ئۇيغۇرسوفت ئىملا (ھەقسىز نەشرى) يېڭىلانمىسى تارقىتىلدى
[ IT خەۋەرلىرى ]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
ئۇيغۇرسوفت ئىملا 1.2.0.0 (ھەقسىز نەشرى) تارقىتىلدى، ئىملا ئورگان بېتىدىن چۈشۈرۈڭ،
ئادرېسى:
http://imla.uighursoft.com
ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز)
«ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» يۇمشاق دېتالى ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش قورالى بولۇپ، يەككە سۆزلەردىكى بىر ياكى بىرنەچچە ھەرپنىڭ كەم يېزىلىشى، ئارتۇق يېزىلىشى ۋە ئالمىشىپ يېزىلىشى سەۋەبىدىن كۆرۈلگەن ئىملا خاتالىقىنى تېز سۈرئەتتە تاپالايدۇ ھەمدە ئىملاسى توغرا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئىملادا دائىم كۆرۈلىدىغان خاتالىقلارنى ئاپتوماتىك ئوڭشاپ بېرەلەيدۇ. سۆزلۈك ئامبىرى پېشقەدەم مەسئۇلىيەتچان كوررېكتورلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئەڭ يېڭى ئىملا قائىدىسى بويىچە قايتا تەييارلاندى ۋە يەنە نۇرغۇن كەسپىي ئاتالغۇلار ھەم ئۇلارنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىنىشى كىرگۈزۈلدى.
ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز): 1.2.0.0 (ئەسكەرتىش: بۇ نەشرى 360 ۋىرۇسخورىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن بولۇپ، خاتىرجەم قاچىلاپ ئىشلىتىڭ. ناۋادا كومپيۇتېرىڭىزدىكى باشقا ۋىرۇسخور بۇ پىروگراممىنى توسۇۋالسا، ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىپ ئىشەنچ رايونىغا ساقلاپ قويسىڭىز بولىدۇ).
- يازما كۆرۈلۈشى: 3,938 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 08-ئاينىڭ 3-كۈنى am 11:27
- ئالدىنقى يازما :ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرگۈچ يېڭىلانمىسى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى تارقىتىلىدۇ
- كېيىنكى يازما :Welcome to my 10 Days of Teaching Writing Collection.
مىنىڭمۇ يېڭىلاش ئەسكەرتىشىنى قىلمىغان ئىدى. مەن دېتالىنىڭ ئېچىپ ‹ئىملا › دىگەن تىزىملىكتىن ‹يېڭىلانما تەكشۈرۈش › دىگەننى باسسام ‹سىزنىڭ دېتالىڭىز ئەڭ يېڭى نەشىردىكىسى › دەپ چقىپ ، ئاخىرى بولماي ، ھەممىنى يۇيۇپ يېڭىدىن چۈشۈرۈپ قاچىلىدىم.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئالىم مۇئەللىم بولسا مۇشۇ «ئۇيغۇرسوفت ئىملا » نىڭ تور نۇسخىسى بولغان بولسا ياخشى بولدىكەن، بەزى ئالدىرىغاندا دىتالنى چۈشۈرۈپ ، قاچىلاپ قىلغاندىن، بىۋاستە تور يۈزىدىلا تەكشۈرسەك،يەنە باشقا بىكەتلەرگە قىستۇرمىلار تەمىنلەنسە تور بەتكە كىرگۈزگەن خەتلەرنى تەكشۈرۈپ ماڭسا ياخشى بولاتتى، ئاخىرىدا رەھمەت مۇئەللىم، جاپا چەكتىڭىز،ھارمىغايسىز!
@ئۇدۇن
تاختا كومپىيوتېرنىڭ مەشغۇلات مەركىزىنى ئاچسىڭىز «چۆرۈشنى قۇلۇپلاش» دېگەن تۈر بار شۇ يەرنى ئىتىۋەتسىڭىزلا نورمال ئىشلىتەلەيسىز، مەنمۇ HP stream7 نىڭ نەشىرىنى كۆتۈرىۋىلىپ ئىشلىتىۋاتىمەن شۇنداق نورمال ۋە يىنىك ئىشلەۋاتىدۇ.
