ئۇيغۇرچە 22 مىليون تەبئىي سۆزلۈك ئامبىرى
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]ئۇيغۇر تىلى كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقىدا ھەرقېتىم مۇشۇنداق يېڭى نەرسىلەرنى ھېسابلاپ نەتىجىسىنى كۆرگىنىمىدە، ئانا تىلىمنىڭ ئۇيغۇر تىلى بولۇپ قالغانلىقى، ھېسابلاش ماتېماتىكىسى كەسپىنى ئۆگەنگەنلىكىم ۋە كومپيۇتېردا پىروگرامما يازالىغانلىقىمدىن بەزىدە ئاجايىپ خۇشاللىق ھېس قىلىمەن. ئەمەلىيەتتە ھازىر بۇ بەك يۇقىرى تېخنىكىمۇ ھېسابلانمايدۇ، لېكىن چۈشىنىدىغانلار ياكى ئېھتىياجلىقلار ئۈچۈن بۇ ئىجادىي ئەمگەكنىڭ نەتىجىسى ھەقىقەتەنمۇ زور.
مەن 10 يىل بۇرۇنلا ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەرپ-بەلگە، بوغۇملارنىڭ تەكرارلىقىنى ھېسابلاپ كۆرگەن ئىدىم، كېيىن يەنە ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ ئاجىزلىشىشى، تۈپ (ئىسىم، پېئىل قاتارلىق) سۆزلەرنى تۈرلەش ۋە كەينىگە قايتۇرۇش (تۈپ سۆزىنى تېپىش) قاتارلىق جەھەتلەردە بەزى ئىلمىي خىزمەتلەرنى ئىشلەپ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتىم، بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇرسوفت مەھسۇلاتلىرىدا ئىشلىتىلدى. 3 يىلنىڭ ئالدىدا مەن يەنە تۈپ سۆزلەرنى تۈرلەش ئارقىلىق 50 مىليونغا يېقىن سۆزلۈك ئامبىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ يۇقىرىلىقىنى ھېس قىلدىم. ئەمما بۇ ئامباردىكى ھەربىر سۆزگە جۈملە تۈزۈش تامامەن مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن تەبىئىي تېكىستلەردە بۇنداق جۈملىلەر ئاساسەن ئۇچرىمايدىكەن، مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ ئامباردىكى %99 سۆزلۈكنى ئىشلەتمەيدىكەنمىز. ئۇنداقتا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەبىئىي جۈملىلەردە ئىشلىتىلىۋاتقان تەكرارلانمىغان ھەقىقىي سۆزلۈك زادى نەچچە؟ مېنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھېس قىلىشىمچە تەكرارلىقى 2 دىن كۆپ بولغان سۆزلۈك 500 مىڭدىن ھەرگىز ئاشمايدۇ، لېكىن زادى نەچچە؟
ئەلۋەتتە بۇنى ھېسابلاش ئۈچۈن غايەت زور تەبىئىي سۆزلۈك بولۇشى كېرەك. بۇ سوئال كاللامغا كىرىۋالغاندىن كېيىن تەبىئىي ماتېرىياللارنى توپلاشقا باشلىغان ئىدىم. لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردىكى ئۇچۇرلار ئەمەس، ئۇنى ئاساس قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئىلمىيلىكى يۇقىرى بولمايدۇ، توردا تەكرارلانغان سۆز بەك كۆپ، مەسىلەن: ئىنكاس، تېما،…دېگەندەك، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىملادىكى خاتالىقلار كۆپ بولۇپ، %20 دىن ئاز ئەمەس. شۇڭا يەنىلا قولۇمدا بار بولغان تەبىئىي ئامبارلارنى ئاساس قىلدىم. نەچچە كۈن ئىلگىرى قارىسام بارلىق سۆزلەر 22 مىليوندىن ئېشىپ، 23 مىليونغا يېقىنلىشىپ قاپتۇ. مېنىڭچە مۇشۇ يېتەرلىك بولدى دەپ قارايمەن. چۈنكى مەن يەنە باشقا ماتېرىياللاردىن بىرەر 100 مىڭ سۆزلۈكنى ئامبارغا قوشاي دېسەم، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن قوشۇلىدىغان سۆز 200 دىن ئاشمايدۇ. دېمەك مېنىڭ بۇ ئامبىرىمدا ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ %99.8 كىرىپ بولدى دېگەن گەپ. كەمتەرلىك بىلەن دېگەندە ئۇيغۇر تىلىدىكى %99 سۆزلۈك مېنىڭ ئامبىرىمدا بار.
