مۇز چېلەك رىقابىتىنى قوبۇل قىلدىم
[ تاغدىن-باغدىن ]بىر ھەپتىدىن بۇيان مېنىڭ دوستلىرىم، كەسپداشلىرىم،…قاتارلىقلاردىن ئەنۋەر ئازاد ئەلچىن (داڭلىق سېھرىگەر)، نىزامىدىن ۋاھاپ (ئۇلىنىش، نۇر،…تورىنىڭ قۇرغۇچىسى)، ئابدۇرېشىت غۇپۇر (شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا ئىشلەيدۇ)، ئۆمەرجان (ھازىر ئامېرىكىدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ)، ئابدۇمىجىت (بېيجىڭدىكى مىللەتلەر كۈتۈپخانىدا ئىشلەيدۇ)،… مېنى كەينى-كەينىدىن مۇز چېلەك رىقابىتىگە تەكلىپ قىلغان ئىدى، مېنى ئويلىغانلارغا ۋە بۇ ئويۇنغا تەكلىپ قىلغانلارغا كۆپ رەھمەت. بۈگۈن يەنە «ئىزدىنىش» تور بېكىتىدە Baqka (پەرھات) ئىسىملىك توردىشىمىزنىڭ يەنە جەڭ ئېلان قىلغانلىقىنى كۆردۈم ( http://bbs.izdinix.com/thread-59570-14-1.html بۇ يەردىكى 261-قەۋەتتىكى ئىنكاسقا قاراڭ). مەن ھەقىقەتەنمۇ يالغۇز ئەمەسكەنمەن، مېنى ئويلاپ تۇرغانلارغا كۆپ رەھمەت. مەن ئىزدىنىشتىكى ئۇچۇرغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىنىش تورىغا AlimAhat دېگەن نامدا رەسمىي تىزىملاتتىم. لېكىن ھازىرچە يېڭى لەشكەر بولغاچقا، ۋاقتىدا ئىنكاس يازالمايدىكەنمەن، شۇڭا ئىنكاسنى مۇشۇ يەرگە يازاي دېدىم.
ئەمدى ئۆز گېپىمگە كەلسەم بۇنداق تەكلىپ قىلىپ تۇرۇۋالساڭلار كارتامدىن پۇل چىقىۋەرمىسۇن، مەن بۇ يىل 7-ئايدا ھەر يىلدىكى يىللىق ئۆلچەم بويىچە ياردەمنى بېرىپ بولغاچقا، بۇ ئويۇننىڭ قائىدىسى بويىچە بۇ قېتىم بېخىللىق قىلىپ پۇل بەرمەي، مەنمۇ بىر ئوينايچۇ دەپ ئاستا كۆرۈنۈش تارتالايدىغان يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى SONY تېلېكامېرا ۋە يەككە نۇر قايتۇرغۇچ لېنزىلىق Canon رەسىم ئاپپاراتىمنى تەييار قىلدىم. ئالدىنقى ھەپتە ئۈرۈمچىدە ھاۋا سوغۇق ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ بىر چېلەك سوغۇق سۇنى ئۆگزەمگە ئېلىپ چىقىپ، بىردەم قۇلۇمنى، يەنە بىردەم پۇتۇمنى تىقىپ سىناپ باقتىم. ئىلمان سۇ بىلەن مۇنچىدا ئويناپ باقاي دەپمۇ ئويلىدىم، ئەمما ساختىلىق بولۇپ قالغۇدەك، مەن ساختىلىقنى خالىمايمەن، شۇڭا ئۇنىڭدىنمۇ ۋاز كەچتىم. 2 كۈن ئاۋۋال ھاۋا تازا ئىسسىغاندا راۋرۇس قايتا غەيرەتكە كېلىپ، بىر ئويناي دەپ جابدۇق سايمانلىرىمنى ئېلىپ ئۆگزەمگە يەنە چىقتىم. لېكىن ئاتا-ئانام مېنى يوقلاپ ئۈرۈمچىگە يەنە كەلگەن ئىدى، مەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىر چېلەك مۇز سېلىنغان سوغۇق سۇنى بېشىمغا تۆكسەم، ئۇلار كۆرۈپ قالسا (ياكى كېيىن توردىن كۆرۈپ قالسا) قان بېسىمى ئۆرلەپ قالمىسۇن دېدىم. شۇڭا ئاخىرقى قارارىم 2 كۈننىڭ ئالدىدا بېشىمغا سۇ تۆكۈشتىن ۋاز كېچىپ، ئويۇن قائىدىسىگە ئەمەل قىلىپ، بىر سوم پىلانىغا خەلقئارالىق ئۆلچەم بويىچە كۆڭلۈمنى بىلدۈردۈم. ئەيساجان (ۋاپادارىم) تاپشۇرۇپ ئالدى.
مەن ئىشلارنى داۋراڭ قىلماسلىقنى خالايتتىم. ئەمما تورداشلار ھەركۈنى مېنى بۇ ئويۇنغا تەكلىپ قىلىۋاتىدۇ. بەزىلەر تېز بولمامسەن، قاچان بېشىڭغا سۇ تۆكىسەن دەپ ئالدىرىتىۋاتىدۇ. شۇڭا تورداشلارنىڭ سەمىگە سېلىپ قوياي دېمەكچى، مەن بۇ ئويۇننى ئويناپ بولدۇم، ئويۇن قائىدىسى بويىچە خەيرى-ساخاۋەتنى ئەلا بىلدىم. شۇڭا مېنى ئەمدى تەكلىپ قىلمىغان بولساڭلار. زادى تەكلىپ قىلىمەن دېسەڭلار، ئامان بولساق كېلەر يىلى 7-ئايدا ئوينايلى، پۇرسەت بولسا يۇرتۇمغا بارغاندا تارىم دەريا بويىدا ئويناپ بېرىمەن، رەھمەت!
- يازما كۆرۈلۈشى: 5,926 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2014-يىلى 08-ئاينىڭ 29-كۈنى am 11:18
- ئالدىنقى يازما :ليەنشياڭ IBM نىڭ x86 مۇلازىمىتېر كەسپىنى سېتىۋالدى
- كېيىنكى يازما :Windows 9 پات يېقىندا تارقىتىلىدۇ
ئالامەت ئادەملەر باركەن بۇيەردە ، قىلىدىغانغا ئىش قالماي سوغۇق سۇ قۇيۇلمىدى ، پەقەت شۇ شۇنداق قىلىش ئارقىلىق بىر ئالھامغا ، بىرلىشىشكە ، بىر نىيەتكە كىلىشكە شۇنداق قىلىندى . سوغۇق سۇنى بېشىغا قۇيغانغا ئۆلمەيدۇ ئادەم ….
كۆڭلى كۆتۇركەنلەر ، قىلالىغانلار قىلسۇن ، قىلالمىغانلار ، قىلالمايدىغانلار ئىشىنى قىلسۇن…..
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم،
گەپكە كەلسەك مەن ئۇيغۇر سوفىت كورىكتورىنىڭ ئۆلچەملىك نۇسخىسىنى ھەپتە بۇرۇن سېتىۋالغانتىم. لىكىن مەن زادىلا نۇرمال ئىشلىتەلمىدىم. ھەر ۋاقىت run time error 3051,
The microsoft jet database engine cannot open the file C:\USPELL\LIB.MDB. It is already opened exclusively by another user, or you need permission to view this data. مۇشۇ ئەسكەرتىش چىقىۋالىدۇ. مەن ۋوردنىڭ macro setting دىگەنلەرنىمۇ سىناپ باقتىم، لڭكىن يەنىلام ئۈنۈمى بولمىدى.
كەچۈرۈڭ، نەگە ئىنكاس يېزىشىمنى ئوبدان بىلمەي، مۇشۇ يىڭى يېزىلغان تىمىڭىز ئاستىغا ئىنكاس شەكىلدە خەت يېزىشىم.
مەن تەپسىلىي چۈشەندۈرسەم قايمۇقۇپ قالماڭ. شۇڭا ئاددىيلا ھەل قىلىش چارىسىنى دەپ بېرەي:
Microsoft Office نى پۈتۈنلەي تولۇق قاچىلاڭ بولۇپمۇ Microsoft Access نى.
