ئەڭ يېڭى Surface 3 ئالدىن سېتىلىشقا باشلىدى
[ IT خەۋەرلىرى ]
مىكروسوفت شىركىتىنىڭ تاختا كومپيۇتېرى Surface 3 كېلەر ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي سېتىلىدۇ، ھازىردىن باشلاپ مىكروسوفت تور دۇكىنىدا زاكاز قوبۇل قىلىپ، ئالدىن سېتىشقا باشلىدى.
مىكروسوفت شىركىتىنىڭ تاختا كومپيۇتېرى بولۇپمۇ Surface pro 3 ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان تاختا كومپيۇتېر ساھەسىگىلا ئەمەس بەلكى خاتىرە كومپيۇتېر بازىرىغىمۇ زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئامېرىكا «دەۋر» ژۇرنىلى تەرىپىدىن 2014-يىلىدىكى ئەڭ زور 25 كەشپىياتنىڭ بىرى دەپ باھالانغان ئىدى. ئەمما بۇنىڭ باھاسى بىرقەدەر قىممەت بولغاچقا، يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەر سېتىۋالالمىغان. مانا بۈگۈن باھاسى بىرقەدەر مۇۋاپىق بولغان Surface 3 ئېلان قىلىنىپتۇ، بۇنىڭ كەسپىي نۇسخىسى (Pro)غا قارىغاندا مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچى ۋە ئېكران ئېنىقلىقى سەل تۆۋەن بولۇپ، ئەمما باشقا تاختا كومپيۇتېرلارغا قارىغاندا يەنىلا نۇرغۇن ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە.
بۇنىڭغا Windows 8.1 قاچىلانغان بولۇپ، كېيىن Windows 10 غا ھەقسىز يېڭىلاپ بېرىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن يۇمشاق دېتاللار قوشۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئادەتتىكى ئىشخانا ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقالايدۇ.
مىكروسوفتنىڭ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى باشقا بىرەر شىركەتمۇ ئۇنداق كۆڭۈل بۆلۈپ باقمىدى، گەرچە ئامېرىكىدا كەتمەن بولمىسىمۇ، مىكروسوفتنىڭ كەتمىنىنى بۇ يەردە بولسىمۇ چېپىپ قوياي دېدىم، مانا تەشۋىقات رەسىمى:
سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، مىكروسوفت تور دۇكىنىنى زىيارەت قىلىڭ
http://www.microsoftstore.com.cn/
- يازما كۆرۈلۈشى: 3,656 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 05-ئاينىڭ 28-كۈنى am 8:54
- ئالدىنقى يازما :The Advantages And Also The Negatives OF GENETICALLY Altered Meal.
- كېيىنكى يازما :The Results in and Results of Political Corruption on Generating Places
مىكرو سوفىت win7,win8.1,wp8.1 نىڭ ھەقىلىق نۇسخىسىنى ئشلىتىۋاتقانلارنى بىر يىل ھەقسىزwindows10 مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز دەپتۇ،قارىغاندا بىر يىلدىن كىيىن ئۆزىمىز سىتىۋىلىپ ئىشلىتىدىغان ئوخشايمىز ،مەڭگۈلۈك ھەقسىز ئەمەسكەن،،،بۇ تىلفۇن سىستىمىسىغىمۇ قارتىلغانمۇ يا ، بىر يىلدىن كىيىن تىلفۇنىمىزدىكىwindows10 نىمۇ سىتىۋالامىزمۇ يا ،،،،ئۇ مەڭگۈ ھەقسىزمىدۇ
Surface3بۇنىڭ نەچچە خىل نۇسخىسى.Surface Pro 3 بۇنىڭ جۇڭگو نەشىرى ۋە كەسپى نەشىرى دەپ ئايرىلىدىكەن. بۇنىڭ پەرقىنى بىر ئاز چۈشەندۈرۈپ بەرسەڭلا بوپتىكەن. مەن Surface rt64g ئىشلىتىۋاتقان ئىدىم.ئۆزەم باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئاددى بىر ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى.ئەگەر ياخشى بولسا ئاتا-ئانىلارغىمۇ تەۋسىيە قىلماقچى ئىدىم.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، C# دا sql server DateAdd فۇنكسىيەسىنى قانداق ئىشلىتىمىز؟ بىلىدىغانلار ۋاقىتىڭلار بولسا جاۋاپ بەرگەن بولساڭلا!