23 مىليونغا يېقىن سۆزلەرنىڭ تەكرارلىقىنى ھېسابلاپ كۆرسەم، تەكرارلانمىغان 367741 سۆزلۈك قالدى. بۇلارنى تەكرارلىقى بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە رەتلەپ چىقتىم، نەتىجىسى مانا:
سوئال: ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان 5 سۆز قايسى؟
جاۋاب: ۋە، بۇ ، بىلەن، بىر، بولۇپ (لېكىن بۇ تۈپ سۆز ئەمەس، تۈپ سۆز بويىچە «قىل-» دېگەن تۈپ پېئىل بۇ يەرگە تىزىلىدۇ)
سوئال: مەنىداش سۆز «لېكىن»، «ئەمما»، «بىراق»نىڭ ئىچىدە قايسىسى سۆزنىڭ تەكرارلىقى ئەڭ يۇقىرى؟
جاۋاب: ئەمما (58-ئورۇندا)، لېكىن (77-ئورۇندا)، بىراق (154-ئورۇندا) بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە «ئەمما» ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن بۇلارنىڭ تەرتىپى ئەمما، لېكىن، بىراق
سوئال: «تېز تاماقخانا» ياكى «تىز تاماقخانا» ئىچىدە قايسىنىڭ ئىملاسى توغرا؟ كومپيۇتېر بۇنى قانداق پەرقلەندۈرۈشى كېرەك؟
جاۋاب: «تېز» دېگەن سۆزنىڭ كەينىدە 86 قېتىم «تاماقخانا»، «تىز» دېگەن سۆزنىڭ كەينىدە 12 قېتىم «تاماقخانا» دېگەن كۆرۈلگەن، شۇڭا كومپيۇتېرغا ھۆكۈم قىلدۇرساق «تېز تاماقخانا» دېگەن سۆزنىڭ ئىملاسى توغرا بولىدۇ. «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»دا مۇشۇنداق ھەقىقىي سۆز خاتالىقى مەسىلىسى ھەل بولمىغان ئىدى، مانا ئەمدى بۇنىڭ ھەل بولۇشىدا ئۈمىد بار.
…
بۇ ئامبارنىڭ ئىلمىي قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئۇيغۇرچە سۆزلۈك كىرگۈزگۈچ، ئاۋازلىق كىرگۈزگۈچ، OCR (رەسىملىك كىرگۈزگۈچ)، كوررېكتورلۇق (ئاپتوماتىك توغرىلاش)، …قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە قوللىنىشقا بولىدۇ. مۇشۇ ساھەگە ئائىت دۆلەتنىڭ پەن-تەتقىقات تۈرلىرىگە ئېرىشكەنلەر ناۋادا پايدىلىنىمەن دېسە، مەن ھەقلىق شەكىلدە تەمىنلەپ بېرىمەن. مەندە يەنە مەلۇم بىر ماقالىنىڭ ئۇيغۇرچە، قازاقچە ياكى ئەرەبچە ئىكەنلىكىنى %99 تېپىپ بېرەلەيدىغان سۆزلۈك ئامبىرىم بار. بۇنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى ئىزدەش ماتورلىرى توردىن يىغىۋالغان ماتېرىياللارنىڭ مەن يۇقىرىدا دېگەن 3 تىلنىڭ قايسىدا يېزىلغانلىقىنى %99 ھۆكۈم قىلالايدۇ ۋە تۈرلەرگە ئايرىپ ئامبارغا ساقلىيالايدۇ.
كومپيۇتېرلىرىم يەنە بۇ ئامبارلارنى جۈملىلەرگە پارچىلاپ مۇنداق ھېسابلاشلارنى قىلىۋاتىدۇ، بەلكىم ئۇنىڭ نەتىجىسى يېقىندا چىقىشى مۇمكىن. مەسىلەن: «مەكتەپ» دېگەن سۆزنىڭ ئالدىدا نەچچە سۆز ئىشلىتىگەن؟ ئۇنىڭ كەينىدىچۇ؟ «مەكتەپ» دېگەن سۆزنى ئايروپىلاننىڭ گەۋدىسىگە ئوخشاتساق، ئۇنىڭ ئوڭ قانىتىدا نەچچىلىك سۆز بار؟ سول قانىتىدا نەچچىلىك سۆز بار؟ ئايروپىلان ئوڭغا قاراپ ئۇچامدۇ ياكى سولغىمۇ؟ بۇ ئارقىلىق ئويۇن ياساشقىمۇ بولغۇدەك يەنە يېزىقچىلىق ئىشلىرىغىمۇ قوشۇمچە ياردەم بەرگىلى بولۇشى مۇمكىن.
