بۈگۈن Microsoft Surface 2 ئېلان قىلىندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

بۈگۈن Microsoft Surface 2 ئېلان قىلىندى

[ IT خەۋەرلىرى ]

ئامېرىكا شۇ جاي ۋاقتى 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئىككىنچى ئەۋلاد Surface RT ۋە Surface Pro تاختا كومپيۇتېرى ئېلان قىلىندى. باشقا تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە مىكروسوفت «RT» دېگەن بەلگىنى چىقىرىپ تاشلاپ، بىۋاسىتە Surface 2 دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، Windows RT 8.1 مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلىنىدىكەن، ئۇنىڭدا 1080P كۆرسىتىش ئېكرانى، NVIDIA Tegra 4 بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن بولۇپ، باتارېيەسى 8 سائەت ئىشلىتىشكە يېتىدىكەن. سېتىلىش باھاسىدا ئانچە ئۆزگىرىش بولمايدىكەن. مەسىلەن: Surface 2 نىڭ 32GB نۇسخىسى 500 دوللار (تەخمىنەن 3059 يۈەن)، 512GB لىق نۇسخىسى 1700 دوللار (تەخمىنەن 10403 يۈەن) بولىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە Windows دۇكىنىدا 100 مىڭدىن ئارتۇق ھەقسىز ئەپلەرنى ئىشلىتەلەيسىز. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 1 يىللىق ھەقسىز SKYPE مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن، يەنى خەلقئارالىق ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ۋە ھەقسىز WiFi نۇقتىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
33 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم رەھمەت سىلىگە شۇنچە ئالدىراش ئۇنىڭ ئۈستىگە سىرتتا ئىكەنلا يەنلام ۋاقىت چىقىرىپ چۈشەنچە بەردىلا ھەقىقەتەنمۇ سۈيۈندۈم

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 13:40
  • ‏‏ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار
    ‏ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم مەن surface pro2 256GB لىقىدىن بىرنى ئېلىش قارارىغا كەلگەن ئىدىم تىزىملىتىپمۇ قويدۇم بىراق مەن سىلىگە ئايرىم خەت يازغان ئىدىم ۋاقىتلىرى يەتمىدىمۇ بىلمىدىم جاۋاب كەلمىدى شۇ ڭا بۇ بىلوگدا سۇراي دىدىم سورىماقچى بولغىنىم بىز ئۈزۈمىز بىۋاستە ئالماي ئۇيغۇر سوفىت ئارقىلىق ئالساق بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ياكى ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىمىزگە بىرەر ئەھمىيىتى بارمىدۇ ئەگەر مىللەتكە ياكى شىركەتكە بىرەر مەنپەئىتى بولسا ئالماقچى بولغانلار ھەممىز ئۇيغۇرسوفىت ئارقىلىق ئالساق دىگەن ئارزۇ بىلەن بۇ خەتنى يازدىم يەنە بىر سۇئالىم لۇمىيا 1020نىڭ CDMAنۇسخىسى يوقكەن بۇنى يۇمشاق دىتال ئارقىلىق ئۆزگەرتىشكە مۇمكىن بۇلامدۇ
    ‏يەنە بىر سۇئالىم windowsphone app store دا بىز ئۇيغۇرلار ئېھتىياجلىق بولغان ئەپلەر ios7&android نىڭ ئەپلىرىدەك ئەپلەر windows phone app store دىمۇ بارمىدۇ شىنىجىندىكى دوسلىرىم بىرنى سېلىپ بەرمەكچى بولغان ئىدى
    ‏ئەگەر بىز ئۈزىمىز شەخسەن سېتىۋالساق «ئۇيغۇرسوفىت شىركىتىمىزگە پايدىسى بولمىغان ئەھۋالدا» ئۇ مىكروسوفىت ۋەدە قىلغان ھېلىقى ھەقسىز بەھرىمەن بۇلۇش ئتبار پائالىيەتلىرىدىن تۇلۇق بەھرىمەن بۇلالايمىزمۇ
    ‏مۇئەللىم بىلىمسىزلىك سەۋەبىدىن كۆپ سۇئال سۇراپ ئالتۇن ۋاقىتلىرىنى ئېلىپ قويدۇم اللە ئەجىرلىرىنى بەرسۇن

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 22:02
    • surface pro2 256GB لىقىدىن بىرنى ئېلىش قارارىغا كەلگەن ئىدىم تىزىملىتىپمۇ قويدۇم بىراق مەن سىلىگە ئايرىم خەت يازغان ئىدىم ۋاقىتلىرى يەتمىدىمۇ بىلمىدىم جاۋاب كەلمىدى شۇ ڭا بۇ بىلوگدا سۇراي دىدىم سورىماقچى بولغىنىم بىز ئۈزۈمىز بىۋاستە ئالماي ئۇيغۇر سوفىت ئارقىلىق ئالساق
      =================
      جاۋاب: مەن سىرىتتا بولغاچقا قىسقا جاۋاب بەرسەم، جۇڭگودا surface pro2 نى پەقەت بىرلا ئورۇن (يەنى 苏宁 زەنجىرسىمان سېتىش دۇكىنى) ساتىدۇ،

      بىر سۇئالىم لۇمىيا 1020نىڭ CDMAنۇسخىسى يوقكەن بۇنى يۇمشاق دىتال ئارقىلىق ئۆزگەرتىشكە مۇمكىن بۇلامدۇ
      ============
      جاۋاب: بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئوڭايلا ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغانلىقىغا ئىشەنسەممۇ لېكىن جەزملەشتۈرەلمەيمەن، كەچۈرۈڭ.

