ئۇيغۇرسوفت تور دۇكىنى ئېچىلدى
[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ](1) ئۇيغۇرسوفت تور دۇكىنىغا كىرىش
ئۇيغۇرسوفت ئورگان بېتى ياكى ئالىم ئەھەت بىلوگىغا كىرىپ، ئۈستىدىكى ئۇلىنىشنى چەكسىڭىز بولىدۇ.
ئۇيغۇرسوفت تور بېكىتىنىڭ سول تەرەپ ئۈستىدىكى «دۇكان»نى چەكسىڭىز تور دۇكانغا كىرىسىز، ئاستىدىكى «يۇمشاق دېتال تىزىملاش» بېتىگە كىرسىڭىز يۇمشاق دېتاللارنى تىزىملىيالايسىز.
ئالىم ئەھەت بىلوگىنىڭ ئۈستى ئوتتۇرىدىكى ئېلاننى چەكسىڭىزلا بولىدۇ.
===============================================
(2) تور دۇكاندىن يۇمشاق دېتال سېتىۋېلىش
سول تەرەپتىكى قىزىل رامكا ئىچىگە ئىسىم-فامىلىڭىز ۋە تېلېفون نومۇرىڭىزنى كىرگۈزۈپ، «سېتىۋېلىش» كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ.
ئەلى چىقىمدانى (支付宝) تورىغا كىرىپ، ھەق تاپشۇرسىڭىز بولىدۇ، يەنى تېلېفونىڭىزدىكى ئەلى چىقىمدانى (支付宝) ئەپىنى ئېچىپ، كۆرۈنگەن ئىككىلىك كودنى سايىلەپ، مەخپىي نومۇرىڭىزنى كىرگۈزسىڭىزلا بولىدۇ، ياكى ئوڭ تەرەپتىكى تېلېفونۇم ياندا ئەمەس (手机不在身边) دېگەن خەتنى باسسىڭىز، ئەلى چىقىمدانى (支付宝) نامىڭىز ۋە پارولىڭىزنى كىرگۈزۈپمۇ ھەق تولىيەلەيسىز. مال سېتىۋېلىش ۋە پۇل تۆلەش شۇنداق ئاددىي، سىناپ بېقىڭ.
دىققەت: پۇل تۆلەش جەريانىدا كۆزنەكلەرنى مەجبۇرىي يېپىۋەتمەڭ، ھەممىسى ئۆزلۈكىدىن يېپىلىدۇ، زادى يېپىلمىسا 返回商户的网站 سودىگەرنىڭ بېتىگە قايتىشنى باسسىڭىزمۇ بولىدۇ
ئەڭ ئاخىرىدا يۇمشاق دېتال مۇلازىمەت نومۇرى ۋە توردىن چۈشۈرۈش ئادرېسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى ئوبدان ساقلاڭ ياكى تېلېفونىڭىزدا رەسىمگە تارتىۋېلىڭ.
=================================================
(3) يۇمشاق دېتال تىزىملاش
ئەۋەتكەن ئۇلانمىدىن يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىز، تۆۋەندىكى جايدا توختايسىز.
ئاندىن «ئۇيغۇرسوفت يۇمشاق دېتال تىزىملاش» بېتىگە كىرىپ يۇمشاق دېتالنى تىزىملاڭ، ئۇيغۇرسوفت ئورگان تور بېكىتىنىڭ سول تەرەپتىكى «دۇكان»نىڭ ئىچىدىكى «يۇمشاق دېتال تىزىملاش»نى باسسىڭىزلا بولىدۇ.
http//register.uighursoft.com
===================================
http//register.uighursoft.com
بۇ رەسىمنى باسسىڭىز يۇمشاق دېتال تىزىملاش بېتىگە ئالمىشىدۇ، ئاندىن مۇلازىمەت نومۇرىنى كىرگۈزۈپ تەكشۈرۈڭ.
===========================
http://www.uighursoft.com/ug-CN/contact.html
===============================
==============
سىزدە يەنە ئۇيغۇرسوفت مۇلازىمەت نومۇرى بولسا تەكشۈرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ، ناۋادا ھەرقانداق مەسىلىگە يولۇقسىڭىز، مۇشۇ يەرگە قالدۇرۇڭ ياكى ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
- يازما كۆرۈلۈشى: 6,645 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 08-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 23:38
- ئالدىنقى يازما :Illegal law
- كېيىنكى يازما :Require help formulating a Eulogy?
