ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 6.0 تونۇردىن چىقتى
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى بارلىققا كەلگىلى 16 يىل بولدى، بولۇپمۇ سۆزلۈك مىقدارى مىليوندىن ئاشىدىغان ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2005-يىلى رەسمىي نەشردىن چىقىپ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرغان ئىدى. كېيىن يەنە 2007، 2008 نەشرى بارلىققا كەلدى. ئەسلىدىكى پىلان بويىچە 2010-يىلى «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2010» ئېلان قىلىنماقچى بولغان، ئەمما ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ مىكروسوفتقا يازغان ئىلتىماسى تەستىقلىنىپ، مىكروسوفت بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىلىدى، شۇنىڭ بىلەن Windows 8 نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ يەرلىكلەشتۈرۈش ئىشىنى باشلىۋەتتۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە قېرىشقاندەك 2010-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان يېڭى ئىملا قائىدىسى ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى ۋە ئىملا تەكشۈرگۈچنىڭ ئامبىرىنى بىر كېچىدىلا ئەخلەتكە ئايلاندۇرۇۋەتتى. بۇنى يېڭى ئىملاغا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن 5 يىل ۋاقتىمىز كەتتى، بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب مىكروسوفت تاپشۇرغان ۋەزىپىنى جان-جەھلىمىز ۋە تاشقان قىزغىنلىق بىلەن مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ تاماملىدۇق. ئۆز مەھسۇلاتلىرىمىزغا يېتەرلىك كۆيۈنۈپ بولالمىدۇق. ئويلاپ باقساق ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنى ئىشلىتىدىغانلار يەنىلا كۆپ ئىكەن، ئەمما ئۇنىڭ ئىملاسىغا ئىشەنچ قىلالماي گاڭگىراپ قالىدىكەن، شۇڭا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىملاسىنى قايتا توغرىلاپ چىقتۇق. بىرمۇ بىر تەكشۈرۈپ چىقتۇق، مانا مۇشۇنداق ئۇزۇن جەرياندىن كېيىن ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 6.0 نەشرى بۈگۈن تونۇردىن چىقتى. ھازىر بۇنىڭ ھولىدىكى شورلارنى تازىلاۋاتىمەن، خېرىدارلارنىڭ ئالدىغا قويۇش ئۈچۈن ئاخىرقى بىرنەچچە باسقۇچ قالدى. پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن تۆۋەندە رەسىمى بېرىلدى.
مەن ئىمكانقەدەر لۇغەت كۆرۈنمە يۈزى ئاددىي بولۇشنى مۇھىم دەپ بىلدىم، لۇغەتكە مۇناسىۋەتسىز بولغان كىرگۈزگۈچ، سۆز تۇتۇش،…دېگەندەك ئىقتىدارلارنى ئېلىۋەتتىم، ئەمما بىز سۆز بايلىقىنى كۆپەيتىشكە، ئىملاسىنىڭ توغرا بولۇشىغا ئالاھىدە كۈچىدۇق، ئۈندىدار، تور بېكەت، ئۈستەليۈزى لۇغىتىمىزنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىنىڭ بىردەك بولۇشىغا ئالاھىدە كۈچىدۇق. بۇنىڭ يەنە باشقا كۆچمە ئۈسكۈنىلەردىكى نەشرىمۇ ياسىلىشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاندا ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى ھازىرقى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ ماڭغان لۇغەت بولالايدۇ.
ئىلگىرى ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنى سېتىۋالغانلارغا ھەقسىز يېڭىلاپ بېرىمىز، مۇلازىمەت كارتاڭلارنى ئوبدان ساقلاڭلار، ئەمدى لازىمى بولىدۇ (باشقىلار ئىشلىتىۋالغان بولسا بىزنىڭ ئامالىمىز يوق)، سېتىۋالمىغانلارمۇ چەكلىك دائىرىدە ھەقسىز ئىشلىتەلەيدۇ.
- يازما كۆرۈلۈشى: 6,703 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2016-يىلى 04-ئاينىڭ 22-كۈنى am 10:09
- ئالدىنقى يازما :Land preferences when fast growing plants – what to choose?
