Windows دۇكىنىدا تۇنجى ئۇيغۇرچە ئەپ ئېلان قىلىندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

Windows دۇكىنىدا تۇنجى ئۇيغۇرچە ئەپ ئېلان قىلىندى

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

ئۇيغۇرسوفت يوللىغان ئۇيغۇرچە قول كۆندۈرۈش ئەپى تۈنۈگۈن كەچتە (يەنى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى) ئاخىرقى تەستىقتىن ئۆتۈپ، Windows دۇكىنىدا ئېلان قىلىندى. بۇ پۈتۈنلەي ھەقسىز ئەپ بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پەرزەنتىڭىزگە ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈشنى ئۆگىتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
چۈشۈرۈش ئۈچۈن، Windows نىڭ ئىزدەش تۈگمىسىنى ئېچىڭ.

Uyghur (ياكى ئۇيغۇر، ئۇيغۇرسوفت، ئۇيغۇرچە قول كۆندۈرۈش،…دېگەندەك) ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈڭ.

بۇنىڭ ئىچىدىن ئۇيغۇرچە قول كۆندۈرۈش دېگەننى چەكسىڭىز بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە قول كۆندۈرۈش ئەپىنىڭ ئاساسىي ئېكران كۆرۈنۈشى

================================
ياكى مۇنداق چۈشۈرسەڭلارمۇ بولىدۇ (مەن خەنزۇچە ھالەتنى مىسال قىلدىم، ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ھالەتتە چۈشۈرۈش تېخىمۇ ئاسان)

1. ئالدى بىلەن Windows دۇكىنىغا كىرىڭ

2. «مائارىپ» سەھىپىسىنى ئىزدەپ تېپىڭ، بۇ سەھىپە سەل ئارقىدا.

2. «ئەڭ يېڭىلىرى»نى تاللاڭ، ھازىرچە تەۋسىيەلىك 100 ئەپنىڭ ئىچىگە كىردى.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
136 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئۇيغۇر سوفىت لۇغىتىنى Windows8نىڭ ئەپ دۇككىنىدا ئىلان قىلدىغان ئىمكانىيەت بولسا ئىلان قىلىپ قويسىڭىز ….مەخسۇس Surfaceنىمۇ قوللايدىغان نۇسخىسىنىمۇ قىتىپ قويسىڭىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 22:35
  • مەن officeنى دېمىدىم، قول كۆندۈرۈش مەشىقىنى دەۋاتىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 15:06
  • ،الىمكا،بڭلوگخڭىزنىڭ يانفۇن نۇسقىسى بولغان بولسا مەندەك ياناۇندا كىردىغانلار بەك خۇشال بۇلاتتۇق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى am 09:04
  • مەنمۇ ئۇ ئوففىس2007نى ئىشلەتكۈم كەلمىدى.2013نۇسخىسىنىڭ ئىتېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نۇسخىسىنى ئىشلىتىمەن.گەرچە ئىنگلەزچە بولسىمۇ.ئىشلىتىۋەرسە ئۇ پەرەڭچىگىمۇ كۆنۈپ كېتىدىكەن كىشى

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى am 05:13
  • مەن چۈشۈرەي دېسەم، كەچۈرۈڭ بۇ ئەپنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ دەپ چىقۋالدىغۇ؟ باشقا ھەقسىز ئەپلەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق چىقۋالدى، لېكىن ھەقلىق ئەپلەرنى سىناپ باقسام بولدى. بۇ نېمىشتۇ؟قانداق قىلىش كېرەك؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 14:07
  • مەن چۈشۈرەي دېسەم، كەچۈرۈڭ بۇ ئەپنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ دەپ چىقۋالدىغۇ؟ باشقا ھەقسىز ئەپلەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق چىقۋالدى، لېكىن ھەقلىق ئەپلەرنى سىناپ باقسام بولدى. بۇ نېمىشتۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 14:04
  • ئالىم مۇئەللىم مايەردەoffice2007 نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسقىسى باركەن، مەنمۇ ئشىلتىپ كۆرۇپ باقتىم،خىلى بولىدىكەن، قىنى سىزمۇ كۆرۇپ بىقىڭ.http://pan.baidu.com/share/link?shareid=435773&uk=489163000