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم.
مەن ئۆتكەندە ئۈندىدار دۇكىنى يېڭى ئىچىلغاندا ئەلكاتىپ 5.9 نىڭ شەخىسلەر نۇسخىسىدىن بىرنى سىتىۋالغان. سىز مىنىڭ ئىلىكتىرونلۇق خەت ساندۇقۇمغا (1580833558@qq.com) يوللاپ بەرگەن ئىدىڭىز. ھازىرغىچە قاچىلىماي ساقلاپ قويغان ئىدىم. باياتىن شەخسى كومپىيوتېرىمغا قاچىلاش جەريانىدا مۇنداق بىر ئىشقا يۇلۇقتۇم:
ئۇيغۇرسوفت تىزىملاش بىتىگە كىرىپ كومپىيوتېر نومۇرۇم (2847 – 1013 – 4832 – 4921) ۋە شۇ چاغدا ماڭا يۇمشاق دىتال بىلەن بىرگە ئەۋەتىپ بەرگەن مۇلازىمەت نومۇرۇمنى كىرگۈزسەم ماڭا تىزىملاش نومۇرى دەپ ماۋۇ نومۇرنى (用户注册码:7032180488447) چىقىرىپ بەردى. لىكىن، يۇمشاق دىتالنىڭ 注册码 دىگەن يېرىگە كىرگۈزسەم مۇنداق ئۇچۇر چىقىپلا تۇرىدۇ:
您的注册密码有错误,请认真核对后再输入一次
原因:(1)注册密码是16位数字,长度不够(2)密
码输入错误
مەن قەيەرنى خاتا قىلغاندىمەن دەپ ھىچ بىلەلمەي مۇشۇ يەرگە ئىنكاس يىزىشقا مەجبۇر بولدۇم. كۆرسەتمە بەرسىڭىز بوپتىكەن. رەھمەت.
ئەمدى قايتا سىناپ بېقىڭ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئالىم مۇئەللىم مەنمۇ ئەلكاتىپ 5.9 شەخسلەر نۇسخىسىنى ھازىر قاچىلىۋالدىم.ئەگەر يۇمشاق دېتال مۇلازىمەت نومۇرى يوقاپ كەتسە قايتا سېتىۋېلىش كىرەكمۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئالىم مۇئەللىم مەنمۇ ھازىر قاچىلىۋالدىم.ئەگەر يۇمشاق دېتال مۇلازىمەت نومۇرى يوقاپ كەتسە قايتا سېتىۋېلىش كىرەكمۇ؟
قائىدە بويىچە شۇنداق بولاتتى، ئەڭ ياخشىسى خاتىرىۋېلىڭ، ھېچبولمىغاندا تۆت خانىلىق رەت نومۇرىنى ئەستە ساقلىۋېلىڭ، ئەگەر تىزىملىغاندا تېلېفون نومۇرىڭىزنى قالدۇرغان بولسىڭىز، شۇ نومۇر بىلەن ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ.
مەن خېلى يىللار ئىلگىرى ئۇيغۇر سۇفت شىركىتىنىڭ 2008- يىللىق ئۈچ تىللىق لۇغىتىنى سېتىۋالغان ئىدىم، كېيىن كومپيۇتېرنىڭ سىستېمىسى بۇزۇلۇپ قاچىلاش بىلەن ئۇ لۇغىتنى ئىشلىتىلمىدىم. يەنە بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ لۇغەت قايتا لازىم بولۇپ قېلىپ، يەنە بىر بىرنى سېتىۋالدىم، كېيىن كومپيۇتېرنىڭ سىستېمىسىنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىپ، ئۇلارغا ئەھۋالنى تېلېفون ئارقىلىق دېسەممۇ ئامال بولماي، ئاخىرى ئىككىنچى قېتىم ئالغان لۇغەتمۇ بۇزۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەرقانچە زۆرۈر بولسىمۇ سېتىۋېلىشىنى قەتئىيلا ئويلاشمىدىم، ھەم توردا بۇنداق لۇغەتلەر بەك كۆپ بولۇپ كەتتى. دېمەكچى، بولغىنىم، ئۇيۇغر سۇفتنىڭ يۇمشاق دېتاللىرىنى سېتىۋالساق بولىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتى كىشىنى جەلپ قىلمايدۇ، قوپال، بىر مەھسۇلات دېگەننى ئالغاندىكىن چوقۇم ئۇنىڭغا يېتەرلىك مۇلازىمىتى بولۇشى كېرەكقۇ؟ سىستېما يېڭىلىنىش، كومپيۇتېرنىڭ ۋىرۇسلىنىپ سىستېمىسىنىڭ قايتا قاچىلىنىشى نورمال ئىشقۇ؟ ئەشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە دائىم ئۇلارنىڭ سىستېمىسىنى ئېلىش كېرەكمۇ؟ شىركەتتىكىلەرنىڭ ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرۈشىنى سورايمەن…..
ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 نى سېتىۋالغانلىقىڭىزغا رەھمەت، بۇنى ئۆزىڭىزگە تەۋە ئوخشىمىغان ئىككى كومپيۇتېرغا قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئوخشاش بىر كومپيۇتېرغا تەكرار-تەكرار قاچىلاشقا بولىدۇ. سىستېما ئالماشقاندا ياكى ۋىرۇسلىنىپ قالسا قاتتىق دىسكا نومۇرى 99.99% ئەھۋالدا ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ، قايتا سېتىۋېلىش ياكى قايتا تىزىملىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئىككى قېتىم سېتىۋالغان بولسىڭىز، جەمئىي 4 دانە كومپيۇتېرغا قاچىلاشقا بولىدۇ، ئەگەر ئىشلىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ بولغان 5-ياكى 6-كومپيۇتېرغا قاچىلايمەن دېسىڭىز، سېتىش بۆلۈمىدىكى خادىملارمۇ ئامال قىلالمايدۇ، قولىدىن كەلمەيدۇ، چۈنكى تىزىملاش سىستېمىسىنىمۇ مەن ياسىغان. شۇڭا سىز خاپا بولۇپ قالغان ئوخشايسىز. ئەگەر ھەر ئىككى قېتىملىق مۇلازىمەت نومۇرىنى تەمىنلەپ بېرەلىسىڭىز، مەن زادى نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى تېپىپ بېرەلەيمەن، ھەم سىزگە يېڭىدىن نومۇر ھاسىل قىلىپ، كومپيۇتېرىڭىزدا نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىمەن. بىزنى قوللىغانلىقىڭلار رەھمەت.
يەنە بىر گەپنى ئەسكەرتىپ قويسام: كومپيۇتېر ئالماشقاندىمۇ تەسىر قىلمايدىغان لۇغىتىمىز بارلىققا كەلمەكچى، خۇددى ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرگۈچ ھەقسىز نەشرىگە ئوخشاش، ئەمما ئالدىنقى شەرت سىزدە ئىنتېرنېت بولۇشى كېرەك.
مەن مەن بۈگۈن ئەلكاتىپ 5.9 شەخسلەر نۇسخىسىنى تور دۇكىنىدىن سېتىۋېلىپ ،پۇل تۈلەيدىغاندا ئىككىلىك كودنى يانفوندا سايىلەپ پۇل تاپشۇرغان ،پۇل تۆلەش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولسىمۇ مۇلازىمەت نومۇرىغا ئېرىشىدىغان بەتكە ئالماشماي ياكى سودىگەرنىڭ بېتىگە قايتىدىغان يەر چىقماي ئامالسىزلىقتىن چېكىنىپ چىقىپ ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ مۇلازىمەت نومۇرىغا ئېرىشكەن ئىدىم ،چۈشۈرۈش ئادرېسىنى ئېيتىپ بەرگىنى بويىچە كىرگۈزۈپ چۈشۈرگەن بولساممۇ ALKATIP 5.9 (免费版) ھەقسىز نەشرى چۈشۈۋېلىپ قاچىلاش جەريانىدا مۇلازىمەت نومۇرى تەلەپ قىلىدىغان تىزىملايدىغان يەرگە كىرمەيلا قاچىلاش تاماملاندى. سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكىدىن مەن قاچىلاش مەشغۇلاتىنى توغرا قىلالمىدىممۇ ھېچ چۈشىنەلمىدىم ،شۇڭا مۇشۇ جەھەتتە بىر ياردەم قىلغان بولسىڭىز ياكى شەخسلەر نۇسخىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى ئېلخەت ئادرېسىمغا 1693031389@qq.comئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز سىزدىن بەكمۇ مىننەتدار بولغان بولاتتىم رەھمەت سىزگە!
