مىكروسوفت Surface Pro 4 قاتارلىق يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلدى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

مىكروسوفت Surface Pro 4 قاتارلىق يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلدى

[ IT خەۋەرلىرى ]

10-ئاينىڭ 6-كۈنى (سەيشەنبە) ئۈرۈمچى ۋاقتى 8:00 دە مىكروسوفت شىركىتى Surface Pro 4 قاتارلىق 6 يېڭى مەھسۇلاتنى ئېلان قىلدى.

بىرىنچى: Lumia950 ۋە Lumia950XL
Lumia950 تېلېفونىغا 5.2 دىيوملۇق ئېكران، 2K ئېكران (ئېكران ئېنىقلىقى 565ppi)، ئالدى كامېرا 5 مىليون پىكسېل، كەينى كامېرا 20 مىليون پىكسېل، 3 دانە چاقماق چىراق، 3GB لىق RAM، يەنە 32GB لىق ROM، تەخمىنەن باھاسى 3818 يۈەن

Lumia950XL تېلېفونىغا 5.7 دىيوملۇق ئېكران، 2K ئېكران (ئېكران ئېنىقلىقى 515ppi)، ئالدى كامېرا 5 مىليون پىكسېل، كەينى كامېرا 20 مىليون پىكسېل، 3 دانە چاقماق چىراق، 3GB لىق RAM، يەنە 32GB لىق ROM، تەخمىنەن باھاسى 4105 يۈەن
wp

ئىككىنچى: Surface Pro 4
12.3 دىيوملۇق ئېكران، ئالتىنچى ئەۋلاد Intel بىر تەرەپ قىلغۇچ، بىرىكمە ئىسسىقلىق تارقىتىش سىستېمىسى ئورنىتىلغان. MacBook Air غا قارىغاندا %50 تېز، Surface Pro 3 كە قارىغاندا %30 تېز، تەخمىنەن باھاسى 5700 يۈەن.
surface4

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە Microsoft Band (قولغا تاقايدىغان تاقىما بويۇم)، Holo Lens، ..قاتارلىق يېڭى مەھسۇلات بار.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
28 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • ئۈستىدىكى ۋىندوۋس مەسلىسى مېنىمۇ بەك بوزەك قىلغان .نۇرغۇن ماتىريال كۈرۈپ ھەل قىلالـمىدىم .توردىمۇ قاتتىق دېتال مەسلىسى دەيدۇ. يېڭىلانما قاچىلىسا ياكى كۆرسىتىش كارتىسىنى قاچىلاش يېڭىلاش قىلغاندىكىن پەيدا بولىدىكەن .سىز قاتتىق دېسكىنى باشقا كومپىيوتېرغا سېلىپ سىناپ باقسىڭىز بولارمىكىن

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى am 00:38
  • 950نىڭ سىرىتقى شەكلى ئانچە چىرايلىق ئەمەسكەن، ئىككى يىل بۇرۇن ئىلان قىلغان 1520 نىڭ كۆرۈنىشىدە بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 23:34
  • مۇئەللىم مىنىڭ تېلىفۇنۇمغا ۋىن10غا يېڭىلاش ئۇچۇرى كەممىدى ياكى تارقىتىلمىدىمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 21:41
  • Surface Book تىن بىرنى سىتىۋىلىش نىيىتىم بار، پۇل تەييار، لىكىن مالنى نەدىن سىتىۋالارمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 21:39
  • مۇئەللىم، windows 10 تېلىفۇن نۇسخىسىغا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇشتىن خەۋەر يوقمۇ؟ مەن بىر تېلىفۇن ئالماقچى ئىدىم، ئەگەر ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقسا، ۋىندوۋس تېلىفۇنىدىن بىرنى ئالاي دەپ ساقلاپ تۇرغانتىم، ھېچ ئۇنىڭ گېپى يوق، ئەگەر ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقمىسا، بىكار ساقلاپ تۇرماي، ئاندىرويىد تېلىفۇن ئېلىۋىرەي دىگەنتىم. ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقسا، قوللاش يۈزىسىدىن بولسىمۇ ۋىندوۋس تېلىفۇنى ئالغۇم بار ئىدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 21:05
  • ئاشۇ Surface Book دېگەن كومپيۇتېر راسلا كۆزۈمنىڭ يېغىنى يېدى، ئالىدىغانغا ھەممە نەرسىنى تەييار قىپ بولدۇم لېكىن شۇ پۇللا كەم! ھا ھا!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 20:35
  • مېكروسوفتنىڭ ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ئاشكارلىنىپ باقمىغان ھەممە ئادەمنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىققان ھازىرقى خاتېرە كومپيۇتېر بازىرىدىكى ئەڭ كۈچلۇكى بولۇپ قالىدۇ دەپ ئاتىلىۋاتقان Surface Book نى تىلغا ئالماپسىزغۇ مۇئەللىم؟
    http://www.ithome.com/html/win10/180642.htm
    http://www.ithome.com/html/win10/180626.htm

