ئەھمىيەتلىك 20 يىل | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

ئەھمىيەتلىك 20 يىل

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

بۈگۈن ئەسلىدە كۆپ نەرسىلەرنى يازسام بولاتتى، چۈنكى بۈگۈن مېنىڭ كومپيۇتېر بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراشقان ۋە پىروگرامما تۈزۈش ھاياتىمنى باشلىغان خاتىرە كۈن ئىدى، مانا بۇنىڭغا ھەش-پەش دېگۈچە توپتوغرا 20 يىل بولۇپتۇ. ۋاقىت نېمە دېگەن تېز ئۆتىدۇ-ھە!

20 يىل ئىلگىرى يەنى 1991-يىل 19-ئۆكتەبىر، شەنبە كەچ 6:00 ئەتراپىدا، مەن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئاكام ياسىن ئەھەتنىڭ ئىشخانىسىدا، تۇنجى قېتىم كومپيۇتېرنى كۆرگەن ئىدىم، بىر ئاي ئىلگىرى ئۇيغۇرچە يېزىلغان تەخمىنەن 200 بەتلىك «Apple2 ۋە Basic تىلى» دېگەن كىتابنى ئوقۇپ، «Basic تىلى» توغرىسىدا ئانچە-مۇنچە دەسلەپكى ساۋاتلارغا ئىگە بولغان ئىدىم. شۇ زامانلاردا كومپيۇتېرنى قوزغاتساقلا، ئۇدۇللا «Basic تىلى»غا كىرەتتى. مەن ئىشلەتكەن بۇ ئالما كومپيۇتېرىدا 12 دىيوملۇق يېشىل يالتىراق نۇرلۇق ئېكران سەپلەنگەن بولۇپ، قاتتىق دىسكىسى يوق ئىدى. پىروگراممىلارنى ئادەتتىكى قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسىگە خاتىرلەيتتى.

شۇ كۈنى ئاكام ياسىن ئەھەت «Basic تىلى»دا، «بىر نامەلۇملۇق ئىككىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمە»نى يېشىپ بېرىدىغان پىروگراممىنى يېزىپ ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويدى. ئارقىدىن يەنە «توخۇ-توشقان 48، پۇت-قوللىرى 108» دېگەن تېپىشماقنى ئىشلەپ بەردى. بۇنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالغان ئىدىم. مەن بۇ پىروگراممىنى قايتا-قايتا ئۆزگەرتىپ كۆرۈپ باقتىم. كېيىن يەنە ئۇيغۇرچە سۆزلەرگە «لار»، «لەر»نى ئاپتۇماتىك ئۇلايدىغان پىروگراممىنىمۇ تۈزۈپ باقتىم (ئەلۋەتتە پۈتۈنلەي لاتىن يېزىقى ھالەتتە). شۇ ۋاقىتتا، پىروگرامما تۈزۈشكە باغلانغان بۇ قىزغىنلىقىم ھازىرغىچە توختاپ قالغىنى يوق.

20 يىلدىن بۇيان پىروگرامما تۈزۈشتىن ئىزچىل ئايرىلمىدىم، ئەمما، ئاساسەن دېگۈدەك ئۇيغۇرچە تىل-يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك پىروگراممىلارنى ئىشلەپ يۈرۈپتىمەن. مانا، بۈگۈنمۇ كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە تىل-يېزىققا ئائىت ئىشلارنى قىلىۋاتىمەن. تىلغا ئالغۇدەك چوڭ ئىشمۇ يوق، نەتىجىمۇ پۈتۈنلەي يوقمۇ ئەمەس. لېكىن، ماڭا نىسبەتەن كەسىپگە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم يەنىلا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ھازىرغا قەدەر ۋايساپ باقمىدىم، زېرىكمىدىم. ئەمما، ماڭا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن. ئەتراپىمدىكى كىشىلەرمۇ ئىلھام بېرىۋاتىدۇ، ھۆكۈمەتمۇ قوللاۋاتىدۇ. يېقىندا «ئۇيغۇرسوفت» ماركىسىنى يەنە 10 يىل ئۇزارتتىم، ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىمدىن ۋە شىركىتىمدىكى بارلىق خادىملاردىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىۋاتىمەن.

كۆپ گەپ قىلساممۇ ئاخىرىدا يەنىلا شۇ گەپنى دەيدىكەنمەن، شۇڭا، ھازىرلا دېسەم ياخشى بولغۇدەك، مەن شىركىتىمدىكى بارلىق خادىملار بىلەن بىرلىكتە، مۇشۇ ساھەدە داۋاملىق تىرىشىمەن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
44 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • ئالىمجان ھازىر ئىزمۇ قالمىغان سۈيۈملۈك تاركوچىمىز ھازىرمۇ ئىسڭىزدىمۇ، بىزنىڭ مەھەللدىن سىزدەك تالانىت ئېگىسى ، بىملىك زاتنىڭ چىققانلىقىدىن ھەممىز پەخىرلىنىمىز . ھەم سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلۇشىنى، ئائىلىڭىزنىڭ خاتىرجەم ، ئۆمىرىڭىزنىڭ ئۇزۇن بۇلۇشنى تىلەيمىز . ئويغۇر كومپىيوتىرچىلىقىنىڭ تەرەقىياتىغا تېخمۇ كۆپ ئۆچ مەس تۆھپە قۇشىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمىز .

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى am 11:41
    • بۇ تار كوچىنى داۋاملىق ئەسلەيمەن! بالىلىقىم شۇ تار كوچىدا ئۆتكەن.
      Google خەرىتىسىدە كۆرسەم، شەپكە بازىرى ئۆيىمىزدىكى چوڭ دەرىخ شۇ پېتى بار ئىكەن، ئىلگىرى تېرەك كوچىسىدا ئىدۇق، ئاندىن شەپكە بازىرى، ھازىر بورا بازىرى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 18:09
  • ئالىمكام بىلەن ئاغا-ئىنى بولۇپ يۈرۈپتىمىز، بۇ جەرياندا بىر نەچچە قېتىم بىللە زىيارەت قىلىندۇق، بەزى تۈرلەرنى ھەمكارلىشىپ ئېچىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز.
    ئاغا-ئىنىلىق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىمىزنىڭ تېخىمۇ ھەقدادىغا يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    قادىر ئاللاھ سىزنى تېخىمۇ بەردەم قىلغاي، ئالىم ئاكا!

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى am 10:32
    • مەنمۇ ئۆزەمنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىمدىن، ئۇيغۇرسوفتتىكى خادىملاردىن باشقا يەنە سىلەردەك تىرىشچان ئىنىلىرىمنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 18:19
  • 20 يىل،شانلىق 20 يىل ئۇتۇپتۇ دە..بەكمۇ خوش بولدۇم.ئۇيغۇرسوفىت شىركىتىنىڭCEOسى ئالىم ئەھەت ئەپەندى سالامەت بولغاي…

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى am 09:27
  • مەيلى نېمىلا دېمىگەن بىلەن ئانا تىلنىڭ ھوزۇرىغا ھېچنىمە تەڭ كەلمەيدۇ! دەسلەپ ئەلكاتىپ دەپ بىر ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزۈش سېستمىسى چىقىپتۇ، word قا بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرچە يېزىقنى بېۋاستە كىرگۈزگىلى بولىدىكەن دەپ ئاڭلاپ قەۋەتلا خۇشال بولۇپ بىر كېچە ئۇخلىماي شۇنى قاچىلاپ ئېكراندا چىققان چىرايلىق ئۇيغۇرچە خەتكە قاراپ بىر ھازاغىچە تۇرۇپ كەتكىنىم يادىمدا. كېيىن شۇ چىرايلىق ئۇيغۇرچە خەتلەرنى ۋىۋىسكىلاردا، تېلىۋىزوردا ھەتتا ھازىر بانكىنىڭ ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدا كۆرىدىغان بولدۇق. بۇ پەقەت مېنىڭ كۆرگەنلىرىم. شۇندىن بېرى ھازىرغىچە باشقا مىللەتلەر ئالدىدا ئۇيغۇر سوفتنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم مۇئەللىمنى شىپى كەلتۇرۇپ، بىزدىمۇ شۇنداق پىروگىراممىچىلارنىڭ بارلىقىنى، ئۇيغۇرچە يېزىقنى ئاللىقاچان كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىپ بولغانلىقىنى ماختىنىپ سۆزلەپ ئولتۇرۇپتىمىز. بۇلانىڭ ھەممىسىنى ئالىم مۇئەللىمنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئاللا ئېگەم تېنىڭىزنى سالامەت قىلغاي!