ھازىر ماڭدۇرۇۋەتتىم، قوللىغانلىقىڭىزغا رەھمەت
رەخمەت تېلفۇنۇمغا ئىبەرتىپتىكەن تاپشۇرۇپ ئالدىم مۇلازىمەت نۇمۇرىنى كىرگۈزۈپ تەكشۈرسەم رەت نۇمۇرغىچە چىقىپ؛ ئاستىدىكى ھېچقانداق ئۇچۇر چىقمىدى. رەخمەت
ئۇنداقتا IE دىن باشقا تور كۆرگۈچتە ئېچىپ بېقىڭ، مېنىڭچە تور كۆرگۈچتىكى قىستۇرمىلار توسۇۋالغاندەك قىلىدۇ، ئەمما سېتىۋالغان ئۇچۇرىڭىز يوقاپ كەتمەيدۇ، چۈنكى سېتىۋېلىش كۇنۇپكىسىنى باسقان ھامان سىستېما مۇلازىمەت نومۇرىنى تەييار قىلىدۇ، پۇل تۆلەش ئوڭۇشلۇق بولسا، سېتىۋالغاندىكى ئۇچۇرنى يەنە بىر قېتىم ساقلايدۇ، ئاندىن ئەڭ ئاخىرقى بەتنى كۆرسىتىدۇ، بۇلۇت ساندانى بولغاچقا ھېچقانداق ئۇچۇر يوقاپ كەتمەيدۇ
مەن بىرنى سېتىۋالغان ئىدىم. پۇلنى ئىككىلىك كودنى سايىلەش ئارقىلىق تۈلىگەن پۇل تۈلەپ بولغاندىن كېيىن كۆزنەكنى تاقىمىدىم يېرىم سائەتتىن ئاشتى، باش بەتكە قايىتمىدى. مۇلازىمەت نۇمۇرىغا ئىرىشەلمىدىم.
ئىسم- فامىلەم قۇربانجان مەمتىمىن؛
پۇل تۆلىگەن ئىنىق ۋاقتى: 2015-08-27 15:22
跳转回商户 ساتقۇچىنىڭ تور بېكىتىگە قايتىش دېگەن ئۇلانمىنى بېسىپ قايتسىڭىزمۇ بولاتتى.
ياكى سېتىش بۆلۈمىگە 0991-2813300 تېلېفون قىلىپ، سېتىۋالغاندا تولدۇرغان تېلېفون نومۇرىڭىزنى قالدۇرسىڭىز ھازىرلا دەپ بېرىدۇ، قارىغاندا تور كۆرگۈچتىكى قىستۇرمىلار كېيىنكى بەتكە ئۆتىدىغان جاينى توسۇۋالغاندەك قىلىدۇ. خاتىرجەم بولۇڭلار پۇل تۆلەشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن ئىسىم-فامىلەڭلەر ۋە تېلېفون نومۇرۇڭلارنى خاتىرلەيدۇ، بۇلۇت ساندانىدا ھەرگىز چاتاق چىقمايدۇ. سېتىش بۆلۈمىدىكى خادىملار تېلېفونىڭىزغا قىسقا ئۇچۇر شەكىلدە ئەۋەتىپ بېرىدىغان بولدى
تەكشۈردۈم ئەۋەتىپ بولۇپتۇ
مۇبارەك بولسۇن!
ناھايىتى قولايلىق بوپتۇ.
ئوڭۇشلۇق قاچىلىدىم، رەھمەت مۇئەللىم.