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 20:28
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم،ئالدى بىلەن ئشىلىرىڭىزغا خەيرىيەت تىلەيمەن…

    بۇ يىل 7-ئاينىڭ 29-كۈنى Microsoft شىركىتى win10 نىڭ ھەقىقىي نەشرىنى ئېلان قىلغاندىن كىيىن مەنمۇ ئىلگىرى سېتىۋالغان ۋىن8 سىستېمىنى ۋىن10 غا يېڭىلىغان ئىدىم ھەم بىر نەچچە دوستلىرىمىزىغا ياردەم قىلىپ ۋىن 10نى قاچىلاپ بەرگەن ئىدىم،شۇ يېڭىلىغانچە 20كۈنچە شۇنداق نورمال ئىشلەتكەن،بىر كۈنى بىر دوستۇم بېسىپ چىقىرىدىغان ماتېرىيال بار ئىدى دەپ بارماق دىسكىسىنى بەردى،مەن ۋىرۇس يوق دەپ ئويلاپلا ئېچىپ قاپتىمەن،بىردەمدىن كىيىن كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىدىغان بولۇپ قېلىپ قايتا قوزغىتىشقا بۇيرۇق بەرسەم ئاساسى ماشىنا پەقەتلا ئىتىلمىدى،正在重新启动 دەپلا تۇردى،يېرىم سائەت ئەتراپىدا ساقلىسام يەنە شۇ پېتى تۇرىدۇ،شۇنىڭ بىلەن كۇنۇپكىسنى بېسىپ مەجبۇر ئۆچۈرۈپ قايتا قوزغاتتىم،ۋىن 10 نىڭ لوگوسى چىقىپ تۇرۇۋەردى………….بىر نەچچە قېتىم قايتا قوزغاتتىم يەنىلا قوزغالمىدى،شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىمدا بىر كېچە ئوچۇق قويۇپ ئۆيگە كىرىپ كەتتىم،ئەتىسى ئەتىگەندە دۇكانغا چىقىپ قارىسام يەنە شۇ پېتى تۇرۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن پىلاستىنكىغا ئويىۋالغان ۋىن10 نىڭ ھەقىقىي نەشىرىنى قايىتىدىن (قاتتىق دىسكىنى فورماتلىۋېتىپ)قاچىلىدىم .قاچىلىنىپ بولۇپ تۇنجى قېتىم نورمال قوزغىلىدۇ،سىنكارتا قوزغاتقۇچنى قاچىلاپ قايتا قوزغاتقاندىن كېيىنلا يەنە شۇ كونا كېسەل بىلەن 正在重新启动 دەپلا تۇرىدۇ……..ئىككىنچى قېتىم پەقەتلا ئېچىلمايدۇ،شۇ جىلىچىلىكتە ۋىن 8.1 نى قاچىلىدىم، ۋىن8.1 دە ھەممە نورمال ئىشلەيدۇ،ۋىن8.1 نى قاچىلاپ پۈتۈن ياماقلىرىنى ياماپ يەنە شۇ ۋىن10 غا يېڭىلاش ئۇچۇرى چىققاندا ،كونا ھەۋەس قوزغىلىپ يەنە يېڭلىدىم،يېڭىلاپ بولۇپ يەنە ئېچىلمىدى،يەنە ۋىن8.1 نى قاچىلىدىم، ۋىن10 نى بارماق دىسكا ئارقىلىقمۇ قاچىلاپ باقتىم،يەنىلا ئۈنۈمى بولمىدى، مۇشۇ تەرىقىدە كەم دېگەندە 50 قېتىم قايتا -قايتىلاپ قاچىلىدىم،ھەممە قېتىمدا پەقەت بىرلا قېتىم نورمال قوزغىلىدۇ،ئۇنىڭدىن كىيىن پەقەتلا قوزغالماي تۇرۇۋالدى.ئاخىرى بولماي يەنىلا ۋىن 8.1 نى قاچىلاپ شۇنى ئىشىلتىۋاتىمەن………
    بۇنىڭدىكى سەۋەبنى تاپالماي بىر ئۇستازدىن سورىسام قاتتىق دېتال ماسلاشمىغان ئوخشايدۇ دەپ جاۋاب بەردى،ئەگەر قاتتىق دېتال ماسلاشمىسا دەسلەپ قاچىلىغاندىلا شۇنداق بولسا بولاتتى،مەن 20كۈندەك نورمال ئىشلەتكەن ئىدىم،
    بۇ ئىشنى پەقەتلا ھەل قىلالمىدىم، مۇشۇ ئىشىمغا ياردەم قىلغان بولسلا كۆپ مىننەتدار بولاتتىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 19:51
  • ئاۋۇ تاختا كومپيۇتىرغا كۆزۇم چۈشتى ، ھەممە تەييارلىقلىق پۇتكەن ئۇنى ئېلىشقا ، شۇ پۇللا كەم قالدى………

