Windows 9 كېچىكتۈرۈلدى
[ IT خەۋەرلىرى ]Microsoft شىركىتى ئالدىنقى كۈنى زور كۆلەمدە خادىم قىسقارتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، Microsoft نىڭ بارلىق بۆلۈملىرىدىن جەمئىي 18 مىڭ خادىمنى ئىشتىن بوشاتتى، بۇلارنىڭ ئىچىدە Windows بۆلۈمىنىڭ خادىملىرى بار بولۇپ، سىستېمىنى سىناق قىلىدىغانلار بىرقەدەر كۆپ ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن Windows 9 ئېلان قىلىش بىرنەچچە ئاي كېچىكىدۇ، بەزى پەرەزلەردە 2015-يىلىنىڭ ئوتتۇرىدا ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن دېيىلمەكتە.
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 6,830 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2014-يىلى 07-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 17:15
- ئالدىنقى يازما :Windows 8.1 Update 2 ھەققىدە
- كېيىنكى يازما :ليەنشياڭ IBM نىڭ x86 مۇلازىمىتېر كەسپىنى سېتىۋالدى
تېخىمۇ كۆپ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت مۇئەللىم، تىنىڭىز سالامەت بولسۇن. كۆزنەك سېستىمىلىق تاختا كومپىيوتىرغا ئەپ بازىردىن باشقا ئۇرۇندىن ئەپ چۈشۈرۈپ قاچىلاشقا بۇلامدۇ؟ كۆزنەك سېستىمىلىق تىلفۇننىڭ ئەپلىرىنى كۆزنەك سېستىمىلىق تاختا كومپىيوتېرغا قاچىلەپ ئىشلىتىشكە بۇلامدۇ؟ قانداق قاچىلايمىز
ئالىم مۇئەللىم، قەدىرلىك ئۇستاز، ئوبدان ئۇكام!
مەن ياردەم سوراپ بىرنەچچە خەۋەرنىڭ ئاخىرىغا ئىنكاس قىلىپ يازسام سىزدىنمۇ، باشقىلاردىنمۇ ياردەمگە ئېرىشەلمىدىم، بۇ يەرگە يەنە يېزىپ باقاي، ئۈمىتسىز شەيتان دەپتىكەن، ئۈمىتنى ئۈزمەستىن:
ئوفىس 2013 تە ئۇيغۇرچە ھۆججەتلىرىمنى ئېچىپ باقسام سۆز ئارىلىرىدىكى «للە» لەرنىڭ ھەممىسىنى ئەرەپچە زىر-زەۋەرلىك «ئاللاھ» دېگەن سۆزگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. ئاپتوماتىك تۈزۈتۈشكە قارىدىم، تىزىملىكتە بۇنداق بىر سۆز يوقكەن، قانداق تۈزۈتۈش كېرەك بۇنى؟
ئەگەر ئېلخەتكە بىر كوپىيەسىنى ئېۋەتىۋەتسىڭىز تېخىمۇ ياخشى، چۈنكى بازىدە بۇ ئىنكاس يازغان يېرىمنى ئۇنتۇپ قېلىپ تاپالمايمۇ قالۇدۇغان قىلىقلىرىم بار، قېرىلىق!
بۇنىڭ جاۋابى مۇنداق، بۇ پۈتۈنلەي خەت نۇسخىسىنىڭ ئىشى، ھەرپلەرنىڭ بىرىككەندە قانداق شەكىلگە ئۆزگىرىش قانۇنىيەتلىرىنى خەت نۇسخىسىنىڭ ئىچىگە يېزىلغان قوليازما بېكىتىدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئەلكاتىپنىڭ خەت نۇسخىلىرىنى سىناپ بېقىڭ، ئۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ.
بۇنىغۇ بۇرۇن بىر تورداش دېگەنكەن، ئەمما بۇ بىر خىل چارىسىزلىكتىكى ھەل قىلىش چارىسى. ئەمما، مۇكەممەل ھەل قىلىش چارىسى ئەمەس، چۈنكى خالىمىغان بىر خىل ئۆزگۈرۈشنىڭ يۈز بېرىشى نورمال ئەھۋال ئەمەس، بۇنىڭغا باشقا خەت نۇسقىلىرى (ۋىندوۋس ياكى UKIJ خەت نۇسقىلىرى) يول قويۇۋېرىدۇ، دېگەنلىك بولامدۇ؟
ئەسلى سوئالىڭىزدا ھېچكىمدىن ياردەمگە ئېرىشەلمىدىم دەپسىز، جاۋاب بەرسەم بۇنى باشقىلارمۇ دېگەن، چارىسىزلىكنىڭ ئىشى دەپسىز، ئەسلىدە جاۋاب قايتۇرماي دەپمۇ ئويلىغان، لېكىن كەسپى خادىم بولغانلىقىم ئۈچۈن يەنىلا سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قوياي.
ئەرەبچە خەت نۇسخىسىنى ئۆز پېتى كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەننىڭ ياكى للە دېگەن ھەرپلەر كەلسە ئەرەبچە ئاللاھقا ئۆزگەرسۇن دەپ ئۇستاتلىق قىلىپ خەت نۇسخىسى ياسىغاننىڭ ئىشى ياكى بولمىسا ئۇيغۇر تىل سالاھىيىتى(ug-CN)نى ئىشلەتمەي، ئەرەبچە (ug-Arab) نى ئىشلەتكەننىڭ ئىشى، كەسپ ئەھلى بولمىغانلارنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلىشىۋالغانلىقىنىڭ ئىشى. قىسقى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ياساشنى تېگىدىن چۈشەنمىگەنلەرنىڭ ياسىغان ئىشى. ئاخىرىدا يەنە تەكىتلەپ قوياي مەن باشقا خەت نۇسخلىرىنىڭ قانداق ياسالغانلىقىنى بىلمەيمەن. بۇ گېپىم باشقا خەت نۇسخلىرىغا ياسىغانلارغا تېگىپ كەتمىگەي، مەن پەقەت ئەلكاتىپ خەت نۇسخىلىرىغا مەسئۇل بولالايمەن.
بۇنىغۇ سەل-پەل چۈشەندىم. مېنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم UKIJ خەت نۇسقىلىرى. كىتاپنىڭ تېكسىتى ئۈچۈن تاللىغىنىم تۈز گېزىت ئىدى. باشقا نۇسقىلارنىڭ چىرايلىق كۆرۈنگەنلىرىدىن خېلى كۆپىنى ئوخشاش بىر تېكسىتنى بېسىپ چىقىرىپ سېلىشتۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا تاللىغىنىم شۇ ئىدى. چۈنكى بەزى نۇسقىلار چىرايلىق بولسىمۇ، سانلار خەتتىن چوڭ، ياراشمايدۇ. ياكى بەك كىچىك؛ بەزىلىرىدە تىنىش بەلگىلىرى بەك كىچىك بولۇپ، مەسىلەن پەشنىڭ قۇيرۇقى كۆرۈنمەي، چېكىت بولۇپ كۆرۈنۈدۇغان دەرىجىدە؛ بەزىلىرىنىڭ تىنىش بەلگىلىرى ئاخىرقى ھەرپكە چاپلىشىپ چىقىدۇ. بىر بوشلۇق بېرىلسە ئارىلىق چوڭ بولۇپ كېتىدۇ. خەتنى چىرايلىق دەپلا تاللاشقا مانا بۇ تەرىپى ئىمكان بەرمەيدۇ. مەن ئىلكىرى ئەلكاتىپ كىتاپنى ئىشلىتىپ بىر كىتاپ ئىشلەپمۇ باققان. مانا شۇنداق قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن خەت نۇسقىسىنى يېنىكلىك بىلەن ئالماشتۇرماق تەسكەن. مالال كۆرمىسىڭىز، سىز ئەلكاتىپنىڭ قايسى خەت نۇسقىسىنى كىتاپ تېكسىتى ئۈچۈن ئەڭ لايىق دەپ تەۋسىيە قىلىسىز؟ نەدىن تاپىمىز؟
كىتابنىڭ مەزمۇنى ئۈچۈن ALKATIP Tor, ALKATIP Jurnal, ALKATIP Gezit دېگەنلەر بولىدۇ، ئۇيغۇرسوفت تور بېكىتى ياكى مۇشۇ بىلوگدا ھەقسىز چۈشۈرۈپ ئىشلىتەلەيسىز.
