ئىسمى جىسمىغا لايىق ئەليۇلئەلا-پەخرىيە ئەشرەپ
[ تاغدىن-باغدىن ]
بۈگۈن رادىيو تىزىملىكىدىن بۇ يىللىق ئەليۇلائەلا ھەققىدىكى پىروگرامما ئۇقتۇرۇشىدىن خەۋەر تېپىپ، پىروگرامما ۋاقتىغا ئۇدۇللاپ ئىشتىن چۈشۈپ، رادىيو ئاڭلىغاچ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. ئۈرۈمچى ۋاقتى 7:00 دە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى «ياشلىق مېلودىيە » پىروگراممىسىدا بۇ يىللىق ئەليۇلئەلا-پەخرىيە ھەققىدىكى نەق مەيدان سۆھبىتى باشلاندى.
پەخرىيە ئەشرەپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تەبىئىي پەن تۈرىدە 711 نومۇر ئېلىپ ش ئۇ ئا ر بۇيىچە ئەليۇلئەلا بولغان، ماتېماتىكا نەتىجىسى تېخىمۇ ھەيران قالارلىق بولۇپ، تولۇق نومۇر يەنى 150 نومۇر ئالغان ئىدى.
بۇ پىروگراممىغا قىزىقىشىمدا تۆۋەندىكى ئىككى سەۋەب بار.
(1) مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغاچقا، ماتېماتىكىدىن تولۇق نومۇر ئالغان بۇ سىڭلىمىزنىڭ تالانتىغا ۋە تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتتىم. شۇنداقلا ئۆگىنىش تەجرىبىسىنى ئاڭلاپ باققۇم كەلدى.
(2) بىزنىڭ ئۆيدىمۇ 1989-يىلى ش ئۇ ئا ر تەبىئىي پەن ئومۇمىي نومۇر ۋە فىزىكا (مەملىكەتلىك بىر تۇتاش) ئىمتىھانىدا ئەليۇلئەلا چىققان بولۇپ، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى خۇشاللىقىنى ئوبدان چۈشىنىمەن. ئۇلارنىڭمۇ تەسىراتلىرىنى ئاڭلاپ باققۇم كەلدى.
رادىيو ئارقىلىق ئۆزىنىڭ، ئاتا-ئانىسىنىڭ، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ خۇشاللىقىنى ۋە يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلىدىم، مېنىڭچىمۇ بۇ سىڭلىمىز شىنجاڭدىكى خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق،….ئوقۇغۇچىلارنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى. پەرىزىمچە، بۇ يىل ئىمتىھان بەرگەنلەر ئىچىدە بۇنداق تولۇق نومۇر ئالغانلار پۈتۈن جۇڭگودا 10-20 گىمۇ يەتمەسلىكى مۇمكىن. مەيلى قانداق بولۇشتىن قەتئىي نەزەر، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىز بالا تۇرۇپ بۇنداق تولۇق نومۇر ئالغىنى ھەقىقەتتۇر.
ئۆيگە كەلسەم قىزىممۇ رادىيو ئاڭلاپ ئولتۇرۇپتىكەن، ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا ماڭا تېلېفون ئېلىپ بەر دېگەن ئىدى، مەنمۇ ياق دېمىگەن ئىدىم، ئەمما، ئۇ رادىيودىن ئاڭلاپ تەسىرلىنىپتۇ، پەخرىيە ئاچاشمۇ ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ تېلېفون ئىشلەتمەي، ئىمتىھانىدا بىرىنچى بولۇپتۇ ھەم ماتېماتىكىدا 150 نومۇر ئېلىپتۇ. مەن ماتېماتىكىدا ئاران 100 نومۇر ئالغان تۇرسام، 50 نومۇرنى قانداق ئارتۇق ئالغاندۇ؟-دەپ ھەيران قېلىپ، مەنمۇ تېلېفون ئالماي ئەمىسە دەيدۇ. دېمەك، بۇ قىزنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى نۇرغۇن كىشىلەرگە تەسىر قىلدى. مېنىڭچە ئاتا-ئانىلارغا ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بەزى ئوقۇتقۇچىلىرىغىمۇ قاتتىق تەسىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن.
