ئالىم ئەھەت بىلوگى 5 ياشقا كىردى
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى، تاغدىن-باغدىن ]ئويلاپ باقسام بىلوگىم 5 ياشقا كىرىپتۇ، مەن بىلوگ يېزىشنى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى باشلاپتىكەنمەن، تۇنجى يازمام مانا:
../?p=4
شۇ ۋاقىتتا بىرسىنىڭ ئىنكاسىغا مۇنداق ئىنكاس يېزىپتىكەنمەن:
===========
ھازىرچە ئاددىي جاۋاب بەرسەم:
1. قىلىپ بولغان ئىشلىرىمىزغا قاراپ باقسام نۇقسان، كەمچىلىك بىلەن تولۇپ كەتكەندەك، 20-30 يىلدىن بۇيان يەنە شۇ كىرگۈزگۈچ، فونتنىڭ گېپى، كۆڭۈلسىزلىك بىلەن
2. قىلىۋاتقان ئىشلىرىمغا قاراپ باقسام، شۇنداق ئىسىل نەرسىلەرنى قىلىۋاتقاندەك، تولۇپ-تاشقان ھاياجان ۋە ئۈن-تىنسىزلىك بىلەن
3. قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمنى ئويلاپ باقسام، ئۆمۈر يېتىشمەيدىغاندەك، دۆۋە-دۆۋەت ئىشلار ساقلاپ تۇرغان، ئارزۇ-ئۈمىد ۋە روھىي بېسىم بىلەن
============
ھازىرقى جاۋابىم مۇنداق:
1. قىلىپ بولغان ئىشلىرىمىزغا قاراپ باقسام نۇقسان، كەمچىلىك بىلەن تولۇپ كەتكەندەك، 20-30 يىلدىن بۇيان يەنە شۇ كىرگۈزگۈچ، فونتنىڭ گېپى، كۆڭۈلسىزلىك بىلەن
جاۋاب: Windows 8/8.1/10 ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقتى، ھازىر بۇ ئىشلار پۈتۈنلەي ئىزىغا چۈشتى، ھاردۇقىمىز چىقتى. چۈنكى Windows نىڭ ئۇيغۇرچىلىشىشى بىلەن نۇرغۇن مەھسۇلاتلارمۇ ئۇيغۇرچىلاشتى، باشقا شىركەتلەرمۇ مەھسۇلاتلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا باشلىدى، ھازىر بۇنداق كىرگۈزگۈچ، فونتنىڭ گېپى ئاساسەن يوقالدى.
2. قىلىۋاتقان ئىشلىرىمغا قاراپ باقسام، شۇنداق ئىسىل نەرسىلەرنى قىلىۋاتقاندەك، تولۇپ-تاشقان ھاياجان ۋە ئۈن-تىنسىزلىك بىلەن
شۇ ۋاقىتتا مىكروسوفت بىلەن ھەمكارلىشىپ، Windows
3. قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمنى ئويلاپ باقسام، ئۆمۈر يېتىشمەيدىغاندەك، دۆۋە-دۆۋەت ئىشلار ساقلاپ تۇرغان، ئارزۇ-ئۈمىد ۋە روھىي بېسىم بىلەن
شۇنداق، مەسئۇلىيەت داۋاملىق ئارتىلىدىكەن، يۈكنى كۆتەرگەنسېرى داۋاملىق كۆتەرگۈسى كېلىدىكەن، چۈنكى كىشىلەرمۇ شۇنى ئارزۇ قىلىدىكەن، بىردەم بولسىمۇ ئارام ئېلىڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئاۋۋال قىلىۋېلىڭ دېگەننى ئاز قىلىدىكەن. شۇڭا بۇ ئارزۇ-ئارمانلار تۈگىمەيدىكەن، ئەمەلىيەتتە مەنمۇ مۇشۇنداق يېڭى-يېڭى ئارزۇ ۋە ئارمانلاردا ياشاشنى خالايمەن. تارىخنى ياندۇرۇشقا بولمايدۇ، ئەمما يېڭى تارىخ يارىتىش تامامەن مۇمكىن.