مىكروسوفت: Windows 10 مەشغۇلات سىستېمىسى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىلان قىلىنىدۇ. http://www.microsoft.com/zh-cn/windows/windows-10-faq?ocid=win10_auxapp_context
يېقىندا lumiaتېلېفونىنى ئىشلىتىپ باقاي دەپ، lumia535 دىن بىرنى مىكروسوفتنىڭ ئورگان تور بېتىدىن ئالغان ئىدىم، مال كەلگەندە قارىسام قەغەزدە 新疆维吾دەپ يېزىقلىق كەپتۇ، مىكروسوفت ھېسابات نومۇرىغا ئالغان ئىدىم بۇ تېلېفوننى، ئۇلار 新疆维语دېمەكچىمىدۇ؟ ئۇلار ئىستاتىستىكا قىلىۋاتامدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم. چۈنكى مەن بۇرۇن بۇ ھېسابات نومۇرى بىلەن ھەقلىق win8نى سېتىۋېلىپ ئىشلەتكەن، ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىنى دائىم ئىشلىتىمەن.
شۇنداق، ئۇلار ھەرخىل ئامال بىلەن ئىستاتىستىكا قىلىدۇ. ئالدىنقى قېتىمقى كىچىك HP نىمۇ شۇ ئۇيغۇرلار كۆپ ئالغاندەك تۇرىدۇ، تېلېفون بەرگەنلەرمۇ كۆپ ئىكەن.
ئالىم ئەپەندىم مۇشۇندىق ئىلغار كومپىوتېرلارشىنجاڭ بازىرىغا كىرسە قالتىس ئىش بولاتتى – دە!!!!!!
ئالىم مۇئەللىم ئالدى بىلەن تىنىڭىزگە سالامەتلىك ئىشلىرىڭىز غا ئۇتۇق تىلەيمەن .تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ مۇشۇ يەردە دەۋىرەي كۆزنەك 7 مۇھىتىدا ئىشلىتىدىغان قول كۆندۈرۈش مەشىقىنىڭ قاچىلاش بولىقىنىڭ ئۇلانمىسىنى مەن تاپالمىدىم ياكى سىز كۆزنەك 7 گە قارىتا بۇ دىتالنى تەمىنلەشنى توختاتتىڭىزمۇ بۇنى بىلمىدىم.بولسا شۇ ئۇلانمىنى تەمىنلەپ قويغان بولساڭلار بوپتىكەن ھازىرغىچە كۆزنەك 7 ئىشلىتىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس، خىلى باللار سورىغانتى كۆزنەك 8نى تەۋسىيە قىلسام چوڭلار كۆنەلمەيدىكەن دەپ يەنە شۇنى سوراۋاتىدۇ .
بۇ نۇسقىسىغا ھەجەپ كۆزۈم چۈشتى. ماڭا ئوخشاش 24 سائەت ۋاقىتنى يەتكۈزۈپ بولالمايدىغانلار ئۈچۈن ، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى پارچە ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ خىزمەتلەرنى تاماملاش ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر ئۈسكۈنىنىڭ بولۇشى تولىمۇ زۈرۈر بولىدىكەن. ئابتۇبۇستا ئولتۇرغاندا ، ئادەم ساقلايدىغان ۋاقىتتا ، ئىدارە ئورگانلارغا ئىش بىجىرگىلى بارغاندا (مەسىلەن بانكا،تېلېگىراف شىركەتلىرى ، دوختۇرخانا…..) ئۆچرەتتە تۇرغان ۋاقتىمىزدا شۇ ئارقىلىق خىزمەت قىلساق ياكى ئۇچۇر ئىزىدىسەك نىمىدىگەن قۇلايلىق. چوقۇم مىكروسوفىتنىڭ ئۈمۈدىنى يەردە قويماسلىقىمىز كىرەك. جاھاندا ھىچقانداق شىركەت بىز ئۈچۈن بۇنداق قىلىپ باقمىدى.