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى am 09:31
  • مەنمۇ كومپيۇتېردا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرچە يېزىقنى كۆرگەندە، ئەلكاتىپ دەيدىغان بىر يۇمشاق دېتالدىن پايدىلىنىپ كىرگۈزىدىغاننى بىلگەن. بۇ يۇمشاق دېتالنى ئۇيغۇرسوفت دەيدىغان بىر شىركەتتىكى ئالىم ئەھەت ئىسىملىك بىرەيلەننىڭ تۈزگەنلىكىنى ئاكامدىن ئاڭلىغان. كېيىن ئۇيغۇرسوفتنىڭ مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئىزچىل تونۇشتۇم ھەم يېنىمدىن ئايرىماي كەلدىم. تولۇق ئوتتۇرىدا كومپيۇتېر دەرسى ئۆتۈلىدىغان چاغدا، دەرسلىكتىكى مەزمۇنلارنى مەن پۈتۈنلەي ئىلگىرى ئۆگىنىپ بولغان بولغاچ، كومپيۇتېرخانىدا قىلىدىغان ئىش يوق ئولتۇرۇپ قالاتتىم. ئاشۇ ئىككى يىلدا مەن كومپيۇتېر دەرسىدە ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزمەي ئۇيغۇرچە خەت بېسىشنى مەشىق قىلدىم، توپتوغرا ئىككى يىل ئۇيغۇرسوفت قول كۆندۈرۈش مەشىقى(UTT) دا خەت بېسىپ چىقتىم. شۇ قول مەشىقىدىكى مەزمۇنلارمۇ ماڭا يادا بولۇپ كەتتى. ھازىرغىچە كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە خەتنى تېز سۈرئەتتە بېسىشىم ۋە ئىملا خاتالىقىمنىڭ ئەڭ تۆۋەن نىسبەتتە بولۇشىنى ئۇيغۇرسوفت قول مەشىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى بولسا، كومپيۇتېردىكى مەن ئەڭ ياخشى كۆرۈپ ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت. ئەلكاتىپقا گەرچە ھاجىتىم چۈشمىسىمۇ، بىراق ئىچىدىن ئايرىۋېلىنغان فونتلارنى ئىزچىل ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن.
    مۇشۇنىكدەك، مەن ۋە ماڭا ئوخشاش بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ كومپيۇتېر ھاياتىدا، ئۇيغۇرسوفت ۋە ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ ئوينىغان رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئۇيغۇرسوفت ماركىسىنىڭ 10 يىللىق ئۇزارتىلغانلىقى ئالدىمىزدا بىزنى تېخىمۇ چوڭ خۇشخەۋەرلەرنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىشى، شۇنداقلا ئالىم مۇئەللىم ۋە ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ تېخىمۇ چوڭ رىقابەتلەرگە ئاتلانغانلىقىدىن دېرەك بەرسە كېرەك؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 23:17
    • ئۇيغۇرسوفت ماركىسىنىڭ 10 يىللىق ئۇزارتىلغانلىقى ئالدىمىزدا بىزنى تېخىمۇ چوڭ خۇشخەۋەرلەرنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىشى، شۇنداقلا ئالىم مۇئەللىم ۋە ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ تېخىمۇ چوڭ رىقابەتلەرگە ئاتلانغانلىقىدىن دېرەك بەرسە كېرەك؟

