نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

ھازىر ساۋاتسىزلىقنىڭ ئۆلچىمى قانداق؟

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

بەلكىم، نۇرغۇن كىشىلەر ئەنئەنىۋى ئۆلچەم بويىچە ئېلىپبەنى تۈگەتسە، تۆت ئەمەلنى بىلسە ساۋاتلىق بولمامدۇ؟-دېيىشى مۇمكىن. ئەمما، ب د ت نىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى بۇيىچە بولغاندا، بىرىنچى تۈردىكى ساۋاتسىزلار خەت تونۇمايدۇ. ئىككىنچى تۈردىكى ساۋاتسىزلار ھازىرقى زاماندىكى بەلگىلەر (يەنى خەرىتە، …دېگەندەك)نى تونۇمايدۇ. ئۈچىنچى تۈردىكى ساۋاتسىزلار كومپيۇتېر ئىشلىتىپ ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى بىلمەيدۇ. كېيىنكى ئىككى تۈردىكى ساۋاتسىزلار «تېخنىكىلىق ساۋاتسىز» ھېسابلىنىدۇ. گەرچە ئۇلار خەت ئوقۇشنى بىلسىمۇ، لېكىن، ھازىرقى ئۇچۇرلاشقان دەۋردە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە.

شىنجاڭدىكى سودا-سانائەت بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى،…قاتارلىق بارلىق ئاپتوبانكا (ATM) نىڭ يۇمشاق دېتالىدا ئۇيغۇرچە يېزىقمۇ تەڭ ئىشلىتىلدى. لېكىن، بەزىلەر يەنىلا خەنزۇچە سىستېمىغا كىرىپ پۇل ئالىدىكەن، بەزىلەر ئۇيغۇرچە يېزىقنى بىلسىمۇ ئىشلەتمەيدىكەن ياكى ئىشلىتىشتىن ئەنسىرەپ يەنىلا مۇلازىمەتچى خادىمغا ئۆچىرەت ساقلاپ پۇل ئالىدىكەن. نېمە دېگەن ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ھە؟! دېمەك، ئۇيغۇرچە يېزىقنى بىلسىمۇ، لېكىن، شۇ ئۈسكۈنىنى ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىلالمايدىكەن ياكى ئىشلىتىپ بېقىشقا تىرىشمايدىكەن.

مەن ئالىي مەكتەپتە خىزمەت قىلىمەن، بۇ يەردە ئاساسەن بىلىملىك كىشىلەر توپلاشقان، ئەمما، ھەتتا چەتئەللەردە تەبىئىي پەنلەردە دوكتۇر بولۇپ كەلگەنلەر ياكى مۇشۇ يەردە ئۇزۇن مۇددەت خىزمەت قىلىپ پىروفېسسور بولغانلار ئارىسىدىمۇ، بەزى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان ئىشلار دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: 10 يىلنىڭ ئالدىدا VCD تازا ئومۇملاشقان دەۋردە، چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەن بىرەيلەن CD ئاپپاراتىنى سېتىۋېلىپ، ئۆيىدىكى تېلېۋىزورغا چېتىپ قاملاشتۇرالماپتۇ. ئۆيىگە بارسام بىر قۇلىدا «ئىشلەتكۈچىلەر قوللانمىسى»نى بار ئىكەن، ئەمما، سۈرەت چىقمىدى-دەپ جىلە بولۇپ تۇرۇپتۇ. قۇلىدىكى قوللانمىنى ئوقۇپ چۈشىنەلمەپتۇ دېسە ھېچكىمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. ئاپپارات ئىچىدە «تارىم» دېگەن VCD (سىنتەخسە) بار ئىدى. ئۇ مېنىڭ بۇ ئاپپاراتىم چەتئەلدىن كىرگەن ھەقىقىي مەھسۇلات، سۈپىتى ئىشەنچلىك، لېكىن، ماۋۇ «تارىم» دېگەن سىنتەخسە ساختا ئوخشايدۇ-دېدى. ئەمما، مەن گەپ قىلماستىن ئۇ كىشىنىڭ يان كومپيۇتېرىغا سېلىپ سۈرەتنى چىقىرىپ بەردىم. ئەمما، ئۇ بۇ سىنتەخسىغۇ ساختا ئەمەس ئىكەن، لېكىن، نېمە ئۈچۈن مېنىڭ بۇ ئاپپاراتىمدا چىقمايدۇ، قارىغاندا بۇ تەخسىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەن ئىكەن-دەپ گۇناھنى يەنىلا سىنتەخسىگە ئارتىپ تۇرىۋالدى. مەن ئۇ ئاپپاراتنىڭ CD قويغۇچ ئىكەنلىكىنى، قوللانمىنىڭ ئىككىنچى بېتىدىكى بۇ ئۈسكۈنە قويالايدىغان CD فورماتى پەقەت Audio CD (ئۈنتەخسە) بىلەن چەكلىنىدۇ دېگەن خەتنى كۆرسىتىپ قويساممۇ، لېكىن، ئۇ سىنتەخسىدە ئاۋاز ۋە سۈرەت تۇرسا، ئاۋاز بولسىمۇ چىقىشى كېرەك ئىدىغۇ؟-دەپ تۇرىۋالدى. ئەمما، مەن ئارتۇق چۈشەندۈرۈشتىن ۋاز كېچىپ، ئىشىم بار ئىدى دەپ چىقىپ كەتتىم. بۇ مىسالدا بۇ كىشى Audio CD ئاپپاراتىدا Video CD نى كۆرىمەن دەپ خېلى تىرىشىپ باققان. ئۇيغۇرچە ATM دىن پۇل ئېلىشقا تىرىشىپ باقمايدىغان كىشىدىن زور پەرقلىنىدۇ. ئەمما، مەقسەتسىز تىرىشىپ بېقىشمۇ ۋاقىتنى ئەڭ زايە قىلغان بىلەن باراۋەر ئىكەن. بۇنداق ئىشتا نەتىجە چىقىش تەس. لېكىن، مەقسەت ئېنىق بولسىمۇ، تىرىشماسلىق ئەڭ قاملاشمىغان ئىش. بۇ خۇددى ئۇيغۇرچە ATM نى ئىشلىتىشكە تىرىشماسلىققا ئوخشايدۇ.