نۇرغۇن ئاتا-ئانا ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ماتېماتىكىدىن ياخشى نومۇر ئالغىلى بولمايدۇ»-دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرىدۇ، ئۇلار يەنە بۇنى ئوقۇغۇچىلىرىغىمۇ سىڭدۈرۈۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ماتېماتىكا نومۇرۇم ئاساسىي ئۆلچەمگە يەتسىلا بولىدۇ دەپ سەل قارايدۇ. ماتېماتىكا ئۆگىنىشنى ئۆزىگە بېسىم قىلىۋالغاچقا، ماتېماتىكىدىن ھەتتا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىدىنمۇ بىزار بولىدۇ. مېنىڭچە ھەممە ئادەم ماتېماتىكىغا قىزىقمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى ماتېماتىكىغا ئۆچ قىلماسلىقى كېرەك ئىدى.
ئاخىرىدا، بۇ سىڭلىمىزنىڭ ئۆز ئارزۇسىدىكى ئالىي مەكتەپكە بېرىپ، كەلگۈسىدىمۇ ئۆز ئىسمىغا لايىق پەخىرلىك ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئاتا-ئانىسىنىڭ پەرزەنتلىرىگە سىڭدۈرگەن ئەجىرلىرىگە رەھمەت ئېيتىمەن!
رادىيونى ۋاقتىدا ئاڭلىيالمىغانلار، ياشنا بىلوگىدىن كىرىپ ئاڭلىساڭلار بولىدۇ،
ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى «ياشلىق مىلودىيە» پىروگراممىسى
http://www.yashna.net/?p=368
- يازما كۆرۈلۈشى: 9,043 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2011-يىلى 06-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 22:07
- ئالدىنقى يازما :مۇلازىمەتمۇ بەزىدە چۈشىنىشكە مۇھتاج
- كېيىنكى يازما :دۇنيادىكى تىللار
ئىچكى ئامىل تاشقى ئامىلدىن مۇھىم. پەخرىيە بۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. نوقۇل ھالدىكى ئوقۇتقۇچى ياكى ئاتا-ئانىلارغىلا يۈنىلىۋېلىش توغرا ئەمەس، مۇھىمى ئوقۇغۇچىنىڭ قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان ئۆگۈنۈشكە بولغان قىزغىنلىق.
لېكىن، «ئوقۇغۇچىنىڭ قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان ئۆگۈنۈشكە بولغان قىزغىنلىق»نى يېتىلدۈرۈشتە ئەڭ ئاۋۋال ئاتا-ئانىغا باغلىق، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇتقۇچىغا باغلىق، ئاندىن ئوقۇۋاتقان مەكتەپكە باغلىق، ئەڭ ئاخىرىدا شۇ جەمئىيەتكە باغلىق.
ئەسلىدە ئوقۇتقۇچى دىگەن پۇتۇن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆز باللىرىغا كۆيۈنگەندەك بىلىم بەرسە،پەخرىيەدەكلەر تېخىمۇ كۆپچىاتتى!پەخىرىيە ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن!!!ياشاڭ!!!
ئالىم مۇئەللىم سىزگىمۇ ئالەمچە ئۇتۇق تىلەيمەن!!!
شۇنداق، بۇ جەھەتتە ئوقۇتقۇچىنىڭ رولىغا ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئەمما، بەزى ئوقۇتقۇچىلار كىچىك ئىشلاردىن قۇسۇر ئىزدەپ،ئۆز خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تازا تونۇپ يەتمەيۋاتىدۇ،
ھازىر بىر قىسىم مەكتەپلەردىكى بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەۋىيەسىدىن بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ سەۋىيەسى يۇقىرى، شۇڭا، ئاتا-ئانىلارمۇ نوقۇل ئوقۇتقۇچىلارغا تايىنىپ قالماي، ئۆزلىرىمۇ پەرزەنتلىرىگە ئەجىر سىڭدۈرۈشكە سەل قارىماسلىق كېرەك.