      ===========
      windowsphone app store دا بىز ئۇيغۇرلار ئېھتىياجلىق بولغان ئەپلەر ios7&android نىڭ ئەپلىرىدەك ئەپلەر windows phone app store دىمۇ بارمىدۇ شىنىجىندىكى دوسلىرىم بىرنى سېلىپ بەرمەكچى بولغان ئىدى
      ===========
      جاۋاب: ئۇنداق كۆپ ئەپلەر يوق بولسىمۇ، ھازىرچە 100 مىڭدىن ئاشىدىغان ئەپلەر ئېھتىياجىڭىزدىن چىقالايدۇ. چۈنكى سىز 100 مىڭ ئەپنىڭ ھەممىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىمەن دېسىڭىزمۇ ۋاقتىڭىز چىقمايدۇ، يەنە داۋاملىق كۆپىيىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەپلەر تەستىقتىن ئۆتىدۇ، Android نىڭ بەزى ئەپلىرىدەك قالايمىقان ئىشلار يوق، خاتىرجەم ئىشلىتىسىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 22:19
  • زادى نەچچە پۇللۇقكەن بۇ ئوقەت؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 20:16
  • ھازىر Skype نىڭ 1 ئايلىق، 3 ئايلىق، 6 ئايلىق ۋە 1 يىللىق مۇلازىمىتى نەچچە يۈەن ئەتىراپىدا بولۇۋاتقاندۇ؟….

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 23:39
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ مەن ئىتالىيەنىڭ تۇرىن تىخنىكا ئۇنۋىرسىتىدا ئېلېكترون ئېنجېنىرلىقىدا ئوقۇۋاتقان ئابدۇۋەلى بولىمەن، ھەم كومپىيۇتىر پىروگراممىلىقىغا بەك قىزىقىمەن. ئۆزۈم C،C++،C# دىگەندەك تىللارغا پىششىق، ھەم C#تا يىرىم يىل ئىتالىيەدىكى بىر شىركەتتە پىراكتىكا قىلغان. ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتال ئىچىشقا سىلەر بىلەن بىللەخەلقىمىز ئۈچۈن بىر كۈچ چىقىرىش ئۈمۈدۈم بار ئىدى، سىز بىلەن ئايرىم ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى بىلەلمەي ھەم بۇ توربەتكە نەچچە قىتىم سىناپمۇ تىزىملىتىشقا ئامالسىز بولغاچقا مۇشۇ يەرگە ئىنكاس شەكلىدە ئۆزۈمنىڭ قىسقىچە ئۇچۇرىنى قالدۇردۇم، سىزدىن ھەم باشقا قىرىنداشلاردىن ئەپۇ سورايمەن. ئاخىرىدا ئىشلىرىڭىزغا ئۇلۇغ ئاللاھدىن ئۇتۇق تىلەيمەن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 13:29
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم مەن جەنۇبى شىنجاڭنىڭ قاغىلىق دىيارىدىن ئاددى بىر دىخانمەن، كومپىيۇتىرغا قىزىقىمەن ،كەتمەندىن بوشانساملا ھەپىلىشىدىغىنىم كومپىيۇتىر، ھەپەلىشىپ ئانچە- مۇنچە ئاددى توربەت ياساشنىمۇ ئۆگۈنۈپتىمەن. مۇئەللىم 0دىن باشلانغان يومشاق دىتال ئىچىش دەرىسلىكلىرى بولسا تەمىنلەپ بەرگەن بولسىڭز .
    ئىلخىتىم: 1587839397@qq.com ozla158@outlook.com
    كەچۈرۈڭ تىمىغا مۇناسىۋەتسىز يازما يوللاپ قويدۇم

