ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
ئىگىسى: romwaz
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بىزنىڭ نىشانىمىز !

10

تېما

399

يازما

934

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3249
ئاقچا
0
romwaz  ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-23 14:39:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
♥ئەزھەر♥ يوللىغان ۋاقتى  2014-3-21 15:22
ئىنسان ئەقلى يەتمىگۈدەك دەرىجىدە تەرەققى قىلدى.
ماۋۇ گ ...

   ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئىسلامى جەھەتتىن ئىنكاس يازغىنىڭىزغا تەشەككۈر !
ئۇيغۇرتىلى گىرامماتىكىسىدا ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر دېگەن ئۇقۇم بار ، ۋە ئۇنىڭ ئىچىدە مۇبالىغە دېگەن بىر تۈرمۇ بار .
ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ جۈملىدىكى رولى - ئىپادىلەش كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ !
مەسىلەن : كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى دېيىلسە ، ھەرگىزمۇ ئەمەلىيەتتىكى شۇ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقان ۋاقىتتا نەچچە يىل ئۆتتى دېگەنلىك بولماستىن بەلكى شۇ يىللارنىڭ شۇنچىلىك تېز ئۆتكەنلىكىنى ئىپادىلەشنى مەقسەت قىلىدۇ !
قوشۇمچىلارنىڭ رولى _ يازمىدىكى «ئىنسان ئەقلى يەتمىگۈدەك دەرىجىدە» ئىبارىسى روشەن ھالدا _
ئىنسان ئەقلى يەتمىدى ، ئىنسان ئەقلى يەتمەيدۇ ، ئىنسان ئەقلى يېتىشى مۇمكىن ئەمەس ، ئىنسان ئەقلىدىن ھالقىپ كەتتى ، ئىنسان ئەقلى يىتەمتى ؟  ئىنسان ئەقلى قانداقمۇ يەتسۇن ؟ ئىنسان ئەقلى يىتىشتىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن ؟ قاتارلىق كېسىپ ئېيتىلغان جۈملىلەردىن پەرقلىنىپ تۇرماقتا !
يازمىدا « ئىنسان ئەقلى يەتمىگۈدەك دەرىجىدە » ئىبارىسى ھەرگىزمۇ ئىنسان ئەقلىنىڭ يەتمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمىگەن ، مەن ھەم ئۇنداق مەقسەت قىلمىغان ...
دەل ئەكىسچە بولۇۋاتقىنى شۇكى دىيارىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاۋاتقانلىقى بولدى _ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە ئەقلىفون تەۋسىيە قىلىپ كېلىۋاتىمەن ، تەڭدىن تولىسى شۇ تاغ تۇرا كونۇپكىلىق يانفوندىن باشقىسىغا « ئەقلى يەتمەيدىغان » لىقىنى ئېيتتى ...
يۆلىنىۋېلىش پىسخىكىسى _ 30 ئاەمنىڭ ئارىسىدا بىرى كومپىيۇتېر ۋە يانفون بىلىملىرىگە پۇختىراق بولسا ، تەبىئيلا ئاۋۇ 29 ى يولۇققان مەسىلىلىرىدە شۇنى ئىزدەيدۇ ، ۋە بۇ ھالەت ئۇزۇنغىچە داۋام قىلىدۇ . بىر نەچچەيلەن بىلەن بىرلىككە كەلدۇق ، دائىم بىزنى يولدا كۆرسىمۇ تۇتۇۋېلىپ يانفونىنىڭ سائىتىنى تەڭشىگىلى سالىدىغانلارغا _ ئەگەر شۇ ئىشنىمۇ قىلالمىساڭ ، يا ئۆگىنىشكە قىزىقمىساڭ ! بولدى قىلىپ بەرمەيمىز ! دەيدىغان بولۇشتۇق . شۇ كىشىلەرمۇ ئۆزىنىڭ «ئەقلى يەتمەيدىغانلىقىنى» تەبىئىي ئېتىراپ قىلغان كىشىلەر بولسا كېرەك ...
3 يىل ئاۋۋال بانكىغا كىرسەم ، ئادەم بەكلا جىق ، ئالدىمدا تۇرغان بىر ئايالغا نۆۋەت كېلىپ ، كارتىسىنىڭ مەخپى نومۇرىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى ھىجىيىپ تۇرۇپ دېدى ، شۇ ھامان كاللامدا ئاجايىپ بىر ئاچچىق خىيال پەيدا بولدى ، غەربلىكلەر تەرەققىي قىلىپ نەلەرگە كەتتى ؟ بىزچۇ ؟ ئۇلار موتۇسىكىلىت ، ماشىنا ، ئايروپىلان ھەممە نەرسىنى ياساپ بىزگە سۇندى . بانكىلارمۇ تامامەن شۇ غەربنىڭ تېخنىكىسىنىڭ مەھسۇلى . ئەمدى بىزنىڭغۇ بۇ تەرەققىيات كەشپىياتلارغا «ئەقلىمىز يەتمىگەن» ھېسابتا بولۇپ تۇرسۇن ، ئاشۇ 6 خانىلىق مەخپى نومۇرنىمۇ ئەستە ساقلىيالمىغۇدەك دەرىجىدە كاللىمىز يوق بولۇپ كەتتىمۇ ؟

3

تېما

268

يازما

160

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1072
ئاقچا
0
♥ئەزھەر♥ ۋاقتى: 2014-3-24 00:04:12 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ♥ئەزھەر♥ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-24 00:05  
romwaz يوللىغان ۋاقتى  2014-3-23 14:39
ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئىسلامى جەھەتتىن ئىنكاس يازغىنى ...


دېگىنىڭىز توغرا،لىكىن مىنىڭ ئەدەبىياتقا شۇنچە قىزىقىمەنيۇ ،لىكىن پەقەتلا ئەدەبىياتتىن خەۋىرىم يوق شۇڭا خاتا چۈشۈنىۋاپتىمەن.
مەن ئىلگىرى ھېلقى چەكسىز تور كارتىسىنىڭ چ چ توپىدا سىزنىڭ پاراڭلىرىڭىزنى ئاڭلىغان ھەم كۆرگەن،شۇ ۋاقىتتا سىزگە قايىل بولغانتىم ھېلىمۇ ھەم قايىل بولدۇم.
تەشەككۈر!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش