ئۇيغۇرچە ئىملا ئويۇنى ئېلان قىلىندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرچە ئىملا ئويۇنى ئېلان قىلىندى

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

كومپيۇتېر ياردىمىدە ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپ، چەتئەللەردە ھەرقانداق يازمىلارنىڭ تۇنجى نۇسخىسىنى كومپيۇتېر ئارقىلىق تەكشۈرۈش ئومۇمىي ئادەتكە ئايلانغان.

ئېھتىماللىق ۋە ئىستاتىستىكىلىق ماتېماتىكا مودېلى بىلەن قوراللانغان، يېڭى سۆزلەرنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارى ھازىرلانغان، مەلۇم جەھەتتىن ئىنسان مېڭىسىگە تەقلىد قىلىنغان، ئىنتېرنېتكە باغلانغان چوڭ مەلۇمات ئامبىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش قورالىنىڭ ئوڭۇشلۇق پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن بۇ ئويۇن لايىھەلەندى.

«ئۇيغۇرسوفت سالونى»غا «ئۇيغۇرچە ئىملا ئويۇنى» قوشۇلدى. سالوندىكى تىزىملىكتىن «ئويۇن» دېگەننى بېسىپ كىرىپ، ئىملا ئۆگەنگەچ ئويۇن ئويناڭ، جۇغلانما ۋە تۆھپە نومۇرىڭىزغا ئاساسەن قىزىل بولاق بىلەن ئاپتوماتىك مۇكاپاتلىنىسىز. بۇ ئەھمىيەتلىك ئىشلارنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشى ئۈچۈن ئەستايىدىل بولۇڭ، رەھمەت.

ئويۇن قائىدىسى:
بىر بەتتە 5 سۆزنىڭ ئىملاسىغا ھۆكۈم قىلىسىز، ئىملاسى توغرا بولغان سۆزنى باسسىڭىز يېشىل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، ئىملاسى خاتا بولسا تاللىماڭ، ئېنىق ھۆكۈم قىلالمىسىڭىز، ھەربىر سۆزنىڭ ئالدىدىكى + (قوشۇش بەلگىسى)نى باسسىڭىز، شۇ سۆزنىڭ يىلتىزى ۋە قوشۇمچىسى، شۇنداقلا يېقىن كېلىدىغان سۆزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەمما بەزى سۆزلەرنىڭ يىلتىزى، قوشۇمچىسى ياكى يېقىن كېلىدىغان سۆزىنى تاپالماسلىقى مۇمكىن، سۆزنىڭ يىلتىزى ۋە قوشۇمچىسىمۇ توغرا بولۇشى ناتايىن، پەقەت بىلەلمىسىڭىز تاللىماڭ، ئاندىن «داۋاملاشتۇرۇش»نى باسسىڭىز، يەنە داۋاملىق يېڭى بەت ئېچىلىدۇ، جۇغلانما ۋە تۆھپىڭىز خاتىرىلىنىدۇ.
ھەربىر سۆزنى سىزدىن باشقا يەنە 10 ئادەم ھۆكۈم قىلىدۇ. ئەگەر سىز تاللىغان نەتىجە بىلەن باشقا 10 ئادەم تاللىغان نەتىجە پۈتۈنلەي ئوخشاش بولسا يەنى ھەممەيلەن توغرىنى توغرا ياكى خاتانى خاتا دەپ تاللىغان بولسا، ھەممەڭلارغا تۆھپە نومۇر بېرىلىدۇ، ئىلگىرى-كېيىن مۇناسىۋىتى يوق. ئەگەر توغرىنى خاتا، خاتانى توغرا دەپ تاللىغان بولساڭلار تۆھپە نومۇر بېرىلمەيدۇ، مەسىلەن: 100 سۆز ئىچىدە 60 توغرا سۆزنى توغرا (ياكى خاتا سۆزنى خاتا)، 40 توغرا سۆزنى خاتا (ياكى خاتا سۆزنى توغرا) دەپ ھۆكۈم قىلساڭلار، توغرىلىقى ئاران %60 بولىدۇ، ئىملادا خاتالىشىشقا رۇخسەت يوق، ئەمما سىلەرنىڭ ھۆكۈمىڭلار %90 توغرا چىققان بولسا، ھەربىر باسقۇچتا تۆھپە نومۇرىغا ئاساسەن قىزىل بولاق بىلەن ئاپتوماتىك مۇكاپاتلىنىسىلەر. مۇكاپات سوممىسى توغرا ياكى خاتا ھۆكۈم قىلغان سۆزنىڭ سانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئادەتتە A4 فورماتلىق بىر بەت مەزمۇن (تەخمىنەن 1000 سۆز)نىڭ ئىملاسىغا توغرا ھۆكۈم قىلساڭلار، بويىچە 20-30 يۈەن بېرىلىدۇ.