- كېيىنكى يازما :Getting a Plan to Buying a Seek Conventional
مۇبارەك بولسۇن . سىلەرنىڭ قوشۇنىڭلارغا چىن دىلىمدىن ئاپرىن ئوقۇيمەن.
بۇ 8يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق يېڭلىنىش. 8يىل بۇرۇن سېتىۋالغان كومپىيوتېرنى ئاللىقاچان ئالماشتۇرۇپ بىراك قىلۋېىتپ، لوغەتنىڭ 2007نۇسخىسىنى ئىشلىتىۋاتىمەن.
قارانچۇقلىق نۇسخىسىمۇ بارمۇ؟
ئەپسۇس، سۆز تۇتۇش ئىقتىدارى چىقىرۋېتلىپتۇ. بەلكىم بەك مۇكەممەل بولمىغانلىقتىن باشقىلار ئىشلىتەلمەي پىكىر بەرگەن بولشى مۈمكىن..
مېنىڭ قارشىمچە كۆرۈنمە يۈزى ئاددى بولسىمۇ بولسا، بۇ ئىشلىتىشكە قولايلىق. باشقا قوشۇمچە ئىقتىدارلارنىڭ ھەممىسىنى بىرلا كونۇپكىغا يىغۋىتلگەن بولسا.
مېنىڭ ئويلىشىمچە لوغەت دىمەك جەمگاھ، توپلام، جۇغلانما دىگەن گەپ. مەيلى كالىندار بولسۇن، بەلكى يول ناملىرى، ئاپتوبۇس بىكەت ناملىرى، ۋاقىت پەسىل، سان، خېميىلىك ئېلمىنىتلار، ماتىماتكىلىق فورمۇلالار بولسۇن ۋە ياكى ھەرخىل كەسپى ئاتالغۇلار بولسۇن ھەممىسى ۋاقتى كەلگەندە بىر پۈتۈن تىل لوغىتىنىڭ بىر بۆلىكى چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى تىل ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. شەكىل جەھەتتە مەيلى يازمىچە بولسۇن ۋە ياكى ئىپادىلەشكە قولاي بولشى ئۈچۈن جەدىۋەللىك رەسىملىك ئىشلەنگەن بولسۇن ھەممىسى لوغەتنىڭ بىر قىسمى بولالايدۇ.پەقەت 2قېتىمدىن ئارتۇق تەكرارلىنىپ كەتمىسىلا لوغەت قوشۇمچىلىرىنىڭ ھىچ بىر زىيىنى يوق. قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى.
قوللايمىز
مەسىلەن، بىزنىڭ مەكتەپتە 300 گە يىقىن كومپىيوتېر بار. ئەگەر ئىدارە-ئورگان نۇسخىسىنىڭ مۇلازىمتىرغا قاچىلاپ ئىشلىتىدىغان نۇسخىسى بولغان بولسا، مەكتەپ مۇلازىمتىرىغا شۇ دىتالنىڭ ئانا نۇسخىسىنى قاچىلىساق، مەكتەپتىكى باشقا كومپىيوتېرلارغا شۇ دىتالنىڭ ئابونىتلار نۇسخىسى بۆلىكىنى(客户端) قاچىلىساق، ئاندىن مەكتەپتىكى باشقا بارلىق كومپىيوتېرلار ئۆزىگە قاچىلىغانغان ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنىڭ ئابونىتلار بۆلىكىنى(客户端) قوزغىتىپ مەكتەپتىكى ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنىڭ ئانا نۇسخىسى قاچىلانغان ئاشۇ بىر مۇلازىمتىرغا بىقىنىپ ئىشلىتىۋەرگەن بولسا بەك ياخشى بولاتتىكەن. بەزىدە مەكتەپتە سىرىتقى تور تاقىلىپ قالغاندىمۇ قىسمى تور شارائىتىدا مەكتەپ مۇلازىمتىرىغا قاچىلانغان شۇ بىر دىتال ئارقىلىق بارلىق كومپىيوتېرلار ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنى نورمال ئىشلىتەلەيتتى.