سكايپىنىڭ ئۇيغۇرچىسى قاچان چىقىدۇ ئالىم مۇئەللىم ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم بۇ بىلوگدا ئەجەپ يېڭىلىقلار توختاپ قالدىغۇ ….. مۇئەللىم مۇشۇ تېلفۇننىڭ ئۆزىدىلا نى ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئالدىنقى ئايدا ئاساسەن باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولدۇم. ئەمدى يازارمەن.
ئالىم مۇئەللىم windowsphoneنىڭ تورى قاچان ئوڭشىلار ،،،،،مىنىڭمۇ تىلفۇنۇمدا 80072efdدىگەن خاتالىق ئۇچۇر چىقىۋالدى ،،،،تىلفۇن تىپى nokia lumia 1520دۆلەت مىلى ،،،،مۇئەلللىم ئوخشاش تىپتىكى تىلفۇن ئوخشاش دەرجىگە كۆتۇرگەندە نىمە ئۈچۇن خاتالىق ئۇچۇرى ئوخشاش بولمايدۇ ؟،،،،،،،،،،،،،،،
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ماڭا بىر ياردەم قىلسىڭىز مىكروسوفىتنىڭ تورغا ئۇلانماسلىقتىن بولغان0x80072ee2 خاتالىق كودىنى قانداق ئوڭشايمىز مۇشۇنىڭغا بىر ئېنىق چۈشەنچە بەرسىڭىز يەنە بىرسى مەندە بىر لۇمىيا 1520 باتى بۇنى 8.1 نىڭ ھەقىقى نەشىرگە كۆتۈرەي دېگەنتىم ئەمما خاتالىق كودى چىقىۋېلىپ بەك جىلە قىلدى .. شۇڭا بۇ خاتالىق كودىنى ئوڭشاپ قالسام بۇ تېلفۇن ھەقىقى نەشىرگە يېڭىلنامۇ??
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا ھازىرچە 8.1 گە كۆتەرگىلى بولمىغۇدەك، تور راۋان ئەمەس، بۇ ھەم مىكروسوفتنىڭ ئىشى ئەمەس.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم مەن Windows 8.1 قاچىلانغان لەپتوپتىن بىرنى سېتۋىلىپ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىنى قاچىلاپ ھازىرقى ئەڭ يىڭى يىڭلانمىلىرىنى يىڭىلاپ نورمال ئىشلىتىۋاتقان .قايسى كۇنى بىر يۇمتالنى قاچىلاش سەۋەپلىك سېستىمىدا نۇرمالسىزلىق كۇرۇلۇپ سېستىمىنى ،ھۆججەت ماتىرياللارىنى ساقلاپ قىلىپ زاۋۇت ئەسلىگە قايتۇرۇش مەشغۇلاتىنى قىلغان ئىدىم.بىراق مەشغۇلات تۇگىگەندىن كىيىن تىل تاللاش رايۇنىدا ئۇيغۇرچە تۇرۇپتۇ.قوش چىكىپ ئىجرا قىلسام 语言包无法使用دەپ تۇرۋالدى.تىل بۇلىقىنى چۇشۇرۇپ قاچىلاي دىسەممۇ بولمىدى.سېستىمىنىڭ بارلىق يىڭلانمىلىرىنى يىڭلاپ،سىنىساممۇ ئوخشاش ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىنى قوشالمىدىم. ئۇيغۇرچىگە كۇنۇپ قاپتىكەنمەن.بەك ئىچىم سېقىلىدى. ياردەم قىلسىڭىز بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىمىز؟؟
DNS نى ئۆزگەرتىپ سىناپ بېقىڭ، بولمىسا ھازىرچە باشقا ئامال يوق.