سوئال: توغرا ئىملانىڭ ئۆلچىمى نېمە؟
جاۋاب: ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل-يېزىقى خىزمىتى كومىتېتى (تىلكوم) 2009-يىلى تۈزۈپ ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى»، شۇنداقلا مۇشۇ لۇغەتنى ئاساس قىلىپ ياسالغان «ئۇيغۇرسوفت ئىملا قورالى» ئۆلچەم قىلىنىدۇ.

سوئال: كىرمە سۆزلەرنى توغرا دەمدۇق؟
جاۋاب: دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى يەر-جاي ناملىرى مەسىلەن: بېيجىڭ، شاڭخەي، لوندون، پارىژ،…ۋە ئۇلارنىڭ توغرا تۈرلىنىشىنى توغرا دەيمىز. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ كىشى ئىسىملىرىدىن باشقا، چەت تىللاردىن كىشى ئىسىملىرىنى كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ. ساۋساۋ، لىكۈي، مېندېلىۋ،…دېگەندەك. ئامال بار ئۇيغۇرچە ئەدەبىي تىلدىكى سۆزلەرنى، شۇنداقلا يەنە ئۇيغۇر تىلىغا سىڭىپ كىرگىلى ئۇزۇن بولغان سۆزلەرنى كۆپرەك تاللاڭ. مەسىلەن: مېڭىۋاتقانىدىم، كۈيلەۋاتقانىدىم، ئۈندىدارلىشىپ، مېتابولىزىم…دېگەندەك.

سوئال: ئۇيغۇرچە قوشۇمچىلارنىڭ ئىملاسىنى توغرا دەمدۇق؟
جاۋاب: ياق، چۈنكى ئىملا تەكشۈرۈش قورالى يەككە ئۇيغۇرچە سۆز-ئىبارىلەرنى ئاساس قىلىدۇ، «لارنىڭ، لىۋاتقانلىقى»،…دېگەندەك قوشۇمچىلارنى بىردەك توغرا سۆز دېيىشكە بولمايدۇ.

سوئال: ئۇيغۇرچە بىرىككەن سۆزلەرنى توغرا دەمدۇق؟
جاۋاب: بىرىكىشى توغرا بولسا توغرا دەيمىز، مەسىلەن: يېلانبېلىق، مۆشۈكېيىق،….دېگەندەك، ئەمما، تۆۋەندىكىمىساللار، ھېسامكامبىركۈنى،…دېگەندەك ئارىسىغا بوشلۇق قويۇلمىغان سۆزلەرنىڭ ئىملاسى بىردەك خاتا بولىدۇ.

