكلەيتتى ، بىزنىڭ مەقسىدىمىز ئاستا - ئاستا ئەمىلىلەشكىلى تۇرماقتا ئىدى ، شۇ ئارىدا ئەرەب يېزىقى ئاساسىدا ئۆزگەرتىلگەن فونت ياسالدى ، مانا باشلىنىش ! نوكىيا يانفونلىرىنى يېشىش ئارقىلىق فونتنى (مەجبۇرى) قوشۇپ «ە ، ى» ئۇلانمىسىمۇ دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇرچىلىدۇق ، نۇرغۇنلىغان تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ txt فورماتىدا ناھايىتى ياخشى ئەسەرلەرنى توپلاپ چىقىپ تارقاتتۇق ...
كۆمۈش ئىدىت كىرگۈزگۈچىنىڭ ياسىلىشى ، ئەقلى ئۈسكۈنىلەرگە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ كىرگۈزۈلىشىنىڭ تۇنجى سەھىپىسىنى ئاچتى ، بۇرۇن پەقەت كومپىيۇتېردىلا كىرگۈزەلىگەن يېزىقىمىزنى مانا ئەمدى يانفونىمىزدىمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ يازالايتتۇق ، بىز راستىنلا تەرەققىياتنىڭ ئالدىدا ئىدۇق ، چۈنكى ھەممىمىز ئومۇميۈزلۈك كۈچىگەن ئىدۇق ، شۇنداق قىلىپ يېزىقىمىزنى 55 ئاز سانلىق مىللەتتىن قالسىلا بىرىنچى بولۇپ ئەقلى ئۈسكۈنىلەرگە كىرگۈزەلىدۇق ، بۇنىڭلىق بىلەن قالماي ، شىنجاڭدىكى تۈركىي تىللار سېستىمىسىدىكى قازاق ، تاجىك ، قىرغىز قاتارلىقلارغىمۇ ماسلاشتۇرۇپ بەردۇق ، ئۇلارمۇ ئۆز يېزىقىدا مەشغۇلات قىلىپ بىزدىن ئالەمچە خۇش بولدى . بىز بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىغانىدۇق ، بىز رومنىڭ قانۇنىيىتىنى چۈشىنىۋالغانىدۇق ، بىز بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن باشقا تىللاردا ئىشلىتىشنى خالىمىدۇق ، كۆرۈنمە يۈزىگە قول سېلىپ يۈزەكى ھالدا ئۇيغۇرچە كۆرۈنىدىغان قىلىۋېلىپ شۇنى ئومۇملاشتۇردۇق ، 2010 - يىلى بىر تۇڭگاننىڭ ماشىنىسىدا ئولتۇرۇپ نوكىيادا ئۇيغۇرچە خەت بېسىپ ئولتۇرسام ئۇ كۆرۈپ توۋۋا دەپ كەتكەنىدى ، بۇ ماڭا بەك تەسىر قىلغانىدى . شۇنداق قىلىپ ئاندرويد سېستىمىسى باش كۆتۈردى ، دەسلەپ چىقىشىدا نەشرى 1.5 ~ 1.6 ئىدى ، قىممەتلىكى تېخى ، بىر بۇرادىرىمىز 2000 يۈەنگە Motorola xt702 دىن بىرنى ئېلىپ ئىشلىتىۋىدى ، خەق ساراڭكەن دەپ قالغانىدى ...