ياخشىمۇسىز مۇئەللىم، ئىملا تەكشۈرۈش دېتالى ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئىدىم، يېڭى نەشرىگە كۆتۈرگەندىن كىيىن بىر خاتالىقنى بايقاپ قالدىم، كونا نەشرىدە ئىملا تەكشۈرگەندە تېكىست ئىچىدە باشقا تىللارنىڭ ھەرپ، خەت بەلگىلىرى بولسىمۇ نورمال ئىشلەپ بولۇپ ۋورىد قا نورمال كۆچۈرۈپ چاپلاپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئىدى، يېڭى نەشىردە سىستېما ئىچىگە نورمال كۆچۈرۈپ كىرگەن بىلەن ۋوردقا قايتۇرۇپ چاپلىغاندا چۈشۈنىكىز ھەرپ بەلگىلەرگە ئايلىنىپ قالىدىكەن. مۇشۇنى بىر سىناق قىلىپ باققان بولسىڭىز، شۇ سەۋەبلىك ئىملا سىستېمىسىنى ئىككى قېتىپ ئۆچۈرۈپ قايتا چۈشۈرۈپ سىناق قىلىپ باقتىم يەنىلا ئوخشاش، رەسىم تارتىپ خەت ساندۇقىڭىزغا ئەۋەتىشكە تەييارلاپ قويدۇم كۆرۈپ باقارسىز، رەھمەت!
مەن پەقەت سۆزلۈك ئامبىرىنى كۆپەيتتىم، بارلىق چەكلىمىلەرنى ئېلىۋەتكەن ئىدىم،
سىز دېگەن ئەھۋال كۆرۈلگەن بولسا، مۇنداق سىناپ بېقىڭ.
كوررېكتورلۇق قىلىپ بولغاندا Word قا بىۋاسىتە چاپلىماي، ئاۋۋال «دەپتەر»(记事本)گە چاپلاپ، ئاندىن Word قا چاپلاڭ.
HP setram 7 تاختا كومپىيۇتېرىمغا يېڭىلاش ئۇچۇرى كەممەي مۇشۇ بلوگدىكى ئادرىستىن 32بىتلىق ۋىن10 نى چۈشۈرۈپ قاچىلسام ھەممە يېرى نۇرمال لېكىن ئىكرانى تۈز ھالەتىلام تۇرىۋالدى يانتۇ قىلسام يانتۇ ئىكران بولماي ۋاتىدۇ ئوڭدا-دۈمدە قىلساممۇ ئۆزگۈرۈش يوق ۋىن8.1 گە قايتۇراي دىسەممۇ قايتمايۋاتىدۇ تاختا كومپىيۇتېرغا كىلىدىغان ۋىن10 بىلەن بۇ PC ۋىن10 ئوخشىمامدىغاندۇيا بولمىسا ھەر ئىككىلىسى PC سېستىما ئىكەن بولمىسا
تەڭشەكتىن تاختا كومپيۇتېر ھالىتىگە تەڭشەڭ
@بانكىر
بانكىرغا جاۋاب، 7،8، 8.1 لەرنىڭ ئاكتىپلاش كودى شۇلارغىلا ئىشلەيدۇ، سىز 8نى قاچىلاپ ئاكتىپلاپ بولغاندىن كېيىن 10 غا كۆتۈرۈڭ ياكى قاچىلاڭ.
ئۆزى ئاپتىماتىك ئاكتىپلىنىدۇ . قايتا ئاكتىپلاش ھاجەتسىز. بىر قېتىم ئاكتىپلاپ بولغاندىن كېيىن، سېستىما كومپىيۇتېرنىڭ سەپلىمىلىرىنى يەنى ئاساسلىق قاتتىق دېسكا بىلەن ئانا تاختىنى خاتىرلىۋالىدىكەن. مۇشۇلارنى ئالماشتۇرمىغان ئەھۋالدا، بىر قېتىم 10 غا كۆتۈرۈپ، ئاكتىپلانغاندىن كېيىن، يۇيىۋېتىپ يۈز قېتىم قايتا قاچىلسىڭىزمۇ، ئۆزى ئاكتىپلىندىكەن. بۇ يېرى ھەقىقەتەن قالتىسكەن
بانكىرغا جاۋاب، 7،8، 8.1 لەرنىڭ ئاكتىپلاش كودى شۇلارغىلا ئىشلەيدۇ، سىز 8نى قاچىلاپ ئاكتىپلاپ بولغاندىن كېيىن 10 غا كۆتۈرۈڭ ياكى قاچىلاڭ.