ئاز ساندىكى بەزى ئاتا-ئانىلار دەسلەپتە بالىلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەي، كېيىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەندە، بىرەر مەكتەپكە كىرگۈزۈش ئۈچۈن نەچچە 10 مىڭ يۈەن خەجلەۋاتىدۇ. شۇڭا، پەخرىيەدەك ئوقۇغۇچىلارنى قانچىلىك تەشۋىق قىلسا ئەرزىيدۇ. بۇ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنى تېخىمۇ ئۈمىدۋار قىلىدۇ.
يارايسىز*ھەدە!تېخىىمۇ ئورلەڭ………
خاتا ئاڭلىمىغان بولسام ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىنىنىڭ بىر تەييار جاۋابى خاتا بۇلۇپ قېلىپ، يەنە مۇشۇ قىز بايقاپ قالغاندىن كېيىن، تورنى 2 سائەت ئېتىپ، سۇئالنى شۇ قىزنىڭ ئىشلىگىنى بويىچە قايتا تەكشۈرۈپتىمىشقۇ؟
بۇ قىز چوقۇم ئەڭ ئاخىرقى چەككىچە يۇقۇرلاپ ئوقۇپ، بىز ئۈچۈن كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ شان-شەرەپلەرنى قۇچسا بولاتتى… چەتنەپ كەتمەي…ھى..ھى…ھى…ھى
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيران قىلىۋاتىمەن، كىچىك تۇرۇپلا پىراففىسور بولۇپ بولدىمۇ ئۇ قىز، ھى ھى ھى!
مەنمۇ 150 نومۇرنى تولۇق ئالغىنىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم. ئاسان ئەمەس تولۇق نومۇر ئېلىش.
ئالىمكا يەنە بىر ئىش، بولسا مۇشۇ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى تېلىۋىزۇردا سىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلەرگە دائىر فىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى بىلوگىڭىزغا يوللاپ قويغان بولسىڭىز.
ھازىر ئالدىراشلىقتا ئۆزۈممۇ تېلېۋىزور كۆرمەيدىغان بولۇپ كەتتىم، ھەپتە ئاخىرىدا مەشىرەپ كۆرۈپ قويىمەن شۇ.
ھەقىقەتەن ياخشى ئىش بوپتۇ! سىڭلىمىزغا ئاپىرىن! ئۆز ۋاقتىدا مەنمۇ بۇ ئىشنى ئاڭلاپ ھەيران قالغانتىم. ئەمدى بىزمۇ باللىرىمىزغا ماتېماتىكىنى ئۆگەنگىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرەلەيدىغان بولدۇق تە!
http://bbs.alkuyi.com/read.php?tid=10663 ئەلكۈيى تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى كۆرۈپ بېقىڭلار
بۇ قىز ئالامەت ئەقىللىق ھەم زىرەك قىزكەن. بىزنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولسا مۇۋاپىق.
مىنىڭچە،بۇ قىزنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلى توغرا ئىكەن.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ بۇ قىز بىلەن ئۆتكۈزگەن زىيارىتى.
http://www.wlmqwb.com/wlmqzxft/wlmqzxftzt/2011gkphly/
ئەسلىدە ھەر بىر مىنۇت، ھەر بىر دەقىقە ھاياتىمىز ئىنتايىن چەكلىك.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەزرائىل ئالدىمىزغا كەلگەندە، كىچىك ئىشلارنىمۇ ۋۇجۇتقا چىقىرالماي، پۇشايمان قىلىپ، ئۇ ئالەمگە كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك…..
