قېلىپلىشىش ئالدىدىكى بىرنەچچە يېڭى ئاتالغۇلار(1)
[ ئاتالغۇلار، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتى ئېلان قىلىنغان بىر ئايدىن بۇيان تورداشلار ئىزدەش قېتىم سانى 200 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، ئەمما تورداشلار ئىزدەپ تاپالمىغان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىزدەش قېتىم سانى بويىچە رەتلەپ، تىلچىلار ئۈندىدار سورۇنىغا تاشلىغان ئىدىم. بۇ سورۇندا پەنلەر ئاكادېمىيەسى، تىل-يېزىق كومىتېتى، ئالىي مەكتەپ، گېزىت-ژۇرنال، رادىيو، تېلېۋىزىيە قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان تىلشۇناس، تەرجىمان، يازغۇچىلار توپلانغان بولۇپ، تورداشلار ئىزدەپ تاپالمىغان سۆز-ئىبارىلەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە دەسلەپكى قەدەمدە بىرلىككە كېلىندى، بۇ ئاتالغۇلار ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتى(ئىزدەش نومۇرى: uighursoft_alimahat)گە قوشۇلدى. پات يېقىندا «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»گە قوشۇلماقچى، بىرقىسىم مەتبۇئاتلارمۇ شۇنداق ئاتاش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، شۇڭا تورداشلارنىڭ قايتا كۆرۈپ، قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ، رەھمەت!
(1)微信
wei xin
تېڭشۈن ئۈندىدارى (تېڭشۈن شىركىتى ياساپ چىققان بىر خىل ئالاقە يۇمشاق دېتالى)
(2)易信
yi xin
ۋاڭيى ئۈندىدارى (ۋاڭيى شىركىتى بىلەن جۇڭگو تېلېگىرافى ياساپ چىققان بىر خىل ئالاقە يۇمشاق دېتالى)
(3)80后
80 hou
80-يىللارنىڭ (1980-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار)
(4)90后
90 hou
90-يىللارنىڭ (1990-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار)
(5)可穿戴设备
ke chuan dai she bei
تاقالما بويۇم (كىيىم-كېچەك ياكى زىبۇ-زىننەت، كومپيۇتېر زاپچاسلىرى ۋە ئىلغار ئېلېكتىرونلۇق تېخنىكا ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈلۈپ ياسالغان بىر خىل يېڭىچە بويۇم. مەسىلەن: Google شىركىتى پات يېقىندا ئېلان قىلماقچى بولغان كۆزئەينەك، ئالما شىركىتىنىڭ قول سائىتى…قاتارلىقلار)
(6)靠谱
kao pu
ئىشەنچلىك
(7)屌丝
diao ci
زەكەر، ئارىلىك جىنسىي ئەزا؛ تەلۈ، كاكاسالتاڭ (ھاقارەت سۆزى)؛ يارىماس، لىڭتاسما
(8)财付通
cai fu tong
تېڭشۈن چىقىمدانى (تېڭشۈن شىركىتىنىڭ خېرىدارلار پۇل تۆلەش سۇپىسى)
(9)牛逼
niu bi
قالتىس، نوچى؛ دەھشەت؛ ئاجايىپ يامان، كۈچتۈڭگۈر
(10)泡妞
pao niu
(قىز-چوكانلارنى) كەلتۈرۈش، قۇشلاش، ئوۋلاش
(11)装逼
zhuang bi
ياسالما؛ پوچى، قاپاق نوچى (بىلمىسىمۇ بىلىدىغان قىياپەتكە كىرىۋالدىغان كىشىلەر)
(12)傻逼
sha bi
ھاماقەت؛ كالۋا، دۆت
(13)淡定
dan ding
سالماق؛ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، ئۆزىنى بېسىۋېلىش
(14)机顶盒
ji ding he
TV قۇتىسى (رەقەملىك تېلېۋىزىيە سىگىنالىنى قوبۇللاش ئۈسكۈنىسى بولۇپ، ئادەتتە تېلېۋىزورنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ)
(15)汉考民
han kao min
مىللىيچە ئوقۇغانلار؛ مىللىي تىللىق خەنزۇلار
(16)民考汉
min kao han
خەنزۇچە ئوقۇغانلار؛ خەنزۇ تىللىق مىللىيلار
(17)民考民
min kao min
مىللىيچە ئوقۇغانلار؛ مىللىي تىللىق مىللىيلار
(18)余额宝
yu e bao
ئەلى قالدۇقدانى (ئەلى بابا گۇرۇھىغا قاراشلىق تاۋباۋ تور سودىسى شىركىتىنىڭ خېرىدارلار قالدۇق پۇلىغا ئۆسۈم بېرىش سۇپىسى)
(19)支付宝
zhi fu bao
ئەلى چىقىمدانى (ئەلى بابا گۇرۇھىغا قاراشلىق تاۋباۋ تور سودىسى شىركىتىنىڭ خېرىدارلار پۇل تۆلەش سۇپىسى)
(20)环线快客
Huan xian kuai ke
تېزبۇس (ئايلانما يول تېز ئاپتوبۇسى)
(21)正能量
zheng neng liang
ئىجابىي كۈچ
(22) 奇葩
ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدىغان، ئالاھىدە، ئىنتايىن
(23) 鸡巴
زەكەر، ئارلىك جىنسىي ئەزا
(24) 无语
تىمتاسلىق، جىمجىتلىق
(25) 吐槽
سۆكۈش، چاۋىسىنى چىتقا يېيىش؛ دەرد تۆكۈش
(26) 温馨
مۇلايىم، ئىللىق، يېقىشلىق؛ مېھرى ئىسسىق.
(27) 卧底
سۇقۇنماق، سۇقۇنۇپ كىرمەك؛ بۆكتۈرمە
- يازما كۆرۈلۈشى: 40,384 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2014-يىلى 02-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 19:28
- ئالدىنقى يازما :«ئۇيغۇرسوفت تېلېفون» باشقۇرۇش دېتالى
- كېيىنكى يازما :قېلىپلىشىش ئالدىدىكى بىرنەچچە يېڭى ئاتالغۇلار(2)
مۇشۇ بىزدە ئىسىمنى خالىغانچە تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ دەيتۇق . خەنلەرنىڭ تەرجىمە قىلغان بەزەن كىنولىرىدا بەزەن ئادەمنىڭ ئىسمىنى ئۇدۇل ئاتاۋاتقان بەزەنلىرىنىڭكىنى تەرجىمە قىلىۋاتقان . ئوڭ تەتۇ . بىزمۇ شۇنىڭدىن ئۈگىنىۋاتىمىزدە . مەسىلەن 火影忍者 دىگەن بىر كارتونىدا ياپۇنچە كاكاشى دىگەن ئادەمنىڭ ئىسمىنى 卡卡西 دەپ لىكىن نارۇتو دىگەن بالىنىڭ ئىسمىنى 鸣人 دەپ قىلغاندەك . مۇشۇ زادى ئىسىمنى ئۇدۇل ئاتامدۇق تەرجىمە قىلماي . ياكى تەرجىمە قىلامدۇق . مۇشۇنىڭدا بىر ئىنىق سۆز يۈرگۈزۈلسە شۇ ئارقىلىق يول باشلىساقمۇ بولاتتى .
ئەسلى قائىدە ۋە ئەخلاق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا خاس ئىسىمنى ياكى باشقا خاس ئاتالغۇلارنى تەرجىمە قىلىشقا بولمايدۇ. ساكوراگى نى خەنلەر يىمۇخۇاداۋ دەپ تەرجىمە قىلىۋالغان، لېكىن بىز ياپونلارنىڭ ئاھاڭى بويىچە ساكوراگى دەپ ئالدۇق. لېكىن بۇ بۇرۇنقى ئىشلار… ھازىر غەلىتە بولۇپ قالدى شۇ… چۈشىنىكسىز…..
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، مەنمۇ بىر پىكىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتەي:
مەنچە ئىسىمنى تەرجىمە قىلىۋالغىنىمىز ئانچە توغرا بولمىدى. ۋېيشىننىڭ نامىنى تېڭشۈن شىركىتى ئېنگىلىزچىدا wechat، خەنزۇچىدا ۋېيشىن دەپ ئەنگە ئالدۇرغان، ھەرگىز ئۈندىدار دېمىگەن. بىز بۇنى تەرجىمە قىلىۋالساق خۇددى ئەكرەم دەپ ئەزان توۋلاپ قويغان ئىسىمنى ئەي كې رەن مۇ دېسە ئاچچىقىمىز كەلگەندەك ئۇلارنىڭمۇ بەزى ھۇقوقلىرىغا دەخلى يەتكۈزگەن بولىمىز. بىز بۇرۇندىن تارتىپ ئىسىم – نامنى تەرجىمە قىلسا بولمايدۇ دەپ ئۆگەنگەن. لېكىن مۇشۇ يېقىندىن بۇيان ئۆزۈمنى ساۋاتسىزدەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. iPhone دەپ ئىسىم قويۇپ ئەنگە ئالدۇرغان مەھسۇلاتنىڭ نامى نېمىشقا جۇڭگوغا كەلگەندە 苹果 ياكى ئالما بولۇپ قالىدۇ؟ Apple نى كۆزدە تۇتقان بولىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇ Apple شىركىتى، ھەرگىزمۇ ئالما ئىشلەپچىقىرىدىغان ياكى يەيدىغان ئالما ئەمەس. يەنە كېلىپ نېمىشقا بىز ۋېيشىن نى تەرجىمە قىلىۋالغان يەردە تېڭشۈن نى تەرجىمە قىلمايمىز؟ نېمىشقا ئالىم مۇئەللىمىنى خەنزۇچە 博士老师 دېمەيمىز؟ بىز ھازىر قاراپ تۇرۇپ باشقىلارنىڭ ماركا ھۇقوقىغا دەخلى يەتكۈزۈپ قويىۋاتامدۇق قانداق؟ چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز…
مەنچە ئىسىمنى تەرجىمە قىلىۋالغىنىمىز ئانچە توغرا بولمىدى. ۋېيشىننىڭ نامىنى تېڭشۈن شىركىتى ئېنگىلىزچىدا wechat، خەنزۇچىدا ۋېيشىن دەپ ئەنگە ئالدۇرغان، ھەرگىز ئۈندىدار دېمىگەن. بىز بۇنى تەرجىمە قىلىۋالساق خۇددى ئەكرەم دەپ ئەزان توۋلاپ قويغان ئىسىمنى ئەي كې رەن مۇ دېسە ئاچچىقىمىز كەلگەندەك ئۇلارنىڭمۇ بەزى ھۇقوقلىرىغا دەخلى يەتكۈزگەن بولىمىز.
=======
دېگىنىڭىز توغرا، لېكىن شۇ خەلق ھازىر چوڭدىن-كىچىك ھەممىسى ئۈندىدار دېگەنگە بەكلا ئادەتلىنىپ كەتتى، مەلۇم بىر تورداشمۇ شۇنداق ئاتايمىز دەپ بىر كېچىدە ئومۇملاشتۇرىۋەتتى، قۇربان ھېيتلىق كېچىكىلتىمۇ ھېلىقى ئىتوتنىڭ رولى تېخىمۇ چوڭ بولدى، ئادەتلەنگەن ئامال يوق بولۇپ قالدى.
بەيدۇ ماتېرىيال ئامبىرىدا بۇ دېتالنىڭ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، ئۇيغۇرچە(ئۈندىدار) ۋە قازاقچە نامى بېرىلگەن، ئىزدەپ بېقىڭ.
باشقا تىللاردىمۇ خەلقنىڭ ئادەتلەنگىنى ۋە ئومۇملاشتۇرغىنى لۇغەت تەركىبىگە كىرگۈزۈلىدىغان ئىش بار، نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ تىل خەلقنىڭ تىلى، شۇڭا سىزنىڭ بۇ پىكرىڭىزنى قوللايمەن، ئومۇملاشقاننى قويۇپ، باشقا بىر سۆز ئىشلەتسەك خەلق بەرىبىر ئىشلەتمەيدۇ.
—————————————————
باشقا تەرجىمە سۆزلۈكلىرى:
(7)屌丝
بۇ سۆز ھازىر ئاساسەن كۆرۈمسىز، ياكى يارىماس كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارايمەن، ئەسلىدە «زەكەر تۈكى» دېگەن مەنىدە، شۇڭا زورلاپ باشقا مەنە قوشۇۋالمىساق، سىز بەرگەن تەرجىمىدە ئەسلىدە يوق مەنىسى بىرىلىپ قالغاندەك قىلىدۇ. «تەلۈ» دېگەن مەنىسى ئارتۇقچە، بۇ سۆز بىزنىڭ ئەسلى تېلىمىزدا بار بەك سەت گەپ، ئەمما ماۋۇ خەنچە خەتنىڭ ئەسلى مەنىسىدە بۇ خىل ئۇقۇم ئەسلا يوق. شۇڭا مۇنداق ئېلىشنى ئويلىشىپ كۆرسەڭلار:
ئەسلى مەنىسى: زەكەر تۈكى
كۆچمە مەنىسى: كاكاسالتاڭ، يارىماس، لىڭتاسما، لايغەزەل، …
(5)可穿戴设备
بۇنى چۇقۇملا «تاقالما ئۈسكىنە» دەپ ئومۇملاشتۇرايلى، بۇ نەرسىلەرنىڭ شۇ تاقالما بۇيۇملارنىڭ شەكلىدە ياسالغانلا يېرى بار، شۇڭا ئادەتتىكى بۇيۇملاردىن پەرقلىنىشى كېرەك.
(12)傻逼
بۇنىڭ تەرجىمىسىگە «قاپاقباش» دېگەننىمۇ قوشۇۋەتسەك.
(13)淡定
«ھەرقانداق ئىش ئالدىدا ھودۇقمايدىغان» دېگەن مەنىسىنى بەكرەك گەۋدىلەندۈرىدىغان بىر سۆز قوشۇلسا.
——————-
* ئۇزۇن يېزىلىشىنى كىتابىي تىللاردا، قىسقىچىسىنى ئېغىز تىلىدا ئىشلەتسەك تامامەن بولىدۇ. خەنزۇۋان بۇ يەردە چەتزۇۋاننىڭ ئىچىدىكى بىر تۈر بولىدۇ. چەتزۇۋان بىلەن ئۆززۇۋان تەڭ دەرىجىلىك.
(15)汉考民مىللىيچە ئوقۇغان خەنزۇلار، چەتزۇۋان
(16)民考汉خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىيلار، خەنزۇۋان
(17)民考民مىللىيچە ئوقۇغان مىللىيلار، ئۆززۇۋان
————-
(21)正能量
«ئىجابىي تەسىر، ئىجابىي ئىنىرگىيە» دەپ ئالساق.
———-
(22) 奇葩
«گۈلتاج، خانتاج، مۆجىزە» دېگەندەك مەنىسى قوشۇلسا
———-
(24) 无语
«ئاڭقىرالماسلىق، دېگۈسى كەلمەسلىك، دېگىلى گەپ تاپالماسلىق، قانداق دېيىشنى بىلمەسلىك، دېيىشكە پېتىنالماسلىق» دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن جىمجىتلىقنى ساقلاش، ياكى سۈكۈتتە تۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارايمەن. شۇڭا بۇ سۆزنىڭ مەنىسىگە چۇقۇم «سۈكۈتتە، سۈكۈت قىلىش» دېگەندەك مەنىلەرنى قوشۇش كېرەك دەپ ئويلايمەن.
—————————–
قوشۇمچە: ئالىم مۇئەللىم، 网络语言 دېگەننى «تور تىلى» دەپ ئىشلەتتۇقمۇ؟ يەنى تور يۈزىدە ئىشلىتىش ئومۇملىشىپ كەتكەن گەپلەرنى دېمەكچى.
ھەي دوسلار، غالىبجاننى خاتا چۈشۈنۈپ قالغان ئوخشايسىلەر. ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل تەرجىمە قىلايلى دېگىنى يوق، ئۇ بۇ يەردە كىنايە ئارقىلىق ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل تەرجىمە قىلىدىغان ۋە ئىسمىنى تەرجىمە قىلساق بولمايدۇ دەيدىغانلارغا قارشى پىكىر ئىپادىلەۋاتىدۇ.
ئەمما غالىبجان، سىزنىڭمۇ گەپ سۆزىڭز سەل مۇجىمەل بولۇپ قاپتۇ، شۇڭا باشقىلار خاتا چۈشۈنۈپ قالغان گەپ.
==============================
بىز خاتا چۈشىنىپ قالمىدۇق. دەل «خاس ئىسىمنى تەرجىمە قىلسا بولمايدۇ» دېگەن نەزىرىيەنى ئەخلاق ۋە قائىدە نۇقتىسىدا تۇرۇپ يەكۈنلەۋاتىمىز. ئۈستىدىمۇ مەلۇم بىر تورداش «بۇنداق قىلغىنىمىز بەك نومۇسسىز ئىش بولدى» دېدى يۇ يەنىلا ئارتۇق پىكىر قىلىشتىن باش تارتىۋالدى. لېكىن ئۇنىڭ دېمەكچى بولغىنىمۇ بەلكىم مۇشۇ سەۋەب بولىشى مۇمكىن.
ئالىم مۇئەللىم ئادەتكە ئايلانغان خاس ئىسىملارنى تەرجىمە قىلىۋىلىش ئىشى خاتا بولسىمۇ، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مۇش قېتىملىقىنى توغرا دېيىشكە مەجبۇر بولدۇق دېگەن مەزمۇننى ئىپادىلىدى. ھەي… تىلىمىزنىڭ توغرا قائىدىدىن چىقىرىلىپ، مۇشۇنداق ئەبجەشلىشىشى بىۋاستە خاراكتىرىمىزنىمۇ ئۆزگەرتىۋىتىپ بارامدۇ قانداق؟! بۇرۇن خاس ئىسىمنى تەرجىمە قىلىدىغان مۇشۇنداق نۇمۇسسىز قىلمىش مۇشۇ خەنلەردىلا بار دەپ ئويلايتتىم، ئەمدى بىزگىمۇ يوققىلى تۇرۇپتۇ مانا…
خىيالغا:
ئۇنداقتا خەنزۇلار نىمىشقا ئامرىكىنى 阿米热卡 دېمەي، 美国 دەيدىغاندۇ، england نى 英格兰的 دېمەي، 英国 دەيدىغاندۇ…… ئاشۇ دۆلەتلارنىڭ ئىسمى خاس ئىسىم ئەمەسمىدۇ ئەجبا(بۇنداق تەرجىمە قىلىش خەنزۇلاردىلا بار ئىش ئەمەس، ھەرقانداق تىلدا بار ئىش بۇ)؟ يۇقۇرى پەن تىخنىكىغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن ئاتالغۇلارنىڭ ھەممسى ئاساسى جەھەتتىن پەرەڭلەردە باشتا ئوتتۇرغا چىقىدۇ، شۇڭا بىزمۇ رىئوستات، كوندىززاتۇر، بىسكتىرسا، دىئاگۇنال،ۋىكلىيوچاتىر،سىكەننىر، پىرىنتىر، يوپىتىر، بوتانىكا،فىلولوگىىيە،پىلوس،مىنىوس،دىففىرىنسال……دەپ ئاتىدۇق(مۇشۇنداق ئاتىسا چىرايلىق ئاڭلىنامدىكەن) ئۇيغۇرچە سۆزلىدىم دېگەن بىلەن، دادامدىن سورىسام ھىچقايسىسىنى بىلمەيدۇ!! تەرجىمە قىلىشقا بولىدىغان ئىش بولسا زادى تەرجىمە قىلىش كىرەك، تەرجىمە قىلىشقا بولمىسا يىڭىدىن بىر سۆز ياسىساقمۇ بولىدۇ، قانچىلىك ئۇيغۇرچە قىلالىساق شۇنچە ياخشى، بىز ئۇيغۇرچە سۆز ياساپ ياكى تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇرچە ئاتىساق ئۇ پەرەڭلەر بىلەن خەنزۇلارنىڭ بىز بىلەن نىمە كارى….
بىزنىڭ يۇرتلارغىمۇ بەسەيچە ئىسىم قويۋالدىغۇ ئاينا!
بىزمۇ ئۇلارنىڭ نەرسىلىرىگە ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۋالساق نىم بوپتۇ، ئەگەر قوشۇلمىسڭز، قانداق تىلدا سۆزلىسىڭز مىنىڭمۇ كارىم يوق سىز بىلەن.
غولامجان، خاپا بولمىسىڭىز كۆزنى يۇمۇپلا ھېسسىيات بىلەن گەپ قىلماي، بولسا پەننىي، ئەخلاقىي، قانۇنىي، تارىخىي جەھەتتىن ئاساس بىلەن چۈشەندۈرگەن بولسىڭىز. دۆلەت ناملىرىنى تەرجىمە قىلىۋىلىش ياكى ئەسلى ئىسمى بار تۇرۇپمۇ يېڭىدىن ئىسىم قۇيىۋىلىش خەنزۇلارنىڭ خاس «مەدەنىيىتى». ئەمما باشقا دۆلەتلەر جۇڭگونى china دەپ ئاتىشىدۇ. تارىختا بۇ ئىسىمنى پەرەڭلەر قويغان ۋاقىتتا جۇڭگو دېگەن بۇ نام تېخى دۇنياغا كەلمىگەن، ھەم دەسلەپتە قويۇلغىنى بويىچە china دەپ لۇغەتكە كىرگۈزگەن، ئۇلار جۇڭگو دېگەن نامنى تولا بەك ئېتىراپ قىلىشىپ كەتمەيدۇ. چۈنكى دۆلىتىمىزنىڭ نامى ھەر بىر پادىشاھلىقتا بىر قېتىم ئۆزگىرىپ تۇرغان. ھەرگىزمۇ بىر مۇقىم ئىسىم ئىشلەتمىگەن. شۇڭا بۇنداق ئۆز دۆلىتىنىڭ نامىغا ھۆرمەت قىلمىغان تېررىتورىيەگە پەرەڭلەر مۇقىم قىلىپ ئىسىم قويۇپ ئىشلەتكەن. ھەم شۇنى ھۆرمەت قىلىشىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ تىلىمىزنىڭ ۋە باشقا ئاساسلىق تىللارنىڭ قائىدە يۇسۇنلىرىنى خەنزۇلار بىلەن ئوخشاش قىلىش بىر ئەخلاقسىز قىلمىشمۇ ئەمەسمۇ؟ باشقىلارنى ھۆرمەت قىلغان ۋاقىتتا ئاندىن ھۆرمەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بىز خەنزۇ ئەمەس، ئۇلارنىڭ تىل ئىشلىتىش قائىدە يۇسۇنلىرىنى ئۆگىنىشكە. يەنە دېمەكچى بولغىنىم ئۆزۈمنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان تەتقىق قىلغان ئۇيغۇر تىلى ئاساسىم ۋە قائىدە، ئەخلاق نۇقتىسىدىن، باشقىلار ئىجاد قىلىپ قويغان ئىسمىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە ۋە تەرجىمە قىلىۋىلىشقا بولمايدۇ. بۇ بىر ئەخلاقسىز قىلمىش. بۇ ئىش خەنلەردە مەۋجۇد. پەرەڭلەر ياكى باشقا ئاساسىي تىللارنى ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ ھەربىر سۆزىگە نىسبەتەن كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە تارىخىي، پەننىي ئاساسى بار. سىز KungFu دېگەن خەتنىڭ پەرەڭلەرگە جۇڭگودىن كىرگەنلىكىنى بىلىسىز. ئۇلار نېمىشقا تەرجىمە قىلىۋالمايدۇ؟ چۈنكى 功夫 دېگەن بۇ سۆزنى پەرەڭلەردىن بۇرۇن جۇڭگولۇقلار قويغان، ھەم KungFu دەپ لۇغەتكە ئېلىنغان. مانا بۇ مەدەنىيەت، مانا بۇ ئۆز تىلىغا مەسئۇل بولغانلىق ۋە باشقىلارنى ھۆرمەت قىلغانلىق. سۆزلىسەم مېسال بەك كۆپ، سىز سۇغوق قانلىق بىلەن ئويلاپ، ئىلمىي، نەزەرىيىۋىي، تارىخىي ئاساسلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويسىڭىز بولىدۇ. «سىز قايسى تىلنى ئىشلىتىسىز كارىم يوق»«ئىشقىلىپ ئاشۇنداق بولىدۇ» دېگەندەك سەۋىيەسىز گەپنى قىلماي، ئاساس بىلەن سۆزلەڭ. دوستانە تەكلىپ…
خەنلەر 红糖دىگەن نەرسىنى بىز نىمىشقا قىزىل شىكەر دىمەي قارا شىكەر دەيمىز ؟ خەنلەر دۇشەنزى دىگەن شەنى بىز يالغۇزتاغ دىمەي مايتاغ دەيمىز ؟ يەنە بىز مارال بېشى دىگەن يۇرتنى خەنلەر 母鹿头دىمەي 巴楚دەيدۇ ؟؟؟؟
….. نەدىن تاپىدىغانسەن خەق مۇشۇنداق ‹‹ ئىسمنى تەرجىمە قىلمايىز دەيدىغان پەتۋانى ›› …. ئەتراپىڭغا قارۋېتىپ بۇ يەردە ئۇنى تەرجىمە قىلمايمىز دەپ گەپ سېتىڭلا ماخما ؟
سىز تىلغا ئالغان بۇ نەرسىلەرنىڭ ئەسلىدىلا بىزدە ئاتىلىشى بار، شۇڭا ئاشۇنداق ئاتىلىدۇ.
ئىسىم تەرجىمە قىلىنمايدۇ دېگەنلەر ئاساسلىقى ماركا، شىركەت، شەخس ئىسىملىرى دېگەندە قانۇنىي جەھەتتىن باشقا ئاتىسا بولمايدىغان نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارايمەن، شۇڭا قارا-قۇيۇق بىر تاياقتا ھەيدىمەيلى. ئەجىبا خەنلەر سىزنى شۇلار قويغان خەنزۇچە ئىسىمدا چاقىرسا غەلىتە ئاڭلانمامدۇ سىزگە؟
خەنلەر 红糖دىگەن نەرسىنى بىز نىمىشقا قىزىل شىكەر دىمەي قارا شىكەر دەيمىز ؟ خەنلەر دۇشەنزى دىگەن شەنى بىز يالغۇزتاغ دىمەي مايتاغ دەيمىز ؟ يەنە بىز مارال بېشى دىگەن يۇرتنى خەنلەر 母鹿头دىمەي 巴楚دەيدۇ ؟؟؟؟
….. نەدىن تاپىدىغانسەن خەق مۇشۇنداق ‹‹ ئىسمنى تەرجىمە قىلمايىز دەيدىغان پەتۋانى ›› …. ئەتراپىڭغا قارۋېتىپ بۇ يەردە ئۇنى تەرجىمە قىلمايمىز دەپ گەپ سېتىڭلا ماخما ؟
=========================================
بىز بۇ يەردە پەننى ۋە لوگىكا جەھەتتىن پىكىر يۈرگۈزىۋاتىمىز. كەچۈرۈڭ سىز بىلەن بىر تۈردىكى ئادەم ئەمەسكەنمىز، شۇڭا سىز بېرىپ باشقا جايدا پىكىر يۈرگۈزگەيسىز… دوستانە تەكلىپ
=========================================
سىز تىلغا ئالغان بۇ نەرسىلەرنىڭ ئەسلىدىلا بىزدە ئاتىلىشى بار، شۇڭا ئاشۇنداق ئاتىلىدۇ.
ئىسىم تەرجىمە قىلىنمايدۇ دېگەنلەر ئاساسلىقى ماركا، شىركەت، شەخس ئىسىملىرى دېگەندە قانۇنىي جەھەتتىن باشقا ئاتىسا بولمايدىغان نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارايمەن، شۇڭا قارا-قۇيۇق بىر تاياقتا ھەيدىمەيلى. ئەجىبا خەنلەر سىزنى شۇلار قويغان خەنزۇچە ئىسىمدا چاقىرسا غەلىتە ئاڭلانمامدۇ سىزگە؟
=========================================
پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق، ئالىم مۇئەللىمنىڭ چۈشەندۈرگىنىمۇ ھەرھالدا قايىل قىلارلىق، ئالىم مۇئەللىم ئامال يوق دېگەن يەردە بەلكىم راستىنلا مۇشۇنداق بولۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن…
@ خىيال : ئەسلى بار سۆز دەپ توغرا دىدىڭىز … ئەگەر بىز سۆزلەرنى ‹‹يېڭدىن بار ›› قىلساق ، ئامال بار ئۇيغۇرچە ئىشلەتسەك بۇنىڭ نەرى يامان ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ھەي دوسلار، غالىبجاننى خاتا چۈشۈنۈپ قالغان ئوخشايسىلەر. ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل تەرجىمە قىلايلى دېگىنى يوق، ئۇ بۇ يەردە كىنايە ئارقىلىق ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل تەرجىمە قىلىدىغان ۋە ئىسمىنى تەرجىمە قىلساق بولمايدۇ دەيدىغانلارغا قارشى پىكىر ئىپادىلەۋاتىدۇ.
ئەمما غالىبجان، سىزنىڭمۇ گەپ سۆزىڭز سەل مۇجىمەل بولۇپ قاپتۇ، شۇڭا باشقىلار خاتا چۈشۈنۈپ قالغان گەپ.
ئەسلى بار سۆز دەپ توغرا دىدىڭىز … ئەگەر بىز سۆزلەرنى ‹‹يېڭدىن بار ›› قىلساق ، ئامال بار ئۇيغۇرچە ئىشلەتسەك بۇنىڭ نەرى يامان ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
========================
دېگىنىڭىز توغرا، لېكىن يېڭىدىن بار قېلىش ئۈچۈن شۇ نەرسىنى بىز ئىجاد قېلىپ ئىسىم قويىشىمىز كېرەك. باشقىلار ئىجاد قىلىپ خاس ئىسىم قويغان نەرسىلەرنىڭ ئىسمىنى بىز خالىغانچە تەرجىمە قىلىپ ئىشلەتسەك، باشقىلارنىڭ ئىسىم ھۇقوقىغا دەخلى يەتكۈزگەن بولۇپ قالىمىزمۇ يوق. مەسىلەن سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى خەنلەر تىلى كەلمىسىمۇ ئاھاڭى بويىچە ئا لى پۇ ياكى خا لى پۇ دەيدۇ. پەرەڭلەرمۇ غالىپ دېگەن ئاھاڭنى چىقىرىدۇ. ھەرگىزمۇ 胜利者 ياكى 百战百胜 دەپ تەرجىمە قىلىۋالمايدۇ. پەرەڭلەرمۇ andro ياكى winner دەپ تەرجىمە قېلىپ ئىشلەتمەيدۇ. چۈنكى بۇ خاس ئىسىم. ماركىمۇ دەل خاس قويۇلىدۇ. ماركىمۇ ھېساپقا شۇ كارخانا ياكى مەھسۇلاتنىڭ خاس ئىسمى بولىدۇ. دېمەكچى بولغىنىمنى چۈشەندىڭىزغۇ دەيمەن…
سىز ئۈستىدە ئېيتىپ ئۆتكەن نەرسىلەرنىڭ ئەسلىدىنلا بىزدە ئاتىلىشى بار. شۇنىڭغا ئوخشاش خەنلەر ياكى باشقا مىللەتلەردىمۇ قەدىمدىن تارتىپ خاس ئاتىلىشى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەسلىدىنلا قەدىمدىن تارتىپ مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن قويۇلغان بۇنداق ھەربىر مىللەتكە تەۋە خاس ئاتالغۇلار ئۆزئارا ئوخشىمايدۇ. ناۋادا پەرەڭلەر مارالبېشىنىڭ نامىنى ئۆز لۇغىتىگە كىرگۈزۈش ئېھتىياجى قوزغىلىپ قالسا، ئۇلار تارىخنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ چىقىپ، مەيلى قايسى مىللەت قويغان بولسۇن، ئىشقىلىپ تۇنجى قۇيۇلغان ئىسىم بويىچە لۇغەتكە كىرگۈزىدۇ. ھەرگىزمۇ تەرجىمە قىلىۋالغان ياكى ئۆزگەرتىۋالغان نامىنى كىرگۈزۈشمەيدۇ…..
@ خىيال : دىمەك سىزنىڭ مىنىڭمۇ يىتەرلىك دەللىمىز بار . ئەمما شۇنىسى ئىنقكى قارشى تەرەپنى تۇللۇق قايىل قىلىشقا يىتەرلىك ئەمەس. قىسقىسى مەن قايىل ئەمەس . مەن ئامال بار تىلمىزنى ئۇيغۇرچە ئىشلىتىشنى مەخسەت قىلمەن . مۇشۇنداق سۆزلەر ئاز ئازدىن تۇللۇقلىنىپ ماڭسا كىيىنكىلەر بىز ‹‹ئانا تىل ›› مىراسنى جايدا يەتكۈزەلمەي قالغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇلار لوغەت ئاختۇرۇپ ، تىگىشلىك مىراسنى شۇ يەردىن تاپسۇن .دىگەن غايۋى ئۈمۈدتىمەن. ھېلىتىن ئەتراپىمدا ماۋۇ گەپنىڭ ئۇيغۇرچىسى يوق ، دەپ گىپىنى تاپالماي قالغان كىكەچلەرنى ئۇچۇرتىمەن ۋە جايدا جاۋابنى بىرمەن .
@ خىيال : شۇنداق بولغاندان سىزنىڭ گىپىڭىزنىڭ يادروسى : ‹‹ خاس ئىسىملار ئۆز پېتىچە ئېلىندۇ بۇ ئەخلاقسىزلىق ››، مىنىڭ :‹‹ ئاتالمىش خاس ئىسىملار ئىچىدىمۇ تەرجىمە قىلنغانلىرى بار ، شۇڭا تەرجىمە قىلىپ ئامال بار ئۇيغۇرچە ئىشلەتسەك بۇلدۇ ›› ئورتاق تىما :‹‹ ئۈندىدار›› … شۇنى ھېس قېلدىمكى ، ئالىم ئەپەندى ۋە تىلكومدىكىلەر تېخمۇ دانا ئىكەن ؛ ۋاڭيى ئۈندىدارى ، تېڭشۈن ئۈندىدارى ، مومو ئۈندىدارى … دىگەنلەر ئاۋاز يوللاشنى ئاساس قىلغان باشقا ئىقىدارلار مۈجەسەملەنگەن ، ئۇمۇملاشقان يېڭى شەئىدۇر . بۇ چاغدا لوغەتىكى ئۈندىدار دىگەن گەپ خاس ئىسىم ئەمەس بەلكى بىر قاتار شىركەتلەر ياسىغان دىتاللارنىڭ ئۇمۇمى نامىدۇر . خۇددى گىرى توڭلاتقۇسى(خەيئېر بىڭشياڭ ياكى مۇزساندۇق ئەمەس )، خەيئېر كىرئالغۇسى (خەيئېر شىيىجى ياكى كىيىم يۇيۇش ماشنىسى ئەمەس ) دىگەندەك …
يىتەرلىك ئەمەس بەلگىلىك دەلىلمىز ئىدى … تۈزتۈپ ئۇقۋالغىيسىزلەر…
غالىپجان، سىزنىڭ دېگىنىڭىزمۇ ھېسسىيات جەھەتتىن ئىنتايىن توغرا، مەنمۇ شۇنداق بولىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. ئەمما بىز يەنىلا ئۇ نەرسىلەرنىڭ ئىجادچىسى ئەمەس، ھەم تۇنجى ئىسىم قويغۇچىسىمۇ ئەمەس. ئۇنداق بولسا نېمە ئۈچۈن ۋېيشىن، مومو، يىشىن دېگەنلەرنى تەرجىمە قىلدۇقيۇ ۋاڭيى، تېڭشۈن، دېگەنلەرنى تەرجىمە قىلمايمىز؟ تىلىمىزدا يېتەرسىزلىك كۆپ، ھەم داۋاملىق خاتالىشىپ مېڭىشقا بولمايدۇ. كېيىن يەنە ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىپ قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا مەن يەنىلا پىكىرىمنى ساقلاپ قالىمەن. باشقىلار كۆرۈپ پايدىلانسا ئەجەپ ئەمەس
(23) 鸡巴
زەكەر، ئارلىك جىنسىي ئەزا
ئەرلىك ئارلىك بۇلۇپ قاپتۇ
مەن كېيىن كۆرۈپتىمەن ما تېمىنى
(1)微信
wei xin
تېڭشۈن ئۈندىدارى (تېڭشۈن شىركىتى ياساپ چىققان بىر خىل ئالاقە يۇمشاق دېتالى)
(2)易信
yi xin
ۋاڭيى ئۈندىدارى (ۋاڭيى شىركىتى بىلەن جۇڭگو تېلېگىرافى ياساپ چىققان بىر خىل ئالاقە يۇمشاق دېتالى)
بۇ ئىككىسى مېنىڭ شەخسىي پىكرىمچە بولماپتۇ.
ئەمدى بۇنىڭدىن باشقا ئەلى بابانىڭ 旺信 با. بۇ 旺旺 نىڭ يانفون نۇسخىسى. بۇنى ئەمدى ئەلى ئۈندىدارى دەيمدۇق؟ ئۈستىدىمۇ تورداشلار دەپتۇ، بۇنىڭدىن باشقا شىركەتلەر ياسىغان ئاشۇنداق 信 لار بولسا ئۇنىڭ ئالدىغا شۇ شىركەنتىڭ نامىنى قويۇپ ئاتامدۇق؟ بولسا مۇشۇنى بىر ئويلاشساق قايتا. مۇشۇ پېتى لۇغەتكە كىرىپ كەتسە كېيىنكىلەرگە شۇ پېتى كىرىپ كېتىدۇ.
卧底 نى ئىشپىيون، جاسۇس دەپ ئالساق بولىۋىرىدۇ. 间谍,特工 بىلەن پەرقى شۇ بىر خىل ئادەمنىڭ ئىككى تەرەپتىن ئاتىلىشى. ئەۋەتكۈچى 卧底 دەيدۇ، باشقىلار 间谍,特工 دەيدۇ.
بۇنداق دىيىلمەيدۇ كۆك كەپتەر تورداش،مۇشۇ سۆزلەرنى خەنزۇچە قامۇسلاردىن ياخشى بىر تېپىپ ئوقۇپ چىقىڭ.گەرچە قىلىدىغان ئىشنىڭ مەقسىتى ئوخشاش بولسىمۇ قىلىش شەكلى ۋە كىلىش-كىتىش تەۋەلىكى دىگەندەك بىرمۇنچە پەرىقلىرى بار.شۇڭا بىزدىمۇ ئەسلىدىلا ئاشۇنداق ئوخشىمايدىغان ناملار بارلىققا كەلگەن.بۇ خۇددى «تاقالما بويۇم»بىلەن «تاقالما ئۈسكىنە»دىگەنچىلىك ئاشۇنداق پەرقى بار سۆزلەر.بۇ سۆزلەر بىزنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدىن يىراق بولغاچقا شۇڭا بىز پەرقىنى جىق بىلىپ بولالمايمىز
تورداشلارنى سىلىشتۇرۇپ ئوقۇپ،مەنە ئىپادىلەشتىن ساۋاق،ھەقسىز دەرس ئالسۇن دەپسىزدە،بىراك بولسىكەن دىگەن .ئىنكاسنىمۇ تەستىقلىۋىتىپسىز.بۇمۇ بوپتۇ.
(21)正能量
تۆۋەندىكى ۋىكى قامۇستىن ئېلىنغان 正能量 نىڭ ئېنىقلىمىسكەن .
正能量,科学的解释是:以真空能量为零,能量大于真空的物质为正,能量小于真空的物质为负。
2012年开始,“正能量”一词常见于中国大陆的会议语言和官方新闻,例如中国共产党第十八次全国代表大会[1]。中国大陆的微博上该词汇使用频率也显著增高,出现“每天一条正能量”,“随手转发正能量”,“正能量榜样”等话题,用以号召民众言行积极乐观[2]。
中文名称:正能量
英文名称:positive energy
其他名称:正面能量;正向能量
定义1:以真空能量为零,能量大于真空的物质为正,能量低于真空的物质为负。
定义2:一切予人向上和希望、促使人不断追求、让生活变得圆满幸福的动力和感情。
所属学科:物理学
دېمەك ئەسلى بۇ فىزىكا پېنىدىكى بىر ئاتالغۇ بولۇپ ، مۇسبەت ئېنىرگىيە دەپ ئاتاش ئەڭ مۇۋاپىق . ئەمما بۇنى ئىجابىي كۇچ دېسەك ئەسلى مەنىسىدىن بەك يىراقلاپ كەتكەنلىك بولۇپ قالىمىز .
مېنىڭ پىكىرىم .
中文名称:正能量
英文名称:positive energy
ئۇيغۇرچىسى : مۇسبەت ئېنىرگىيە .
تەرجىمىنىڭ ئەسلىگە سادىق بولۇش پىرىنسىپى .
مەن ئاپتۇنۇمغا رەئىس بولۇپ قالسام ، ئالىم مۇئەللىمىنى تىل -يىزىق كومىتىتىغا باشلىق قىلىپ قوياتتىم ياكى تىل – يىزىق كومىتىتىنى ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىگە قوشىۋىتەتتىم .
ئەمىسە ھازىرچە رەئىس بولماي تۇرۇڭ، بۇ بەك جاپالىق خىزمەت ئىكەن، بۇ ياقتا تۇراي دېسىڭىز تىلشۇناسلار تىللاۋاتقان، ئۇ ياقتا تۇراي دېسىڭىز خەلق تىللاۋاتقان. ئەڭ ياخشىسى ھازىرقىدەك كۆۋرۈك بولۇپ تۇرايمىكىن دەيمەن.
مۇناسىۋەتسىز بىر سۇئال:
ھازىر http://windowsphone.uservoice.com ماۋۇ ئادىرسىقا كىرىپ wp8 گە بىلەت تاشلاش ناھايتى ياخشى بولىۋاتىدۇ. بۈگۈن قارىسام wp8 گە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ۋە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش(Uyghur language support) دىگەن تۈرگە تاشلانغان بىلەت سانى 160947 گە يىتىپ بارلىق بىلەت سانىنىڭ ئەڭ ئالدى بوپتۇ، لىكىن ئاشۇنداق كۆپ بىلەت چۈشكەن تۈر يۇقىردىن سانىغاندا 1- ئورۇنغا تىزىلىشى كىرەك ئىدى. بىراق 12- ئورۇنغا تىزىلىپ قاپتۇ. ئۇنىڭ ئالدىغا تىزىلغانلىرىغا چۈشكەن بىلەت سانى ئەلۋەتتە 160947 دىن كۆپ ئاز ئىكەن. بۇ نىمە ئۈچۈن؟
چۈنكى تىل قوشۇش تېخنىكىلىق ئىش ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھامان بولىدىغان ئىش، ھازىرقى باشلىقى ھامان قىلىدىكەنمىز، شۇڭا بۇ قېتىم «ھە» قىلىۋېتىڭلار دېسە 4-ئايدا قىلىنىدۇ، بولمىسا كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بىرنەرسە بولىدۇ.
ھازىر مىكروسوفتقا ئەڭ كېرەك بولىدىغىنى يېڭى ئىدىيەدۇر. مەسىلەن: مەشغۇلات مەركىزى قوشۇڭلار، كەلگەن تېلېفوننىڭ تەۋەلىكىنى چىقىرىدىغان قىلىڭلار،…دېگەندەك
ئۇنداق بولسا بىز يەنە داۋاملىق بىلەت تاشلاپ بېلەت سانىنى يۇقۇرى كۆتىرەيلى.شۇنداق بولغاندا ئۇ باشلىق «بۇمۇ جىددى ئىش ئىكەن .ھە قىلىڭلار.»دەپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.مۇشۇنداق قىلساق بۇلارمۇ مۇئەللىم؟ كىلەر يىلىنىڭ ئاخىرىغا يەنە ئىككى يىل بار ئىكەن.بولسا 4-ئايدىلا بۇلۇپ كەتسە.
بەزى ئىشلارنى راستتلا ئېنىق بىلمەيمەن.
(27) 卧底
بىرىنجىدىن بۇ ئىسىم،پىئىل ئەمەس.خەنچە ”当卧底“دەيدۇ,يەنى“ 卧底بولماق“دەپ ئىشلىتىدۇ،شۇڭا“سۇقۇنماق، سۇقۇنۇپ كىرمەك“دەپ پىئىل قىلىپ ئالساق ئېغىرخاتالىق بولىدۇ. بۇنى ”ئىشپىيون“ دەپ ئالساق بولمايدۇ،ھازىر 特务نى ئىشپىيون دەپ ئىلىۋاتىمىز، 间谍 ”جاسۇس“، بۇ ئىككىسى ئوموملىشىپ بولغانغۇ دەپ قارايمەن.شۇڭا“بۆكتۈرمە“دىيىش ئەڭ توغرا.埋伏نى بۇرۇندىن ”پىستىرما“دەپ ئاتاپ فىلىم تەرجىمە قىلىشتا ئوموملىشىپ بولدى دىسەك بولىدۇ.
=========================================
بۇ پىكرىمگە تۈزىتىش بەرمەكچى:
(27) 卧底
بۇنى «مۆكتۈرمە» دەپ ئالىلى،«مۆكۈ-مۆكۈلەڭ،مۆكۈش» دىگەندەك.چۈنكى بۇ 卧底 مۇ شۇ كىشىلەر ئارىسىدا ئەسلى سالاھىتىنى يۇشۇرۇپ(مۆكۈپ) تۇرۇپ خىرمەت قىلىدىغان تىڭ-تىڭچىنى كۆرسىتىدۇ.شۇڭا بۇنى مۆكتۈرمە دەيلى.بۇ بۆكتۈرمە توغرا بولغاندەك بولسىمۇ يەنىلا شۇ پىستىرما دىگەنگە يىقىن،خاسلىقى بەك ياخشى ئىپادىلەنمەيدىگەن.
ئۇنداقتا يەنە 特工 دەيدىغان بىر سۆز بار ئىدى، بۇنى قانداق تەرجىمە قىلساق بولا؟ ئومۇمى جەھەتتىن ھەممىسى شۇ باشقىلاردىن يۇشۇرۇن ئىش قىلىدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ، بۇنداق بىر سۆزگە بىردىن تەرجىمە ماسلاشتۇرۇشنىڭ لازىمى بامۇ، تەرجىمە قىلشىقا توغرا كەلگەندە ئەمەلى ئەھۋالغا قاراپ جاسۇس ، ئىشپىيون، بۆكتۈرمە، پىسترما، يەنە تىخى پايلاقچى دېگەن سۆزلەردىن ماس ھالدا بىرنى تاللاپ ئىشلەتسەك بولمىدىمۇ.
特工ناھايتى چۈشىنىشلىك تەرجىمە قىلىنىپ بولۇنغان،بۇ سۆزلەرنىڭ مۇشۇنداق پەرىقلىق(پەرقلىك دەيمىزمۇ يە؟!يەنە قاقشاپ سالىدىغان بولدۇم «ئەقىللىك» قاقباشلاردىن)كىلىپ چىقىشىمۇ شۇ ئۆز-ئارا پەرقى بولغانلىقى ئۈچۈن،تۇرمۇشىمىزدىن يىراق سۆزلەر بولغاچقا بىز ياخشى بىلىپ كەتمەيمىز،شۇڭا سەل مۇجىمەل بىلىنىشى،ھەممىسى ئوخشاشتەك تۇيىلىشى مۇمكىن.سۆزنى http://www.udict.cnدىن ئىزدەڭ.
特工
1.پەۋقۇلئاددە ۋەزىپە، ئالاھىدە خىزمەت
2.ئالاھىدە خادىم
كۆك دېڭىزغا:
« ئوخشاشتەك تۇيىلىشى مومكىن» ئەمەس، بەلكى ئوخشاشلىقى بار سۆزلەر بۇ، سىزمۇ مەنمۇ 特工,间谍,特务,卧底 بولۇپ باقمىغان، ئەمما بىزمۇ ئانچە مۇنچە كىنو كۆرگەن قاراڭ، ئېنگىلسچە لۇغەتكە قاراپ باقسىڭز 间谍نى spy، secret agent
特务نى spy ، special agent دەپ بار، ئاندىن بۇ يەردىكى agent دېگەن سۆز 特工 نى كۆرسىتىدۇ ، خەقلەرمۇ ھەر بىر سۆزگە ئايرىم ئايرىم بىردىن سۆز ياساپ ئولتۇرماپتىغۇ ئەينا، تەرجىمە قىلىشقا تېگىشلىك بولسا تەرجىمە قىلىش كىرەك، ئەمما ئوخشاش مەنىدىكى سۆزلەرنى خەقلەرمۇ ئون ئونبەش سۆز ئىشلتىپتىكەن، مەنمۇ زادى ئون ئونبەش سۆز ئىشلىتىپ بىرمۇ بىر تەرجىمە قلىمەن دەپ مورەككەپ قىلۋىتىشنىڭ نە ھاجىتى، ئاددى بولسىمۇ يەنىلا گۈزەللىكنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.
مەن سىزنىڭ قايسى لۇغەتنى ئاختۇرغىنىڭىزنى بىلمىدىم،ئەمما بىلىشىمچە ئىنگىلىز تىلىدا بۇ خىلدىكى ئاتالغۇ خەنزۇ تىلىدىن جىق دەپ بىلىمەن،ھەم راسلا پەرىقلىق ئىلىنىدۇ.مەسىلەن:
特务 [tè wù]
special task
special agent
spy
[特工 [tè gōng
secret service
spy
[间谍 [jiàn dié
军] spy]
[埋伏 [mái fú
ambush
lurk
ambuscade
Bush
[卧底 [wò dǐ
undercover
spy
[英 [spaɪ] 美 [spaɪ
vt. 侦察;发现;暗中监视
vi. 侦察;当间谍
n. 间谍;密探
يۇقىردىكىلەر 有道词典دىن ئىلىندى.
كىنودا ئامرىكا دېڭىز ئارمىيىسى كىمىسىنىڭ لىدار كونترول سۇپىسىدا
”God we believe in,others we spy“،يەنى ”تەڭرىگە ئىشىنىمىز،باشقىسىنى رازۋېتكا قىلىمىز“دەپ يېزىقلىقىنى كۆرگەنتىم.شۇڭا ئەمەيىيەتتە spyنىڭمۇ ئومۇمىيلىقى يوق،بۇنداق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر مەن ۋە سىزگە ئوخشاش بۇلارنى چۈشەنمەيدىغان ئامرىكىلىقلارغا شۇ spy دىگەن نام بىلەن تونۇلغان.
بۇنى مۇرەككەپ قىلىۋەتمىدۇق،ئۆزى بۇرۇنلا مۇشۇنداق مۇرەككەپكەن،ھەم تىلىمىزدىمۇ ئاساسەن دەل جايىغا چۈشىدىغان ماس كىلىدىغان سۆزلەر ھەم بار،شۇ بىز شۇ مۇشۇ كۆپىنچىسى ئاساسەن تىلىمىزدا ئەسلىدىنلا بار بولغان سۆزلەرنى باشقا تىلدىكى قايسى سۆز بىلەن ئەڭ ماسلىشىدىكىن دەپ شۇ ماشلاشتۇرۇش ئىلىپ بىرىۋاتىمىز دەپ قارايمەن.تىل مول بولغانسىرى گۈزەل بولىدۇ،شۇڭا ئەرەب تىلىمۇ دەل مول بولغىنى ئۈچۈن قۇرئان تىلى قىلىپ تاللانغان دىيىلىدىغۇ.
بۇ رادارنى قانداق بولۇپ لىدار دەپ يازغانتىمەن،ئۆزرىلىكمەن
ئالدىنقى ئىنكاس بىراك قىلىنىپ بۇ تەستىقلانسا،ئالدىنقىسىدا مەنە ئىپادىلەش خاتالىقى بوپتۇ.
(3)80后
80 hou
80-يىللارنىڭ (1980-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار)
(4)90后
90 hou
90-يىللارنىڭ (1990-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار)
=====================================
بۇ تەرجىمە توغرا بولمىغان دەپ قارايمەن. چۈنكى خەنزۇچىدا بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى دەل تىرناق ئىچىدىكى مەنىنى بىلدۈرىدۇ،يەنى مەلۇم ۋاقت دائىرىسىدە تۇغۇلغان ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ.دىمەككىم بۇ سۆز نوقۇل ئادەمنى،يەنى مەلۇم ۋاقىتقا تەۋە ئادەمنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇنداقتا تىلىمىزدىكى تەۋەلىك قوشۇمچىلىرىنى بىر ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتمەيلىما،بۇ مەسىلىنى شۇلار بىر تەرەپ قىلىۋەتسۇن.
ۋاي مانا دىمەي تۇرۇپ بۇ «-لىق(-لۇق)،-لىك»لەر ئىشنى پۈتتۈرۈپ كەپ بوپتۇغۇ،قارىغاندا «-لىق» باتۇر ئازراق يامان چىققان ئوخشايدۇ،بۇ سۆزلەرنى ئالدىغا سىلىپ كەپتۇ.ۋاي نىم بوپتۇ دەمسىز،«-لىق»كىتىپ «80لىق،90لىق»بولۇپ كەپتۇ.
===================================================
دىمەككىم بىزدە «ئامرىكىلىق،ئىتالىيەلىك،تۈركىيەلىك،خوتەنلىك،ئاقسۇلۇق،گۇمىلىق،شايارلىق»دىگەندەك بىر چىرايلىق جۇغراپىيەلىك تەۋەلىكنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر بار،بۇ سۆزلەر شۇ يەر نامىغا تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى«-لىق(-لۇق)،-لىك»قوشۇمچىلىرىنى ياساش ئارقىلىق ياسالغان. ئەمدى ۋاقىت تەۋەلىكىگىمۇ ئوخشاش قائىدىنى قوللانساق تامامەن بولىدۇ.
«80-يىللارنىڭ»دەپ تەرجىمە قىلىنسا «ئادەم»دىگەن ئۇقۇم چىقمايدۇ.بۇنى «80-يىللاردا تۇغۇلغانلار»دەپ تەرجىمە قىلساق ئۇيغۇر تىلىغا ھاقارەت قىلغان بولارمىز،بۇ خۇددى «ئاقسۇلۇق»دىگەننى زورلاپ«ئاقسۇدا تۇغۇلغانلار»دىگەندەك بىر ئىش.(بۇ گىپىمنى ئەسلى تەرجىمە قىلغانلار ئۆزۈڭلارغا ئىلىۋالماڭلار،سىلەر بولغىنىڭلار ئۈچۈن بۇ ئىشلار بولىۋاتىدۇ،سىلەردىن سۆيۈنىمىز).
شۇڭا،خۇلاسەم:
(3)80后
80لىق(لار)
(4)90后
90لىق(لار)
كۆپلۈك قوشۇمچىسى«-لار»نى تىرناققا ئېلىشىم،بۇ خەنزۇچىدىكى ئەسلى سۆزلۈكنىڭ ئۆزى يەككىلىك ۋە كۆپلۈكنى كۆرسىتەلەيدىغانلىقىنى ھەم بۇ جەرياندا ئۆزىدە ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقى.ئەمما تىلىمىزدا يەككىلىك بىلەن كۆپلۈك ئوتتۇرسىدا ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقى ئۈچۈن.
تامام
80- ۋە 90-يىللىقلار دېسەكچۈ.
بۇ «-» سانغا قىتىلغاندىن كىيىن دەرىجە سان(رەت تەرتىپنى بىلدۈرىدىغان سان)غا ئايلىنىپ كىتىدۇ.ھەم بۇنىمۇ خاتا دىيەلمەيمەن. مەنمۇ ئەسلىدە مۇشۇنداق يازاي دىگەن،لىكىن ئەسلى سۆزدىمۇ يىل دىگەن بىۋاستە ئۇقۇم يوق.شۇڭا بىزنىڭ تىلىمىزمۇ گاداي بولمىغاندىكىن ئۇزارتىپ تەرجىمە قىلمىساقمۇ ئەسلى مەنىنى ئىپادىيەلەيدىكەن،شۇڭا بىۋاستىلا ئەينەن ئالغان.ئەسلى مەنىنى ئەينەن ئىپادىلىيەلىگەندىكىن ئۇزارتىپ يوقنى يۈرۈشنى توغرا تاپمىغانتىم.ھەم بۇرۇن سىنىپ ھەيئىتى بولغاندا بالىلارنى نومۇرى بىلەن چاقىرىپ كۆنۈپ قاپتىمەن،ھىچقانداق غەلىتىچىلىك تۇيۇلمىدى،تەبىيلا.
ھەم بىزدىمۇ مۇشۇنداق ئىشلىتىش بارغۇ،مەسىلەن 90-نومۇرلۇق ماينى بىز ئادەتتە 90لىق ماي،93لىك ماي،0-ماي(0لىك ماي) دەپ ئىشلىتىمىزغۇ. يەنە بىڭتۈەندىكىلەرنى شۇ 224لىك،243لىك دەيمىزغۇ ئېغىز تىلدا.شۇڭا مەن شۇپىتى ئىلىۋەرگەن.ئۆز پىكرىمدە تۇرىمەن،لىكىن پىكرىڭىزنى خاتا دىيەلمەيمەن.
مۇشۇ تېمىدا 80后,90后 دېگەن سۆزلەرگە ئىنكساس يازغان سىز بىلەن مەن باركەنمەن، ئەسلىدىكىنى قوشساق ئۈچ خىل تەرجىمە بوپتۇ، يەنى:
80-يىللارنىڭ
80لىك(لىق)
80-يىللىقلار دىن ئىبارەت.
ئالىم مۇئەللىم بىر ئىنكاسىدا 80-يىللارنىڭ ئاخىرسىدا بىزنىڭ يۇرتيىن رۇسىيىگە چىقىپ كەتكەن…….دەپ يىزىپتۇ، دېمەك بۇ جۇملىدە «80- يىللارنىڭ» دېگەن ئۇقۇم ئادەملەرنى ئەمەس يىلنى كۆرسەتكەن. ئاۋۇ «80 لىك» دېگەن ئۇقۇممۇ قانداقلا ئويلىسام زادى ئادەملەرنى كۆرسىتىدىغاندەك ئەمەس.
باشقا تورداشلارمۇ بىرنەرسە دەپ باقسا، بىزمۇ بۇ سۆزنى ئايرىم كۆتۇرۇپ چىقماي، بىر نەچچە، بولسا تىخىمۇ كۆپ جۈملىلەرنىڭ ئوتتىرىغا قويۇپ ئوقۇپ باقساق، ئاندىن بۇ جۈملىلەرنى مۇشۇ يەردە يازساق….. مەنمۇ ئويلاپ باقاي، سىزمۇ ئويلاپ بىقىڭ، ئانا تىلىمىز ئۈچۈن!!!
بولىدۇ،يەنە ئويلايلى.لىكىن پىكرىمدە چىڭ تۇرىمەن. ئەسكەرتىش«80لىق»يەنى«سەكسانلىق»بولىدۇ،قارىغاندا سىز«سەككىز نۆللىك»دەپ چۈشىنىۋالغان ئوخشايسىز.
كەچۈرۈڭ،مەن سىزنى نىمىشقا «80لىق»دىمەي،«80لىك»دەيدىغاندۇ دەپ شۇ سىزنى خەنزۇلار ئوقۇغاندەك ئۇدۇللا ئوقۇغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن. يەنە ئويلاپ باقسام،ئەدەبىي تىلدا«سەكسەن» دەيدىكەن،لۇغەتتىمۇ شۇنداقكەن.بىزغۇ «سەكسان،توقسان»دەيمىز.مەندىكى خاتالىق بوپتۇ.كەچۈرۈڭ!
ئەدەبىي تىلدا:
80 ====» سەكسەن
90 ====» توقسان
دەيمىزكەن.
شۇڭا مېنىڭ پىكرىمنىڭ توغرىسى:
80لىك ====» سەكسەنلىك
90لىق ====» توقسانلىق
بولىدى.
رەھمەت.
ئەسكەرتكىنىڭزگە رەھمەت، ئەمما مەنمۇ ئىچكىردە 8 يىل ئوقۇدۇم، ئۇ يولداشلارنىڭ مەدەنيىتىنى ئاز تولا چۈشۈنىمەن. شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇنداق سۆزلەرنى قانداق جايدا ئىشلىتىدىغانلىقىنى ۋە ھەتتا يەنە بەزى سۆزلەرنىڭ قانداق كىلىپ چىققانلىقىنىمۇ بىلىمەن، شۇڭا بىلگەنلىرىمنى ئىشقا سالاي دەپ ئىنكاس يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن…..
ئوقۇش تارىخىمىز ۋە بۇيەردە ئەگىپ يۈرۈش مۇددىئارىمىز ئوخشاشكەن،سۆيۈندۈم!
(3)80后
80 hou
80-يىللارنىڭ (1980-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار)
(4)90后
90 hou
90-يىللارنىڭ (1990-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار)
=====================================
بۇ تەرجىمە توغرا بولمىغان دەپ قارايمەن. چۈنكى خەنزۇچىدا بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى دەل تىرناق ئىچىدىكى مەنىنى بىلدۈرىدۇ،يەنى ئادەمنىڭ تۇغۇلغان ۋاقت تەۋەلىكىنى كۆرسىتىدۇ.ئۇنداقتا تىلىمىزدىكى تەۋەلىك قوشۇمچىلىرىنى بىر ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتمەيلىما،بۇ مەسىلىنى شۇلار بىر تەرەپ قىلىۋەتسۇن.
ۋاي مانا دىمەي تۇرۇپ بۇ «-لىق(-لۇق)،-لىك»لەر ئىشنى پۈتتۈرۈپ كەپ بوپتۇغۇ،قارىغاندا «-لىق» باتۇر ئازراق يامان چىققان ئوخشايدۇ،بۇ سۆزلەرنى ئالدىغا سىلىپ كەپتۇ.ۋاي نىم بوپتۇ دەمسىز،«-لىق»كىتىپ «80لىق،90لىق»بولۇپ كەپتۇ.