      ماركىدىن باشقا يەنە ئۇيغۇرسوفتنىڭ تىجارەت كېنىشكىسىمۇ يەنە ئۇزارتىلدى، سىلەردەك كىشىلەرنىڭ (خەلقنىڭ) مېنى ۋە ئۇيغۇرسوفتنى ئىزچىل قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. دېگىنىڭىز كەلسۇن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى am 08:48
  • مۇئەللىمنىڭ شانلىق 20 يىلنى زور نەتىجىلەر بىلەن تاماملىغانلىقىنى قۇتلۇقلايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى am 11:14
  • مەن تۇنجى قىتىم كومپىيۇتىردا ئۇيغۇرچە خەتنى كۆرۈپ بەك خوش بولغان ئىدىم.مانا ھازىرغىچە سىزنىڭ ياسىغان دىتالىڭىزنى ئشلىتىپ كىلۋىتىپمەن،سىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن…ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئشلىرغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
    مۇمكىن بولسا شىركەتنىڭ كۆلىمىنى كىڭەيتىپ،تېخىمۇ كۆپ يۇمشاق دىتال ساھەسىگە يۈزلىنىپ ،تېخىمۇ كۆپ يۇمشاق دىتاللارنى بازارغا سىلشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 22:11
  • 20 يىل بۇ بىر ئىنسانغا نىسبەتەن ئانچە ئاز ۋاقىتمۇ ئەمەس.
    20 يىلدا بازاردىكى قەغەز پۇللارمۇ ئەسلىي ھالىتىنى يوقىتىپ، قازناققا كىرىپ كېتىدۇ. لېكىن ئالىم مۇئەللىمنىڭ 20 يىل ئاۋۋالقى پىروگرامما ئىجادىيىتىگە باغلىغان ئىشتىياقىنىڭ يەنىلا يالقۇنجاپ تۇرغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايمەن. ئۇتۇقلار مىللەت سۆيەر ئوغلانلارغا ھەرۋاقىت ھەمدەم بولغاي!!!
    يۇرتلارغىمۇ ئۆتۈۋاتامسىزيا؟! ھېچ كۆرۈنمەيسىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 16:11
  • ئالىم ئەخەت مۇئەللىم ، بىر شەخسى گىپىم بار ئىدى ، مۇشۇ يەردىلا دەي كەچۇرگەيسىز
    2008-يىلى سىلەرنىڭ شىركەتتىن (روزى مۇھەممەت دىگەن خىزمەتچىڭلار بىلەن تىلىفوندا ئالاقىلىشىپ ) بىر كومپىيۇتېر سېتىۋالغان ئىدىم ، كومپىيۇتېرىمغا windowsxp نى قاچىلاپ ئاندىن ئۇيغۇر سوفىت چوڭ لۇغىتىنىڭ 2008-يىللىق نۇسخىسىنى قاچىلىغان ئىدىم ، كومپىيۇتېرىم ئەسلىدە
    服务号: 8326-3653-8674-4998
    机号: 3524-2468-3524-3524
    登记号: 2220-9123-5472-4284 ئىدى ،كومپىيوتېرىمنىڭ سىستىمىسىدىن چاتاق چىقىپ كومپىيۇتېرىمغا windows7 نى قاچىلىغان ئىدىم ، كومپىيۇتېرىم ئەمدى
    机号: 3524-2468-2468-5046 دەپ چىقىۋىلىپ بۇ لۇغەتنى يېرىم يىلدىن بىرى ئىشلىتەلمىدىم ، مۇمكىن بولسا بۇنى ھەل قىلىپ بەرگەن بولسىڭىز . تىلىفون نۇمۇرۇم 137798XXX69

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 23:18
    • ناۋادا، سىز پەقەت بىرلا قېتىم قاچىلىغان بولسىڭىز، يەنە بىر قېتىملىق پۇرسەت بار. سېتىش بۆلىمىگە تېلېفون قىلسىڭىز يەنە بىر نومۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 23:18
  • ئالىم مۇئەللىم سىزنىڭ ئۇزۇن يىلدىن بېرى ئۇيغۇر كومپىيۇتېرچىلىقى ئۈچۈن ئۈن تىنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىڭىز ھەممىگە ئايان ، پىروگرامما ۋە تور بىلەن ھەپىلىشىدىغان بىزدەكلەر سىزنىڭ ھازىرقى ھالەتكە يىتىشكە قانچىلىك تېرىشچانلىق كۆرسەتكىنىڭىزنى بەكرەك ھېس قىلالايمىز . ئۇيغۇر كومپىيۇتېرچىلىقى ئۈچۈن ئاتلانغان قەدەملىرىڭىزگە ھاردۇق يەتمىگەي ! كەسىپتە تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىپ يەنىمۇ ئىسىل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىزگە تىلەكداشمەن !