http://baike.baidu.com/link?url=i984-w5VCjCyjb3JbWUy6jeqUH5IVQbM2MoQHG_OjydR5FrWSH9lsij5R8UUz6np6Ja8CDcDy9nxiFQsoLlQ7q
روھمەت مۇئەللىم بىلىۋالدىم بىراق dns نى چۈشەنمەيدىكەنمەن ئۇنى قانداق قوزغىتىمەن رەنجىمەي يەنە بىر چۈشەنچە بىرىپ ئۆتسىڭىز
http://baike.baidu.com/link?url=i984-w5VCjCyjb3JbWUy6jeqUH5IVQbM2MoQHG_OjydR5FrWSH9lsij5R8UUz6np6Ja8CDcDy9nxiFQsoLlQ7q
Windows 9 نىڭ ئېنىق ۋاقتى يوقكەندە ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
خاتالىق كوتى توغرا بولماپتۇ (توغرىسى 0x80072ee2)
سالام مۇئەللىم بۇتىمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر ئىنكاس يازدىم رەنجىمىگەيسىز مەندە windows RT 8.1 سىسيىمىلىق كومپىيۇتىر بارتى بۇكومپىيۇتىرغا ئۇيغۇرچە بولاقنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەن يىقىندا كامىراسى ئىچىلماي كومپىيۇتىرنى زاۋۇت تەڭشىكىگە قايتۇرغانتىم كامىراسى ئۇڭشالدى بىراق ئەپ بازىرىغا پەقەتلا ئۇلانمايۋاتىدۇ يەنى 2x80072ee2 خاتالىق كوتى چىقىپ قايتا سىناڭ دەپلا چىقىۋالدى ھەمدە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىمۇن ياپالماي ۋاتىدۇ مىكروسۇفىت @ نۇمۇرىنىمۇ كىرگۈزگىلى بولمىدى بۇ نىمە ئىشتۇ مەسلەھەت بەر گەن بولسىڭىز
مىكروسوفت تورىغا ئۇلانماسلىق سەۋەبىدىن بولغان، باشقا DNS قا تەڭشەپ يېڭىلىسىڭىز بولىدۇ.
مەسىلەن: http://baike.baidu.com/link?url=QaYHMeSmQgROCsbpJZWDS40JgEq4MaEe366h21EQqRAv4HYr501TQHi_ZdV5yjvushr8S-KaC93IqGwoAFuqMa
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم قانداق ئەھۋاللىرى؟ windows9نىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل چىقىشىغا تىلەكداشمىز! Windows 8غۇ بىزلەرگە شۇنداق ياققان. ئەمما باشقىلارغا ياقمىغان ئوخشايدۇ.
ھەقسىز windows نى ساقلاپ كۆزلەر توت بەش بولۇپ كېتىدىكەندە كاساپەت.
كىچىككەن سېرى بىزگە پايدىسى جىقراق بولامۇ ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم قانداق ئەھۋاللىرى
windows8 نى سېتىۋالغۇچىلار windows9 نى سېتىۋىلىشتا ئىتىبار قىلىنامدۇ ياكى ھەقسىز windows 9 غا كۆتۈرەلەمدۇ ؟
ھەراس مۇئەللىم مۇشۇ windowsphone غا ئۇيغۇرچە قىتىلدىغان خەۋەرلەر بارمۇ ؟بۇ windows تېلېفۇنلارغىمۇ كۆچۈرەپ چاپلاپ كۆنەپمۇ كەتتۇق يەنىلا ئۇيغۇرچە بولاپ كەتسە نىمدىگەن ياخشى بولاتتى ھە
ئەگەر Windows ھەقسىز بولۇپ كەتسە بۇنداق ئىش مەۋجۇت بولمايدۇ، ناۋادا كەسپىي نەشرى ھەقلىق بولسا، گەرچە سىز Windows 8 نىڭ كەسپىي نەشرىنى سېتىۋالغان بولسىڭىزمۇ، بۇرۇنقى قائىدە بويىچە ئازىراق ھەق تاپشۇرىسىز، لېكىن بۇ ئىشلارنى يەنىلا شۇ چاغدا تېخىمۇ ئېنىق بولىدۇ.
============
ھەراس مۇئەللىم مۇشۇ windowsphone غا ئۇيغۇرچە قىتىلدىغان خەۋەرلەر بارمۇ ؟بۇ windows تېلېفۇنلارغىمۇ كۆچۈرەپ چاپلاپ كۆنەپمۇ كەتتۇق يەنىلا ئۇيغۇرچە بولاپ كەتسە نىمدىگەن ياخشى بولاتتى ھە
جاۋاب: ھازىرچە جىم، ئەمما ئاز قالدى، سەۋرى قىلىپ تۇرۇڭلار.