بېيجىڭغا سەپەر (بېشى)
[ تاغدىن-باغدىن ]ئالدىنقى يازمىدا «ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەرنى تىزىش قائىدىسى»نى يوللىسام، سەل كەسپىي بولۇپ قالدىمۇ؟ ياكى قىزىقىدىغانلار ئازمۇ؟ تۈزۈك ئىنكاسمۇ چۈشمىدى، تورداشلارنى زېرىكتۈرۈپ قويدۇممۇ نېمە؟ قارىغاندا بىلوگ يەنى بۇ تور خاتىرىگە يەنىلا ساياھەت خاتىرىسىنى يوللاپ باقسام بولغۇدەك، ئۇنداقتا، بېيجىڭدىكى سەپەر خاتىرىسىنى باشلىدىم.
مەن ۋە مۇھەممەدئىمىن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن 2011-يىل 27-نويابىر چۈشتىن كېيىن بېيجىڭغا بېرىشنى پىلانلاپ بېلەت ئالغان ئىدۇق، ئەمما، ناچار ھاۋا رايى سەۋەبىدىن بىر كۈن كېچىكتۇق. ئەتىسى سەھەردە ئايرۇپىلانغا چىقىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ، ھاۋا رايى سەۋەبىدىن يەنە ئۇچالماي، 8 سائەت تۇرۇپ قالدۇق.
خاتىرە كومپيۇتېرلىرىمىزنى ئايرۇپىلان ئىچىدە ئىشلىتىمىز دەپ، يان تېلېفوندا سىمسىز تورغا چىقىپ، ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى كۆرۈپ تۇردۇق، شۇڭا ئانچە زېرىكىپ كەتمىدۇق، ئەمما ئېلىۋالغان نەرسىلەرنى يەپ بولدۇق. ئۇچۇش ۋاقتى يەنە كېچىكسە ئاچ قېلىشىمىز تۇرغانلا گەپ ئىدى.
28-نويابىر چۈشتىن كېيىن بېيجىڭغا قاراپ رەسمىي يولغا چىقتۇق، ئۈچ يېرىم سائەت ئۇچۇپ بېيجىڭ ۋاقتى 18:00 گە ئاز قالغاندا سالامەت كەلدۇق. ئەمما، ئاللىبۇرۇن قاراڭغۇ چۈشۈپ بولغان ئىدى. بىز تۇرىدىغان ياتاق-تاماقلىرىمىزنى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىدىكىلەر ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپتىكەن، بىزنى باشتىن-ئاخىر قىزغىن كۈتۈۋالدى، ئۇلارغا ھەقىقەتەنمۇ كۆپ رەھمەت !
بىز چىقماقچى بولغان ئايرۇپىلان ئاۋۇ يەردە تۇرىدۇ. لېكىن، ھاۋا يەنە تۇمانلىق، قارىغاندا بۈگۈنمۇ ئۇچالمامدۇ-نېمە؟
ئايرۇپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتىنى ساقلاپ، تورغا چىقىپ ۋاقىت ئۆتكۈزدۇق. ئاۋۇ ئەقلىي تېلېفون بولامدىكەن؟
ئەتىسىدىن باشلاپ كۈندۈزلىرى نەچچە كۈن مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۈچۈن ئىشلىگەن «ئۇيغۇرسوفت ماقالە سىستېمىسى»نى قاچىلاش، تەربىيەلەش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈردۇق.
كەچقۇرۇنلىرى بېيجىڭدىكى بىر قىسىم ساياھەت نۇقتىلىرىنى كۆرۈپ كەلدۇق، مەنغۇ بۇنداق يەرلەرگە كۆپ بارغان، لېكىن مۇھەممەدئىمىننىڭ تۇنجى قېتىم بېيجىڭغا بېرىشى بولغاچقا، تۇنجى تەسىراتى يەنىلا باشقىچە بولدى.
بۇ جاي قۇش چاڭگىسىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى «سۇ كۈپى سارىيى»، كەچلىك مەنزىرىسى بولامدىكەن؟ 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدا، ھېلىقى ئامېرىكىلىق سۇز ئۈزۈش ماھىرى بۇ سارايدا ئۆزى يالغۇز 8 مېدالنى ئېلىۋالدى.
بېرىپ-كېلىشتە ئاساسەن يەر ئاستى پويىزغا ئولتۇردۇق، ھازىر مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ماڭدۇق. مېنىڭمۇ ئەقلىي تېلېفون ئىدى، بۇ يىل ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا يېڭىدىن سېتىۋالغان. مېنىڭ بۇ ئەقلىي تېلېفونۇم (Samsung i9100) مۇھەممەدئىمىننىڭ تېلېفونىدىن قېلىشمايدۇ-دەيمەن.
