Windows 10 ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرى ھەققىدە | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

Windows 10 ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرى ھەققىدە

[ IT خەۋەرلىرى ]

ئالدىنقى ئايدا مىكروسوفت شىركىتى Windows 10 تېخنىكىلىق كۆرۈپ بېقىش نەشرىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرىنى ئېچىشنى تېخىمۇ تېزلەتتى. بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا Windows 10 ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرى كېلەر يىلى 1-ئايدا (ياكى 1-پەسىلدە) ئېلان قىلىنىدىكەن.

Windows 10 ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرىدە Cortana ئاۋازلىق ياردەمچى، يېڭى «باشلاش» (Start) ئېكرانى، Continumm نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. Continumm بىر خىل پۈتۈنلەي يېڭى بولغان ئىشلەتكۈچىلەر ئارايۈزىنى ئالماشتۇرۇش ھالىتى بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر سىستېما ئارايۈزىنى ئۈستەليۈزى ھالىتىدىن تاختا كومپيۇتېر ھالىتىگە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتەلەيدۇ.

Windows 10

Cortana نى Windows قا بىرلەشتۈرۈش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى بولۇپ، گەرچە ئىچكى سىناق نەشرىدە بۇ ئىقتىدارنى قوشقان بولسىمۇ، لېكىن كېلەر ئاۋامغا ئېلان قىلىنىدىغان Windows 10 غا قاچان قوشىدىغانلىقىنى ئېنىق ئەمەس.

Windows 10 ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرىدە بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر مۇنداق: دەرىجە ئۆستۈرۈشنى ئۇقتۇرۇش مەركىزى، ئۈستەليۈزى جانلىق تىزمىلار (桌面动态瓷贴) بولۇپ، يەنە بەلكىم پۈتۈن ئارايۈزىنى ئەلالاشتۇرۇشى مۇمكىن. ئەمما ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرىنى ئېلان قىلىدىغان ۋاقىت ئېنىق ئەمەس.

 

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
19 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • ئىتتىكراق ئېلان قىلسىڭىز بۇلىتى.مەن سېتىۋالاي دىگەنتىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 20:00
  • winodws 10 build 9879 نى بىۋاستە چۈشۈرەلمىسىڭىز winodws 10 دىن بىرنى چۈشۈرۈپ يېڭىلىۋالسىڭىز بولىدىكەن مەنمۇ 9860 نى قاچىلىغان بوناكۈن يېڭىلاپ باقتىم . شۇ ۋاقىت جىق كىتىدىكەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 13:19
  • ئالفا : نىمە دىگىنىڭىز بۇ ؟ ۋىندوۋس8 گە ئۇيغۇرچىنىڭ قوشۇلىشى ، ۋە ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان ۋىندوۋس 10 غىمۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ قوشۇلىشى ھاياجانلانغىدەك ئىش ئەمەسما ؟ ئالىم مۇئەللىم نەچچە قېتىم دىدى ، ۋىندوۋس8 ( 10 ) ھەتتا خېلى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭمۇ يەرلىكلەشتۈرۈلگەن نەشىرى يوقكەن ، ئۇيغۇرچىدىن ئىبارەت بىر ئۆلكە دەرىجىلىك تىلنىڭ يەرلىكلەشتۈرۈلىشى بەك چوڭ ئىش دەپ . سىزچە مىكروسوفىت قانچىلىك پايدا ئېلىپ كېتەر ئۇيغۇرلاردىن ؟
    ئىشقىلىپ بۇ مېنىڭ شۇنداقلا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ھاياجانلاغنىدەك كاتتا بىر ئىش . بىز ھاياجانلانغاچ تۇرايلى …

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 18:49
  • كۆرۈپ بىقىش ئىشلىتىپ باھا بەرگىلى بولمايدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 17:09
  • winbeta.org دىن چۈشۈرگەن، چۈشۈرۈش ئۈچۈن vpn دىنمۇ يەنى تام ئاتلاشتىنمۇ خەۋىرىڭىز بولمىسا ئادرىس يۇرىماي خاپا سالىدۇ. چۈشۈرۈش تەسكەن ئۇنىڭدىن. ئاللا خالىسا شۈنلىي گە چۈشۈرۈش ئادرىسىنى ھەمبەھىرلەشنى ئۆگۈنۈپ ئادرىسنى قالدۇراي.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 22:17
  • مەن كورۇپ بېقىش نەشرىنبى ئىشلىتىپ باقتىم ماڭا تازا يارمىدى

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 22:15
  • چۈشۈرش ئادىرسى https://ubuntu-mate.org/download/