ئۇيغۇر تىلىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ئالدىنقى 100 سۆز
(بۇنى كۆچۈرۈپ Excel غا چاپلاپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ)
ID سۆز سانى تەكرارلىقى
1 ۋە 256550 1.1203%
2 بۇ 218911 0.9559%
3 بىلەن 195816 0.8551%
4 بىر 186683 0.8152%
5 بولۇپ 94665 0.4134%
6 قىلىش 77457 0.3382%
7 بولىدۇ 67637 0.2954%
8 قىلىپ 63961 0.2793%
9 بولغان 61218 0.2673%
10 ئۈچۈن 58868 0.2571%
11 مۇنداق 53282 0.2327%
12 ئۇ 52420 0.2289%
13 بويىچە 51298 0.2240%
14 يەنە 49065 0.2143%
15 قاتارلىق 47298 0.2065%
16 كېيىن 46558 0.2033%
17 كېرەك 46440 0.2028%
18 دېدى 45250 0.1976%
19 ئارقىلىق 43122 0.1883%
20 دەپ 39187 0.1711%
21 ئەمدى 37382 0.1632%
22 يۇقىرى 35867 0.1566%
23 قىلغان 34590 0.1510%
24 قىلىدۇ 34325 0.1499%
25 مۇشۇ 33904 0.1481%
26 قىلدى 33624 0.1468%
27 چوڭ 32613 0.1424%
28 مەن 32037 0.1399%
29 ئۇنىڭ 31209 0.1363%
30 دېگەن 30545 0.1334%
31 ئېلىپ 30452 0.1330%
32 بېرىش 29107 0.1271%
33 ياكى 27963 0.1221%
34 شۇ 26712 0.1166%
35 بىز 26051 0.1138%
36 قانداق 25117 0.1097%
37 بېرىپ 25098 0.1096%
38 بولسا 24935 0.1089%
39 يېقىندا 24900 0.1087%
40 سۇ 23656 0.1033%
41 بۇيان 23593 0.1030%
42 ھەمدە 23390 0.1021%
43 باشقا 22487 0.0982%
44 بولسۇن 21937 0.0958%
45 بولدى 21758 0.0950%
46 ئىچىدە 21411 0.0935%
47 تېخىمۇ 21179 0.0925%
48 ھەم 20229 0.0883%
49 بولۇش 19487 0.0851%
50 قارىغاندا 18866 0.0824%
51 شۇڭا 18406 0.0804%
52 قايسى 18053 0.0788%
53 سىز 17364 0.0758%
54 نۆۋەتتە 16439 0.0718%
55 باشلاپ 16304 0.0712%
56 كەلگەن 16257 0.0710%
57 ئىكەن 16253 0.0710%
58 ئەمما 16003 0.0699%
59 ئۇلارنىڭ 15321 0.0669%
60 نۇرغۇن 15128 0.0661%
61 ئۇلار 15100 0.0659%
62 ھازىر 14777 0.0645%
63 يېتىپ 14733 0.0643%
64 نەچچە 14423 0.0630%
65 شۇنداقلا 14207 0.0620%
66 قىلىنغان 14194 0.0620%
67 ئۇنى 13501 0.0590%
68 ئوخشاش 13438 0.0587%
69 توغرىسىدا 13397 0.0585%
70 ئەمەس 13307 0.0581%
71 ھالدا 13091 0.0572%
72 ئىدى 13002 0.0568%
73 قالغان 12952 0.0566%
74 بۇنىڭدىن 12877 0.0562%
75 شۇنداق 12837 0.0561%
76 ناھايىتى 12811 0.0559%
77 لېكىن 12763 0.0557%
78 ئەگەر 12741 0.0556%
79 بەردى 12601 0.0550%
80 بۇنداق 12484 0.0545%
81 يوق 12473 0.0545%
82 ئۆزىنىڭ 12324 0.0538%
83 كىشىلەر 12087 0.0528%
84 بولسىمۇ 11977 0.0523%
85 كېلىپ 11957 0.0522%
86 داۋاملىق 11898 0.0520%
87 بەرگەن 11823 0.0516%
88 ۋاقىتتا 11632 0.0508%
89 ئارتۇق 11446 0.0500%
90 مۇمكىن 11165 0.0488%
91 تۇرۇپ 11109 0.0485%
92 قاراپ 10875 0.0475%
93 يەردە 10606 0.0463%
94 چىقىپ 10394 0.0454%
95 تولۇق 10340 0.0452%
96 تۇرسۇن 10272 0.0449%
97 يەنى 10267 0.0448%
98 ئالدى 10073 0.0440%
99 قىلىمىز 10071 0.0440%
100 ئىبارەت 10045 0.0439%
- يازما كۆرۈلۈشى: 12,421 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 08-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 23:10
- ئالدىنقى يازما :مىكروسوفت ھېيتلىق ئەۋەتىپتۇ
- كېيىنكى يازما :تۆۋەندىكى بۇ ئاتالغۇلارنى قانداق ئاتايمىز؟
ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولسۇن ! بۇ سۆزلۈك ئامبىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرچە -خەنزۇچە تېكستلەرنى تەرجىمە قىلالايدىغان لوغەت تۈزۈشنى ئويلىشىپ باقسىڭىز بولغۇدەك . بۇ ئۇيغۇر كومپىيۇتېرچىلىقىدىكى ئەڭ ئېھتىياجلىق ھەم ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشىدىغان بىر تۈر بولۇشى مۇمكىن .
قارا تاش بۇرادەرنىڭ «ئېلىپبە» ھەققىدىكى خىياللىرى ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق، مېنىڭمۇ ئۇزۇن يىللىق خىيالىم ئىدى، ئۆزىمىزنىڭ تىلىدا ساۋات چىقىرىش نېمە ئۈچۈن تەس؟ ھەپتىيەك ئوقۇپ باققانلار بىلىدۇ، ھەپتىيەك تۈزۈلۈشتە قاپىيداش سۆزلەردىن تۈزۈلگەن ھەم ئاددىيىلىقتىن مۇرەككەپلىككە قاراپ ماڭىدۇ، شۇڭا ئاسانلا ساۋادى چىقىدۇ. بىزنىڭ ئېلىپبەلىرىمىزنىڭ تۈزۈلىشىگە جەمىيەتنىڭ كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئېلىپبە قانچە ياخشى تۈزۈلسە شۇنچە كۆپ پەرزەنتىمىزنىڭ ساۋادى چىقىدۇ، بالىلارنىڭ ساۋادى چىقتى دېگەنلىك ئۇلارنىڭ كىيىنكى ئۆگىنىش ھاياتىغا ئۇل بېسىلدى دېگەنلىك، مەن مۇشۇ ئېلىپبە تۈزۈش مەسلىسىدە مۇھەممەد سالىھ داموللا ئاتىمىز بىلەن كۆرۈشۈشنىمۇ ئويلىغان، چۈنكى مېنىڭ نەزىرىمدە داموللا ئاتىمىزنىڭ تىل بايلىقى ھەقىقەتەن مول ئىدى. ئەمما ھازىرغىچە كۆرۈشۈشكە پۇرسەت بولمايۋاتىدۇ. ئالىم ئاكا، مەن ھازىرغىچە سىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىزغا دىققەت قىلىپ كەلگەن بولساممۇ، سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى ئاڭلىسام كومپىيۇتېر ساھەسىلا يادىمغا يېتىپ بۇ ئىش كاللامغا كەلمەپتۇ. بۈگۈن بۇ يازمىنى ئوقۇپ سىزگە دېگۈم كەلدى. مىللى مائارىپىمىزغا بولۇپمۇ ئاساسى مائارىپقا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇڭ، ۋاقتىڭىز بولسا قەشقەر تەرەپلەردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كىرىپ ئېلىپبە ئوقۇتۇش مەسلىسىگە دىققەت قىلىپ قويسىڭىز………
بىزنىڭ تىلىمىز ھەقىقەتەن باي تىل. مۇشۇنداق تۇرۇغلۇق تىلىمىزنى بۇيۇن قېستۇرۇپ قۇيۇشقا كۆڭلىمىز قانداقمۇ قويسۇن!
http://wenku.baidu.com/view/4dadb4eb81c758f5f61f677f.html
بۇ ئادرېستا ئىنگلىزچە 2000 دانە سۆزلۈكنىڭ ئىشلىتىلىش چاستوتىسى بويىچە تىزىلىشى بار. «ۋە»(ھەم، بىلەن) سۆزىنىڭ ئىشلىتىلىش چاستوتىسى ئوخشاشلا يۇقىرى ئورۇندا، يەنى 4-ئورۇندا ئىكەن
مېنىڭچىمۇ ئالىم مۇئەللىمنىڭ بۇ تەتقىقاتىدىن پايدىلىنىپ ئۈستىدىكى پىكىردەك ئىلىپبە ، بالىلارنىڭ ساۋات ئىشلىرىدا قوللانساق تېخىمۇ ياخشى بولغۇسى دەپ ئويلىدىم . بىراق بۇ ئىلىپبە ، بالىلار مائارىپغا بىز تېخى ئۆزگەرتىش قىلمىز دەپلا قىلالىشىمىز ئاسان ئەمەسىكىن دەيمەن !
ئۈستىدىكى تەكلىپنى ئالىم مۇئەللىم ھەقىقەتەن ئويلىنىپ باقسا بولغۇدەك!
بۇ تەكلىپكە مەن ئاددى جاۋاب بېرىپ باقاي:تېلىمىزدىكى 32ھەرپ بىلەن بارلىق ئاددى ۋ مۇرەككەپ سۆزلەرنى يازغىلى بۇلىدۇ.
يېقىندا نەۋرە ئىنى-سىڭىللىرىمنىڭ ئانا تىل ساۋادىنى چىقىرىش جەريانىدا مۇنداق بىر ئىش خىيالىمغا كېلىپ قالدى:
1. يەنى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەر زادى قايسى؟ يەنى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان 100، 200، 300، 500، 800، 1000، 1500، 3000، 5000 دېگەندەك…. مۇشۇلار ئېنىق بولغاندا ئاددىيدىن-مۇرەككەپلىكىگە قاراپ ئۆگەتسەك كىچىك بالىلار زىرىكىپ قالماي ئاسانراق ئۆگىنەمدىكى دەيمەن.
2. بىر بوغۇملۇق سۆزلەرنى ئېنىقلاش مەسلىسى
يەنى 1. بىر سوزۇق تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن سۆز
ئۇ
2. بىر سوزۇق تاۋۇش + بىر ئۈزۈك تاۋۇش ( سوزۇق تاۋۇش ئالدىدا)
ئاش، ئات، ئوت، ئۇن، ئۆي، ئىت، ئىش، ئال، ئاس، ئۈز…..دېگەندەك
3. بىرئۈزۈك تاۋۇش+بىر سوزۇق تاۋۇش +بىر ئۈزۈك تاۋۇش شەكلى
كۆز، سۆز، مەن، سەن، زال، راي، ياز، كۈز، قىش…
مۇشۇ تەرتىپ بويىچە ئەڭ ئاۋال 32 ھەرپنىڭ يالغۇز شەكلىنىلا ئۆگىنىپ بولغان بالىلارغا دەسلەپتە بىر بوغۇملۇق سۆزلەرنى ئۆگەتسەك ناھايىتى ئاسانلا ئۆگىنەلەيدىكەن ھەم «مەن بىر دەمدە مانچە خەت ئوقۇيالايدىغان ھەم يازالايدىغان بوپتىمەن، بۇ ئۆگىنىشمۇ ئانچە تەس ئەمەسكەنغۇ » دەيدىغان تەسىراتقا كېلىپ ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشىدىكەن. مۇشۇ ئاساستا بالىلارغا 32 ھەرپنىڭ يالغۇز شەكلىدىن باشقا يەنە باشقا شەكىللىرىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ تەدرىجى ھالدا ئاساندىن-قېيىنغا ئۆتسەك بالىلارمۇ زىرىكىپ قالمايدىكەن.
ھازىر ئىشلىتىۋاتقان يېڭى ئەۋلاد« ئېلىپبە» نىڭ بۇرۇنقى ئابدۇسالام ئەپەندى تۈزگەن «ئېلىپبە» دىن ئارتۇقچىلىقى : بالىلار ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە كەلگەن ھەرپلەردىن ئۆگەنگەنلىرىنى دەرھاللا ئىشلىتەلەيدۇ. مەسىلەن:بۇرۇنقى ئېلىپبەدە « ئا، ئە، ئې، ئى، ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ» دىن ئىبارەت سەككىز سوزۇق تاۋۇشنىڭ ھەر خىل شەكىللىرىنى تولۇق ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئۈزۈك تاۋۇشلارنى ئۆگىنەتتى.
ھازىرقىىسىدا بولسا « ئا، ئە» ھەرىپىنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىنلا «ن، ت» ھەرپلىرىنى ئۆگىنىدۇ. ھەمدە بۇ تۆت ھەرپتىن تۈزۈلگەن «ئاتا، ئانا، ئاش، نان، ئات، ئەت، ئەتە، ئەنە» دېگەندەك بىر قانچىلىغان سۆزلەرنى، «ئانا ئاش ئەت» دېگەندەك ئاددى جۈملىلەرنى ئۆگىنەلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ قىزىقىشى تېخىمۇ كۈچىيىپ، ساۋات چىقىرىشقا باشچىلاپ كىرىپ كېتەلەيدۇ.
يېڭى نەشىردىكى مەن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك دەپ ئويلىغان بىر مەسىلە:
مەسىلەن بىر ھەرپنىڭ ھەر خىل شەكىللىرىنى چۈشەندۈرگەندە بىرىدىغان يېڭى سۆزلەر ۋە ئۇلارنى كۆرسەتكەن رەسىم بار.
مۇشۇنى بېكىتىشتە تۆۋەندىكى پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىسا:
مەلۇم بىر ھەرپنىڭ ھەرخىل شەكىللىرىنى ئىشلىتىلىش ئورنىنى كۆرسىتىشكە يېڭى سۆز تاللىغاندا، بالىلار ئىلگىرى ئۆگىنىپ بولغان ھەرپلەر بىلەن تونۇشتۇرماقچى بولغان ھەرپ شەكلىدىن تۈزۈلگەن سۆزلەرنى تاللاپ بېكىتسە؛
بۇنىڭ ئەۋزەللىكى: بالىلار ھەر بىر يېڭى ئۆگەنگەن ھەرپلەرنى شۇ زامانلا ئىشىلىتىپ، يېڭى سۆزلەرنى ئۆگىنەلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ يېڭى بىر ھەرپ ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشى، ئىشەنچىسى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. مۇشۇ تەرىقىدە ھەرپ ئۆگىنىشنى داۋام قىلسا 32 ھەرپنى ئۆگىنىپ بولغىچە ، ئۆزلىرى بىلىپ -بىلمەي خېلى كۆپ سۆزلەرنى ئوقۇيالايدىغان ھەم يازالايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
گېپىمنى يىغسام بۇنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن ھەرپ، بوغۇم بولۇپمۇ سۆزلەر توغرىسىداكومپيۇتىرغا تايانغان ئىلمىي سىتاستىكا بولمىسا بولمايدۇ. بۇ شۇ ئېلىپبەنى تۈزگەن بەش-ئالتە ئادەم بىريەردە ئولتۇرۇپلا «ماۋۇ ھەرپكە ما سۆزنى ئالامدۇق؟ ماۋۇنى ئالامدۇق يا؟ » دەپ بېكىتكىلى بولمايدۇ. بەلكى كومپيۇتېردا راۋرۇس سىتاستىكا ، تەھلىل-ئانالىز قىلىپ، ماتىرىيال تەييارلاپ شۇنىڭغا ئاساسلىنىپ تۈزۈلسە ئىلمىي بولىدۇ.
مۇشۇنداق ئۇسۇلدا تۈزۈلگەن يېڭى بىر ئەۋلاد ئېلىپبەنى كۆرۈش مېنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئارزۇيۇم.