ناۋادا بىز بىر ئىشقا زېھنىمىزنى ئاتىساق، ھاياتنىڭ ، ۋاقىتنى نەقەدەر قىسقا ۋە قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، تېپىرلاپ ئولتۇرالماي قېلىشىمىز مۈمكىن
ئەمىلىيەتتە ئۇيغۇر بالىلىرى كەڭرى تەبىئەت قوينىدا ئىنتايىن ئەركىن، ئائىلىدە ئىنتايىن قائىدە يوسۇنلۇق، پاكىز چوڭ بولىدۇ.
شۇڭا ئۇلارنىڭ ماتىماتىكىدا ئەسلىدە يۇقىرى نومۇر ئېلىشى تەبىئى بىر ئىش ئىدى.
لېكىن ھازىر چوڭ بولۇۋاتقان ئۇششاق بالىلارنىڭ مەكتەپ ئەتراپىدىن ھەلەپ يېگەن كالىدەك سۈپەتسىز ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى يېگىنىگە قاراپ، ئۇلارنىڭ مېڭىسىنىڭ ساغلام، قەلبىنىڭ پاكىز چوڭ بولۇشىدىن ھەمىشە گۇمان قىلىپ قالىمەن
بىر كۈنى قىزىق بىر ئىش بولدى.
بىر ماشىنىنى كىرا قىلىپ ئائىلىگە ماڭدىم. ئالدىراش ماڭغاندا، مەكتەپتىن تارقىغان بالىلار چوڭ كوچىدىن 2دىن، 3 تىن بۇلۇپ ئۆتۈپ، بۇ ماشىنىغا زادىلا يول بەرمىدى.
مەن شوپۇرغا تەسەللى ئېيتىش مەقسىتىدە، «ھازىرقى بالىلار كالىلارغا ئوخشاش چوڭ بولىدىكەن، ماشىنىغا پەرۋايى پەلەك » دېدىم.
كىرا شوپۇرى ماڭا :
شۇنداق بولماي ئەمىسە، ھازىرقى بالىلار ئاپىمىز بالدۇر قېرىپ كەتمىسۇن دەپ ئاپىسىنى ئەممەي ، كالا سۈتىنى ئىمىپ ، كالا ئاپىسىغا تەلمۈرۈپ چوڭ بولىدىغان تۇرسا دېدى؛
بىز ھەمىشە جەمىيەت ۋە شارائىتتىن قاقشايمىز. شۇڭا نۇرغۇن ئىشلاردا غەلىبە ۋە پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىمىز.
مېنىڭچە ئادەمدە قەتئى ئىرادە ۋە چىدامچانلىق بولىدىكەن، بۇ سىڭلىمىزدەك نەتىنجە قازىنىش ئادەتتىكى ئىش.
شۇڭا ئەتراپىمىزدىكى مۇھىت بىزنىڭ ھازىرقى ئەڭ ياخشى پۇرستىمىز ۋە ياشاش ماكانىمىز بولۇشى مۈمكىن. پەقەت ئۇنى چىڭ تۇتالىساق، قەدىرلىيەلىسەك.