ئۇيغۇرسوفت يېڭى قۇرۇلغان مەزگىللەردە خېرىدارلار دائىم ئەلكاتىپ يۇمشاق دېتالى تەخسىسىنى ئۆيىدىكى VCD ياكى DVD ئاپپاراتىغا سېلىپ، سۈرەت چىقمايدىكەنغۇ؟ بۇ زادى قانداق كىنو تەخسىسى-دەپ تېلېفوندا بىزنى تىللاپ كېتەتتى. گەرچە بۇنداق خېرىدارلار ھازىر ئاساسەن قالمىغان بولسىمۇ، لېكىن، «ئەلكاتىپ» نىڭ قاچىلاش ۋە ئىشلىتىش چۈشەندۈرۈشىدىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇپ چۈشىنەلمەيدىغانلار يەنىلا بار. ئالدىن ھەپتە بىرسى تېلېفوننى ئېلىپلا: «مەن ئەلكاتىپنىڭ ھەقسىز نۇسخىسىنى سىلەرنىڭ تورىڭلاردىن چۈشۈرگەن ئىدىم، لېكىن ھەقسىز نۇسخىسىدا قازاقچە بولمايدىكەن»-دەپ سۆزلەپ كەتتى. مەن سۈكۈتتىكى ھالەتتە قازاقچىنى قاچىلىمايدۇ، ئەمما، كونترول تاختىسىدىن تەڭشەپ، قازاقچە كىرگۈزۈشنى قوشۇشقا بولىدۇ، ئىشلىتىش قوللانمىسىدىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ-دېسەم، تېلېفوندا دەپ بەرسەڭ نېمە بولىدۇ؟-دەپ تۇرىۋالدى. ئۇنداقتا، كونترول تاختىسىنى ئېچىڭ دېسەم، كومپيۇتېرىمدا ئۇنداق نەرسە يوق دەپ تۇرىۋالدى. مەن ئالدىراشلىقىمنى ئېيتىپ، بىزنىڭ مەخسۇس مۇلازىمەت تېلېفونىمىز ۋە خادىمىمىز بار، شۇ يەرگە تېلېفون قىلىڭ، ئۇلار ھەل قىلالمىغان تېخنىكىلىق مەسىلە بولسا مەن چۈشەندۈرۈپ قوياي-دەپ تېلېفوننى بېسىۋەتتىم. بەلكىم، بۇ كىشى مۇلازىمەت ياخشى ئەمەسكەن دەپ ئويلاپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.