شۇڭا ئالىم مۇئەللىمدىن ئۆتۈنۈدىغىنىم :
كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئانا تىل ساۋادىنى تىز سۈرئەتتە ئاسانراق چىقىرىش ئۈچۈن «ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلەر، بوغۇملار سىتاستىكىسى» ، « بىر بوغۇملۇق، ئىككى بوغۇملۇق سۆزلەر سىتاستىكىسى» دېگەندەكلەرنى بىر ئىشلەپ باقسىڭىز… «ئېلىپبە» توغۇرلۇق خىياللىرىم بەلكىم ئارتۇقچىدۇ.
بۇ تېمىنىڭ ئەڭ قۇۋەتلىك مېغىزى يوقۇرقى ئىنكاستىكەن .
تېمىنىڭ ئېسىللىقىغا گەپ كەتمەيدۇ . بۇنداق تېخنىكىلار مەلۇم مەنىدىن ئېيىتقاندا شۇ مىللەتنىڭ، شۇ قوۋۇمنىڭ تېخنىكىلىق سەۋىيەسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ قويدۇ. بىز كىچىك قارىغان بەزى تېىنىكىلار ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن تېخنىكىلىق مەسىلىلەرگە بېرىپ تاقىلدىغان بولۇپ، كۆرۈنمەككە ئوڭاي لېكىن ئىشقا ئاشۇرۇش ناھايىتىمۇ تەس. ئوخشىمىغان تىللارغا نىسبىتەن ئوخشاش بىر ئىشنى ھەل قىلىش چارىسى ، ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ. ئەگەر بىز ئۇيغۇر تىلىدىكى يوقۇردا دەپ ئۆتۈلگەن تېخنىكىلىق مەسلىلەرنى ھەل قىلساق ، تەپەككۇرىمىزنىڭ ئىنتايىن جانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بەزى مەسىلىلەرنى باشقىلارغا قارىغاندا ئوڭاي ھەل قىلالىشىمىز مۇمكىن.
يوقۇردا دېيىپ ئۆتۈلگەن تېخنىكىلار بىزگە نىسبەتەن چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرمىسا بولمايدىغان تېخنىكىلاردىن ئىبارەت. بىز بۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى تەپەككۇرغا يېڭى ئىدىيەگە مۇھتاج .
قوليازما پەرىقلەندۈرۈش ھەققىدە ئويلىغانلىرىم: كومپىيوتېر ئەما ئادەمگە ئوخشايدۇ. ئەمدى بىز يېزىقنى كومپىيوتېرغا ئوقۇتماقچى بۇ دەل ئەما ئادەمنىڭ يېزىق پەرىقلەندۈرىشىگە ئوخشايدۇ… قالغىننى ئۆزىڭىز ئويلىۋېلىڭ . ئۆزىڭىز سىناپ باقسىڭىزلا بەلكىم نۇرغۇن مەسلىلەر ھەل بولۇپ كېتىشى مۇمكىن…
جۈملە تەرجىمانى ھەققىدە: بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال ئۇيغۇرتىلى گىرامماتىكىسىغا پىششىق بولىشىڭىز كېرەك، چوقۇم گىرامماتىكىلىق ئۇسۇلدا ھەل قىلماي بولمايدۇ… بۇ ھەل بولغاندىن كېيىن تەبئىي ھالدا تور كۆرگۈنىڭ ئىقتىدارىغا قوشىۋەتسەك ئېنگىلىسچە تور بەتلەرنىمۇ بىۋاستە تەرجىمە قىلىپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ دېتالنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يوقىرى ، پايدىلنىش قىممىتى تۆۋەندەك كۆرۈنگىنى بىلەن جەمئىيەتكە كۆرسەتكەن ئىجدىمائىي رولى ناھايىتىمۇ زور بولغان بولىدۇ
يەنەبىرى ئاۋازنى كومپىيوتېرغا تونۇتۇش . بۇنىڭمۇ قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن توقۇرى . كۆپ يىللىق تەجرىبە ساۋاقنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن.
تېكىستنى ئاۋاز ئارقىلىق ئوقۇتۇش. بۇ دېتالنى رەسمىي ئىشلەپ بازارغا سالغان خەۋەرنى ئاڭلاپ باقمىدىم.
يوقۇرقىلار مېنىڭ شەخسىي كۆز قاراشلىرىم خالاس.
مەندە يەنە مەلۇم بىر ماقالىنىڭ ئۇيغۇرچە، قازاقچە ياكى ئەرەبچە ئىكەنلىكىنى %99 تېپىپ بېرەلەيدىغا….
———
بۇنىڭدا «ئۇيغۇرچە، پارسچە ياكى ئەرەبچە» دىمەكچى بولغىيتىڭىزمۇ دەپ ئويلاپ قالدىم. چۈنكى قازاق تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورتاق سۆزلىكلىرى خېلى كۆپ، مەسىلەن: مەن، ئات، ئەت، ئەر دېگەندەك. بۇ سۆزلەر ئىككىلى تىلغا تەۋە بولىدۇ ئەمەسمۇ!
