- جۇغلانما
- 253
UID11762
تىزىملاتقان2012-11-18
ئاخىرقى قېتىم2014-11-16
توردا51 سائەت
ئاكتىپ ئەزا
 
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 253
- ئاقچا
- 0
|
مېنىڭ تەكلىپىم تەلەپكە ئۇيغۇنمۇ ئۇيغۇن ئەمەسمۇ بىلمىدىم ئەمما سۆزلەپ باققۇم بار، مېنىڭچە بۇنىڭدىن كېيىن ئالىپ تورىدا تەرجىمە روملارنىڭ ئورۇننى ئىجادى روملار ئالسىمىكىن دەيمەن، يېقىندىن بېرى خەنزۇچە يانفۇن مۇنبەرلىرىدە يانفۇن رومى ياساشنىڭ تەپسىلى دەرىسلىكلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىندى، قىززىققۇچىلار ھەرخىل مەيلى قاملاشسۇن مەيلى قاملاشمىسۇن مەيلى خاتالىق كۆرۈلسۇن مەيلى مەغلۇپ بولسۇن ئىشقىلىپ خەنچە يانفۇن مۇنبەرلىرىدە ئۆز ئالدىغا روم ياساپ بېقىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، ئەمما بۇنىڭ تېخنىكا تەلىپى يۇقۇرى ئاۋارچىلىقى كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسان خاتالىق پەيدا بولغاچقا، ئەڭ قىسقىسى بەزى كەڭەيتىلگەن ھۆججەت نامىدىكى سېستىمىلارنىڭ ھۆججەتلىرىنى ئىجادى ئىشلىگەچكە كۆپ كىشىلەر بۇنىڭغا ئېرەڭشىپ كەتمىدى ھەم ئاۋارچىلىق كۆرۈپ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ نەتىجىسىنى كۆرمەيلا بەل قويۋەتتى، مەنچە سېستىما ياساش روم تەرجىمە قىلىش قەھىرمانلىرىمىز بۇ ئۇسۇللار ئارقىلىپ بىر ئىزدىنىپ باقسا دەپ ئارزۇ قىلىمەن، ئەلۋەتتە بۇنىڭغا مەلۇم ئورگان ياكى كارخانا ئىجازەتنامىسى كېرەك، مەنچە بولغاندا ئالىپ تورىنىڭ يۇمشاق دېتال تىپىدىكى بۇنداق ئىجازەتنامىنى ئېلىشى، ئۇيغۇر يانفۇنچىلىقى تەرەققى قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، يېڭى يۈكسىلىش ۋە يۈكسەك پەللىگە سىلجىشنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولاتتى، ئالىپ تورى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن چىققان بىردىن-بىر قانۇنلۇق ئورگان تور بېتى بولۇچ چىقاتتى، ھەمدە ئالىپ تورىدىن پايدىلانغۇچىلار ھەسسىلەپ كۆپىيىپ، باشقا يانفۇن مۇنبەرلىرىدىكى تېخنىكىسى يۇقۇرى يانفۇن ھەۋەسكارلىرى، سېستىما ياساش ئۇستىلىرى ئۆز تېخنىكىلىرىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئالىپ تورىغا يىغىلغان بولاتتى، ئەلۋەتتە يۇقارقى روملارنىڭ ھەممىسى ئالىپ تورىنىڭ نامى ۋە نوپوزى بىلەن تارقالغان بولاتتى.
يەنە بىر تەكلىپىم شۇكى روم تەرجىمە قىلىش ياكى يانغۇن ئەپلىرىنى تەرجىمە قىلىش ياساشتا بولسۇن، يۇقارقى قېرىنداشلار ئېيتقاندەك تەرجىمە بىرلىكى يوق، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئەپ ياسىغۇچىلار، روم تەرجىمە قىلغۇچىلار ئىشلىتىلىدىغان مەخسۇس لۇغەت ياسالسا، روم تەرجىمە قىلغۇچىلار 重新启动 دىگەن گەپنى تەرجىمە قىلماقچى بولسا، ئاشۇ دېتالغا كۆچۈرۈپ چاپلاپ مۇقۇملاش كۇنۇپكىسىنى بىر باسسىلا كۆزنەكتىن، ‹قايتا قوزغىتىش› دىگەن تەرجىمىسى چىقسا مەنچە تەرجىمە بىرلىكى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك بىر ئۇسۇل ئىدى، تەكلىپىم ئورۇنلۇقمۇ ئورۇنلۇق ئەمەسمۇ بىلمىدىم ئەمما يۇقارقىلار مېنىڭ ئارزۇيۇم ئويلىشىپ باقساڭلار... |
|