مەقسەت ئېنىق بولسىمۇ، تىرىشىپ باققان بولسىمۇ لېكىن، سۆزلىگۈچىنىڭ بايانىنى ئوقۇپ چۈشىنەلمىسە، بۇ تېخىمۇ قاملاشمىغان ئىش. شۇڭا، كىتاب ئوقۇغاندا تەپەككۇر قىلىش، مۇلاھىزە قىلىش ۋە ئويلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ھالقىلىق ئامىل ئىكەن. چۈنكى بەزىلەر تىل بىلمىسىمۇ چۈشەندۈرۈش كىتابىدىكى رەسىم، بەلگىلەرگە قاراپ ئىنگلىزچە يېزىقلارنى ئۇيغۇرچە لاتىنچە ئارىلاشتۇرۇپ ئوقۇپ يۈرۈپ، تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلىرىنى راۋان قىلالايدۇ. مەسىلەن: 30 يىلنىڭ ئالدىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مەلۇم بىر ناھىيەدە خەنزۇچە بىلمىسىمۇ خەنزۇچە «ئېلېكتىرون دۇنياسى» (电子世界)، «رادىيو» (无线电) دېگەن ژۇرنالنى چالا-بۇلا كۆرۈپ، سىملىق تېلېفون تېخى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىمۇ ئومۇملاشمىغان دەۋرلەردە سىمسىز تېلېفون ياساپ سۆزلىشىپ يۈرگەن، ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەردىمۇ رەڭسىز تېلېۋىزور ئومۇملاشمىغان ۋە ھەر قايسى ناھىيەلەردە تېلېۋىزىيە ئۇلاپ تارقىتىش ئىستانسىسىلىرى قۇرۇلمىغان دەۋرلەردە سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە قوبۇللىغۇچىنى ياساپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى كۆرگەن كىشى ئارىمىزدا بار. مەن بۇ ئىشلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىدىم. شۇڭا، مەيلى ئۇ كىشى دوكتور بولسۇن ياكى باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولسۇن، ئىنسان ئۈچۈن تەپەككۇر قىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

يېقىندا مەن تېخى ئۇيغۇرسوفت ئۈچۈن يۇمشاق دېتال تېخنىكىسىغا ئائىت ئىنگلىزچە ماتېرىياللارنى تولۇق ھەزىم قىلىپ چۈشىنەلەيدىغان ۋە ئىنگلىزچە تەسىرات يازالايدىغان خادىملارنى ئىزدەۋاتسام، ئۆز ئانا تىلىدىكى قوللانمىنى ئوقۇپ چۈشىنەلمەيدىغان ياكى تېلېفوندىكى مۇلازىمەتنى ئاڭلاپ چۈشىنەلمەيدىغان بۇنداق كىشىلەرمۇ خېلى بار ئىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تېلېفون، رەقەملىك فوتو ئاپپارات ياكى تېلېكامېرا سېتىۋېلىپ، ئىچىدىكى ئىشلىتىش قوللانمىسى بۇيىچە مەشغۇلات قىلالمىغانلارنى دائىم ئۇچرىتىپ قالىمەن. ئۇلار تېخى: «بۇ مېنىڭ كەسپىم ئەمەس، مەن دېگەن ئەدەبىياتتا ئوقۇغان تۇرسام»-دەپ قويىدىكەن. ئەجەبا بۇ نەرسىلەرنىڭ كەڭ ئاۋام بازىرىغا يۈزلەنگەن ئاددىي بىر ئىستىمال مەھسۇلاتى ئىكەنلىكىنى بىلمەمدىغاندۇ؟ قارىغاندا ب د ت نىڭ ئۆلچىمى بۇيىچە بولغاندا، ئارىمىزدا «تېخنىكىلىق ساۋاتسىزلار» خېلى بار ئوخشايدۇ. 60-يىللاردا ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن تۇغۇلغانلارغا مەيلى دېسەكمۇ، لېكىن، مەن زامانىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە بىرەرسىنىڭمۇ بۇ سەپكە قوشۇلۇپ قېلىشىنى ھەرگىز خالىمايمەن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
40 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • «بەخت ئىشىكنى چەككەندە» فېلىمىدىكى بىر سۆز يادىمغا كېلىپ قالدى:
    «ئەگر مەندىن بىر مەسىلىنى سورىسىڭىز مەن جاۋابىنى بىلمەسلىكىم مۇمكىن، لېكىن مەن تىرىشىپ جاۋابىنى تاپالايمەن.»