—-
ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى ئىملاسى خۇددى بىز ئۆتكەن ئەسىرلەرگىچە ئىشلەتكەن چاغاتاي تۈرك تىلىدەك ياكى باشقا تۈركىي تىللاردەك «ئا، ئە»لەرنى ئاجىزلاشتۇرمىغان بولسا، ھازىرقى تەتقىقاتىڭىزغا زور قۇلايلىق ئېلىپ كەلگەن بولۇردىمۇ؟
لېكىن بۇ نۇقتا چەتئەللىكلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشىدىكى قىيىن بىر نۇقتا ئىكەنلىكىنى مەن بۇرۇنلا ھېس قىلغان ئىدىم.
ياق، ئۇيغۇرچە، قازاقچە دېدىم. گەرچە ئوخشاش سۆزلۈكلەر كۆپ بولسىمۇ، يېزىلىشى ئوخشىمايدۇ، يەنىلا پەرق بار. مەسىلەن: مەلۇم بىر ماقالە ياكى مەلۇم بىر تور بېكەتنىڭ ئۇيغۇرچە ياكى قازاقچە ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش زۆرۈر بولۇپ قالدى.
==========
ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى ئىملاسى خۇددى بىز ئۆتكەن ئەسىرلەرگىچە ئىشلەتكەن چاغاتاي تۈرك تىلىدەك ياكى باشقا تۈركىي تىللاردەك «ئا، ئە»لەرنى ئاجىزلاشتۇرمىغان بولسا، ھازىرقى تەتقىقاتىڭىزغا زور قۇلايلىق ئېلىپ كەلگەن بولۇردىمۇ؟
==========
ئۇنداق ئەمەس، بۇنداق ئىشلار مېنىڭ تەپەككۈرۈمنى تېخىمۇ غىدىقلاپ، كاللامنى تېخىمۇ ئىشلىتىشكە مەجبۇر قىلدى، زېھنىمنى تېخىمۇ ئوچۇق قىلىۋەتتى. ئاخىرى توسالغۇ بولالمىدى.
مىكروسوفت تور بېكىتىدە مۇنداق بىر ماقالىنى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە، 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا بىز ئەرەبچە Windows 3.1 نى تاماملىدۇق، ئەرەبچە ھەرپلەرنىڭ باش، ئوتتۇرا، ئاخىرى ۋە يالغۇز شەكلىدىن باشقا يەنە بەزى ئىككى ھەرپلەر بىر يەرگە كەلگەندە ھەرخىل شەكىل ئۆزگىرىش قائىدىلىرى بار ئىكەن. ھەرپلەرنىڭ ئۈستىگە-ئاستىغا ھەرخىل بەلگىلەر(زىر-زەۋەر)نى قويىدىكەن تېخى. بۇ ھەقىقەتەنمۇ دۇنيادىكى ئەڭ مۇرەككەپ يېزىق ئىكەن. بۇ بىزنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈشكە، ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى. 6 ئايدىن كېيىن بىزنىڭ پىروگراممىچى خادىملىرىمىز بۇ مەسىلىنى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىپ، پىروگرامما يېزىشتا بەك چېنىقتى. مانا ئەمدى بىز دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر يېزىقنى Windows قا ئېلىپ كىرەلەيمىز. بىز ھەقىقەتەنمۇ خۇشال دەپتىكەن.
شۇڭا، قائىدە قانداق بولسا، بىز ئويلانساق، پىكىر قىلساقلا قىلالايمىز، ئەڭ خەتەرلىك ئىش بەك تەسكەن دەپ ئويلانماسلىق، پىكىر يۈرگۈزمەسلىك، قاخشاش
========
لېكىن بۇ نۇقتا چەتئەللىكلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشىدىكى قىيىن بىر نۇقتا ئىكەنلىكىنى مەن بۇرۇنلا ھېس قىلغان ئىدىم.
========
بىز تىلىمىزنى چەتئەللىكلەرنىڭ ئوڭاي ئۆگىنىشى، ئوڭاي يېزىشى ئۈچۈن ئىسلاھ قىلمايمىز، بۇ تىل بىزنىڭ، بۇ تىل ئالدى بىلەن بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلالىشى ۋە قىلىشى كېرەك، بىز مەۋجۇدلىقىمىز ساقلاپ، ئۆز تالانتىمىزنى بىلەن باشقىلارنى جەلپ قىلالايدىغان چاغدا، بۇ تىلىمىز نەچچە ھەسسە تەس بولسىمۇ، چەتئەللىكلەر ئۆزلىرى خالاپ ئۆگىنىدۇ، بىز كۆڭلىمىزنى يۇمشاقلىق قىلىپ، خەقنىڭ ئويلاپ تىلىمىزنى ئاددىيلاشتۇرىدىغان ئەخمىقانە ئىشنى يەنە سادىر قىلماسلىقىمىز كېرەك. قېنى ئېيتىپ بېقىڭ؟ دۇنيادىكى قايسى بىر مىللەت ئۆز ئانا تىلىنى ئۇيغۇرلار ئۆگەنگەندە بەك جاپا تارتىپ كېتىپ بارىدۇ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىز تىل-يېزىقىمىزنى سەل ئاددىيلاشتۇرۇپ بېرەيلى دەپ باقتى؟ قايسىبىر خەنزۇ ئەدىبنىڭ 简体中文 نىڭ چىقىشى، خەنزۇ يېزىقى ئۈچۈن بىر ئېغىر سەۋەنلىك دېگەن بىر ماقالىنىمۇ كۆرگەن ئىدىم. تىل-يېزىق دېگەن بىرەر شەخسنىڭ، بىرەر ئىدارىنىڭ خالىغانچە تېگىدىغان نەرسىسى ئەمەس، ئىدارە قۇرۇپ باشقۇرۇشنىڭ ئۆزى ئىلمىي ئىش ئەمەس.