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئاندرويدنىڭ نەشىرى يۇقىرىلىدى 2.3 ۋاھ ۋاھ ! ئەڭ يۇقىرى نەشىر ئىدى شۇنىڭدىمۇ فونت قاچىلاپ مايماق تونۇتۇپ يۈرەتتۇق ، لوست ئەپەندى ە ى ئۇلىنىدىغان فونتنىمۇ تۈزۈپ باقتى ، ئەمما بۇلارمۇ «ئاچقان يەرگە » تەگمەيۋاتاتتى ، تەلىيىمىزگە htc g5 يانفونىنىڭ لىب ھۈججىتىنى ئالماشتۇرۇپ ئۇيغۇرچىنى تونۇتۇش ئۇسۇلى بايقالدى ، بۇ ئۇسۇلنىڭمۇ تېخنىكىلىق تەرىپى بار بولۇپ روم چوقۇم سىيانوگىننىڭ رومى بولۇشى كېرەك ئىدى ، نېمىلا بولمىسۇن ئۇيغۇرچىنى ۋەھشى چىرايلىق قوللاتتۇق ، رومنىڭ نەشرى تۆۋەن بولسىمۇ قوللىدى ، بۇ بىزگە نىسبەتەن ناھايىتىمۇ زور غەلىبە ئىدى ، شۇڭىمۇ htc يانفونلىرى كۆزۈمگە ئىسسىق كۆرۈنىدۇ ... 4.0 غا كۆتۈرۈلىدىكەن ، ئۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرچە فونت قاچىلاش ھاجەتسىز ئىكەن دېگەندەك مىش مىش گەپلەر تارقالدى ، كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس ! htc evo 4g يانفونىنى رېكوۋېردىن 4.0 غا كۆتۈردۈم ، بىر ۋاقىتلاردا يانفون ئېچىلدى ، ۋاھ تېلفوننىڭ ئىنكاسىدىن مېنىڭ ئىنكاسىم نەچچە ھەسسە تېز كېلىۋاتاتتى ، بىر تۇرۇپ ئەندىشە قىلاتتىم . ئەندىشەم شۇكى ناۋادا ئۇيغۇرتىلىنى قوللىماي قالسا ... ... دەرھاللا سىمسىز تورغا ئۇلاپ تورغا چىقتىم ، خەتلەر دەرۋەقە تولۇق ئۇلاشقانىدى ، شۇ چاغدىكى ھاياجىنىمنى تىل بىلەن تەسۋېرلەش مۇمكىن ئەمەس ، تۇرۇۋاتقان ئورنۇم يانفون بازىرى بولمىغان بولسا ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتكەن بولاتتىم ، شۇ چاغدىمۇ قېشىمدا سىناشقا قاتناشقان نەچچە بۇرادىرىم بار ئىدى ، كۆزلىرىمدىكى ياشلارنى ھەممىسىدىن يوشۇرۇپ پەلەمپەيدىن چۈشۈپ كەتتىم ، ئاپتۇبۇستا ئولتۇرۇپ ئۆيگە كېتىۋاتماقتىمەن ، چاناقلىرىمدىكى ياش ماڭا بويسۇنماي سىرغىپ چۈشۈۋاتاتتى ، نېمىشقا بۇنچىلىك بوپ كېتىۋاتقاندىمەن ؟ نېمىشقا خۇشال بولماي ئەكسچە بۇنچە بىئارامچىلىقتا سىقىلىمەن ؟ جاۋابىنى يەنىلا يۈرىكىم سېزىپ تۇراتتى چۈنكى مەن ئاخىرى غەلىبە قىلغانلىقىمىزنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتكەنىدىم ، بىز شۇنچىۋالا تىرىشىپ ئاخىرى مەقسەت نىشانىمىزغا يىتىپتىمىز ، گەرچە 4.0 نىڭ ئۇيغۇرچە قوللىشى بىزنىڭ تۆھپىمىز بولمىسىمۇ ، بىزنىڭ ئانا يېزىقىمىزنى يانفوندا ئىشلىتىش ۋە شۇ ئارقىلىق قوغداشتەك مەجبۇرىيىتىمىز ئەمدى ئەمەلگە ئاشقۇدەك ، مەن شۇلارنى ھېس قىلىپ يەتكەنكەنمەن ...