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 13:01
  • يۇمشاق دېتال ياكى مەلۇم مەھسۇلاتنىڭ ئىشلەتكۈچى قوللانمىسىنى تۈزۈشتە بىرەر ئۆلچەم بارمۇ يوق بىلمەيمەن. بىراق مۇتلەق كۆپ قىسىم ئىشلىتىش قوللانمىلىرى، مەسىلەن، كومپيۇتېر سېتىۋالغاندا بېرىدىغان ئانا تاختىتىنىڭ چۈشەندۈرۈش قوللانمىسى دېگەندەكلەرنى ئادەتتە كۆرۈپ كەتمەيدىكەنمەن. مەنچە، مۇشۇنداق قوللانمىلارنى تۈزۈشتە سەل ئۆزگىچىراق قىلىپ باقساق، سەرپىيات ئېشىپ كەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا كارتون رەسىمچىلەر بىلەن، باشلانغۇچ 1-سىنىپتىكى بالىلارمۇ كۆرسە چۈشەنگۈدەك، قىززىققۇدەك قىلىپ تۈزسەك ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولارمىكىن دەيمەن. يېڭىلىق يارىتىشنى مۇشۇنداق ئاددى ئىشلاردا قوللىنىپ باقساقمۇ، ئۈنۈمى كۆرۈلىشى مۇمكىن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 23:48
    • سىزمۇ يەنە بىر تەرەپنى ئوتتۇرغا قويۇپسىز يەنى مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشلىرىدە ئەڭ ئاددىي سۆزلەرنى ئىشلىتىش. ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سەۋىيەسىنى ئەڭ ئاددىي چاغلاپ تۇرۇپ يېزىش. مەسىلەن: بەزىلەر Windows نىڭ ئومۇملىشىدىمۇ بۇلارنىڭ تىل ئىشلىتىش ئۇسلوبى ئىنتايىن چۈشىنىشلىك، ئىخچام، سىپايە،…دېگەندەك سەۋەبلەرنى كۆرسىتىدۇ. باشلانغۇچ 1-سىنىپنىڭ بالىلىرىمۇ چۈشىنەلەيدۇ. تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن ئاتالغۇلارنى كومپيۇتېرغا ساھەسىگە بىۋاسىتە سۆرەپ كىرگەن. بىزدە بولسا قانداق بولار؟ قاملاشماس-ھە؟-دەپ ئولتۇرۇپ، بەزىدە 1000 يىل بۇرۇنقى سۆزلەردىن ئىزدەپ يۈرىمىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى am 08:09
  • بۇ تەرەپلەردىغۇ بىلەلمىگەن نەرسىمىز بولسا ياخۇدىلا ئىزدەيمىز. بۇ «پاكار» لارنىڭ ياخشى يېرى بۇلار بەكلا كىتابخۇمار. ئاپتوماتىك پەلەمپەيلەردىمۇ كىتاب كۆرۈپ تۇرىدۇ. ئەڭ مۇھىمى باشقىلارنىڭ كىتابىنى كۆرىۋەرمەستىن، ئۆزىمۇ بىر ئىشلاردىن يېزىقچە خاتىرە قالدۇرۇشقا ئامراق. بىر خىزمەتدىشىم يانفونىدا ھەر كۈنى ئاز- ئازدىن يېزىپ بىر روماننى نەشىر قىلغان ياپونلۇقنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. بۇلارنىڭ مۇشۇنداق تىرىشچانلىقى، بىلىمخۇمارلىقى بولغاچقا، بۇلارنىڭ تورىدا ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ مۇكەممەل مەزمۇنلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. توردىن ئىزدىگەن ھەرقانداق مەسىلىنىڭ جاۋابىنىمۇ قىينالمايلا تاپقىلى بولىدۇ. بىلىشىمچە تۋىتتېر ۋە بىلوگلاردىكى ياپونچە يازمىلارنىڭ يېزىلىش- يېڭىلىنىشى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا. بۇلار مانا مۇشۇنداق ئۆزلۈكسىز بىلىم ئىگىلەپ، ئۆزىمۇ باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئىز قالدۇرۇپ ماڭىدىكەن. ئۇچرىغان ھەر بىر مەسىلىگە ئاۋال ئۆزى جاۋاب ئىزدەپ، ئامال قىلالمىسا ئاندىن باشقىلاردىن ياردەم سورايدىكەن. بىزدىمۇ مەسىلىنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ھەل قىلىدىغانلار كۆپ. لېكىن ھە دېسە «بىلمەيدىكەنمەن»، «مەكتەپتە ئۆگەتمىگەن» دەپ قاراپ تۇرىدىغانلارمۇ خېلى بار. مۇشۇنداق كىشىلەرنى بىر كىمنىڭ ئۆگىتىپ قويۇشىنى ساقلاپ تۇرۇشتىن ئاۋال ئۆزى بىر ھەرىكەت قىلىپ ئىزدىنىپ باقسا دەيمەن. ئارىمىزدا دۆت ئادەملەر يوق، تىرىشمايدىغان ئادەملەر ئۇچراپ تۇرىدۇ، خالاس.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 22:24