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 15:08
  • ئالىم مۇئەللىمنى ھەمىشە باشقىلاردىن ئاڭلاپ تۇردۇم.لىكىن ئۆزىنى كۆرۈش ۋە دەرسىنى ئاڭلاش پۇرسىتى بولمىدى.بولسا مۇشۇ ئىچكىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئازراق يېڭى ئۈگەنگەن چاغدىكى تەجرىبىڭىزنى سۆزلەپ بەرسىڭىز.بىز بەكلا ئۇستازسىز قېلىپ جاپا چىكىپ كىتىۋاتىمىز.يول كۆرسىتىشىڭىزگە مۇھتاج بىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 13:20
  • ئالىم مۇئەللىمنىڭ 20 يىللىق پىروگىرامما تۈزۈش ھاياتى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ 20 يىللىق كومپىيوتېر ئىشلىرى تارىخىنىڭ يادرولۇق قىسمى دەپ ئويلايمەن . ئالىم مۇئەللىمنىڭ يېقىنىقى 20 يىللىق ھاياتى ئۇيغۇرلارغا مەڭگۈ تەسىر كۆرستىدىغان نەتىجىلەر بىلەن تولغان ھايات . نۇرغۇنلىغان ئۆمۈر چولپانلىرى 120 يىل ياشاپمۇ ئالىم ئاكىمىزنىڭ 20 يىلدا مىللەتكە ،خەلىققە قوشقان تۆھپىسىنىڭ 10 دىن بىرىنىمۇ قوشالماي بۇ دۇنيادىن كېتىۋاتىدۇ . ئاللاھ ھەممە ئادەمگە تالانت ، ئىرادە ، پۇرسەت ۋە تەلەينى تەڭ ئاتا قىلمىغان بولسا كېرەك ، شۇ ۋەجىدىن خەلقىمىزگە ئالىم مۇئەللىمگە ئوخشاش ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنئام قىلىنغان بۈيۈك ئىنسانلىرىمىزنىڭ يولىنىڭ تېخىمۇ ئۇچۇق بولۇشىنى ، جۈملىدىن ئالىم ئاكىمىزنىڭ كەسىپ ۋە باشقا تۇرمۇش ئىشلىرىنىڭ كۈندىن -كۈنگە تېخىمۇ يۈكسىلىشىنى ، ئىجادىيەت كۈچىنىڭ تېخىمۇ ئۇرغۇپ تۇرىشىنى چىن قەلبىمدىن تىلەيمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 12:53
  • ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ كەمتەرلىكى ۋە تىرىشچانلىقىغا مىنىڭ بەك ھۆرمىتىم بار.
    مەنمۇ ئەينى چاغلاردا تىلىۋىزورلاردا چىققان ئۇيغۇرچە خەتلەر ۋە ئالىم ئەھەت مۇئەللىم چىققان بەزى پىروگراممىلار ئارقىلىق كومپيۇتېردىكى ئۇيغۇرچە يېزىقنىڭ نۇرغۇن ئەگرى توقايلىقلاردىن ئۆتۈپ بىزگە ئۇلاشقانلىقىنى بىلگەن.
    ھىلىمۇ مۇشۇ كۈندە مەندەك نۇرغۇن ئادەم مۇشۇ كومپيۇتېردىكى ئۇيغۇرچى يېزىقىنىڭ پايدىسىنى كۆرۈۋاتىدۇ، نېنىنى يەۋاتىدۇ.ھەم يەنە ئۇيغۇرچە دېتاللار ھەققىدە ئىزدىنىۋاتىمەن.
    ئاخىردا، ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن. بۈگۈن مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم، تۇنجى بولۇپ مۇئەللىمنىڭ ئۆتمۈشنى ئەسلەش خاراكتىرلىك ماقالىسىگە ئېنكاس يېزىپتىمەن.
    مەنمۇ ھەم مۇئەللىمگە ئوخشاش ئۆتمۈشۈمنى قايتا ئەسلەي، مەنمۇ شۇنداق ئاخىرلاشتۇراي:«مۇشۇ ساھەدە داۋاملىق تىرىشىمەن»

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 22:59
  • ئېھتىياتسىزلىقتىن ئاز-تولا ئىملا خاتالىقى يۈز بېرىپتۇ، ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز .
    كېيىنكى ئىشلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بۇلۇشىغا تىلەكداشمەن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 22:10
    • كاللامغا شۇ ئىشلار كىرىۋېلىپ، بىلوگىمغا بىۋاسىتە يازغان ئىدىم، «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»غا سېلىپ باقماپتىمەن، رەھمەت سىزگە.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 22:31
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم!
    بلوگىڭىز ئارقىلىق ئەھۋالىڭىزدىن ئىزچىل خەۋەردار بۇلۇپ كېلىۋاتىمەن، مەنمۇ ھارىرc++ ئۆگىنىۋاتىمەن، ئاز-تولا بىر نەرسە ئۆگەندىم ،لىكىن ماڭا بۇ تىل بەكلا تەس تۇيۇلدى،خۇددى ئۆگىنىپ كەتكىلى بولمايدىغاندەكلا، ئۇنىڭ ئۈسىتىگە مەن ھازىر ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپتە بولغاچقا باشقىلاردىن سوراپ ئۈگنىپ بولالمىدىم. مومكىن بولسا قىممەتلىك تەجرىلىرىڭىزنى ئاز-تۇلا سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز~

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 22:05
باھا بېتى: 1 2 3