رەھمەت سىلىگە، كومپيوتېرىمدا Microsoft Office 2013 تۇلۇق قاچىلاقلىق، قارىسام Microsoft Access 2013 مۇ تۇرىدۇ. يا كورىكتورنى 2013 تە ئوبدان قوللىمامدۇ قانداق؟
ئەڭ ياخشىسى Office 2007,2010 دا ئىشلىتىڭ، مەن ئۇنى ياسىغاندا Office 2013 تېخى چىقمىغان ئىدى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ، تىمىنىڭ سىرتىدا سوئال سورايدىغان بولدۇم . كىلەر قېتىملىق كۇرۇسنى قاچان باشلارسىز ؟ بۇ كۇرۇس مەن ئۈچۈن بەك مۇھىم ئىدى . مالال كۆرمەي جاۋاپ بەرسىڭىز .
ئاللاھ خالىسا كېلەر يىلى باھاردا
ناھايىتى ياخشى قىلىپسىز ئاكا، كىلەر يىلى تارىم دەرياسىدىن تارتىلغان فىلىمنى كۈتىمىز…
مۇز چېلەك ئويۇننىڭ ئەسلىي مەقسىتىمۇ ساخاۋەتچىلىك ھەرىكىتىنى كەڭ جارى قىلدۇرۇش ، ئالىم مۇئەللىم توغرا قارار چىقرىپتۇ مانا ( كۈلۈپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى )
مەنمۇ دەسلەپتە ماۋزۇسىنى كۆرۈپ قورقۇپ كىتىپ مۇئەللىمدىن ئەنسىرىگەن ئىدىم. يۈز مىڭلاپ مىليونلاپ شۈكرى ئىشلار مەن ئويلىغاندەك بولماپتۇ . مۇزدەك سۇنى بېشىڭىزغا قۇيمىغىنىڭىز بەك ئىسىل ئىش بوپتۇ. دىمىسىمۇ جاھاندا قىلىدىغان ئىشلار ئاز ئەمەس . خەيىر ساخاۋەت دىگەننى چوقۇم بىر ۋاستىنى ئۇنىڭغا باغلاپ تۇرۇپ قىلىشنىڭ ھىچقانداق زۈرۈرىيىتى يوق ئىدى. بېشىغا بىكاردىن بىكارغا سۇ تۆكمىسىمۇ ساخاۋەت ئىشلىرى بولىۋىرەتتى . لىكىن قىسمەن مۇشۇنى توغرا دەپ قاراپ بېشىغا سۇ تۆككەنلەرگە قارىسام ئۇلار بۇ ئۇسۇلىنى ئۆزىنىڭ نامىنى جەمىئەتتە غۇلغۇلا پەيدا كىلىش ، جامائەت پىكىرى قوزغاش….. دىگەندەك مەقسەتلەردە قىلىپ ئەسلىدىكى ماھىيىتىنى ئۆزگەرتىۋەتكەندەك قىلىدۇ . جاھاندا مودا بولىدىغان ئىشلار ئاجايىپ بولىدىغان ئوخشايدۇ . بىر چاغلاردا گامنام ئۇسۇلى دىگەندەك كورىيەنىڭ مەزمۇنى تازا ساغلام بولمىغان بىر نەرسىلىرى مودا بولۇپ ھەتتا بەزى داڭلىقلىرىمىز دورىمىسا داڭلىق بولماي قالىدىغاندەك ھەممە جاھان ئەھلى كۆرىدىغان تېلىۋىزۇر سەھنىلىرىگە ئېلىپ چىققان ئىدى ، ئەمدىلىكتە بۇ ئىش چىقىپتۇ . نىمىشقا يېڭى بىر كىتاب چىقسا ، ھەممە ئادەم شۇ كىتابنى ئوقۇپ چىقىپ كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى يازىدىغان ئىشلار مودا بولمايدۇ ؟ كىتابلىرىمىزنى باشتىن ئاخرى تولۇق يادقا ئېلىش مودا بولمامدۇ زادى ؟ …….. ھەممىدىن كۈلگۈم كىلىدىغىنى ئۇلارنىڭ بۇ ئىشنىڭ سەلبىي تەرىپىنى خەيىر ساخاۋەت ئارقىلىق پەردازلىماقچى بولغىنىدا . ( مەن تەتۈر قويۇن چىقارمىدىم. پەقەت پىكىرىمنى ساقلاپ قىلىش ئەركىنلىگىم بارلىقىنى بىلىمەن ، مۇز چىلەكسىزمۇ قىلىدىغان ئىشلىرىمىز ئاز ئەمەس ) … بارىكاللا ئالىم مۇئەللىم. كۆز تەگمىسۇن. سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراڭ . سىزگە تەن ساقلىق تىلەۋاتىمەن .