ناۋادا بىلوگىمنىڭ ئەھمىيىتى ئاجىزلىغان بولسا، ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋېلىڭلار، بۇنىڭدىن كېيىن يازمىلارنى شۇ يەردە يازساممۇ بولاتتى، تورداشلارنىڭ پىكىرىنى ساقلاپ قالدىم ئەمىسە، قېنى مەرھەمەت
- يازما كۆرۈلۈشى: 5,737 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2016-يىلى 04-ئاينىڭ 11-كۈنى am 11:23
- ئالدىنقى يازما :Patients’ consciousness in a situation of significant danger
- كېيىنكى يازما :Land preferences when fast growing plants – what to choose?
ئالىم ئەھەت ئاكا بېز كېچىكلەر سىزدىن تېخىمۇ كۆپ نەرسلەرنى ئۆگۈنۈشىمىز كېرەك.بىزنڭ بېلىمىمىز سىزنڭ بېلىمىڭزگە يەتمەيدۇ بىز چۇقۇم سىزدىن تېرىشىپ ئۈگۈنۈشىمىز لازىم
بىلوگنى تاقاپ قويمىسىڭىز ئالىمجان ئاكا ،تەكلىپىم تور دەرىسخانىسىنى ئۇمۇملاشتۇرۇش جەھەتتىن بۇلۇپمۇ كەسپى خادىملارنى تەربىيلەشتىن باشقا ، كومپىيۇتېر ئاساسى بىلىملىرى ، ئىلىكتىرونلۇق سودا قاتارلىق دەرىسلەرنى ئۆگىنىشنى خالايدىغانلار يەنىلا كۆپ، ھەمدە خەلقىمىز شۇنىڭغا مۇھتاج، مىنىڭچە نۇرغۇن تور دەرىسلىرىنى ئۇيغۇرسوفىتنىڭ توردەرىسخانىسىدىن ئاڭلاشنى خالايدىغانلار چۇقۇم كۆپ. ئۆزىڭىز يىتىشىپ بۇلالمىسىڭىز بەزى دەرىسلەرنى ياخشى ئوقۇغۇچىلىرىڭىزنى يىتەكلەپ شۇلار ئۆتسىمۇ بۇلاتتى
【 سىزگە ئىككى ئىغىز ئىلھام سۆزۈم.】
سىزنى قوللايمەن ،ئۈندىدار سالونىڭىزنى قوشۇۋالدىم،تور بەتنى ئانچە مۇنچەزىيارەت قىلىمەن، ۋە ئۈندىدار لۇغىتىڭىزنىمۇ سېتىۋالدىم،سىزگە قاراپ بەزى ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىشىم كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتىم،بەزىدە ئىچىم پۇشسا ۋىكى تورىدا بەت تەرجىمە قىلىمەن ،بەزىدە تىل ئامبىرى تەمىنلەنگەن ھۆججەتلەرنى تەرجىمە قىلىمەن ،ئەپتىن بەش ئالتىنى تەرجىمە قىلپمۇ باقتىم ،راستىنى دېسەم بەزىدە ئۆزۈمنىڭ نېمىشقا كومپيۇتېر كەسپىنى تاللىمىغىنىمدى ئۆكۈنىمەن ،شۇنداق بولسا ئېنتېرنىت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،خەلقىمىزنى دۇنيا بىلەن تەڭ قەدەمدە ماڭغۇزۇش مۇمكىن ئىدى،ئەمما ھازىر تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنىڭ سىزنىڭ ۋە سىزدەك جاپاكەشلەرنىڭ ئەمگىكى ئارقىسىدا روياپقا چىققىنىغا قاراپ ،تىل مەسىلىسىنىڭ تېخىمۇ گەۋدىلىڭ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم،بىزنىڭ تىل يېزىق ئىشلىرىمىز بىر نىشان كۆرسەتكۈچكە ،بىردەكلەشتۈرۈشكەن مۇھتاجكەن،بىر مەزگىل ئىزدىنىپ تەرجىمە ئىشلىرىنى قىلىشقا ئۇرۇندۇم،لېكىن ۋاقىت ۋە زېھنىمنىڭ ئاجىزلىقى ،تۇرمۇشۇمدىكى تاللاشلارنىڭ مېنى گاڭگىرىتىشى مېنىڭ قەدىمىمنى ئاستىلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپتۇ.بەزىدە سىزگە ئۇدۇللا خەت يازغىم كېلىدۇ،سىزنىڭ يېنىڭىزدا تىل تەتقىقاتى ۋە يېڭى ئۇچۇر دەۋرىدكى ئىلغارلاشقان تور شەكلىنىڭ ئادىمىىيلىشىشى،قولايلىقلىشى قاتارلىق مەزمۇنلار ئۈسىتىدە ئىزدەنگىم كېلىدۇ،سىزنىڭ تېرىشچانلىقىڭىز كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ ۋە زوقلاندۇرىدۇ،كىشىگە ئىلھام بېرىدۇ،مېنىڭ كۆزقاررىشىم بويىچە ئېيتسام تورلاشتۇرۇش،تېخنىكىلىق ئىزدىنىش تور ئىنژىنىرلىنىڭىلا ئىشى ئەمەسكەن ،ئۇلار بەك كۆپ بولسا بىزگە لايىق سورۇن راسلاپ بېرەلەيدىكەن،تور مەدەنىيىتىڭ زامانىۋىلىق، كۆلەم،سۈپەت بېلەن ئىلگىرلىىشى بېغىشلاش،ھەمبەھىرلەش روھىغا باي ،بىلىمى بايلىق يارىتىشقىلا ئەمەس،مەىنىۋى ساپلىق ،ھۇزۇرلىنىش،موللۇققا ئىگە قىلىشنى ياقلايدىغان ۋە تەشەببۇس قىلىدىغان كىشىلەرگە مۇھتاجكەن،بۇيەردە سىزگە تەشەككۈرلەر يېغىشقا مۇناسىپ،سىزنى ماختاپ ئۇچۇرۇپ ئەمەلىي ئىش قىلىماسىلىقمۇ كىشىنى ئۆكۈندۈرىدۇ. كۆڭۈل سىرلىرىمنى سىز بىلەن ئورتاقلىشالىغان بولسام ئۇ شەرىپىم،يېشىم تەجىربەم،ئىقتىدارىم تەرەپلەردىن ئېيتسام مەن تىلغا ئېلىشقا دىققەت قىلىشقا ئەرزىگۈدەك كىشىمۇ ئەمەس،ئەمما ئىدىيىۋى كۆزقاراشلارنىڭ بىر بىرى بىلەن ئالمىشىشى ،ياخشى ئۈنۈم ياراتقان ئىشلارنىڭ قوللاشقا ئېرىشىشى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتلىك بىر ئىش،سىزنىڭ بلوگنى تاقىماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ،بىرەرسىگە ۋەكالىتەن باشقۇرغۇزسىڭىزمۇ بولىدۇ.
يېڭى ئېدىيە ،يېڭى دەۋر مۇھىتىدا چوڭ بولىۋاتقان ياش بولۇش سۈپتىمدە،مەنمۇ تەرەققياتنىڭ ماس بولۇشىنى ،ئۈنۈملۈك بولۇشىنى تەقەززا قىلىمەن،سىز دەل شۇ تەقەززالىرىم ئىچىدىكى مۇھىم شەخسنىڭ بىرى،تەسىر كۈچ ،ئىقتىسادىي كۆلەم،ئەمەلىي ئۈنۈم جەھەتلەردە ھازىرچە بىزنىڭ تور ئىشلىرىمىز ياخشى كۆلەملەشكەن ئۆلچەملەشكەن تۈزۈلمىلەرگە تولۇق يېتىەلىشى ناتايىن،ئەمما تەجىربىلەرنىڭ جۇغلىنىشى ،ھاسىلاتلارنىڭ كىشىلەر تەرىپىدىن بايقىلىپ قىزىقىلىپ،ئىزدىنىلىشى تەرەققىيات ئىلگىرلەشنىڭ ئۇل تېشى،ئەدەبىيلىكتىن رەسمىيلككە،ھېكمەتشۇناسلىقتىن باھادىرلارغا ئايلىنىشتا تېرىشچانلىقنىڭ ئەمگەك ئەجىرنىڭ قىممىتى ،ئورتاقىلىشىشنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ ،ھەممىگە بىر ئادەم يېپىشپلا يۈرسە بولمايدۇ،ئالدىراپ بەل قويۇۋەتسەكمۇ بولمايدۇ،قىلالىشىمىزچە قىلىپ ،تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈشكە تېرىشىپ تۇرساق،تور ئىشلىرىلا ئەمەس ،مەدەنىيەت،ئىلىم-پەن،بىلىم مەنبەلىرىمىزمۇ تويۇن تاپىدۇ.ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت بولسۇن،
ھۆرمەت بىلەن: ئوقۇشنى ئەمدىلا تۈگەتكەن ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسىدن.