قۇرئان كەرىم ، قول سائەت ، تېلفون دەپتىرى ، ئىلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ، كۈندىلىك خاتىرە ، كىرىم چىقىم جەدۋېلى ، لۇغەت ، فوتۇ - ئاپپارات ، ئىنتىرنېت ، پوچتا ، ئېلخەت قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىن ئايرىلالمايدىغان ئۇقۇملار پەقەت بىرلا ئەقلىفونىمىزغا مەركەزلەشكەنىكەن ، ئۇھالدا بىز يانفونىمىزنى قانداقمۇ ئۇيغۇرچە قوللاتماي ئىشلىتەلەيمىز ؟ يانفون ئۇيغۇرچە قوللىغاندىلا ئاندىن ، يانفونىڭىزدا كىتاب ئوقۇڭ ، توربەت كۆرۈڭ ، دوستلىرىڭىز بىلەن ئۇچۇرلىشىڭ ، ياكى تىل ئۆگىنىڭ ، قانۇن ۋە تىببى ساۋاتلارنى ئۆگىنىڭ ، ھەممىسىنى كۆرۈپلا چۈشىنەلەيسىز ، شۇنداق ئىكەن نېمىشقا سىز بۇنىڭغا سۇسلۇق قىلىسىز ؟ يانفون دۇكىنىدا مەن باشقىلارنىڭ يانفونىنى ئۇيغۇرچە قىلىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلسام 90% ئۇرغۇي مېنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى يەنە 5% تى نومۇس قىلماي تىلىنى چايناپ تۇراتتى ، قالغان ئاز قىسمىلا خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى ، مەن دەرۋەقە ھەممە ئۇيغۇرچىلاش ئىشلىرىنى ھەقسىز قىلاتتىم ، شۇنىڭغىمۇ تېخى خەقنىڭ قىلدۇرغۇسى يوقكەنمىش ! ئاچچىقىم شۇنداق كېلەتتىكى ئۇلارغا ~ سىلەنىڭ «مۇشۇنداقلىقىڭلادىن» ھازىرقى تۇرقۇمىز مۇشۇ ! دەپ ۋارقىرىغۇم كېلەتتى . باشقىلار تېخى ھەقسىز قىلىشىمنى سودىسىنى بۇزدى دەپ قاراپ ، ئارقامدىن ھەرقىسما گەپلەرنى تاپاتتى ، ئەمما بىز مۇنبەردىكىلەرنىڭ شۇ خىل ئاڭ بىلەن پىروگراممىلىنىشىمىز نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ گەپلىرى خىيالىمغا كىرىپ چىقمايتتى ...
2013 - يىل بىچچارە ئۈندىدار ئاخىرى چىمپىيون بولدى ، بىر ئىككى يىل بازىرى چىقماي ئولتۇرۇپ قالغان بۇ دېتالغا تۇيۇقسىز ئەلچى كەلگەندەكلا ئىش بولدى ، ئىشقىلىپ مۇشۇ لومودى (خوجىنىياز ھاجىنىڭ تىللىشى) دېتالنىڭ تىلىمىزغا ھەسسىسى بولدى ! قانداق دېمەمسىز؟ خەنچىنى ياخشى بىلمەيدىغان ھەر قاتلام كىشىلىرى ئۇيغۇرتىلىدىكى ھەرخىل سالونلارنىڭ ھەمبەھىرلەنگىنىگە قاراپ چۈشىنىپ بولالماي ئاخىرى «ئانىسىغا» ھاجىتى چۈشتى ، قېشىمغا ئەمدى ئۇيغۇرچە قىلىپ بېرىڭ دەپ كېلىدىغانلار كۆپەيگىلى تۇردى ، بەزىلەرنىڭ تېخى ئاقسا ھالدا : ئەسلى قىمىساممۇ بولاتتى ! شۇ ۋېيشىڭغا (ئۈندىدار) بەزىلەر ئۇيغۇرچە يازىدىكەنچۇ ! شۇڭا ئوقالماي ..... .... ئىسسىت ئۇيغۇر ! ھېلىمۇ ساڭا بېشى قايغاندىن بىرى ئۇيغۇرچە يېزىپ قويۇپتىكەن ، بولمىسا ( ئانا تىلىڭنى) ئىتتىن بەتەر خارىلاپ تېلفونۇڭنىڭ دەرۋازىسىدىنمۇ كىرگۈزمەيدىكەنسەن ...
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم تىلىمىزنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى سىزگە باغلىق ، مەن بايان قىلغان «چىن تارىخ» نىمۇ كۆرۈپ ئۆتتۈڭلار ، ئەمدى بۇنىڭ ئاخىرىنى مۇشۇ مۇنبەردىكىلەر چىقىرايلى ! مەسئۇلىيەت ھەم مەجبۇرىيىتىمىزنى تولۇق تونۇپ يېتىپ يانفوننىڭ زىيىنىنى پايدىغا ئۆزگەرتىپ زېھنىمىزنى ئاقماس سالون ، يالغان «چىن دوست» لارغا ئىسراپ قىلماي ، كۆپرەك بىلىم ئىگىلەشكە ، كىتاب ئوقۇشقا ، تىل ئۆگىنىشكە قارىتايلى ! شۇندىلا يېزىقىمىز ، ئانا تىلىمىزنى ھەقىقىي قوغدىيالايمىز ...
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|