روزى ھېيتتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ئالىمجان ئاكا ..
مەن بۇ سۇئالنى باشقا مۇنبەردىمۇ ئوتتورىغا قويغان ئىدىم، لىكىن تەمىنلىگەن 32 بىتلىق ۋىن 8 سىستىما، ھەممىسى بۇرۇنقى كۆرۆپ بىقىش نەشىرىكەن.
ئورگان تورىدىن بىۋاستە چۈشۈرگىلى بولىدىغان ئادرىس يوقمۇ؟
مەسىلەن: بىز سىتىۋالغان ئاكتىپلاش نومۇرىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، 64 بىتلىقى 32 بىتلىقىنى تاللاپ چۈشۈرۈش دىگەنگە ئوخشاش.
ۋىندوۋىس 8 نىڭ ھەقىقىي نەشىرىنىڭ 32 بىتلىق نۇسخىسىنى زادى قانداق چۈشۈرىمىز. مەندە 98 كويغا ئالغان ئاكتىپلاش نومۇرى بار. كومپىيۇتىرمغا 64 بىتلىقى ماس كەلمىدى. يەنى قىتىۋالدى.
شۇڭا 32 بىتلىق ھەقىقىي نەشىرىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسەم بولاتتى.
ئالىم ئەھەتكا: ئۆزىڭىز بىر قوللۇق جاۋاپ بىرەمسىز؟
مەن بۇ سۇئالىمنىڭ جاۋابىنى، ئالىمكامدىن ھىيىتلىق ئۈچۈن بولسىمۇ چوقوم ئىلىۋالىمەن.
كومپيۇتېرىڭىزدا Windows 7 نىڭ 32 بىتلىق نەشرىنى قاچىلاپ، سىز سېتىۋالغاندە ئەۋەتكەن ئېلېكتىرونلۇق خەتتە، بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ (此处下载) دېگەن ئۇلانمىنى باسسىڭىز بولىدۇ، قالغان تەپسىلاتنى مېنىڭ بىلوگىمدا بەك ئېنىق چۈشەندۈرۈلگەن، سول تەرەپتە بار. ئۇلانمىسى ../?p=2027
ياكى توردىن خالىغانچە Windows 8 32 ISO دېگەن ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈپ چۈشۈرسىڭىزمۇ ئەلۋەتتە بولىدۇ، ئاندىن سىز سېتىۋالغان نومۇر بىلەن قاچىلاپ بولۇپلا، مەشغۇلات سىستېمىسىنى يېڭىلىۋالسىڭىز يەنە ئوخشاش بولىدۇ.
ھېيتلىق جاۋاب بېرىۋەتتىم، دۇئا قىلىپ قويۇڭ ئەمدى.
تىل ئۆگىنىش دەرسلىكلىرى تۈزۈش ئۇچۈنمۇ ناھايتتى قىمممەتلىك بىر ماتېرىيال بوپتۇ.
تەكرارلىقى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان كۆپىنچە سۆزلەر جۈملىلەردە سۆزلەرنى’ باغلىغۇچى ‘رولىنى ئوينايدىكەن.مەسىلەن :ۋە،بىلەن،لىكىن …دىگەندەك .
بۇيەردىكى «باغلىغۇچى »كەڭ مەنىدە.
بۇلسا مۇشۇنداق سۆزلارنى ئېلىۋىتىپ ،يەنە بىر ھىسابلاپ باقسىڭىز،مەسىلەن :قەلەم،قوشۇق،كەلكۈن، ئاپەت،ئوقۇ ياز،ئاياغ……دىگەندەك سۆزلەرنىڭ تەكرارلىقى قانداق.
ھەر بىر تىل تۈركۈمىدىكى سۆزلەرنىمۇ ئايرىم ئايرىم ھىسابلاپ كۆرسىڭىز.
===================
سىز تەكرارلىقىنى ھىسابلاشتا ئاساس قىلغان تەبىئىي تېكىستلەر ۋە جۈملىلەرنىڭ ئىچىگە تەرجىمە قىلىغان ماتىرىياللارمۇ كىرەمدۇ؟
مۇشۇنداق ئىلمىي، خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى كۆرسەم ئىچ-ئىچىمدىن مەمنۇن بولۇپ كېتىمەن دېسە.
تىلىمىزنىڭ موللىقىدىن، ئەمگىكىڭزنىڭ تولىلىقىدىن ئىپتىخارلىنىمەن.
روزا ھېيتىڭىزنىڭ ھارپىسىىغا مۇبارەك!