30-نويابىر كەچتە ئۇيغۇر تىلى فاكولتېتىنىڭ تەكلىپى بىلەن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا، «ئۇچۇرلىشىش تېخنىكىسى ۋە ئۇيغۇر تىل-يېزىقى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلەپ بەردىم. (تەپسىلاتىنى ئەلكۈيى تورى خەۋەر قىلىپتۇ، http://bbs.alkuyi.com/thread-13081-1-1.html)
بېيجىڭدىكى ئوقۇغۇچىلار سوئال سوراشقا ھەقىقەتەن يامان ئىكەن، لېكسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ يەنە سوئاللارنى ياغدۇرۇۋەتتى. مەكتەپ ئالدىغىچە ئۇزۇتۇپ قويدى، ئۇلارغا كۆپ رەھمەت!
(داۋامى بار)
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تەكلىپ بىلەن مىكروسوفت شىركىتىدە مۇھىم زىيارەتتە بولدۇق، خان سارىيىغا كىردۇق، تيەنئەنمېن راۋىقىغا چىقىپ كۆرۈپ باقتۇق، كۈنلىرىمىز بەك ئالدىراش ئۆتتى، قىزىقسىڭىز داۋامى يەنە يوللىنىدۇ. ئىنكاس چۈشمىسە مۇشۇ يەردە توختاپ قالىمەن جۇمۇ!؟
- يازما كۆرۈلۈشى: 12,960 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 12:01
- ئالدىنقى يازما :ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى تىزىش قائىدىسى (تۈزىتىلگەن لايىھە)
- كېيىنكى يازما :بېيجىڭغا سەپەر (ئاخىرى)
ئېلكتىرۇن ، بىمەنە گەپنى ئۆزىڭىز قىلۋاتىسىز….سوغۇققان بولغايسىز، سۈنئي ھەمرانىڭ نەدىلكىنى مەنمۇ خېلى ئوبدان بىلمەن…كاللىڭىز جايىدا ئەمەس ئوخشايدۇ…
ما ئالىم مالىمنىڭ ئالدىدا سوقىشىپ قالماڭلار جۇمۇ!
ئاۋال ئۆزۇڭلار يازغىنىڭلارنى قايتا بىر ئوقۇپ بىقىڭلار ، يا باشقىلارغا ئوقۇتۇپ بىقىڭلار .
بولۇپمۇ ما گەپنى ئوبدان بىر ئويلاپ بىقىڭلار ‹‹،سۈنئي ھەمراغا يېقىن بولغاندىكىن سۈرئىتى بەك تىزدۇ ھەقچان››
مەن سىللىدىن بىر سوراپ باقاي :
1.سۇنئىي ھەمراھ نەدە ، نېمە ئىش قىلىدۇ ؟
2.سۇنئىي ھەمراھ بىلەن تور سۇرئىتى ياكى تور تىزلىكىنىڭ مۇناسىۋىتى نېمە ؟
سىللىگە تەكلىپ : سىللىنىڭ ئويلىغىڭىلار ، تەپەككۇر قىلغىنىڭلار بىلەن ، يىزىقتا ئىپادىلىنىپ ، يىزىقنىڭ باشقىلارغا ئۇقتۇرغان مەنىسى بىر گەپ بولمىسا ، مۇشۇنداق چۇشۇنۇشمەسلىك چىقىدۇ . بەك ‹‹ئېلمىي››گەپ قىلماي ، ئاممىباپ ، چۇشۇنۇشلۇك گەپ قىلساڭلار ،ھەممەيلەنگە ئاسان بولىدۇ .
پىكىرنى ئۆزۇڭلىلام چۇشىنىدنغان ئۇسۇلدا ئەمەس ، بەلكى باشقىلار چۇشىنىدغان ئۇسۇلدا قىلىڭلار .
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇئەللىم ! ھەر قېتىم مۇشۇنداق خاتېرىلىرىڭىزنى كۆرگەندە، ئىرادەم تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. سىز ماڭا ۋە بارلىق قېرنداشلىرىمىزغا ئۈمىد بېغىشلىدىڭىز ! سىزگە رەھمەت مۇئەللىم !
مەنمۇ مىكروسوفتتىكى زىيارىتىڭىزگە بەك قىززىقىۋاتىمەن.
مۇئەللىم رەسىملىرىڭىزگە قارىسام نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ناھايىتى كۆپ چارچىغاندەك قىلىسىز. پروگرامما لاھىيەلەش خىزمىتىنىڭ سالمىقى ھەقىقەتەن يۇقىرى. شۇنداق بولسىمۇ سالامەتلىكىڭىزگە كۆپ دېققەت قىلىڭ ! سىزنىڭ ساغلاملىقىڭىز بىزنىڭ ئۈمىدىمىز مۇئەللىم .
مۇھەممەد ئەمىن مۇبارەك بولسۇن !
سىزنىڭ سول تەرىپىڭىزدە مەنمۇ بولۇپ قالسامچۇ دەپ ئارزۇ قىلىپ كەتتىم مۇئەللىم ! سىزگە رەھمەت !
كونا ساۋاقدىشىم مۇھەممەدئىمىن ئوزىڭىزنى ئاسراڭ ، كۆپ كۆپ تاماق يەڭ . نىمدىگەن ئورۇق…..