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 16:07
  • لۇمىيا يانفونلىرىنىڭ ھەقىقى نۇسخىسىنى قايسى تور بەتتىن سېتىۋالساق ئالدىنىپ قالمايمىز مۇئەللىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 16:03
  • بۇ مەھسۇلاتلارنى قەيەردىن سېتىۋالىمىز ئالىم مۇئەللىم،لۇمىيا يانفونىدىن بىرنى سېتىۋالايمىكىن دېگەن،سىزنىڭ سېتىش نۇقتىڭىز بارمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 16:01
  • ئەمدى بازارغا سېلىنىشى كۈتسەك بولغىدەك.Surface تاختا كومپىيۇتىرلىرى ،لۇمىيا يانفۇنلىرى يەنە باش كۆتۈرىدىغاندەك تۇرىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 15:30
  • Surface Pro 4نى قالتىس ئىشلەپ بازارغا ساپتۇ جۇمۇ، سەپلىمىلىرى بەك ئىسىلكەن، يىل ئاخىرغىچە بىرنى ئىلىش ئويىغا كەپقالدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 14:27
  • ئۇ مەھسۇلاتلارنى قايسى تور بىكىتىدىن سىتىۋالىمىز؟
    مىكروسوفت تور دۇكىنىدا بولسا سىتىۋلىش جەريانى سەل مۇرەككەپ ئىكەن. سىز ۋەكالىتەن سىتىۋىلىپ ئەكىلىپ ئۇيغۇرسوفت تور دۇكىنى ئارقىلىق ساتقان بولسىڭىز ئاۋۇ windows10 لىق تىلفۇندىن بىرنى ئالاي دىگەن. ئەسلى كەلتۈرۈلگەن باھاسىغا ئازىراق باھا چاپلىنپ كەتسىمۇ مەيلى ئىدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 14:19
  • ۋىن10 نىڭ تېلفۇن نۇسخىسىچۇ مۇئەللىم ؟ ئېلان قىلىنمىدىما ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى am 10:22
باھا بېتى: 1 2