بۇ گەپنى ناھايتى توغرا ئىيتتىڭىز، مەنمۇ ئاشۇ مەكتەپ ئالدىلىرىدا سىتىلىۋاتقان نەچچە موچەنلىك زاۋۇت ئادرىسى ئىنىق بولمىغان قارا ئۇۋىلاردىن ياسىلىپ چىقىۋاتقان ئاشۇ ئەخلەت يىمەكلىكلەرگە بەكلا نارازىلىقىم بار، ئۇنىڭدىن باشقا ئىشقىلىپ مەھسۇلات خالتىسىدا قىرىنداش مىللەتنىڭ (汉) خىتى بار ھەرقانداق يىمەكلىك ھەرقانداق مەھسۇلاتقا قەتئىلا ئىشەنمەيمەن، ئۇنى دىسەكقۇ بەزەن بىر پۇلنىلا بىلىدىغان ۋىجدانسىز سودىگەرلىرىمىز قىرىنداش مىللەتنىڭ (汉) زاۋۇتىدىن مەھسۇلات ياسىتىپ ئۇيغۇرچە خالتىلارغا قاچىلاپ بىز ياسىدۇق ئۇيغۇرلارنىڭ دەپ ئالداپ سىتىۋاتىدۇ. ھەي،،،،،،،،،،، بۇ ئىشلارغا نىمە دىگۈلۈكتۇ
مەن بۈگۈن بۇ پەخىرلىك قىزنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولدۇم ۋە ئوقۇتقۇچى، ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۇ ھەققىدە نۇرغۇنلىغان ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇم
ئابدۇرېشىت مۇئەللىمنىڭ تېلىۋېزىيە زىيارىتىدە «بىز مىللى ئوقوغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا نومۇر سىزىقىنى 60 قا يەتكۈزىشىمىز زۆرۆر» دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ خوش بولغانتىم(ئەلۋەتتە بۇ سۆز نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ رەنجىتىپ قويغان بولىشى مۇمكىن). لېكىن بۇنداق چاقىرىققا تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسى مائارىپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئوقوغۇچىلار ئاكتىپ ئاۋاز قوشقاندا ئاندىن يەتكىلى بولاتتى. ھالبۇكى يۇقىردا دىيىلگىنىدەك، ھەتتا ئوقۇتقۇچىلاردىمۇ ، ماتىماتىكىدىن يۇقىرى نومۇر ئالغىلى بولمايدۇ دەپ قاراپ، ئوقوغۇچىلارنى يۇقىرى نومۇر ئالغىلى بولىدىغان پەنلەرگە بەكرەك كۈچەشنى تەربىيە قىلىدۇ . ئوقۇتقۇچىلاردىن تارقالغان بۇ ۋابا بارا-بارا ئوقوغۇچىلارنىڭ كاللىسىدا ئومومىيۈزلۈك ھالدا ماتېماتىكىدىنى قورقۇش پىسخىكىسىنى يىتىلدۈرۈپ قويىۋاتىدۇ.
ئۆزۈمنىڭ ماتېماتىكا ئوقىغىنىمدىن بەكلا خوشالمەن، گەرچە ئۇنۋېرسىتىتنى پۈتتۈرۈپ ماتىماتىكىنى كەسىپ قىلماي كومپيۇتېرنى تاللىۋالغان بولساممۇ، پروگرامما ئۆگىنىش ۋە يېزىش جەريانىدا، ئۇزۇن يىل ماتىماتىكا ئۆگەنگەن كاللام يىتىلدۈرگەن لوگىكىلىق بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنىڭ قانچىلىك ئەسقاتقانلىقى ئۆزۈمگە مەلۇملۇق.
باشقىلار كەسىپىمنى سورىغىنىدا ، «ماتېماتىكا» دېسەم، كۆپىنچە ھەيرانلىقىنى بىلدۈرۈپلا، ئۆزىنىڭ ماتىماتىكىدىن بەك قورقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتىدۇ. بۇ چاغدا بىر تەرەپتىن ئۆزۈمنىڭ ماتېماتىكا ئوقىغىنىمدىن خۇشال بولسا، بىر تەرەپتىن بۇنداق يۈزلىنىشنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىمەن.
ماتېماتىكىنى ياخشى ئۆگىنەلىگەن ئادەم باشقا ھەممە نەرسىنى قىلىمەنلا دېسە ياخشى قىلالايدىكەن .
بارىكاللا سىڭلىمىز…
ئۇيغۇرلاردىن يەنە بىر ئالىمىمىز مەيدانغا كېلىدىغان بوپتۇ ئەمىسە…..
مۇبارەك بولسۇن
قۇتلۇق بولسۇن
خەيرلىك بولسۇن