بىلوگىڭىز تاقىلىپ قالسا بولمايدۇ جۇمۇ
مۇشۇ قارا قوساق 黑客 مېھمانلار، ھە دېسىلا بىلوگىمنى ماتىلاپ يۈرۈۋاتىدۇ، بىردەم بىردەم ھوجۇم قىلىپ، ( WordPress نىڭ ئورتاق يوچۇقىدىن پايدىلىنىپ) سەل زېرىكتۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ، ھازىر دەم ئېلىۋاتقان بولغاچقا جىم تۇرۇپ بەردىم
بىلوگنى ھەرگىز تاقىماڭ بۇ بەك مۇھىمتى….
ئەسسالاممۇئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت مۇئەللىم
ئالدى بىلەن بىلوگىڭىزنىڭ 5ياشقا كىرگىنىگە مۇبارەك!
شەخسەن مەن سىزنىڭ بىلوگىڭىزنى زىيارەت قېلىشقا بەك ئامراق سەۋەبى بىرخىل ئۇچۇر يېڭىلىقلىرى ياخشى چۈشىنىشلىك يىزىلغان ،بىرئوقۇسام خۇددىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا بىر سائەتلىك دەرىسنى ئاڭلىغاندەكلام بولىمەن.مەن تولىمۇ رازى سىز ۋە بىلوگىڭىزدىن سىزگە كۆپ رەخمەت
مۇشۇنداق پاكىزە مەنىلىك بىلوگتىن بىرنى قۇرغىنىڭىزغا ھەم نەتىجەياراتقان ئەسەرلىرىڭىزگە!
سىزنىڭ تىنىڭىزگە سالامەت ئائلىلىڭىزگە تىنىچ ئامانلىق بولۇشنى چىن كۆڭلۈمدىن تىلەيمەن.ئاخىردا سىزگە غۇلجىنىڭ قايماقلىق ئەتكەن چىينى سىزگە سۇندۇم !تازا تونۇردىن چىققان ئىسىق نان بىلەن ھې ھې خامسەيمۇ بار ھې ھې يېقىندا مەن بىر كىچىك ئاشخانا ئىچىۋالدىم مەھەللەمگە تەرەققىي قىلىپ قالسا سىزنىڭ تاماق بۇيرىتىش دېتالدىن بىرنى سېتىۋالىمەن. ھې ھې
ئىشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن!
ھەرگىز تاقىماڭ ئالىمكا!!! NOKIA مۇ قايتىپ كەلدىغۇ، يېڭىلاش ئېلىپ كەلسەك بولىدۇ،لېكىن تاقىساق ھەرگىز بولمايدۇ.
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم!
نەق گەپكە كەلسەك، قايسى بىر ۋاقىتتا WordPress يەرلىكلەشتۈرۈش خىزمىتىنىڭ سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا ئۆتكەنلىكىدىن تولىمۇ مەمنۇن بولغان ئىدۇق. ئەمما نېمە سەۋەپتىندۇر بىلمىدۇق يەرلىكلەشتۈرۈش داۋاملاشمايلا قالماستىن WordPress ئۇيغۇرچە ئورگان تورىمۇ تاقىلىپ قاپتۇ.
بىزدە بلوگ ماڭدۇرۇشتا سەركە بولۇپ كېلىۋاتقان بۇنداق بىر سېستىمىنىڭ تازا تەرەققىي قىلىپ ھالا بۈگۈندە بۇنداق ئاقىۋەتتە بولۇپ قېلىشى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ ئەلۋەتتە.