152101847454095728

283217668851764420

377508531174747019

ھەربىر سۆزنى سىزدىن باشقا يەنە 10 ئادەم ھۆكۈم قىلىدۇ. ئەگەر سىز تاللىغان نەتىجە بىلەن باشقا 10 ئادەم تاللىغان نەتىجە پۈتۈنلەي ئوخشاش بولسا يەنى ھەممەيلەن توغرىنى توغرا ياكى خاتانى خاتا دەپ تاللىغان بولسا، ھەممەڭلارغا تۆھپە نومۇر بېرىلىدۇ. ئەگەر توغرىنى خاتا، خاتانى توغرا دەپ تاللىغان بولساڭلار تۆھپە نومۇر بېرىلمەيدۇ، مەسىلەن: 100 سۆز ئىچىدە 60 سۆزنى توغرا، 40 سۆزنى خاتا ھۆكۈم قىلساڭلار، توغرىلىقى ئاران %60 بولىدۇ، ئىملادا خاتالىشىشقا رۇخسەت يوق، ئەمما سىلەرنىڭ ھۆكۈمىڭلار %90 توغرا چىققان بولسا، ھەربىر باسقۇچتا تۆھپە نومۇرىغا ئاساسەن قىزىل بولاق بىلەن ئاپتوماتىك مۇكاپاتلىنىسىلەر. مۇكاپات سوممىسى توغرا ياكى خاتا ھۆكۈم قىلغان سۆزنىڭ سانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئادەتتە A4 فورماتلىق بىر بەت مەزمۇن (تەخمىنەن 1000 سۆز)نىڭ ئىملاسىغا توغرا ھۆكۈم قىلساڭلار، نەشرىيات ئۆلچىمى بويىچە 20-30 يۈەن بېرىلىدۇ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
61 پارچە باھا يېزىلدى
  • بىر ئىشنى سوراپ باقسام «چوڭ مەلۇمات »دېگەن بىلەن «بۈيۈك مەلۇمات» قايسى قېلىپلاشتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى am 08:57
  • تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر ئىنكاس:
    ئالىم مۇئەللىم، مىكروسوفت تور بىكىتىنىڭ ئۇيغۇرچە بىتى ئىچىلمايۋاتىدۇ.
    http://www.microsoft.com/ug-CN/download/default.aspx
    ۋاقتىڭىز يەتسە كۆرۈپ باقسىڭىز بوپتىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى am 08:49
  • ئۇيغۇر سوفت كوررېكتورىدا بەزىدە قېتىۋېلىش ياكى مەلۇم بىر سۆزنى تۈزۈتىۋېتىپ شۇ سۆزنىڭ ئۈستىدە توختاپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدىكەن، بۇ كومپيۇتېردىكى مەسىلىمىدۇ ياكى يۇمشاق دېتالدا مەسىلە بارمىدۇ؟ ئۇيغۇر سوفت كوررېكتورى قاچان يېڭىلىنىدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى am 09:17
  • بۇ بەكلا ياخشى بوپتۇ. بىر تەرەپتىن ئويۇن ئوينىغاچ ،بىلىم ئالغىلى بۇلىدىكەن -ئەمەسمۇ!

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 16:54
  • ئالمىنىڭ 9.2نۇسغىسىدا skypeنى تەرجىمە قىلغاندا مالايسىيانى مالايشىيا دەپ تەرجىمە قىلىپ قۇيۇپتۇ يەنە بىلىرۇسىيەنى بىلارۇسىيە دەپ تەرجىمە قىلىپتۇ。

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى am 11:55
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت ئاكا سىزگە كىچىككىنە تەكلىپ بارئىدى ئويلىنىپ باققان بولسىڭىز سىزنىڭ ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لوغىتىنى ناھايىتى ياختۇرۇپ ئىشلىتىۋاتىمەن لىكىن بىزنىڭ يۇرتتا ئۈندىدار ئېچىلىشى مۇقىم ئەمەس يەنە دوسلۇرۇمنىڭ ھەممىسى دىگۇدەك كيو-كىيو ئىشلىتىدۇ مۇنداق دىسەم ئۆز مەنپەتىمنى كۆزلىگەنلىك ئەمەس كيو-كيو ئىشلىتىدىغان ئادەملەر ئاز ئەمەس شۇڭا كيو-كيو سالۇنىمۇ قۇرغان بولسىڭىز خوتەن ريۇنىدىكى دوستلار ئۇچۇن قۇلايلىق بۇلاتتى . كيو-كيودىكى ئۈيغۇرچە سالۇنلار يوق دېيەرلىك شۇڭا قاچىلايدىغانلار كۆپ چىقاتتى.
    ئويلىنىپ باققان بولسىڭىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 17:53
  • ۋىندوۋسفوندا بۇ ئويۇننى ئاچالمىدىم، پارامېتىر خاتا، پارامېتىرنى تەكشۈرۈڭ دەپ چىقىۋالدى، بۇنىڭ سەۋەبىنى ۋىندوۋسفوندىكى ئۈندىدارنىڭ نەشىرىنىڭ ۋاقتىدا يېڭىلانماي قالغانلىقىدىن دەپ گۇمانلاندىم، ئەمما ئېنىق ھۆكۈم قىلالمىدىم، ئۈندىدار نەشىرى تېلىفونۇمدا 6.0.6 ئىكەن. ماڭا ئوخشاش مەسىلىگە يولۇققانلار بارمۇ؟ ھەل قىلىش چارىسىنى تاپساق بولاتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 16:59
  • بۇ ئويۇندا بىر بەتتە بەزىدە بىر قانچە سۆزىنىڭ ئىملاسى توغرا، بەزىدە بىرمۇ سۆزنىڭ ئىملاسى توغرا ئەمەسكەن. ( يا مەن شۇنداق ھېس قىلىۋالدىممۇ) بۇ ئويۇن قائىدىسىگە ئۇيغۇنمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 15:46
    • شۇنداق، بەزىدە ھەممىسى توغرا، يەنە بەزىدە ھەممىسى خاتا بولۇشى مۇمكىن، توغرىنى توغرا، خاتانى خاتا دەپ بەرسەڭلار بولدى