    • مېنىڭ ئىپادىلىمەكچى بولغان مەقسىتىمنى دەل جايىدا ئوتتۇرغا قويۇپسىز، بۇ دۇنيادا ھەرگىزمۇ دۆت ئادەم يوق، لېكىن، تىرىشمايدىغانلار بەك كۆپ. چەتئەللىكلەرنىڭ ئىچىدىمۇ دۆت ئادەملەر خېلى بار، بىزدىمۇ تالانتلىقلار ئاز ئەمەس. بىز ئىمكان بار كىتاب كۆرۈش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە، يولۇققان مەسىلىلەرنى ئۆزىمىز ئىزدىنىپ بېقىشقا ئەھمىيەت بەرسەك دېمەكچى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 22:36
  • بىلىشىمچە سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ ئۇيغۇرچە كۆرۈنمە يۈزىنى ئۇيغۇر سوفىت ئىشلىگەنغۇ دەيمەن. بىراق بۇنىڭدا ھازىرغىچە ئەينى ۋاقىتتىكى 3.9 نەشىردىكى خەت نۇسخىسى ئىشلىتىلىدىكەن. «ئۈ» ھەرىپى ئۇلانماي چىقىدىكەن. ئەگەر بۇنى تۈزىتىش كېرەك بولسا سەل ئاۋارىچىلىقمۇ قانداق.
    مەن ئۆزەمدىن رازى بولىدىغان يېرىم: مەيلى قانداقلا ئۈسكۈنە بولسا قوللانمىسى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ چوقۇم نورمال ئىشلىتىپ كېتەلەيمەن. (پەقە بىرئاز ۋاقىت كېتىدۇ) ئەگەر قوللانمىسى بولسا ئىككىنجى قېتىمدىن باشلاپ بۇ ئۈسكۈنىنىڭ رېمونتچىسى دىگۈدەك بولۇپ كېتىمەن.
    كومپيۇتېردىمۇ شۇنداق يۇمشاق دېتاللا بولسا ئىشلىتەلمەسلىكتىن قورقمايمەن. ھازىر لىنۇكىسنى ئۆگىنىۋاتىمەن، گەرچە ئىشلىتىش ئېھتىياجىمدىن چىققان بىلەن تېخى ماۋۇ ۋىندوۋۇستىكىدەك ماھارەت يوق. قارغۇلارچە تەجرىبە قىلغان بىرنەرسە چىقمايدىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 13:11
    • شۇنداق، سودا-سانائەت بانكىسىنىڭكىنى قىلغاندا، ئۆلچەم تېخى بىرلىككە كەلمىگەن. شۇڭا، 3.9 نىڭ خەت نۇسخىسىنى ئىشلەتكەن. ناۋادا، پىكىر بەرسەڭلار ئۇلارمۇ ئۆزگەرتىدۇ،
      يېزا ئىگىلىك بانكىسى يېقىندا قىلغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ پۈتۈنلەي يۇنىكودلۇق يەنى ALKATIP Tor خەت نۇسخىسىنى تاللىغان، ماڭىمۇ ھەممىدىن مۇشۇ يارايدۇ.
      بىرەر قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، شۇ دېتالنىڭ ياردەم ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش ياكى ئىشلىتىش قوللانمىسىنى كۆرۈپ بېقىش كېرەك، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىزدەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا كىتاب كۆرۈش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش بەك مۇھىم. ئۆزىڭىزگىمۇ ۋە باشقىلارغىمۇ جاپا بولمايدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 16:07
  • مەنمۇ ئۇيغۇرچە مەشغۇلاتنى ئىشلىتىمەن ،ئىشلەتكەندەھەم بىرخىل ىۇشاللىق ھىس قىلىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى am 08:53
  • مىنىڭچە ھازىرىقى جەمئىيىتىمىزدىمۇ ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خىتىنى جاللاتقا ئىلىپ بارىدىغان سېيىت نوچىلار بار شۇڭا مائارىپڭنىڭ مەقسىتى خەت ئوقالايدىغانلارنى ئەمەس ، تەپەككۇر قىلالايدىغانلارنى تەربىيەلەش بولۇشى كىرەك .