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى am 11:44
  • ھەيييييييييييييييييييييييييييي
    كاساپەت!!!!!!!!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 22:05
  • ئالىم مۇئەللىم،SKYPE WIFIنىڭ نىمىلىگى چۈشەندۈرۈپ قويامسىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 20:32
  • مەن بۇنىڭ power cover (توك مەنبەلىك ياپقۇچ،توك تەمىنلىگۈچ ۋە ياكى توك قاچىلىغۇچلۇق ياپقۇچ دەمدۇق )قىزىقىپ قالدىم ،مۇشۇنى بىر ئالاي ،بىرىنچى ئەۋلاد Surface Pro نىڭ توكى بەك ئاز ۋاقىت يېتىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 17:20
  • ھەي،پۇل يوق!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 16:33
  • جۇڭگۇ بازىرىغا قاچان كىرىدىغاندۇ؟ مىنىڭ RTنۇسىخىسىدىن ئېلىش ئۇيۇم بار ئىدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 14:42
  • ھەي! مەن قايسى بىر كۈنى ئۇيغۇر سوفتقا بىر ياخشى پىكىر قىلغانتىم ھەممىسى كومپىيۇتېر توغۇرلۇق پىكىر ئىدى بولمىسا ئۇنى تەستىقلىماي يۇيۋىتىپتۇ .مەنمۇ بىر كومپىيۇتېر ساھاسىدە ئىزدىنۋاتقان بىر ياش ..يەنە بىر تەكلىبىم بەزى پىكر تەكلىپلەر ھەقىقەتەن ئويلىشپ بىقىشقا تىگىشلىك ئىدى..كومپيۇتېر دىگەن بۇ نەسىگە كەلگەندە ھەممە ئادەمنىڭ ئويلايدىغنى ئوخشاش بولمايدۇ… شۇڭا ..كۆپ..كالا بىر يەگە كەلسە جۇگىلياڭ ھاسىل بولدۇ دىگەن…
    شۇنداق بولغاندىكىن بەزى ئورتاق پىكىرلەرنى بىر ئويلاشسا تىخمۇ ياخشى دىتاللار چىقىدۇ…ئۇيغۇرلارنىڭ قولدىنىمۇ..

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى am 11:03
    • ھەربىر ئادەم ئۇچۇن بىر ئىقتىدار قوشسا ، يەنە قانچىلىك ئىقتىدار قوشۇش كېرەكتۇ ؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 17:38
    • ئەخلەتخانىغا كىرسەم، پەقەت بالا ئىزدەش ھەققىدىكى ئېلان بار ئىكەن، باشقا ئىنكاسلارنى بايقىمىدىم، چىن كۆڭلىڭىزدىن تەكلىپ-پىكىر بېرىدىغان ئىش بولغاچقا، يەنە بىر قېتىم يوللىۋەتكەن بولسىڭىز. خېرىدارلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلىمىساق بولمايدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى am 08:41
  • مەن microsoft.com/ دىن نوكىيا لۇمىيا 1020 تېلېفون نى ئالاي دېگەن 199 دوللار ئېكىن. مەندە ئىناۋەتلىك كارتا بولمىغاچ ھەم ئىنگىلىزچە بىلمىگەچ ئالالمىدىم. خاپۇلىماي ئېلىشىپ بېرەلەمسىلەر، قانچىلىك ۋاقىتتا كىلە كىراسى باشقا ھەقلەر بىلەن نەچچە پۇل كىتە

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى am 10:45
    • نوكىيا لۇمىيا 1020 تېلېفوننى تاوباو تورىدىن سېتىۋالسىڭىز بولىدۇغۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 21:58
    • بۇنداق ئەرزان ئەمەستۇ؟199دوللار دېگەن 1218يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ . بۇ يانفۇننىڭ بازار باھاسىمۇ 5000دىن يۇقىرى تۇرسا . تور ئاددىرىسىنى قالدۇرۇپ قويۇڭ بۇنداق ئەرزان ئالغىلى بولىدىغان ئىش بولسا مەنمۇ سېتىۋالاي.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى am 08:19
    • سىز تەمىللىگەن تور ئادرىسىدىكىسى بولسا خۇددى جوڭگودا بىرلەشمە خەۋەرلىشىشىنىڭ ئىككى يىللىق توختام تۈزسىڭىز ئالمىنى بىكارغا بىرىدىغانغا ئوخشاش توختام باھاسىكەن ،جوڭگودا ئىشلىتەلمەيسىز،AT&Tبولسا ئامىرىكىنىڭ ئىككى چوڭ تېلگىراف شىركىتىنىڭ بىرسى،ئامىركىدا بولسىڭىز ئالالايسىز ھەم ئىشلىتەلەيسىز.ساقلاپ تۇرۇڭ ،جوڭگودا بازارغا سالغاندىن ھازىرغىچە 1500سومدىن ئارتۇق چۈشۈپ بولدى،كىيىنچە يەنە چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن.مىنىڭمۇ كۆزۈم مۇشۇ كاساپەتتە.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى am 09:18
  • wifiئارقىلىق پەدنىڭ ئېكران كۆرۈنۈشى ۋە ئاۋازىنى ئۆيدىكى تېلۋىزورغا چىقارغىلى بولسا پىچەت بوپ كىتەتتى،توردا بۇخىلدىكى مەھسۇلاتلار بار ئىكەن،لىكىن تېخنىك جەھەتتىن پىشماپتۇ.بىۋاستە ئەمەسكەن.
    ئەمەلىيەتتە چوڭ كارخانىلار خېلى جىق تېخنىكىلىق يېڭىلىقلارنى چىقىرىشقا كۈچى يېتىدۇ،سېستىم بىخەتەرلىكىنى ئويلامدۇ يا خېرىدارلارنىڭ پۇلىنى ئاستا-ئاستا تاپىلى دەمدۇ بىلمىدىم،ئىشقىلىپ نۇرغۇن ئېھتىياجلاردىن چىقمايۋاتىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى am 07:42
  • ئۇيغۇرچە تىل بولىقىمۇ بىللە چىقارمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 22:41
باھا بېتى: 1 2