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 17:24
  • بۇ ئ‍ويۇننى تېلېفونغاغا چۈشۈرەمدۇق يا،،، ھىچ بىلەلمىدىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى am 11:44
  • مېنىڭ ئاۋۇ مۇناسىۋەتسىز بىمەنە ئىنكاسىم ئۆچۈرۈۋېتىلسە بوپتىكەن، ئاۋارە قىلدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى am 10:18
  • بەزى بەتلەردە بىرسىمۇ توغرا ئەمەسكەن، قانداق قىلىمىز؟ تاللىمايلام داۋاملاشتۇرۇشنى بېسىپ ئۆتۈپ كەتسەك بولامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى am 09:30
  • ئالىم مۇئەللىم، تۆھپە نومۇرى نىمىگە ئاساسەن بېرىلىدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 23:56
    • تېمىنى تەپسىلىي ئوقۇماپسىز دە، مانا يەنە يوللاي:
      ھەربىر سۆزنى سىزدىن باشقا يەنە 10 ئادەم ھۆكۈم قىلىدۇ. ئەگەر سىز تاللىغان نەتىجە بىلەن باشقا 10 ئادەم تاللىغان نەتىجە پۈتۈنلەي ئوخشاش بولسا يەنى ھەممەيلەن توغرىنى توغرا ياكى خاتانى خاتا دەپ تاللىغان بولسا، ھەممەڭلارغا تۆھپە نومۇر بېرىلىدۇ،

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى am 00:16
  • تۆھپە نومۇرى نېمىگە ئاساسەن بېرىلىدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 23:53
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر، شۇنداق يېڭىلىقلار بىلەن بىزنى يۈز كۆرۈشتۈرىۋاتىسىز، مەن ئەتىراپىمدىكىلەرگە تەۋسىيە قىلىپ بىللە ئوينايلى بۇ ئويۇننى ^.^
    تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر ئىش بار ئىدى ياردەم قىلسىڭىز:
    مەن ئۈندىدار دۇكىنىدىن ئۈچ تىللىق ئۇيغۇر سوفىت لوغىتىنى سېتىۋالغان، قاچىلاپ بولۇپ، قوزغاتسام «没有注册类» دەپ خاتالىق چىقىۋالدى. بىر يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز، سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 23:01
    • ئېكراندىن سۆز تۇتۇش پىروگراممىسى قوزغىلالماپتۇ، لۇغەتنى قاچىلاپ بولغاندا ئەڭ ئاخىرىدا چىقىدىغان ئېكراندا توغرا بەلگىسىنى ئېلىۋەتمەيسىز، ياكى لۇغەت قاچىلانغان مۇندەرىجە ئىچىدىن register ئىجرا قىلىۋېتىڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى am 00:17
  • Windows10 دا ئۇيغۇر سوفت كوررېكتورىنىڭ ئىشلىمەسلىك مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىمىز؟ (بىر قانچە قېتىم قايتا قايتا قاچىلىساممۇ ئوخشاش ئىنكاس يوق) يول كۆرسەتسەڭلار… رەھمەت!

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 22:40