تۆۋەندىكى بۇ ئاتالغۇلارنى قانداق ئاتايمىز؟
[ ئاتالغۇلار ]ئاخشام يەنە نۇرغۇن يېڭى ئاتالغۇلارغا ئېنىقلىما بېرىلگەن بولۇپ، بۈگۈندىن باشلاپ ھەرقايسى تىللارغا تەرجىمە قىلىنىدۇ. بۇ خىزمەت تەڭ ئېلىپ بېرىلغاچقا، باشقا تىللارغىمۇ ئوخشاشلا تېخى تەرجىمە قىلىنمىدى، ئەمما ئاخىرقى مۆھلەت بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى 6:00 (لوندون ۋاقتى: 12:00)دە، مەن بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈزۈم سەل دىلغۇل بولۇپ قالغان بىر قىسىم ئاتالغۇلارنى بۇ يەردە ئېلان قىلدىم، قىزىقىدىغانلار بولسا، پىكىر بەرسەڭلار. مەن مۇۋاپىقلىرىنى پايدىلىنىپ باقاي، رەھمەت. يەنە نەچچە كۈندىن كېيىن Windows 8.1 RTM (زاۋۇتلارغا تارقىتىش نۇسخىسى) ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ يىللىق بۇ خىزمەتمۇ تاماملىنىش ئالدىدا.
1. Source Term: prepopulation
Definition: A process of importing prepared data using a software procedure rather than the end user entering the information.
2. Source Term: rebalance
Definition: To redistribute data or resources more evenly in order to change the processing capacity.
3. Source Term: overlay
Definition: A UI or media segment that can display on top of or play concurrently with another UI or media segment.
4. Source Term: shadowing
Definition: The process of viewing and interacting with an existing Remote Desktop Protocol session initiated by another user.
5. Source Term: tiering engine
Definition: A service that tracks regions of storage and may move data between them based on an input/output policy or other administrator-specified rules.
6. Source Term: impression
Definition: An ad that is served to a user’s screen either as a pushed (sent by e-mail) or pulled ad (requested by a user’s browser). This includes measurement of responses from an ad delivery system to a user’s browser.
7. Source Term: application single-threaded apartment
Definition: A single-threaded apartment the thread of which is the core UI thread for an application window.
- يازما كۆرۈلۈشى: 5,982 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 08-ئاينىڭ 12-كۈنى am 8:49
- ئالدىنقى يازما :ئۇيغۇرچە 22 مىليون تەبئىي سۆزلۈك ئامبىرى
- كېيىنكى يازما :Windows 8.1 مەشغۇلات سىستېمىسى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ئەڭ ئاۋال ئاللاھتىن ئائلىڭىزگە ئامانلىق ئشلىرڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن.بۇ يىڭلىقلاردىن ئۆز كۆزۈمگە ئشەنمەيلا قالدىم.سىزدەك ئوغلاندىن خەلقمىز شەرەپ ھىس قىلدۇ!ئانا تىلىمىز ئۈچۈن تەر ئاققۇزغان تالاي كىچىلەرنى تاڭغا ئۇلىغان قەدىردانلارغا چىن قەلبىمىزدىن سالام! ئالىم مۇئەللىم سىزچە ۋىندوۋىس يانفۇنلارغىمۇ ئۇيغۇر تىل بولقى قوشۇلارمۇ؟
ئالىم مۇئەللىم سىزچە ۋىندوۋىس يانفۇنلارغىمۇ ئۇيغۇر تىل بولقى قوشۇلارمۇ؟
==================
ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ.
ۋاھ، بۇ مەن ئاڭلاشقا تەشنا بولىۋاتقان خەۋەر ئىدى.
مۇشۇ 6-نى يەنە مۇنداق دىسە بولغۇدەك
تەسۋېرىي ئېلان
«مۇنازىرە بولمىىسا ئىلگىرلەش بولمايدۇ» دەپتىكەن دانىشمەنلەر.
مەيلى ئەمىسە….
توغرا دەيسىز، لېكىن ئۇنداق قىلساق بولارمۇ ياكى مۇنداق قىلساق بولارمۇ دېسەك، قىلىدىغان ئىش بۇ ياقتا قېلىپ، ۋاقتىمىز ۋە دىققىتىمىز باشقا ياققا چېچىلىپ بۇ ئىشلارغا تەسىر يېتىپ قالمىسۇن دەيمەن. «موللا كۆپ بولسا قوي ھارام دەپتىكەن» يەنە دانىشمەنلەر.
بۇنىڭ تۈنۈگۈن ۋاقتى تۇشۇپتۇ،بولسا سىز پۈتۈرگەن ئاتالغۇنى دەپ بەرسىڭىز،مەن يىقىنلىشىپتىمەنمۇ قاراپ باقسام.
Windows چىققاندىلا كۆرسىڭىز ياخشى بولارمىكىن؟ بولمىسا سەل يېقىنلاشماي قالسا مۇنازىرە باشلىنىپ كەتمىسۇن دەيمەن. توغرا چۈشىنىڭ.
4.پايلاش،پايلىماق ،يۇشۇرۇن كۆزىتىش
5.دەرىجىگە ئايرىغۇچ،دەرىجىگە بۆلگۈچ،بۆلەككە ئايرىغۇچ.
6.تەسىر ئېلانى،
7.بەك كەسپىي ئاتالغۇ كەن ،بۇنى IT كەسىپتىكىلەر ياخشى بىلىشى مۇمكىن.
1.ئالدىن كىرگۈزۈلگەن،ئالدىن قېتىۋىتىلگەن،ئالدىن كىرگۈزۈلمە،ئالدىن قېتىلما
2.قايتا تەڭشەش ، قايتا تەڭپۇڭلاش
3.قاپلاش،
1.
دەسلەپكى/ئاۋۋالقى تولدۇرۇلما/تولدۇرۇلۇش
2.
قايتا/قايتىدىن/تەكرار/يېڭىدىن/ تەڭپۇڭلاشتۇرۇلۇش/تەڭلەشتۈرۈلۈش/مۇۋازىنەتلەشتۈرۈلۈش
ئېزاھاتىغا ئاساسەن ئويلىسا ھەر بىر ئىقتىدارىغا بىردىن سۆز قوشۇلۇپ ماڭىدىكەن بۇنىڭ خەختەك بىرلا سۆزدە ئىنىقلىۋەتكىنى بولمىغۇدەك ئەگەر بىز كەشىپ قىلغان بولسىاق خەخمۇ بىزنىڭكىنى تەرجىمە قىلا بولغىيتى . «ئەگەر»نى قاتساق گەپ جىق بولاپ كەتكۈدەك مۇئەللىم سالامەت بولۇڭ
7.قوللىنىشچان يەككە لىنىيىلىك يادرولۇق تۇرالغۇ
5.قاتلام ئىزچىسى ،قاتلام ئىز قوغلىغۇچىسى ،قاتلام ماتۇرى
6.تەسىر يىغىندىسى تەسىر توپلىمى تەسىر يىغلانما
2.قايتا تەڭ تەخسىملەش(تەخسىم)
3-نى سايدىتىش دىسەك بولغۇدەك
5-نى تۇر بويچە نازارەت قىلىش ياكى تۇر بويچە باشقۇرۇش دىسەك
1-نى سىناق كىرگۇزۇش دىسەك
2-نى مۇقۇملىقى دىسەك بولغۇدەك