ھازىر مەكتەپكە قىممىتى 10000 يۈەن ئەتىراپىدىكى يۇمشاق دىتالنى مائارىپ ئىدارىسىغا دوكىلات يىزىپ تەستىقلىتىپ سىتىۋالغىلى بولىدۇ. لىكىن يەككە كومپىيوتېر نۇسخىسىنى مەكتەپتىكى ھەربىر كومپىيوتېرغا بىر نۇسخىدىن سىتىۋىلىپ قاچىلاپ بىرىشكە ئىدارىمۇ ئۇنىمايدۇ ھەم سەل ئاۋارىچىلىق.
ئىنتاين ياخشى ئىش بوپتۇ بۇلۇغەتنىڭ ۋىندوۋوس تېلېفون نەشىرمۇ چىقامدۇ چىقسا بەك ياىشى بولغان بولاتتى ئالىم مۇئەللىم
بەك ياخشى بولۇپتۇ …
ھەممىدىن بەك يارىغىنى بۇرۇنقى ئابونىتلارغا ھەقسىز يىڭىلاپ بېرىدىكەن …
بۇنداق بولغاندا بۇ لوغەت بەكلا ئەرزان چۇشكەن بولىدۇ …
ئالىم مۇئەللىم (بىزگىغۇ سىز دەرىس بەرمىگەن ، ئەمما بىز سىز دەرىس بەرگەن سېنىپنىڭ يېنىدىكى سېنىپتا دەرىس ئاڭلايىتتۇق ، ماتىماتىكا بىناسىدا ) ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن …
بەك ياخشى بوپتۇ مۇئەللىم قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن .
مۇبارەك بولسۇن . ھازىرقىدەك ئوگۈنۈش قىزغىنلىقى يۇقۇرلاۋاتقان ۋاقىتتا ئۇشبۇ لوغەتنى مەيدانغا چىقىشى ناھايىتى ياخشى بوپتۇ.
ئالىم مۇئەللىم ، بۇ لۇغەتنى قانداق سىتىۋالىمىز
مەن سىزىشىمچە ئۇيغۇرچە لۇغەتلىرىمىز ئوخشاش بىر خىل نۇخسان سادىر بولۇۋاتىدۇ،
يەنى بىر خەنزۇچە سۆزنىڭ نۇرغۇن ئۇيغۇرچە مەنىسى بار قايسى ۋاقىتتا قايسى مەنىسى ئىشلىتىلىدۇ ، بىلمەك بەك تەسكەن ،
مەنچە ھەرسۆزنىڭ بىر مەنىسىگە بىردىن مىسال جۈملە تۈزۈپ بىرىلگەن بولسا بەك ياخشى بولاتتى .
بۇ ئىشلارمۇ تولۇقلىنىۋاتىدۇ، ئىشلىتىدىغان، سېتىۋالدىغان ئادەملەر بولسىلا بۇ تېخىمۇ تېز پۈتىدۇ
قوللايمىز، جاپا چەكتىڭلا بازارغا سېلىنىشىنى كۈتىمىز،رەھمەت
بۇ لوغەتنى سېتىۋالساق باھاسى قانچە بولىدۇ؟ئەگەر كۆچمە ئۈسكىنىلەرنىڭ ياسىلىپ قالسا ۋىندوۋىسفوننىڭمۇ ياسىلامدۇ؟
مەن ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ ‹‹بۇنىڭ يەنە باشقا كۆچمە ئۈسكۈنىلەردىكى نەشرىمۇ ياسىلىشى مۇمكىن›› دىگەن سۆزىدىن بەك خۇش بولدۇم.
تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتىمەن. بازارغا سېلىنغان ھامان سېتىۋالىمەن. جاپا چەكتىڭلار.
مۇبارەك بولسۇن. تور بار شارائىتتا ئاندىن تورغا بىقىنىپ ئىشلەمدۇ ياكى يەككە كومپىيوتېر نۇسخىسى بارمۇ؟
ھەر ئىككىسى بار، تورغا بېقىنىپ ئىشلەيدىغىنى ھەقسىز، يەككە كومپيۇتېردا ئىشلەيدىغىنى ھەقلىق.