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 22:14
  • بەزىدە ئۇيغۇرچە قاچىلانمىغان پۇل بەرگۇلەردىن بىۋاستە ئنگىلىزچىنى بېسىپ پۇل ئالىمەن ، ئامال قانچە .
    يەنە بىر ئىش ،ھەر يىلى دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھان ياكى باشقا توردا تىزملايدىغان ئىمتاھانغا باشقىلارغا يالۋۇرۇپ ياكى پۇل تۆلەپ توردا تىزملىتىپ يۇرگەن ئالىي مەكتەپ پۇتتۇرگەنلەرنى كۆرسەم ھەيران قالىمەن ، ئۇلار خەنزۇچە بىلمەيدۇ ئەمەس ، كومپىيۇتىر مەشغۇلاتىغا پىششىق ئەمەس .
    بۇنداق ئشقا سىناپ باقىدىغان جۇرئەت ۋە ئەستايدىللىق كېرەك .

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 22:05
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم،،،،،سز ھەقىقەتەنمۇ جەمىيەتنى تەپسىلى كۇزىتىپسز ،،،ماڭىمۇ بۇنداق ئىشلار كۇپ ئۇچىرايدۇ ،،،،ياشلارنىڭ ئۇيغۇرچە مۇلازىمەتنى ئىشلەتمەسلىكى ،،،،بىرىنچىدىن .ئۇلارنىنىڭ ئانا تىلغا بولغان چۇشەنچىسى يەنى مۇھەبىتى كامچىل،،،،،ئىكىنچىدىن. نۇرغۇنلىغان ياشلار ھازىر ئانا تىلى تەربىيسى ئالمىغان شۇڭا ئېشلەتمەسلىكى مۇمكىن ،،،،،،لىكىن مىنىڭ ياشلارغا دەيدىغىنىم ،،،،،،ئانا تىلنى مۇكەممەل ئىگەللىمەي تۇرۇپ باشقا تىلنى مۇكەممەل ئىگىلەش تەسكە توختايدۇ ،،،،مەكتەپتە ئۇگەتمىگەن بولسا ھېچقىسى يوق بۇ بىزنىڭ ئانا تىلىمىز “““““““““““ئويدەئۇگەنسەكمۇ ئاسانلا ئۇگىنىۋالايمىز ،،،،،تىرىشىڭلا دوسلا…………………………………………………………………………………….