مۇئەللىم بىلوگىڭىزنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى ئىنتايىن ئاستا ھەر قىتىم شۇنداق ، قارىغاندا بىلوگىڭىزنىڭ كودىدا ئورگان تەرەپتىن چۈشۈرىدىغان ھۆججەتلەر بار ئوخشايدۇ ، كودنى بىر تەكشۈرۈپ زۆرۈر بولمىسا شۇنداق كودلارنى چىقىرىۋەتسىڭىز ياخشى بولارمىكىن .
توغرا دەيسىز، قارىغاندا Google تەرەپتىن بەزى نەرسىلەرنى چۈشۈرىدىغان ئوخشايدۇ، تەكشۈرۈپ باقاي.
مۇئەللىم مەن جەڭ ئىلان قىلغۇچە باشقىلار قىلۋاپتۇ دە ، كىچىكىپ قاپتىمەن دىسە (تەلىگەن ئىپادە)
بۇ تېمىنى كۆرۈپلا سىزدىن بەك ئەنسىرگەن ئىدىم مۇئەللىم، مەزمۇنىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم جايىغا چۈشتى، ھەرگىزمۇ سۇغۇق سۇنى ئۆزىڭىزگە تۆكمەڭ، خەۋەر قاناللىرىدا كۆردۈم، مۇشۇ مۇسابىقە سەۋەبىدىن سۇغۇق سۇنى ئۆزىگە تۆكۈپ نەچچىلىغان ئادەملەر ئۆلۈپ كېتىپتۇ، بۇنداق مۇسابىقىنى پەيدا قىلماي، باشقا ياخشىراق، خەتىرى يوق ئىشلار بىلەنمۇ ئىئانە يىغسىمۇ بولىدىغۇ، ئەگەر كېيىنمۇ مۇشۇنداق ئىشقا دۇچ كەلسىڭىزمۇ ھەرگىزمۇ سۇنى تۆكمەڭ.
بىر چېلەك سۇنى بېشىدىن قۇيىۋەتكەنگە ئۆلەپتۇما؟
ئوغۇل بالا ئەركەك قىلغان ئىشىنى داۋراڭ سالمايدۇ.
ئەمما بىزمۇ داۋراڭچىلارنىڭ تەسىرىنى بارا-بارا يۇقتۇرۇۋالغاندەك تۇرىمىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! قولۇمدا بىر كىتاب بار ئىدى، ئۇيغۇرچە بىلەن باشقا تىل ئارىلاش، خەت ئەلكاتىپ 3.1 نۇسخىسىدا كىرگۈزۈلۈپتىكەن. ھازىرقى نەشرىگە ئايلاندۇرسام، باشقا تىل بۇزۇلۇپ كەتتى. ئامال ئەلكاتىپ 3.1 نۇسخىسىدا تەھرىرلەشكە توغرا كەلدى. تورنى قېزىۋەتتىم، تاپالمىدىم، رەنجىمەي سىزدە بولسا ئەۋەتىپ بېرەلەرسىزمۇ؟ ماڭا چوڭ ياردەم قىلغان بولاتتىڭىز، رەھمەت!!!
308435441@qq.com
مانا بۇ يەردە بار ئىكەن
http://www.arcdown.com/it/031279
ئالىم مۇئەللىم، مەقسىتىڭىزنى چۈشەندىم.داۋراڭ سالماسلىق ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ،سىزنى ئۇنتۇپ قالمايمىز(ئوقۇغۇچىڭىزدىن).
ۋاھ ،بەك سوغۇقمۇ ئەمەستى مۇز سۈيى دېگەن،توردىن كۆرسەم كۆپىنچىسى مۇزنى سېلىپلا بېشىغا قۇيدى،بۇنىڭدا سۇ تېخى تولۇق سۇۋۇپ بولالمايدۇ،بەك بولمىسا ئالىم مۇئەللىم،بىر چىلەك قايناق سۇغا مۇز سېلىپلا باشلىرىغا تۆككەن بولسىلا ئويۇننىڭ قىزىقى شۇ يەردە چىقاتتى
مەنمۇ قوللايمەن.
قالتىس بوپتۇ مۇئەللىم ! تېنىڭىز ئامان تېخىمۇ ساغلام بۇلۇڭ !