===================================================
دىمەككىم بىزدە «ئامرىكىلىق،ئىتالىيەلىك،تۈركىيەلىك،خوتەنلىك،ئاقسۇلۇق،گۇمىلىق،شايارلىق»دىگەندەك بىر چىرايلىق جۇغراپىيەلىك تەۋەلىكنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر بار،بۇ سۆزلەر شۇ يەر نامىغا تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى«-لىق(-لۇق)،-لىك»قوشۇمچىلىرىنى ياساش ئارقىلىق ياسالغان. ئەمدى ۋاقىت تەۋەلىكىگىمۇ ئوخشاش قائىدىنى قوللانساق تامامەن بولىدۇ.
«80-يىللارنىڭ»دەپ تەرجىمە قىلىنسا «ئادەم»دىگەن ئۇقۇم چىقمايدۇ.بۇنى «80-يىللاردا تۇغۇلغانلار»دەپ تەرجىمە قىلساق ئۇيغۇر تىلىغا ھاقارەت قىلغان بولارمىز،بۇ خۇددى «ئاقسۇلۇق»دىگەننى زورلاپ«ئاقسۇدا تۇغۇلغانلار»دىگەندەك بىر ئىش.(بۇ گىپىمنى ئەسلى تەرجىمە قىلغانلار ئۆزۈڭلارغا ئىلىۋالماڭلار،سىلەر بولغىنىڭلار ئۈچۈن بۇ ئىشلار بولىۋاتىدۇ،سىلەردىن سۆيۈنىمىز).
شۇڭا،خۇلاسەم:
(3)80后
80لىق(لار)
(4)90后
90لىق(لار)
كۆپلۈك قوشۇمچىسى«-لار»نى تىرناققا ئېلىشىم،بۇ خەنزۇچىدىكى ئەسلى سۆزلۈكنىڭ ئۆزى يەككىلىك ۋە كۆپلۈكنى كۆرسىتەلەيدىغانلىقىنى ھەم بۇ جەرياندا ئۆزىدە ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن.
تامام
ماۋۇنى تەرجىمە قىلغانلار بەكلام قولاشمىغان تەرجىمىلەرنى قىلىپسىلەر ، بەسەيلەرنىڭ بۇنداق سۆزلەرنى نىمىگە ئىشلىتىدىغىنىنى بىلمەي يۈردۇڭلارمۇ قانداق … ئىغىزىڭلارغا كەلگىنىنى جۆيلىيدىكەنسىلەر …كۆك دېڭىز خېلى ياخشى پىكىرلەرنى ، بېرىپتۇ قوللايمەن
تەرجىمە قىلىنماي يۈرگەندىن تەرجىمە قىلىپ باقايلى دېدى تىلچىلار، تىلچىلارنىڭ پىكىرىنى كۆپچىلىكمۇ كۆرۈپ باقسۇن دېدۇق. بەك ئېنىق بىلىدىغان بولسىڭىز، بىرەر ئوي-پىكىرنى راۋان، ئېنىق ئىپادىلەپ باقمامسىز؟ مەسىلەن: قايسى ئاتالغۇ؟ قانداق بولماپتۇ؟ نېمە سەۋەبتىن؟ سىزچە ئەڭ ياخشىسى قانداق بولۇشى كېرەك؟ مېنىڭچە دەپ قويۇپلا تېپىشماق تاپقاندەك بىرەر مەزمۇن بولمىسا، ئەسلىدە سىزنى جۈيلۈپ قاپتۇ دېمىسۇن تورداشلار.
ئۈزى پوقنى ئىككى قىلامايدىغان ، خەقنى ياراتمايدىغان مەرەز تور داشقاللىرى مۇشۇ يەرگىمۇ كەپتۇ دە … قارا ماڭقا ئويلۇنۇپ گەپ قىل ، بۇ يەردە جۆيلۈپ يازما يوللايدىغان …. نىڭ يوق … ھھېلمۇ ئالدىراشچىلىقتا يۈرۈيدۇ ئالىمكاممۇ … قىلالىساڭ پىكىرنى كۆك دېڭىزدەك ئاشۇنداق سەنمۇ قىل ، ئىلمى قىلىپ ، بىزمۇ كۈرلى ئالىمكاممۇ كۈردۇ ، بۇ يەردە خەقنى جۆيلىدى دەيدىغانغا نىمە ئاساسىڭ ؟؟؟؟ پىكىرىڭ بولمىسا باشقىلارنىڭ پىكىرنى ئاڭلا بۇلامدا ؟ بولمىسا بېرىپ مىسرانىمنى ئوينا **** ….
ئاخىرىنى ئۆچۈرۈۋەتتىم، چىرايلىق پىكىرلىشىپ باقايلى، ھەممەيلەننىڭ مەقسىدى شۇ ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن.
靠谱 دېگەننىڭ ئىلىمىي دېگەن مەنىسىمۇ بار….
微信 نى ئۈندىدار دېيىشكە قەتئىي بولمايتتى…نومۇسسىز قىلمىش بولۇپ قالدى بۇ…
微信 نى ئۈندىدار دېيىشكە قەتئىي بولمايتتى…نومۇسسىز قىلمىش بولۇپ قالدى بۇ…
++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++ ماندا گەپ قىلماي، ئاساسىڭىز بولسا ئوتتۇرغا قۇيۇڭ، بۇ يەردە پەقەت پىكىر ئېلىنىۋاتىدۇ. قۇرۇق گەپ ساتماي تۇلا، ئىلمي ئاساس بولسا گەپ قىلىلى. بولمىسا نۇمۇسىز قىلمىش بۇپ قالىدۇ.
بەلكىم «نەپرەت» ئىسىملىك تورداش مەلۇم بىر بىلىملىك زات بولىشى مۇمكىن. ئۇ قىلچىمۇ قۇرۇق گەپ ساتقىنى يوق، شۇ بەزى ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بولىشى مۇمكىن، شۇڭا ئارتۇق پىكىر يۈرگۈزمەي قويدى مەنچە…
微信 نى ئۈندىدار دېيىشكە قەتئىي بولمايتتى
=============
سەۋەبىنى دەپ باقسىڭىز؟
سىزنىڭچە بولسا ھەممىنى ئاشۇ يولداشلارنىڭ گىپى بويىچە ۋېيشىن دەپ ئالساق ياكى مىكرو ئۇچۇر دەپ تەرجىمە قىلسا بولىدىكەندە؟؟؟!!! تەرجىمە دىگەن نوقۇل سۆز ۋە سۆز مەنىسىلا تەرجىمە ھېسابلانمايدۇ، ئۇنىڭدا يەنە مىللىي تەپەككۇر ۋە تەپەككۇر يولى تەرجىمە قىلىنىدۇ… سىز قانداق ئاتىغۇڭىز كەلسە شۇنداق ئاتاڭ… ئاتالغۇ تەرجىمە جەھەتتە يولداشلاردىن ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ بىر تەرەپتىن…
شۇ يولداشلاردىن بەك ئۆگىنىپ كېىتىپ بارىمىز مۇشۇ كۈنلەردە…. خاتا بولسىمۇ… نەپرەت دېگەن تورداشنىڭ پىكىرى ئىنتايىن توغرا… خاس ئىسىمنى تەرجىمە قىلىۋىلىش قارىماققا كىچىك ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ، بۇ ئىش ئەۋج ئېلىپ كەتسە بىۋاستە بىر مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان نومۇسسىز ئىش بولۇپ قالىدۇ. خەنلەرگە ئوخشاش
ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز؟سىز ئەجىر ئەمگەكلىرىڭىزدىن داۋاملىق سۈيۈنۈپ كىلىۋاتىمىز،ھارمىغايسىز.
مەن ئۆزۈم باشقۇرۋاتقان ۋىيشىن سالۇنىدا سىزنىڭ بىلوگىڭىزدىكى يىڭى مەزمۇنلارنى تەشۋىق قىلسام بولارمۇ؟ ۋىيشىن ئابۇنىت نامى: huxnur123 سالۇن نامى huxnur سىز بۇرۇنقى يازمىلارنى كۆرۈپ بىقىپ خالىسىز ماقۇللۇق بەرسىڭىز.سالۇنىمىزدا ھەر خەۋەرلەر ۋە كومپىيۇتىر ھەققىدىكى مەزمۇنلار بار.
مۇشۇ بىلوگدا ئېلان قىلىنغان يازمىلىرىمنى ئېلان قىلسىڭىز مەيلى. لېكىن ئۈندىداردا ئۆز-ئارا دېيىشكەنلەرنى ئېلان قىلماڭ.
ئالىم مۇئەللىم، مەندە توردىن يىغىپ ساقلىغان ماتېماتىكىغا ئائىت مىڭدەك خەنزۇچە-ئىنگىلىزچە ئاتالغۇ سىلىشتۇرمىسى بار ئىدى. ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلاي دېسەم ئالىي ماتېماتىكىنى خەنزۇچە ئوقۇغان بولغاچقا بەزى ئاتالغۇلارنى قالايمىغان تەرجىمە قىلماي،دەپ قويۇپ قويغان ئىدىم. ئەگەر ئېھتىياجلىق بولسىڭىز ئەۋەتىپ بېرەي.
ئۇنداقتا تارتىنماي ئەۋەتىڭ، رەھمەت!