بۇ يىل ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللاردىكى نەتىجىلەر كىشىنى تېخىمۇ خۇشال قىلغۇسى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

بۇ يىل ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللاردىكى نەتىجىلەر كىشىنى تېخىمۇ خۇشال قىلغۇسى

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

بۇ يىل ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللاردا يەنە بىر تۈركۈم نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى ۋە كەلمەكچى

بىرىنچى: مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە ئىزدەش ماتورى
Microsoft (مىكروسوفت) شىركىتىنىڭ تۆۋەندىكىدەك مەھسۇلاتلىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىندى، بۇ يىل ئىچىدە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىنىدۇ.
(1) Windows 10 مەشغۇلات سىستېمىسى
(2) Bing ئىزدەش ماتورى
(3) XBox ئويۇن سۇپىسى
(4) Windows Phone (بىر قىسىم ئەپلىرى)
ئىزاھات: كۆرۈپ بېقىش نەشرىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلدى، بەلكىم ۋاقتى كەلگەندە پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بولۇپ كېتىشىمۇ ھېچ گەپ ئەمەستەك تۇرىدۇ.
Windows-10-alla-enheter-1

2015-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى مىكروسوفتنىڭ ئىنژېنېرلىرى بېيجىڭغا كېلىپ لېكسىيە سۆزلەيدۇ، تىزىملىتىش ئادرېسى مانا:
https://beijing.build15.com/
بېيجىڭدىكى ۋاقتى ۋە شارائىتى بار قىزىققۇچىلار نەق مەيدانغا بېرىپ ئاڭلاپ كېلىڭلار.
build2015

ئىككىنچى: ماشىنا تەرجىمە ۋە ياردەمچى تەرجىمە دېتاللار
بىر ئاي ئىچىدە ئۇيغۇرچە ماشىنا تەرجىمە ياكى ياردەمچى تەرجىمە دېتاللار بەس-بەستە ئېلان قىلىندى.
(1) ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى (2015-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى)
(2) مەركىزىي تەرجىمە ئىدارىسى ماشىنا تەرجىمە تور بېكىتى (2015-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى)
(3) شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماشىنا تەرجىمە ۋە ياردەمچى تەرجىمە تور بېكىتى
(2015-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى)

ucat

قارىغاندا بۇ يىل كومپيۇتېرچىلارغا نىسبەتەن ماشىنا تەرجىمە دېتالى يىلى بولغۇدەك، مۇمكىن بولسا مۇشۇنداق ئىككى تىل ئارىسىدىكى تەرجىمە دېتاللىرى بەس-بەستە بارلىققا كېلىپ، مىللەتلەر ئارا چۈشىنىش ئىلگىرى سۈرۈلسە تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
auto_tran

ئۈچىنچى: ئاۋازلىق كىرگۈزۈش دېتاللىرى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە كېدا شۈنفېي شىركىتى بىرلىشىپ، ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق كىرگۈزۈش ئەپىنى ئېلان قىلدى، ئۇيغۇرچە ئاۋازنى تونۇش نىسبىتى ھەقىقەتەنمۇ خۇشال قىلىدۇ. ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىم، پىروفېسسور تۈرگۈن ئىبراھىم مۇئەللىمگە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار يار بولغاي.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ئورۇنمۇ مۇنداق دېتالنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، مۇشۇ ئاي ئىچىدە ھەقسىز تارقىتىدىغاندەك تۇرىدۇ.

تۆتىنچى: باشقىلار
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى غالىپ مۇئەللىم باشچىلىقىدا ياسالغان مەۋھۇم ساياھەت قىلىش ۋە تېكىستلەرنى ئىما-ئىشارەت تىلىغا ئايلاندۇرۇش يۇمشاق دېتاللىرىمۇ كىشىنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ يەردە تىلغا ئېلىنمىغان تەتقىقات ئورۇنلىرى، شىركەتلەر ۋە تەتقىقاتچى خادىملار ياساپ چىققان نۇرغۇن يۇمشاق دېتاللارمۇ بولۇشى مۇمكىن، بۇلارمۇ ئىشلەتكۈچىلەرگە نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ.

بۇ يىل مىكروسوفتنىڭ كومپيۇتېر، تاختا كومپيۇتېر ۋە يان تېلېفون مەشغۇلات سىستېمىسى بىرلىشىدۇ، ھەم بۇ مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە سۇپىلىرى ئۇيغۇر تىلىنى تېگىدىن قوللايدۇ، ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقات نىشانىنى ھەل بولماي كېلىۋاتقان تېخىمۇ كۆپ يېڭى، ئەمەلىي قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللارنى تەتقىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
84 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 4
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم مەن خۈيپۇ پەد تىن بىرنى سېتىۋالغان ئىچىدە بىريىللىق تور مۇلازىمىتى بار ئىكەن مەن پەقەت ئىشلىتىشنى بىلەلمىدىم ۋاختىڭىز بولسا شۇ توغۇرلۇق بىر چۈشەنچە بىەرسىڭىز خۈيپۇ پەد ئىشلەتكۈچلەر ئۈچۈن سىز گە كۆپ رەخمەت

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى am 08:14
  • تۈنۈگۈن Microsoftئۆزىنىڭ Windows ئورگان بېتىدە Windows 10 نىڭ جەمئىي 7 خىل نەشىرى ئېلان قىلىنىدىغانلىقىن ئېلان قىلىپتۇ. ئالىم مۇئەللىم، مۇشۇ يەتتە خىل نەشىرىنىڭ ھەممىسىگە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىنارمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى am 08:07
  • ۋايۋۇي راستىنلا قۇتلۇقلاشقا تېگىشلىك ئىشلار ئىكەن.ھەر بىر ئىختىراچى قېرىنداشلارغا چىن دىلىمدىن سالام يوللايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 20:20
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كومپيۇتېر ساھەسىدە تەر ئاققۇزىۋاتقان بارلىق تۆھپىكارلارنىڭ تېنى ئامان بولسۇن.
    يېڭىلىقلارنىڭ توختاپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 20:02
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەد مۇئەللىم.. خەۋەردە دېيىلىشىچە باسما تونىيدىغان ocr مۇ چىقىپتۇ.. بۇ راسمۇ؟؟ راس بولسا ئۇنى نەدىن ئالغىلى بولىدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 18:54
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم

    ئاۋۇ مىكروسوفتنىڭ ئىنژېنېرلىرى كىلىپ سۆزلەيدىغان يىغىندا Excel دە بىر كاتەكتىكى ئۇيغۇرچە خەتلەردە تىنىش بەلگىلىرىدىن كىيىن قۇر ئاتلىسا تىنىش بەلگىسى خەتنىڭ بىىشىغا قىچىپ كىتىدىغان ئەھۋالنى ئوتتۇرغا قويۇپ باققىلى بولارمۇ؟
    ياكى بۇ ئۇنداق پىكىرلەر قوبۇل قىلىنمايدىغان يىغىن بولارمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 18:47
  • بۈگۈن ئەتىگەن تېخى قاتناش قىزىق لىنىيەسى پروگراممىسىدا بىرسى ئالەم ئەھەت نامىدا ئۇچۇر يوللاپتىكەن،رىياسەتچىلەر بىزنىڭ ئالىم ئەھەت مالىمنى تۇنۇشتۇرۇشقا چۈشۈپ كەتتى،خۇش خەۋەرلەر ئۈزۈلمىگەي،ئامىن

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 16:33
    • بالامنى مەكتەپكە ئېلىپ ماڭغاندا ئۆينىڭ ئالدىدىكى يولدا توسۇلۇپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئۈندىدارىمدا قاتناش رادىيوسىغا يول ئۇچۇرى يوللاپ قويغان ئىدىم، لېكىن ئىسمىمنى يازمىغان، ئەمما باش سۈرىتىم بولغاچقا ئۇلار تونۇپ قاپتۇ،

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 18:00
  • ۋىندوۋس خەرىتە دىتالىمۇ تەرجىمە قىلىنارمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 16:26
    • ئىلگىرى نوكىيادىن سېتىۋالغان تەييار ئۇيغۇرچە خەرىتىنى ئىشلىتىپتىكەن، ئەمما تەرجىمىلەر كونا ئىملا قائىدىسىدە ۋە باشقا خاتالىقلار كۆپ بولغاچقا ۋاقتىنچە قالدۇرۇۋېتىلدى. كېيىن ھامان چىقىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 17:04
  • ياخشى بولدى

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 15:22
  • ياخشى ئىشلاردىن راۋۇرۇس ھوزۇرلىنىدىكەنىزدە

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 15:20
  • پۈتۈن كۆرۈنمە يۈزىنى ئۇيغۇرچە قىلغىلى بولىدىغان Windows 10 سېستىمىلىق تىلفۇنلارنىڭ خەلقىمىز ئارىسىدا تىزراق ئوموملىششىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلاتتىم. قارىغاندا بۇ يىلمۇ بۇنىڭدىن ئۈمۈد يوق ئوخشايدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 14:45
  • Windows Phone (بىر قىسىم ئەپلىرى) دەپ ئاپسىز، ئەجىبا ئىگە تەرەپ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئۆزىنىڭ تەرجىمىسىنى ئاۋۋال چىقىرىشنى ئويلاشماي، بەلكى بىر قىسىم ئەپلىرىنىڭ تەرجىمىسىنى تەمىنلىمەكچى دېگەن گەپمۇ بۇ؟
    ئاندىن Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ھەقىقەتەنمۇ ياخشى ئىشلىنىپ، كۆپ قىسىم كىشىلەرگە قولايلىق ياراتقان ئىدى. 2016 نۇسخىسىمۇ داۋاملىق تەرجىمە قىلىنامدىغاندۇ يا؟
    بولسا ئاۋازلىق كىرگۈزگۈچمۇ بىر ئومۇملىشىپ كەتسە، كەچكىچە ئاندروئىدنىلا قوللايدۇ دەپ تۇرۇۋالماي باشقا سۇپىلارنىمۇ قوللىسا ئېسىل ئىش بولاتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 14:22
  • مۇشۇنداق خۇش خەۋەرلەرنى ئاڭلىسا جانلار يايراپ كېتىدىغۇ زادى ! مۇشۇ ساھەدە تىنماي ئىزدىنىۋاتقان ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ شۆھرىتىنى يوقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن جان كۆيدۈرىۋاتقان ئالىم ئەھەت مۇئەللىم ، ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىم ، تۇرگۈن ئىبراھىم مۇئەللىم ۋە مۇشۇ ساھەدىكى باشقا قېرىنداشلارغا تەشەككۈرلەر بولسۇن ! ئەل قەلبىدە سىلەرمۇ مىللەتنىڭ قەھرىمانلىرى ! يولۇڭلار ئوچۇق بولسۇن پىداكارلار !

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 13:32
  • ئانا تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇيغۇر تەرجىمە ئىشلىرى ئۈچۇن ئۈن -تىنسىز ،سەخسىيەتسىز تۆھپە قوشىۋاتقان بارلىق قىرىنداشلارغا رەھمەت ئىيتىمەن ،،،،،،،تىنىڭلار سالامەت بولسۇن ، ئائىلەڭلارگە خاتىرجەملىك تىلەيمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى am 11:54
  • رەھمەت ئالىم ئەھەت مۇئەللىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى am 11:33
باھا بېتى: 1 2 3 4