Windows 10 ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرى ئېلان قىلىندى.
[ IT خەۋەرلىرى ]Microsoft شىركىتى ئامېرىكا شۇ جاي ۋاقتى 21-يانۋار سەھەر 9:00 (ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 11:00)دا ئالاھىدە تارقىتىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ يىغىندا Microsoft شىركىتى يېڭى ئەۋلاد مەشغۇلات سىستېمىسى Windows 10 دىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى تونۇشتۇرىدۇ.
بىۋاسىتە كۆرۈش ئادرېسى مانا
http://www.microsoft.com/windows10story
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 7,230 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 01-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 20:30
- ئالدىنقى يازما :«ئۈندىدار»ىمىزغا بانكا كارتىمىزنى قانداق باغلايمىز؟
- كېيىنكى يازما :Microsoft پۈتۈن تەسۋىرلىك كۆزئەينىكى (كۆرمەي تۇرۇڭلار)
تېخىمۇ كۆپ
ئامېرىكا شۇ جاي ۋاقتى 21-يانۋار سەھەر 9:00 (ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 11:00)دا ئالاھىدە تارقىتىش يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى.
دىگەن گەپ ئۈرۈمچى ۋاقتى 21-يانۋار كەچ سائەت 11:00 دىگەن ۋاقىتمۇ يا؟ ئۇنداق بولسا 4 يېرىم سائەت قاپتۇ. تەييارلىق قىلىپ چەتئەلنىڭ يىغىنىنى بىر ئاڭلاپ باقاي. يىغىن ئاڭلىغىلى تۇرغىلىقى قاق 3كۈن بولغان. كاسىمۇ بىر قىسىم بولۇپ كەتتى. يەنە 3كۈندە تۈگەيتى. دەل شۇ ئىككى 3نىڭ ئوتتۇرسىكەن. بىر ھېكمەت بار ئوخشايدۇ.
شۇنداق سەل تۇرۇپ باشلايدۇ، يەنە ئىككى يېرىم سائەت قالدى
ئېلان قىلىنغاندا ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىغا ئالماشتۇرۇۋالسىڭىزمۇ بولۇۋېرىدۇ. شۇڭا خەت نۇسخىسىغا بەك ئېسىلىۋالمايلى
خەت نۇسخىسى قوشۇش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. ئۇلارنىڭ خەت نۇسخىسىغا قويىدىغان ئۆلچىمى بەك يۇقىرى. گەرچە نەچچە ك ب نەرسە بولغان بىلەن خەت نۇسخىسىنىڭ ئىشى خېلى باش قاتۇرىدۇ.
ۋاھ بەكلا كاتتا ئىش بوپتۇ. قېنى كەچ سائەت 11دە نېمە ئىشلار بۇلىدۇ .بۇ ئشنىڭ تەپسىلاتىغا ئىنتىزاربىز.
بوپتۇ ئەمدى، بۈگۈن كەچتە ئۇخلىماي قاچىلايدىكەنمەندە.
بىۋاستە تارقىتىشنى http://www.ithome.com دىن كۆرسەكلار بولىدۇ~~~
مەنچىمۇ ئەلكاتىپنىڭ خەت نۇسخىسىنى ئىشلەتكەن بولسا تازا ئوبدان بولاتتى.
موشۇ ئەلكاتىپ دېگەن نام نېمىدىگەن ياخشى قويۇلغان نام ھە.موشۇ سۆزنى ئالىم مۇئەللىم ئويلاشقان بولغىيمىدى ياكى تورداشلارنىڭ پىكىرى بىلەن قويۇلغان بولغىيمىدى.
مىكروسوفت شىركىتى windows10 غا ئەسلىدە ئۆزى ياساپ بەرگەن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى بولغان microsoft uighur ئاساسىدا، يەنە ئۇيغۇرسوفىتنىڭ بارلىق ئەلكاتىپ خەت نۇسخىلىرىنىمۇ قوشۇپ قويغان بولسا بەكمۇ ياخشى بولاتتى. بەرىبىر ھېچقانچە بوشلۇقنىمۇ ئىگەنلەپ كەتمەيتتى ئۇ خەت نۇسخىلىرى.
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئۇستازلار ماڭا سەپلىمىسى يۇقۇرى windows 8 سىستىملىق خاتىرە كومپىيوتۇر تەۋسىلە قىلساڭلار بوپتىكەن باھاسى 7000 ئەتراپىدىكى چوڭ ئويۇنلارنىمۇ سۆرىيەلەيدىغان بولسا بۇلاتتى رەھمەت.
Microsoft شىركىتىنىڭ يېڭى ئەۋلاد مەشغۇلات سىستېمىسى Windows xp — Windows 10 غا ئوخشاش ئەڭ كۆپ كىشلەرنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئىرىشكەن،شۇنداقلا كۆپ خىل ئىقتىدارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئەڭ ئۇزۇن دەۋر سۈرىدىغان يېڭى ئەۋلاد مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ قىلىشى مۆمكىن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ياكى سىستېمىدىكى ئۇيغۇر تىلى ياكى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىدىن ئالدىن ئاز تولا خەۋەر يوقما (كۈلۈمسىرىگەن چىراي ئىپادىسى)
بىر كۆرۈپ باقىلى قانچىلىك يېڭىلىقلار بار،ۋپ8.1نىڭ كۆرۈپ بېقىش نەشرىنى ئىشلىتىۋاتىمەن.بوپ قويىدۇ جۇمۇ،شۇ بىر ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ يوق كاساپەتتە!
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇئەللىم، بۇ ئۆتكەندە خەۋەر قىلىنغان ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشىرىمۇ؟ ئالدىنقىسى تېخنىكىلىق كۆرۈپ بېقىش نەشىرى دىگەندەك ئىدى، ئىستىمالچىلار نەشىرى بىلەن تېخنىكىلىق نەشىرىنىڭ قانداق پەرقى بولىدۇ؟
win10 نىڭ رەسمى نۇسخىسى قاچان ئېلان قىلنار.
رەسمى نۇسخىسى قاچان ئېلان قىلنار.