كونا ئوقۇتقۇچۇمنىڭ ،دوست ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ ئىنكاس يازماي تۇرالمىدىم …..
ئالىم مۇئەللىم، ساياھەت خاتىرىڭىزنىڭ ئاخىرىغا قاراپلا قالدۇق، بىزنى بۇنچە تەلمۈرتمەي داۋامىنى بالدۇراق يوللىغايسىز…
بىلوگنى ئەخلەت قىلماي دەپ ساقلاپ مانا چۈشتىن كىيىنمۇ بۇلۇپ كەتتى .
قارىغاندا داۋامىنى بۈگۈن يازمىغىدەكسىز دە
مۇئەللىم ئىنكاسلارغۇ يېغىپ كىتىپتۇ، بىراق ساياھەت خاتىرىڭىزنىڭ كەينى تېخچە يۇققۇ؟
ئالىم مۇئەللىم تورداشلارنى مەجبۇرى ئىنكاس يازدۇرۇش تاكتىكىسىنى قەيەردىن ئۆگەنگەن بولغىيدى؟ بۇ تاكتىكىمۇ بولامدۇ نېمە؟
بلوگ دېگەننى ئالىم مۇئەللىم يېزىپ قويىدۇ دېسە….
داۋاملىق……
بىر نەچچە كۈن تورغا چىقمىسام بىر نەچچە ياخشى تېمىلار يوللىنىپ بوپتۇغۇ بۇ يەرگە. ھە قېنى ئالىم مۇئەللىم، داۋامىنى داۋاملاشتۇرغايسىز…
ئالىم مۇئەللىم : ناھايتى كۆڭۈللۈك سەپەر قىلىپسىز ، تەسىراتىڭىز ھەقىقەتەن مول بوپتۇ ، داۋامىنى كۆرۈشكە تەشنامىز .
تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ، كىچىككىنە سوئال :
لېكىن ماقالىڭىزدا كۆپ يەردە « يەر ئاستى پويىز» سۆزىنى قوللىنىپسىز ، مۇشۇ سۆزنى مۇشۇ باھانىدە شاققىدە بىكىتىۋالمامدۇق ، سىزگە ئەگەشكۈچىلەر خىلى كۆپ ، ئەتە ئۆگۈن بىرەرسى «مېتورو» دەيتتۇق ، دېسە ، يەنە بىراۋلار «يەر ئاستى پويىز » دىيتتۇق دەپ ، ئايىغى تۈگىمەس مۇنازىرلەر باشلنىپ كەتمىسىكەن دەيمەن .
يەر ئاستى پويىز،لەخمە پويىز،خەندەك پويىز،مېترو…. قايسىسى ياخشىكىن تاڭ،ئادەتتە مېترو،دىتىيە،سابۋەي دەيمىز،بىرسىمۇ ئۇيغۇرچە ئەمەس.بىر نىمە دەپ باقمامسىلە مانىڭغا،ئۈرۈمچىدىكى پۈتۈپ بولغاندا ئاندىن ئىسىم قويامدۇق يە؟
بەك ياخشى چىقۋاتىدۇ . مەنمۇ كۈتىۋاتىمەن.
مۇئەللەقتە سىمسىز تورھەقسىزمىكەن،سۈنئي ھەمراغا يېقىن بولغاندىكىن سۈرئىتى بەك تىزدۇ ھەقچان…
قەيەر سۈنئىي ھەمراھقا يېقىنكەن؟ بېيجىڭما؟ ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، بۇ مەن بۇ يىل يىل ئاخىرىدا ئاڭلىغان ئەڭ بىمەنە گەپ بولدى.
ئايروپىلان بولمامدۇ؟! مۇئەللەق دەۋاتمامدۇ ئەنە. لېكىن مېنىڭ بىلىشىمچە، ھازىر تېخى ئايروپىلاندا تورغا چىقىشقا بولمايدۇ.
سىز ئىشىنەمسىز ئىشەنمەمسىز؟ ئىشقىلىپ مەن ئىشەندىم دەيمەن ئاندىن.
«مۇئەللەقتە» دەپ ئېنىق دەپتىغۇ. ئايرۇپىلاننى دېمەكچى.
كەينى قېنى ؟بۇنداق قىلسىڭىز بولمايتتى دەيمەن..
ھازىر مىكرو بىلوگ، مىكرو تىياتىر، مىكرو دىرامما، مىكروسوفت،…دېگەندەك مىكرولىشىش بۇ يەردە مودا بولۇۋاتىدۇ، شۇڭا، مەنمۇ ئاز-ئازدىن، مىكرو-مىكرودىن يوللاي دەيمەن.
مەن يەنىلا مىكروسوفىتتىكى زىيارىتىڭىزگە قىزىقىۋاتىمەن جۇمۇ!
ئۇنداقتا ئۇنى ئەڭ ئاخىرىدا يازسام بولغۇدەك