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 17:19
  • مەنمۇ ئۇيغۇر تىلىمدەك ئېسىل تىلنى ئۇچىراتمىدىم. شۇڭا ئانا تىلىم، زەر تىلىم دېگەن ناخشىنى چىڭ توۋلاپ ئۇيغۇر تىلىمدا پەن-تېخنىىكىنڭ ھوزۇرىنى سۈرەي.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 16:57
  • ئەمدى ATMنىڭ ئۇيغۇرچە كۆرۈنمە يۈزىنىڭ گېپى چىقىپ قاپتۇ. مەنمۇ ئويلىغىنىمنى دەپ باقاي.
    جوڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ ATM دىن پۇل ئالماقچى بولۇپ قالدىم، قارىسام «ئۇيغۇرچە»دەپ بار ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن تاللاپ كىرىپ مەشغۇلاتنى قىلىۋەردىم. لېكىن مەشغۇلات ئەسكەرتىش ئاۋازى پۈتۈنلەي قايسىبىر ئۆلچەمسىز خەنزۇ تىلى ئىدى. بۇمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىر قىسىمى بولۇشى سۈپىتى بىلەن، بانكىلارنىڭمۇ بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكمۇ قانداق؟
    ====================================
    بۇ مەسىلىنى قانداقتۇر ئۇيغۇرسوفت ھەل قىلىشى كېرەك دېگەن گەپ ئەمەس ئەلۋەتتە.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 14:11
    • يېزىق قىسمى بىزنىڭ، ئەمما ئاۋاز قىسمىنى بىز ئىشلىمىگەن. ناۋادا، قەيەرى ئۆلچەمسىز بولسا، بانكىغا ئىنكاس قىلىپ قويساڭلار بولىدۇ،
      ئۇلار ۋاقتىدا ئۆزگەرتىشى مۇمكىن. چۈنكى، ھازىر بۇنداق خەلق تۇرمۇشىغا قۇلايلىق ئېلىپ كېلىدىغان يېڭى تۈرلەرنى ھۆكۈمەت مەبلەغ جەھەتتىن بەك قوللايدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 15:31
  • مەن كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزدىكى ھەل قىلالمىغان مەسىلىنىڭ ھەممىسىگە ماتىماتىكىلىق تەبەككۈر ئۇسۇلىنى ئىشلىتىشنى تەۋىسيە قىلىمەن. بىلمىدىم مەن بۇيەردە دېگەن «ماتىماتىكىلق تەببەككۈر»نى باشقىلار قانداق چۈشىنىدۇ.
    كۈندۇلۈك تۇرمۇشىمىزدىكى ھەرقانداق مەسىلىنىڭ كىلىش مەنبەيىنى، تەسىر قىلىش جەريانىنى، ئۇنىڭ نەتىنجىسىنى تەپسىلىي ئويلاپ كۆرسەكلا شۇ مەسىلىگە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنالايمىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 13:20
  • تىرىشماسلىق كاللا ئىشلەتمەسلىق ھەقىقەتەن ئادەمنى دۆتلەشتۈرۋىتىدۇ .
    ئىزدىنىش ئۆز ئۆزىنى تاكاممۇللاشتۇرۇشتىكى بىرىنچى قورال .

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى am 09:43
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم
    مەنمۇ دائىم بانكىدىن پۇل ئالغان ۋە پۇل قويغان چاغلاردا بەزىلەرنىڭ ئۇيغۇرچە تىل تاللاش تۈرلىرى تۇرسىمۇ ئىرەن قىلمايلا مۇلازىمەت بىجىرىۋاتقىنىنى ئۇچىرىتمەن. نىمىشقا ئۆزىنىڭ ئانا تىلى شۇنداق چىرايلىق تىلى تۇرسا ئىشلەتمەيدۇ. ۋە ئويلاپ قالمەن…….
    مەنچە بىز ياشلار بۇنداق مەسىللىلەرگە تولىمۇ دىققەت قىلىشىمىز، سىناپ بىقىشقا ئىنتىلىپ بىقشىمىز كېرەك ئەلۋەتتە.
    يەنە ھازىر جەمىيتىمىزدە خۇشاللىنارلىق ئىشلارمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى، بەزىدە ياشلارنىڭ بانكىلاردىن مۇلازىمەت قىلىدىغان ئىشلاردا چوڭلارغا ئورۇن بەرگىنىنى ۋە يەنە بەزى پۇل ئېلىش ۋە قۇيۇشىنى بىلمەيدىغانلارنىڭ باشقىلاردىن ياردەم سورغاندا قەتئى ئىغىر كۆرمەستىن خۇشاللىق بىلەن قىلىپ بەرگىنىنى ۋە بىجىرىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ قويغىنىنى كۆرگىنىڭزدە شاتلىنىسىز ئەلۋەتتە.
    كىيىنكى پۇرسەتلەر تىرىشقان ۋە ئىزدىندىغانلارغا، تەپەككۇر قىلدىغان ۋە چۇشۇندىغانلارغا مەنسۇپ ۋە مەنسۇپ بولغۇسى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى am 08:58
  • ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقوغۇچىلارنىڭ ئاددى كومپيۇتېر مەشغۇلاتىنى بىلمەي پۈتتۈرۈپ كېتىشى، ھەتتا بەزىلەرنىڭ بارماق دېسكىغا ماتېرىيال كۆچۈرۈشنىمۇ بىلمەسلىكى، نۆۋەتتىكى ئالى مەكتەپ مائارىپىمىزدىكى بىر پاجىئە دەپ قارايمەن !