ئۇيغۇرسوفتنىڭ يۈكسەك مەسئۇلىيەت بىلەن زور خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىدىن ھەممىمىز شۇنداق خۇرسەن ھەم قايىل بولماي تۇرالمايمىز. ئەگەر WordPress كە قارتا سىلەر يېتىشىپ بولالمىغان ئەھۋال ئاستىدا باشقىلارغا يەرلىكلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇمكىن بولامدۇ ياكى بىزگە نامەلۇم بولىۋاتقان شۇ سەۋەپلەر بىرتەرەپ بولۇنغاندىن كېيىن ئەسلىگە كېلەمدۇ؟
…
مەن ئارىلىقتا دېگەندەك قاراپ بولالمىدىم، بۇ جەھەتتە كەچۈرۈم سورايمەن، ھازىر كەم يەرلىرىنى باشقا بىر خادىم تەرجىمە قىلىۋاتىدۇ، بۇ ئىشتىن خاتىرجەم بولۇڭ.
بلوگنى تاقاپ قويمىسىلا مۇئەللىم. مەزمۇن تىز يىڭىلانمىسىما مەيلى بۇرۇن يوللانغان بىز پايدىلىندىغان نۇرغۇن بىلىملەر بار.
ئالىمكا بۇ بىلۇگدىن شۇنداق ئىسىل مەزمۇنلار چىقاتتى مەنمۇ كۈنۈپ قالغان .
يەنە كىلىپ مەن ئۈنىدىدار ئىشلەتمىگەچكە بۇ بىلىۇگدىن قۇرۇق قالارمەنمۇ
بىلوگنى تاقىۋەتمەسلىكىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن كومپىيوتىرنىڭ ئېچىلىشى تېز خەتلە چوڭ ، تىلفۇنچۇ ئەكسىچە تېلفۇنغا قاراپ تولا كۆزلەر كاردىن چىقىدىغاندەك كۆزلىرىممۇ تورلىشىپ ئاغرىۋاتىدۇ ، …………….
ئالىم مۇئەللىم ، بىزنىڭمۇ قاچان گۇگۇل بەيدۇلاردەك ئۆز يېزىقىمىزدىكى ئۇچۇرلارنى تولۇق تىپىپ بىرەلەيدىغان ئۇيغۇرچە ئىزدەش ماتۇرىمىز بولار ؟ ھازىر گۇگۇل ، بىڭلار ئېچىلمايدۇ، بەيدۇ دىگەن ئەخلەت ئۇيغۇرچىنى تۈزۈك قوللىمايدۇ . راستنى گەپنى قىلسام ھازىر توردا ئۇيغۇرچە ئۇچۇرلارنى قازىدىغان بىرە تۈزۈك ئىزدەش ماتورىمۇ يوقكەن . ماڭا ئۇيغۇر تورچىلىق ئىشلىرى بارغانسىرى چۈلدەرەپ كېتىپ بارغاندەك تۇيۇلىدۇ .
ھازىرقى تېخنىكا سەۋىيەمىزدە، مۇشۇنداق ئىقتىدارى كۈچلۈك ئۇيغۇرچە ئىزدەش ماتورىنى ياسىغىلى بولامدۇ ؟
بارغۇ، cn.bing.com
ھەممە مىللەت ئۆز ئالدىغا بىردىن ئىزدەش ماتورى ياساشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق. تېخنىكا سەۋىيە قىيىن ئەمەس، ئەمما قوغلاپ يەتكىل بولمايدۇ، سەۋەبى بىز بۈگۈن 2 ئۇچۇر يىغساق، باشقىلار 128 ئۇچۇرنى يىغىپ بولدى، بىز 4 نى يىغساق، ئۇلار 256 نى يىغىدۇ، بىز 8 نى يىغساق، ئۇلار 512 نى يىغىدۇ، مۇشۇنداق ….
ھۆرمەتلىك ئالىم ئەھەت ئەپەندىم،مەن سىز دىن بىرئىشنى سورماقچى.