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 22:07
  • گەرچە مېنىڭ كومپيوتېر سەۋىيەم بار بىلەن يوقنىڭ ئورنىدا بولسىمۇ، ئانا تىلىمنى سۆيگەنلىكىم، ئانا تىلىمدىن پەخىرلەنگەنلىكىم ئۈچۈن، ئانا تىلىمنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈش شۇنداقلا ئانا تىلىمغا ئازغىنا بولسىمۇ تۆھپەمنى قۇشۇش ئۈچۈن ھەقىيقى نەشىردىكى ۋىن 8 نى سېتىۋىلىپ، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچلىغانىدىم. ۋىن 8.1 چىققاندىن كىيىن نەشىرىنى يۇقىرى كۆتەرگەنىدىم. شۇ ۋاقىتلاردا كومپيوتېرىمنىڭ قوزغىلىش سۈرئىتىمۇ، ئىنكاسىمۇ تېز ئىدى ، لېكىن يىقىندا تۇيۇقسىزلا قوزغىلىش سۈرئىتىمۇ، ئىنكاسىمۇ ئاستىلاپ كەتتى. ھازىرغىچە ئامال قىلالمىدىم. ماڭا ياردەم قىلىدىغانلار بارمىدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 19:56
  • ئۇيغۇرى ئاۋۇ سىز دىگەن نەشىرنى نەدىن چۇشۇرۇپ قاچىلاپ باقتىڭىز ،ئادرېسىنى يوللاپ بىرەمسىز بىزمۇ قاچىلاپ كۇرۇپ باقايلى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 13:00
  • ھالقىما تەرەققىيات ئىپ كەلسىمۇ كىلەر لىكىن مەنچە بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنىڭ ئۈمىدىنى ئۇ پەرەڭلەردىن ئەمەس ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىمىزدىن كۈتسەك ئوبدان بولارمىكىن. بىزگە چىن يۈرىكىدىن ھالقىما تەرەققىيات ئىپ كىلىدىغانلار مىكروسوفىت ئەمەس بەلكى ئۇيغۇرسوفىت، بىلكان، ئىرپان .
    بىلگايتىس ئەمەس بەلكى ھوشۇر ئىسلام، دىلشات ھىۋىزۇللا، ئالىم ئەھەتلەرمىكىن دەيمەن. « قاق بۈگۈن ئۈچ كۈن بولدى ، تۈلكە ئاكاڭ قىلمىدى ناشتا،بىر بالاسى بولمىسا قۇيرۇق نە قىلۇر تاشتا» دىگەن گەپ بار ، ئۇ خەقنىڭ قىلغانلىرى ئۈچۈن مىنىڭچە ئۈنچىلىك رەھمەت ئىيتىپ ھاياجانلىنىپ كىتىشنىڭ زۆرۈرىيتى يوق. ئۇ خەقنىڭ ئۆزىگە پايدىسى تىگىدىغىنىغا كۆزى يەتمىسە ئۇيغۇرچە دىگەننى پۇشتىغا ئىلىپمۇ قويمايدۇ. شۇڭا مىنىڭچە ئۇلارمۇ كۆزلىگىنىگە ئېرىشتى. بىزمۇ كۆزلىگىنىمىزگە ئېرىشتۇق. شۇڭا ئۈنچە ھاياجانلىنىپ كىتىشنىڭ زۆرۈرىيتى يوق

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى am 08:47
  • ئۇبۇنتۇ يىقىندا بىرخىل يىنىك ئۇبۇنتۇ ئۆزگەرگەن نەشىرىنى تۈزىۋاتىدۇ. Ubuntumate ھەقىقەتەن يىنىككەن http://www.intil.biz/home/data/attachment/forum/201411/21/193518ba4njjaqs8pnazrv.png

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى am 08:07
  • windows10 نىڭ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكىسى ساھەسىگە ھالقىما خاراكتىرلىك تەرەققىيات ئىلىپ كىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 21:10
  • كېلەر يىلى 10-ئايدا بولسا يەنە ساپساق بىر يىل بار ئىكەنغۇ مۇئەللىم.
    Windows 10 نى ساقلاپ ئىڭەك چۈشۈپ قالامدۇ نېمە؟~ ھى ھى

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 15:25
  • مەن winodws 10 build 9879 نەشىرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ كۈرۈپ باقتىم، ھەقىقەتەن ئۆزگىچە ھۇزۇر، ئاۋۇ دەرىجە ئۆستۈرۈشنى ئۇقتۇرۇش مەركىزى، دىگىنى ئاندىروئىد تىلفۇنلارنىڭ 4.0 نەشىرىگە ئوخشاپ قالىدىكەن، ناھايىتى يەڭگىل يېڭىلىق كۆپ. ئۇبۇنتۇنۇڭ بەزىبىر كۆزنەك ئالاھىدىلىكىنىمۇ قۇتۇپتۇ بۇلار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 13:28
  • Windows 10 نى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتىمەن. 3 سۇپىنى بىرلەشتۈرۈش مىنىڭ نەزىرىمدىكى ئەڭ چوڭ ئىستىراتىگىيەلىك ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى مىنىڭ WP8.1 بىلەن Win8.1 ئوتتۇرىسىدا ھىچقانداق باغىلىنىشلىق جايلىرى يوق بولۇپ ، تېلىفۇنۇمنى كومپيوتېرغا چېتىپ ماسقەدەملەشتۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. ياكى ئۈچىنجى تەرەپ ئاچقان ماس قەدەم دېتاللىرى يوق. Win Mobile نى تاشلاپ WP7 گە كۆچكەن ۋاقىتتا قاتتىق داغدۇغا بولغان ئىدى. كىيىن WP7 نى تولۇق تاشلىۋىتىپ WP8 گە كۆچۈۋالدى. نۇرغۇن كىشلەر ئەمدىلىكتە WP 10 غا كۆچۈش ئۈچۈن WP8 نى تاشلىۋىتەرمۇ دىگەن ئەندىشىلىرى بار. پېقىرمۇ شۇ ئەندىشىدە.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 12:32
باھا بېتى: 1 2