جەمىئىي 24 نۇسخا تەمىنلەنگەنكەن، مەندە 22 سى قاچىلىنىپتۇ، ئېلىپبە بىلەن تۈز ئىككىسى قاچىلانماپتۇ، مەن ھەممىدىن بەك شۇ ئىككى خەت نۇسخىسىنى دەپ سېتىۋالغانتىم. قانداق قىلامىز بۇ ئىشنى(ھىجاراپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى)
ئاۋۇ ئىككى خەت نۇسخىسى پۈتۈنلەي يېڭىدىن ياسالغان بولغاچقا، ئەڭ ئاخىرقى تۇزىنى تەڭشەيدىغان يېرى قالغان ئىدى، بىرنەچچە كۈن ساقلاپ تۇرسىڭىز، كېلەر ھەپتە ئىچىدە مەن يېڭىلاپ بېرىمەن، ئەلكاتىپنى بىر قېتىم سېتىۋالغانلار داۋاملىق ھەقسىز يېڭىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ، ئەزەلدىن شۇنداق بولۇۋاتىدۇ،
ئالىم مۇئەللىم مەندە قارانچۇقلۇق نۇسقىدىكى ئىملاچى 6.0 ( شەخسىلەر نۇسقىسى ) بار ئىدى. گەرچە بۇلۇتتىكى ھەقسىز نەشىرىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ بارغانچە يۇقىرى كۆتۈرىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ لىكىن مىنىڭ بۇنى تورسىز مۇھىتتا ئىشلىتىش ھەمدە Word مۇھىتىدا ئىشلىتىش ئىھتىياجى بولغاچقا ئىزچىل مۇشۇنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان ئىدىم. مۇمكىن بولسا 9-ئاينىڭ 22-كۈنى Office 2016 تارقىتىلغاندىن كىيىن 2010 ، 2013 ، 2016 لەردە ئىشلەيدىغان قىلىپ ، 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن بولسىمۇ مۇشۇ مۇلازىمەتنى يولغا قويۇپ سۆزلۈك ئامبىرىنى ئاز تولا يېڭىلاپ بىرىشكە بولامدىغاندۇ ؟ سېتىۋالغان ئىكەنمىز كىيىنكى يېڭىلاش ئىشلىرىغىمۇ ئىگە بولغان بولسا دىگەن ئۈمۈددە ئىدىم.
( مىكروسوفتمۇ شۇنچە چوڭ مەشخۇلات سىستىمىسىنى بىر يىللىق مۇلازىمەت بىلەن ھەقسىز يېڭىلىدۇ ئەمەسمۇ ، شۇڭا كونا ئىشلەتكۈچىلارنى ئەزەلدىن بار بولغان ئىزچىل قوللاپ كىلىۋاتقانلارنى ئۇنتۇلۇپ قالمىساق دىمەكچى. )
ماقۇل، مەن كوررېكتورلۇق دېتالىنى ئەزەلدىن ھەقسىز يېڭىلاپ كېلىۋاتىمەن. 1999-يىلى 1800 يۈەنگە ئالغان خېرىدارلارمۇ قارانچۇقنى يۈتتۈرۈپ قويمىغانلا بولسا، يۇمشاق دېتالنى داۋاملىق ھەقسىز تەمىنلەپ كېلىۋاتىمىز، ئەلكاتىپ دېتالىمۇ ھەم شۇنداق. يېڭىلاش ھەققى ئالمىدۇق،
بۇلۇتتىكى ھەقسىز كوررېكتورنىڭ ئاساسىي مەقسىتىمۇ ھەقلىق كوررېكتور ئۈچۈن سۆزلۈك ئامبىرى توپلاش، كىشىلەرنى خاتا يازىدىغان سۆزلىرىنى توپلاش، شۇ ئارقىلىق ئاپتوماتىك توغرىلاش ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ئىدى، ھازىرمۇ ھەقلىق كوررېكتورمۇ 7.0 گە كۆتۈرۈلدى، Office 2010, Office 2013 دىمۇ نورمال ئىشلەيدۇ، مېنىڭچىمۇ Office 2016 دىمۇ نورمال ئىشلەيدۇ. بىرنەچچە ھەپتە سىناق قىلىۋالغاندىن كېيىن تور بېكىتىمىزدە يېڭىلاش ئادرېسىنى ئەۋەتىمەن. مېنى قوللىغانلارنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن، خاتىرجەم بولۇڭ.