بىزنىڭ ئۇيغۇر يىزىقى ئۈچۈن شۇنچىلىك غايەت زورتۆھپىلەرنى قوشتىڭىز،بۇنى ھەرئەسكەئالغاندا سىز دىن ھەم سىزنىڭ ئۇيغۇرسوفىت شىركىتىڭىز دىن پەخىرلىنىمەن. يەنەكېلىپ نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا تەھرىرلىگۈچنى ھەقسىز قىلىپ مۇ مىللىتىمىز نىڭ بۇجەھەتتىكى بوشلىقىنى تولدۇردىڭىز، بۇنىڭ ئۈچۈن يەنىمۇ سانسىز ھەشقاللىلارئېيتىمەن .
لېكىن كىچىككىنە بىر تەكلىۋىمنى ئېيتسام، مومكىن بولسا ئۇيغۇرچە OCR سېستىمىسىنىمۇ تەمىلىيەلىگەن بولسىڭىز، بۇنەڭ بىلەن بەلكىم نۇرغۇن كۆچۈرمىچىلىك بولىشى مومكىن لېكىن قانچەكۆچۈرسىمۇ ئۇيغۇر يىزىقى ئەمەسمۇ.خەخلەمۇ ۇزلىرىنىڭ يىزىقىنى كۆچۈرۈشكەن ئىدى ،تەرەققىياتى تىزلەشتى. ئۇزىمىز يېزىپ بولالمىغان دىكىن كۆچۈرمىچىلەر بول سىمۇ كۆچۈرۈپ يېزىپ باقسىچۇ دەيمەن.
بۇنى ئەلۋەتتە قىلغىلى بولىدۇ. ھازىرقى سەۋىيەمدە بىر يىل تىرىشسام بۇنى قىلالىشىم مۇمكىن، لېكىن بۇنىڭدىن ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش تەس، بۇنداق قىلسام مېنى تىللايدىغانلار تېخىمۇ كۆپ چىقىدۇ، چۈنكى نۇرغۇن تورداشلار سەن شىركەت قۇرغاندا جىڭدۇڭ، تېڭشۈن، گۇگۇل، ئەلى بابا قاتارلىق شىركەتلەرمۇ قۇرۇلماپتىكەن، ئۇلار كۆپ پۇل تاپتى، سەن نېمە ئۈچۈن ئۇلاردەك كۆپ پۇل تاپالمىدىڭ دەپ سوراۋاتىدۇ، مەن ئەكسىچە نۇرغۇن نەرسىلىرىمنى ھەقسىز قىلىۋاتىمەن. ئۇنداقتا مەن زادى قانداق قىلىشىم كېرەك؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، Android Studio قاچىلاشتا مۇنداق خاتالىق چىقىۋالدى، بىلىدىغانلار ئېغىر كۆرمەي ياردەم قىلساڭلا! توردىن ئىزدىدىم بىراق خەنزۇچە چۈشەندۈرۈش تېپىلمىدى، ئېنگىلىزچىسىنى ئېنىق چۈشىنەلمىدىم.
D:\develop\android\sdk\tools\emulator.exe -netdelay none -netspeed full -avd 14
RegGetValueW failed 2 绯荤粺鎵句笉鍒版寚瀹氱殑鏂囦欢銆�
Hax is enabled
Hax ram_size 0x20000000
HAX is working and emulator runs in fast virt mode.
adb_server_notify: Failed to establish connection to ADB server
console on port 5554, ADB on port 5555
emulator: WARNING: UpdateCheck: Failure: Error
emulator: WARNING: UpdateCheck: failed to get the latest version, skipping check (current version ‘25.1.1’
نىمە دىسەم بولاكۆڭۈل يىرىم ھىلىمۇ ھوشۇر ئىسلام ،سىزدەك كىشلەر بولغاچقا يىزىقىمىز ھازارغا داۋاملىشپ كىلۋاتىدۇ ،مەن بىلدىغان نۇرغۇن بىلوگ تاقالدى قايسى بىر چاغدا بىلوگ تەرتىۋى رەتكە تىزلغان ھازار ئۇلارنىڭ ئۇچ تەن بىرىمۇ قالمىدى ئەمدى بۇ بىلوگ تاقالسا بىز ئۇچۇن بۇ زور يوقتۇش بولۇپ قالغۇسى بو بىلوگنى توختاتمىغايسىز مۇئەللىم