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 13:52
  • مۇشۇ ئەپتىكى كونۇپكىنى سەزمىلىك كۇنۇپكا قىلىۋەتسەك قانداق بۇلار،surface دا كونۇپكىلىق ياپقۇچنى چاتمىغان ئەھۋالدا ئۆزىنىڭ كونۇپكا تاختىسى سەكرەپ چىقىۋالسا،خەتلەرنى كۆرەلمەيدىكەنمىز،مۇشۇنداق قىلغىلى بۇلارمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 21:06
    • ئەلۋەتتە بولىدۇ، مەنمۇ Surface تا شۇنى ھېس قىلدىم، كېيىنكى يېڭىلانمىدا ئالدى بىلەن ئاۋۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ھالەتتە مەشىق قىلغاندا، Shift ھەرپلەرنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئاندىن ماۋۇ سەزمە كۇنۇپكا تاختىسىغا ماسلاشتۇرۇش، ئاندىن يەنە بەزى مەزمۇنى ساغلام بولمىغان ياكى كىچىك بالىلارغا ماس كەلمەيدىغان ياكى بولمىسا موللام، خوتۇن، …غا ئائىت بەزى بىھاجەت ماقال-تەمسىللەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، بالىلارغا ماس كېلىدىغان ئۆزى ئاددىي، مەزمۇنى چوڭقۇر ماقال-تەمسىللەرنى تاللاپ كىرگۈزۈش. كېيىن يەنە مەشىق دەرىجىلىرىنى بېكىتىپ، كۆپ ئۇچرايدىغان ھەرپ، سۆز بويىچە مەشىق قىلىش؛ ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئىملاسى دائىم خاتالىشىدىغان سۆزلەرنى ئاستىغا كۆرسەتمە شەكىلدە بېرىپ، مەسىلەن: كىتاب دېگەن سۆزنى مەشىق قىلغاندا، خاتاسى كىتاپ دېگەن ئۇچۇرنىمۇ چىقىرىش دېگەندەك،….ئويلاپ كەلسەم، قىلىدىغان ئىش بەك كۆپ ئىكەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 21:25
      • ئالىم مۇئەللىمنىڭ بۇ ئىنكاسىدىن مەزكۇر ئەپنىڭ داۋاملىق مۇكەممەللىشىپ ماڭىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئالىم مۇئەللىم باشلاپ بەرگەن بۇ يول بۇندىن كېيىن يەنىمۇ كېڭىيىشى ئېنىق، ئوخشاش ئەپلەرمۇ بۇ يەرگە يوللىنىشى مۇمكىن، مۇشۇنداق مۇكەممەللىشىپ ماڭغاندىلا، ئۇزۇن مۇددەت پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 23:34
  • ئالدىنقى100 نىڭ ئىچىدە بولسا ناھايىتى قالتىس ئىش بوپتۇ ، قانچىكى بالدۇر تۇتۇش قىلساق شۇنچە ياخشى بولغۇدەك، باشقىلار ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش» نى ئۇيغۇرسوفت ئەمەلگە ئاشۇرۇپتۇ – دە!
    مەزكۇر تېمىدا نۇرغۇن يېڭى ئاتالغۇلارنى ئۇچراتتىم : كونۇپكا تۈگمە دەپ ئېلىنىپتۇ . بۇ ماڭا بەك يارىدى. يەنە بىر ئىش : ئەپ دېگەن ئاتالغۇغا ى قوشۇمچىسى ئۇلىنىپ كەلسە «ە» نىڭ «ې» غا ئاجىزلىشىشى كۆرۈلىدىغۇ دەيمەن . لېكىن بۇنداق بولسا تېخىمۇ چۈشىنىكسىز نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدىكەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 15:38
    • مائارىپقا ئائىت ئەپلەردىن 7000 ى بار، ئەمما بۇ قول كۆندۈرۈش ئەپىنىڭ بۇ يەردىكى دەرىجىسى 32-ئورۇندا، چۈشۈرۈش قېتىم سانى خېلە ياخشى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 18:36
  • بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش بوپتۇ !
    قىرىنداشلار ماڭا يول كۆرسەتسەڭلار ؟ كومپىيۇتتېرىمنىڭ 500جى قاتتىق دىسكىسى كۆيۈپ كەتتى، شۇڭا مەن باشقا بىرنى ئالماشتۇرغان ئىدىم . ئالدىدىكى دىسكامغا ۋىندوۋىس 8 قاچىلىغان ئىدىم، ئەمدى قاتتىق دىسكىنى ئالماشتۇرۋەتتىم ئەمدى قانداق قىلسام ھازىرقى يېڭى قاتتىق دىسكامغا ۋىندوۋس 8 نى قاچىلىيالايمەن ! بىۋاستە قاچىلىسام بولىۋىرەمدۇ ياكى ؟؟؟ يوك كۆرسەتسەڭلەر !!!؟؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 15:35
  • بۇ ئەپكە بىر قىسىم كىلاسسىك شېئىرلارنى قېتىپ قويساق قانداق بولا ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 20:19
    • ئەلۋەتتە بولىدۇ، بۇ ئەپنى داۋاملىق ئىشلىتىپ بەرسەڭلار، ئۇنىمۇ بىر-بىرلەپ قىلارمىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 21:32
  • مەنمۇ چۈشۈرۋالدىم، نېمىدىگەن ياخشى. ياشاپ كىتىڭ مۇئەللىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 19:34
  • ماقال-تەمسىللەرنىڭ خەنزۇچىسىنى كۆرسىتىپ تۇرسا بولارمۇ؟
    ئىملادا ساقلانغان مەسىلىلەر تۈزىتىلدى، خەت نۇسخىسى ئەلكاتىپ تور نۇسخىسىغا ئۆزگەرتىلدى، 3-قېتىملىق يېڭىلانغان نۇسخىسى V1.0.0.9 بۈگۈن سەھەردە يەنى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى (سەيشەنبە) Windows دۇكىنىدا ئېلان قىلىندى، ھازىرچە ئىنگلىزچە ھالەتتە خەت كىرگۈزۈپ ئىشلىتىپ تۇرۇڭلار، ئەمما مەن Surface تا ئۇيغۇرچە ھالەتتە سىناپ باقسام نورمال تۇرىدۇ، شۇنداقتىمۇ مەن تەكشۈرۈپ باقاي. يەنە بىر تەكلىپ-پىكىر، مۇشۇ ماقال-تەمسىللەرنى مەشق قىلىش جەريانىدا ئاستىدا ئۇنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى كىچىك ھالەتتە كۆرۈنۈپ تۇرسا، قانداق قارايسىلەر؟ بۇنداق بولغاندا خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۇيغۇرچە ماقال-تەمسىللەرنى ئۆگىنىشتە پايدىسى بولامدىكىن دەيمەن؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى am 08:15
    • ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈنمۇ خەن تىلى ئۈگۈنۇشكە پايدىسى بولىدىكەن،ۋە لىكىن ئەمما بىراق ھازىر ئۈگۈنۈش قۇراللىرى كۆپ بولغاندىكىن باشقىلار ئاشۇ قۇراللاردىن پايدىلانسا، ماۋۇ دۇنياغا يۈزلەنگەن تۇنجى ئۇيغۇرچە ئەپ ساپلىقىنى ساقلاپ قالسا دەيمەن،چۈنكى بۇ ئەپنى ئۇيغۇرچە ئۈگەنمەكچى بولغان چەتئەللىكلەرمۇ ئشلىتىشى مومكىن،ئۇلار ئشلەتكەندە ئاستىدىكى خەنچىسنى كۆرۇپ باشقىچە ئويلاپ قالمىسۇن ياكى چۈشۈنەلمەي بىشى قىتىپ قالمىسۇن دەيمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى am 10:32
      • ناھايىتى توغرا چۈشەندۈرۈپسىز، قايىل بولدۇم. چۈنكى بۇنى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى كىشىلەرمۇ ئىشلىتىدۇ، ھازىر چۈشۈرۈش مىقدارى ھەقىقەتەن ياخشى. مىكروسوفتمۇ ھازىر بۇ ئەپنىڭ يېڭى نەشىرلىرىنى 2 سائەت ئىچىدە تەستىقلاپ بېرىدىغان بولدى.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى am 10:41
  • (60)تېرىغان ئوراپ يەر ،تېرىمىغان سوراپ يەر . دەپ يېزىلىپتۇ ، مېنىڭچە ‹ئورۇپ› دەپ ئالسا توغرا بولامدىكى .لىكىن قاپىيە ئۈچۈن ئەسلىدىنلا مۇشۇنداق ئىشلىتىلدىغان بولسا ،ئۆزۈر . يەنە بىر مەسىلە ئادەتتە ماقال-تەمسىللەردە ئىككىنجى جۈملىنىڭ ئاخىرىغا كىلىدىغان پېئىل دېيىلمەيدۇ(يېزىلمايدۇ ) مەسىلەن: بالاڭنى مەكتەپكە بەر، بولمىسا مەشرەپكە (بەر) . يەنە مەسىلەن يۇقىرىدىكى ماقاللاردىن خالىغان بىر مىسال (159) ياخشى ئادەم ئېشىنى يەر، يامان ئادەم بېشىنى. مۇشۇ مەسلىلەرنى بايقىدىم . لىكىن باشقىلارنىڭ ئەمگىكىدىن قۇسۇر تېپىش ئەجەپ سەت ئىشكەن ……….