ئۆزى ئاپتىماتىك ئاكتىپلىنىدۇ . قايتا ئاكتىپلاش ھاجەتسىز. بىر قېتىم ئاكتىپلاپ بولغاندىن كېيىن، سېستىما كومپىيۇتېرنىڭ سەپلىمىلىرىنى يەنى ئاساسلىق قاتتىق دېسكا بىلەن ئانا تاختىنى خاتىرلىۋالىدىكەن. مۇشۇلارنى ئالماشتۇرمىغان ئەھۋالدا، بىر قېتىم 10 غا كۆتۈرۈپ، ئاكتىپلانغاندىن كېيىن، يۇيىۋېتىپ يۈز قېتىم قايتا قاچىلسىڭىزمۇ، ئۆزى ئاكتىپلىندىكەن. بۇ يېرى ھەقىقەتەن قالتىسكەن
ياخشىمۇ سىز ئالىم مۇئەللىم ۋە بارلىق ئۇستازلا مىنىڭ بىر تاختا كومپىيوتىرىم بار ئىدى بۇنى 10 غا يىڭىلاش ئۇختۇرۇشى كەپتىكەن يىڭىلاي دىسەم 16 گىگا لىقى ئىدى بىكا يىرى ئاران 2.5 گىگا قاپتۇ بارلىق توردىن چۈشۈگەن دىتاللانى يۇيۋەتتىم بىراق يەنىلا چوڭ ئۆزگۇرۇش يوق شۇڭا ئۇستازلادىن س دىسكىنى قانداق بىكالاش توغۇرسىدا يادەم سوراي دىگەنتىم بىلىدىغانلار ياردەم قىلغان بوساڭلا كۆپ مىننەتتار بولغان بۇلاتتىم ………..
بانكىر : ۋىندوۋس8 نىڭ ئاچقۇچى windows10 غا ئىشلىمەيدۇ ۋىندوس8 نى قاچىلاپ ۋىندوۋس 10 غا كۆتۈر سىڭىز بولىدۇ
مۇئەللىم كەچۈرۈڭ، تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر سۇئال سوراي، ياردەم قىلساڭلار،
win8يڭى چىققاندا ئاچقۇچ نۇمۇرىدىن بىرنى سىتۋالغان، لىكىن ئىشلەتمىگەن، ئالدىنقى كۈنى win10غا ئىشلەتسەم خاتالىق ئۇچۇرى چىقىپ ئاكتىپلانمىدى، سەۋەبىنى بىلىدىغانلار ياردەم قىلساڭلار، ئۇ ئاچقۇچ نۇمۇرىنى تىخى ئىشلىتىپ باقمىغان.
مۇئەللىم جاپا چەكتىڭىز، ھارمىغايسىز. ناھايتى قولايلىقكەن، بەك سۆيۈندۈم،
مۇئەللىم جاپا چەكتىڭىز، ناھايتى قولايلىقكەن، بەك سۆيۈندۈم،
ئەتىگەندىن بۇيان تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن پەيت يېتىپ كەلدى. ئالدىنقى قېتىم ناھىيىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش كۇرسىدا دەرسلىكىمگە كىرگۈزۈپ سۆزلەپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇيغۇرسوفت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىۋاتقانلار بولسۇن ۋە ياكى ئىشلەتمىگەنلەر بولسۇن ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن نەق مەيداندىلا نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار تىزىملىتىۋالغان ئىدى. بۇ يېڭى نەشرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى مىللىتىمىزنىڭ تىل يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرۇش جۈملىدىن يېزىق ئىملا قائىدىسىگە دىققەت قىلىشتا ئەڭ ياخشى رولىنى جارى قىلدۇرغۇسى! رەھمەت مۇئەللىم! ئەجرىڭىزنىڭ تېگى ئالتۇن بولسۇن!
مىنىڭ كومپىيوتېرىم windows10 نىڭ 64 بىتلىق نەشىرى ئىدى. باياتىن ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرگۈچنى ئىچىپ ‹‹يېڭىلانما تەكشۈرۈش››نى چەكسەم ئاپتوماتىك يىڭىلىيالمىدى. شۇنىڭ بىلەن كونا نەشىرىنى يۇيىۋىتىپ بۈگۈن ئىلان قىلىنغان يېڭى ئىملا تەكشۈرگۈچىنى (1.2.0.0 نەشىرىنى ) چۈشۈرۈپ قاچىلىۋالدىم.
بىز ئۈچۈن سۇنغان يەنە بىر كاتتا سوۋغاتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن،ئالىم مۇئەللىم جاپا چەكتىڭىز،ھارمىغايسىز!مەن بايا چۈشۈرۈپ،سىناپ كۆردۈم،ھەقىقەتەن سۆيۈندۈم.