بۇ ئۇيغۇر ئاي ت ساھەسى ئۈچۈن ناھايىتى بەلەن كاتتا ئىش بوپتۇ ، قوللايمىز
ھەئە توك ئۆتىدۇ، ھەممە يەرلىرى نۇرمال، سىستىما بۇزۇلغاندىن كىيىن بارماق دىسكىدىن قوزغىتىپ ۋىن10 نى قاچىلاپ باقتىم ، لىكىن ئىكران بارماق تۇنۇمىدى، مائۇس چېتىپ ئىشلەتكىلى بۇلىدۇ . يەنە سىستىما ئاكتىپلانمىدى، ئاكتىپلاش نۇمۇرىنى تاپالمىدىم. يەنە كىلىپ بۇنىڭغا مائۇس چېتىپ ئىشلىتىش سەل قۇلايسىزكەن، شۇڭا مۇمكىن بولسا بۇرۇنقى نۇرمال ھالەتتىكى سىستىمىنى قاچىلىغىلى بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى! بىر قېتىم زاۋۇت ئەسلىگە قايتۇرۇش مەشغۇلاتىدا يېرىمىدىلا ئۈچۈپ قېلىپ سىستىمىسى بۇزۇلۇپتۇ. بىر ئامال قىلىپ سىستىما قاچىلىسام يۇقارقىدەك ئەھۋاللار كىلىپ چىقتى! شۇڭا بىر ياردەم قىلغان بولسىڭىز! سىزنى ئاۋارە قىلغىنىمدىن راستىنلا خىجىلمەن!
ئۇيغۇرسوفت تور دۇكىنىنىڭ مۇاپىقيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. ‹‹دۇكان›› دېگەن ئۇلانمىنى چەككەندىن كىيىن ئەسلىدە ئېچىقلىق ھالەتتىكى ئۇيغۇرسوفت باش بېتىنى دۇكان بېتىگە ئالماشتۇرۋەتمەي ئۇنى يېڭى كۆزنەكتە ئىچىلىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويسىڭىز ياخشى بولاتتىكەن.
ماقۇل، رەھمەت
مۇبارەك بولسۇن ئالىم مۇئەلىم،باشقا مىكروسوفىت مەھسۇلاتلرىنى سالساڭلار،سىلەردىن ئاساق تېخمۇ ئىشەنچىلك بولاتتى.
بولىدۇ، بىزنىڭمۇ شۇنداق پىلانمىز بار ئىدى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ئالىم مۇئەللىم: مەن HP steram7 تاختا كومپىيۇتىرنىڭ سىستىمىسىنى بۇزۇپ قويغاندىن بىرى سىزنىڭ تەۋسىيەرىڭىز بۇيىچە ئورگان تورىغا تىلفۇن قىلغان بولساممۇ لىكىن تىل سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكىدىن مەقسىتىمنى ئۇقتۇرالمىدىم، مۇمكىن بولسا تاختا كومپىيۇتىرنى سىزنىڭ دۇكىنىڭىزغا ئەۋەتسەم سىز ماڭا ۋاكالىتەن ئوڭشىتىپ بەرگەن بولسىڭىز سىزدىن بەكمۇ مىننەتدار بولغان بۇلاتتىم، قانچىلىك چىقىم كەتسە مەيلى ئىدى! يەنە سىزنىڭ تور دۇكىنىڭىزدىن لوغەت سېتىۋالماقچى ئىدىم، مۇمكىن بولسا لوغەتنى ئاشۇ تاختا كومپىيۇتىرغا قاچىلاپ ئەۋەتىپ بەرسىڭىزمۇ بۇلاتتى! مەندە باشقا كومپىيۇتىرلار بولسىمۇ لىكىن ئانا تىلدا ئىشلەتكىلى بۇلىدىغان بۇ تاختا كومپىيۇتىرغا كۈزۈم قىيمىدى، باشقىنى سېتىۋالاي دىسەم تېخى! بۇ تاختا كومپىيۇتىرنىڭ پەقەت سىستىمىسىلا بۇزۇلدى، باشقا يەرلىرى ساپساق، ياكى بۇنىڭدىن ئۈمىد ئۈزۈپ باشقىنى سېتىۋالامدىم؟ مۇشۇنىڭغا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز!
ئەھۋالنى ئېنىق دەپ بەرسىڭىز؟ بۇنىڭغا توك ئۆتەمدۇ؟ ئېكران يورۇمدۇ؟ بەك جىددىي بولمىسا، بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ تۇرسىڭىز مەن ئالاقىلىشىپ باقاي، مېنىڭچە سىستېمىنى قاچىلاشقا بولىدۇ.