شۆلگەينى ئېقىتىپ!سەپلىمىسى بولىدىكەن جۇما!ئالىم مۇئەللىم خەقنىڭ كەتمىنىنى چاپماي ئۆزىمىز چىقارمامدۇق؟ئوقۇغۇچىلارغا،خىزمەتچىلەرگە قاراتمىلىق قىلىپ ئىشلەپ چىقىرىپ بازارغا سالمامدۇق؟
ئالىم مۇئەللىم سىز بىلىدىغان (ۋە باشقىلار) توردا دەرىس ئۆتىدىغان بىرەر كۇرۇس بارمىدۇ؟ يەنى ۋىندوۋسقا پروگرامما تۈزۈشنى ئۈگىتىدىغان؟
بولسا ئادرىسىنى قالدۇرغان بولساڭلار رەھمەت.
visual studio 2013 نى ئۈگەنسەم بولاتتى
مەن Surface pro 3 دىن 128گ لىق دىن بىرنى ئالاي دەپ ئازراق پۇل كەملەپ قالغان بىرە ئايدىن كىيىن ئالاي دەپ ئولتۇرغان مانا ئەمدى بۇ چىقىپتۇ بۇ ئىككىسىنىڭ قانداق پەرقى بار wifi دەپ قويغىنى نېمىنى بىلدۈردۇ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچى ۋە ئېكران ئېنىقلىقى دىن باشقا باھاسى 2000 يۈەن پەرىق قىلدىكەن شۇڭا سوراپ ئالاي ياكى يەنە بىرە ئىككى ئاي ساقلاپ ئازراق پۇل قوشۇپ يەنىلەم كەسپىنى ئالغان ياخشىمۇ
بۇنىڭ ئېكرانى 10.2، كەسپىي نۇسخىسىنىڭ ئېكرانى 12.0 دىيۇم
ناۋادا، كەسپىي ئىش قىلىدىغان ئىش بولسا (سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش، فىلىم تەھرىرلەش،…دېگەندەك)، دائىم دېگۈدەك بىر مۇقىم جايدا تۇرالمىسىڭىز، ئۇنداقتا كەسپىي نۇسخىسىنى ئېلىڭ. ئۇنىڭدا كومپيۇتېردىكى بارلىق ئىشلارنى قىلالايسىز.
ناۋادا، كۆپرەك يېزىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان (ماقالا يازىدىغان، پىروگرامما يازىدىغان، ناخشا-مۇزىكا ئاڭلايدىغان دېگەندەك) ئىش بولسا، مۇشۇ نۇسخىسىنى سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
مۇشۇ ۋىندوۋس 10 نىڭ چىقىشىنىمۇ بەك ساقلاپ كەتتىم. ھەر كۈنى دېگۈدەك خەۋەر كۆرىمەن، بۇ سىستېمىنىڭ خەۋەرلىرى بەك تېز چىقىۋاتىدۇ. يېقىنقى سىناق نەشرىلىرىدە قاچىلاش جەريانىنىڭ يېرىمى كېمىيىپ، يېرىم سائەتتە قاچىلاش بولدىغان بولۇپتۇ. تور بولمىغان كومپيۇتېردىمۇ شۇنداق ياخشى ئىجرا بولۇۋاتىدۇ. بەزى شىركەتلەرنىڭ جەزملەشتۈرۈشىچە Win10 RTM نەشرى 7-ئايدا ئېلان قىلىنىدىكەن. مۇشۇ ھەقتىمۇ بىلوگۇمدا بەزى يازمىلارنى قالدۇرۇپ كېلىۋاتىمەن. بۇ سىستېمىغا قىزىققۇچىلار ھەقىقەتەن كۆپكەن. بەزى خەۋەرلەر كىشىنى ھەقىقەتەن سۆيۈندۈرىدىكەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلىغا نىسبەتەن…
مەنمۇ بىر يىلدىن ئاشتى بىرىنجى ئەۋلات64جىلق سۇرفەيسنى ئشلىتىپ كېلىۋاتىمەن. سۈپەت ۋە قولايلىق جەھەتتە راستىنلا ماختاشقا لايىق.
ھازىرچە توردىنلا سىتىۋالغىلى بولىدىكەن-دە؟ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كومپىيوتېر شەھەرچىسىدە بازارغا سىلىنغان بولسا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ سىتىۋىلىشىغا قولايلىق بولغان بولاتتى.
ۋېندوۋېسفون ئىشلەتمەسلىككە ھىچقانداق باھانە يوق بولغىلى ئازلا قالدى.