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى am 08:46
  • ھەقىقەتەن جەمئىيىتىمىزدە كۆپ كۆرۈلۈۋاتقان ئىشلار تىلغا ئېلىنىپتۇ. ئەگەر بۇ ئۆلچەم بويىچە ھېسابلىساق، ساۋاتلىق سالاھىيىتىگە كىرىدىغانلار ئانچە كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما بۇ دەۋر، جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجى، بۇنىڭغا ماسلاشماي، «ئۇندىغەي، مۇندىغەي»دەپ قاقشاپ يۈرسەك، قاقشاپلا قالىمىز. كۈندىن كۈنگە ناتونۇش نەرسىلەر كۆپىيىدۇ. شۇڭا ئېپى كەلسىلا، ئېتىشىپ تۇرغىنىمىز ياخشى. مېنىڭچە، يەنە ماشىنا ھەيدەشمۇ ئۇقماسلىق، رەسىم تارتىش ئاپپاراتىنى ئىشلىتەلمەسلىك… قاتارلىقلارمۇ ساۋاتسىزلىق دائىرىسىگە كىرىدۇ.
    مەن ھازىرغىچە، ATM نى ئىشلەتكەندە، ئۇيغۇرچە يېزىقنى تاللاپ ئىشلىتىۋاتىمەن. ئۆتكەندە بىرىدىن «ئەگەر ATM دا ئۇيغۇرچە يېزىقتا مەشغۇلات قىلىش تۆۋەنلەپ كەتسە، ATM دىن ئۇيغۇرچە يېزىق چىقىرۋېتىلەرمىش» دېگەندەك بىر مىش-مىش گەپنى ئاڭلاپ قىلىپ، سەل چۆچۈگەنىدىم. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئەتراپىمدىكى بۇرادەرلەرنىمۇ ئۇيغۇرچە يېزىق تاللاپ ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلىۋاتىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى am 04:37
    • نەقىل:

      ئۆتكەندە بىرىدىن «ئەگەر ATM دا ئۇيغۇرچە يېزىقتا مەشغۇلات قىلىش تۆۋەنلەپ كەتسە، ATM دىن ئۇيغۇرچە يېزىق چىقىرۋېتىلەرمىش» دېگەندەك بىر مىش-مىش گەپنى ئاڭلاپ قىلىپ، سەل چۆچۈگەنىدىم.

      =====================================================
      دۆلەت ھەر يىلى ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارغا نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىپ، داۋاملىق يېڭى تۈرلەرنى ئېچىپ، خەلققە قۇلايلىق ئېلىپ كېلىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاۋاتقان تۇرسا، ئۇنداق ئېلىپ-قاچتى گەپلەرگە ھەرگىز ئىشەنمەڭ! قېنى قايسى بانكىنىڭ تور بېكىتىدە شۇنداق دەپتۇ؟!
      ناۋادا، قازاق يولداشلارمۇ بانكىغا پىكىر قىلىپ، ATM دىن پۇل ئېلىشتا قىينالدۇق-دېسە، قازاقچىنىمۇ ياسايمىز دېيىشى ئېنىق، بۇ چاغدا يەنىلا ئالىم مۇئەللىمگە پايدا بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى am 11:36
      • بۇ گەپ تېخى يىقىندىلا ئاۋام (رېن رېن) تورىدا بەك ئەۋج ئىلىپ كەتكەن ، ھەممىسى مۇشۇ خەۋەرنى بىر بىرىگە يوللاپ ، پۇل ئېلىش ماشىنىسىدا ئۇيغۇرچىنى تاللاپ ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلغان ، بۇنىڭ تەييار ئۇيغۇرچىسى بولغاندىكىن تاللاپ ئىشلەتسەك شۇنداق راھەت ! مەنمۇ تېخى ئىشلىتىلىش نىسبىتى تۆۋەن بولسا بۇنىڭدىن كىيىن يوق قىلىۋېتىلىدىكەن دىگەن گەپنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتكەنىدىم . ئالىم مۇئەللىمنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ خاتىرىجەم بولدۇم .

        يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى am 11:43
باھا بېتى: 1 2