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 21:27
    • ئىملادا ئېغىر مەسىلە بار ئىكەن دېسە، مەن تېخى يېرىمدىن ئارتۇق ماقال-تەمسىللەردە خاتالىق بار ئوخشايدۇ دەپتىمەن. 168 ماقال-تەمسىل ئىچىدە تالاش-تارتىش بار ماقال-تەمسىل 10 غا بارمايدىغان ئوخشايدۇ،

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى am 08:15
      • مېنىڭ بۇ خىزمىتىڭىزدىن ئەڭ رازى بولغان ۋە ئەڭ قول قويغان يېرىم تۇنجى بولۇپ ئىشلەنگەن ئەپ ئۇيغۇرچە قول كۆندۈرۈش مەشقى بولغىنى، شۇنداق ئويلاپ كەتتىم لىكىن بۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن ئىشلىنىشكە لايىق ئەپ تاپاممىدىم ئاللاھ خالىسا بۇ ئۇيغۇرچە ئەپلەر ئىچىدىكى ئەڭ كىلاسسىك ئەپ بولۇپ قالغۇسى .

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 20:10
  • بۇ يىڭى ئەپ چۈشتىن بۇرۇن تورغا چىقسام بار ئىدى،ئەمدى ھىچ كۆرۇنمەيدىغۇ. دۇككاندىن چاتاق چىقمىغاندۇ ھە،

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 19:36
    • باغۇر، «مائارىپ» سەھپىسىگە كىرىپ، «ئەڭ ئاۋات» ئەپلەر سەھىپىسىگە كىرىڭ ياكى «ئەڭ يېڭىلىرى»غا كىرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 20:19