كۆڭۈلدىكى سۆز: ئۈمىد ۋە غايە
[ تاغدىن-باغدىن ]2013-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى (پەيشەنبە) سۈرەتكە ئېلىنغان «ئۈمىد ۋە غايە» تېمىسىدىكى «كۆڭۈلدىكى سۆز» پىروگراممىسىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ، بۇ پىروگراممىدا ئۆتكۈر ئەركىننىڭ نەتىنجىلىرى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، يۇمشاق دېتالغا قىزىقىدىغانلارنىڭ بۇ يەردىن كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.
http://www.xjtvs.com.cn/uyghur/video/zblm/a/e/2013-6-4/1370315611250.shtml
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 15,817 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 06-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:36
- ئالدىنقى يازما :25-ماي سەھەردە مەن بىلەن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان رادىيو سۆھبىتى
- كېيىنكى يازما :3-قارارلىق تەربىيەلەشتە مەن دەرسنى قانداق ئۆتتۈم؟
تېخىمۇ كۆپ
104 پارچە باھا يېزىلدى
http://www.windowsazure.cn/zh-cn/pricing/free-trial/
azureچىقىپتۇ.
ئالىم مۇئەللىم كۈندە ئىشخاندىن چىقماي ئىشلەۋىرىپ بەك چارچاپسىز جۈمۇ، بۇرۇن كۆرگەندىن بەك جۆدەپ قاپسىز. كۈندە يېرىم سائەت قۇياشقا قاراشنى ئۈنۈتمىغايسىز! ئويغۇر تېل يىزىقىمىز توغۇرلۇق ياخشى خوش خەۋەرلەر ئۈزەلمەي كىلىۋاتىدۇ. كەلگۈسىدە تەرجىمان كەتمىگىدەك ! ھەرقانداق مىللەت ئىلىكتىرونلۇق ئۈسكىنىنىڭ ياردىمىدە ئۆز-ئارا توسالغۇسىز پىكىر ئالماشتۇرالىغىدەك ئەمەسمۇ !
ئۇ چاغدا جاپا تارتىپ تىل ئۈگۈنۈشنىڭمۇ ھاجىتى قالمايدۇ دە.
ئاناتىل ئەمەس چەتئەل تىلى ئۆگىنىشكە كىرك قالمايدۇ.
كەچۈرگەيسىز مەن خاتا كۆرۋاپتىمەن.
مەن تېخى مىكروسوفتتىكى خادىملارغا ئۇيغۇرئېلىپبەسىدىن ئا ھەرىپىنى ئۆتۈپ چۈشەپتىمەن…
ئۇلار ئېھتىياجلىق بولسا، 15 كۈندە ھەرىپلەرنى تونۇتۇپ، ئوقۇش، يېزىشنى ئۆگىتىپ قوياتتىم.
ئۇيغۇرتىلى ئوقۇتقۇچىسى لازىم بوپ قالسا، ئالىم مۇئەللىم ئاقسۇغا ۋاچچىدە تېلفون قىلىۋېتەرسىز ھە..
ياخشى چۈش كۆرۇپسىز،چۈشىڭز تىزراق ئەمەلگە ئاشقۇسى.
ئالىم ئەپەندى ئىشلىرنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشنى ،ئۈمىد قېرىندىشىمىزنىڭ ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بۇلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەگەر پروگرامما يازىدىغان ئۇيغۇرچە تىل بارلىققا كەلسە نىمىدەپ ئاتىساق بولار؟
مەنغۇ مۇشۇ «كود» دېگەن خەتنى «تىزىق» دەپ ئالسا بولىدىكەن دەپ ئويلاپ يۇرگەن، چۇنكى ئۇ كودلار مارجاندەك تىزلىپ چىقىدۇ ئەمەسمۇ.شۇڭا ئۇ يىڭى تىلنى «مارجان» دەپ ئالسا قانداق بولار.(ھازىرچە بەڭگىنىڭ خيالىنى قىلىپ ئولتۇردۇقمۇ قانداق.)
مەنلا ئەمەسكەنمەنغۇ پىروگرامما يازىدىغان ئۇيغۇرچە تىلنىڭ چىقىشىنى چۈشەيدىغان .
توغرا بىز تىرىشايلى ! جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى بارلىق قېرىنداشلىرىمىز كونا مەشغۇلات سېسۋتىمىسىنى تاشلاش ئۈچۈن چوقۇم يېڭى مەشغۇلات سېستىمىسىنى چۈشىنىشى ئىشلىتەلىشى كېرەك شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز تەشۋىقاتنى قانچىلىك كۈچىمىز يەتسە شۇنچىلىك توختىماي، پايدا چىقمىدى دېمەي خالىس قىلىۋېرەيلى ! بەلكىم تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىمۇ شۇنداق قىلىپ قالار.
بەلكىم ۋاقىت سەۋەبلىك كىسىۋەتكەندۇ،ئادەتتە زىيارەت قىلسا 2 سائەت ئەتىراپىدا زىيارەت قىلىپ،مەزمۇننى تاللاپ كىسىۋالدىغان.
ھازىر قانداقكىن بىلمەيمەن،بىر چاغلاردا خەۋەرلەردە پۇستاننىڭ ئۆگزىسىگە كالا چىقىۋالدى يەي،ئىشقىلىپ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تۇتاتمى يوق،خەۋەرنى بېردىدىكەندۇق.
يۇرتقا بارسام Windows 8 نى كۆپىنچە قېرىنداشلىرىمىز قۇبۇل قىلالمايدىغان ئىش باركەن،گەپنىڭ قىسقى ئۇقمايدىكەن،ھەم ئۇققانلرى قاچلاشقا قىزىقمايدىكەن،چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا Vista نىڭ كومپيۇتېرغا قويغان تەلپى بەك يۇقىرى ئىدى،كومپيۇتېرىمنىڭ سەپلىمىسى ھاججىتىدىن چىقالمايدۇ دەپ قارايدىكەن.يەنە بەزىلىرى Windows XP نىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمىغانلارمۇ ئاز ئەمەس.
ئۇلار ھازىر خەۋەر قىلسىمۇ ئۈلگىرەتتى،كىيىن Office نىڭ ئۇيغۇرچىسى چىققاندا خەۋەر قىلماقچى بولسا كىچىككەن بۇلۇپ ،كونا خەۋەرنى خەۋەر قىلغان بۇلىدۇدە.
يا چەتئەلدىكىدەك تاراتقۇلارنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇپ بەرگەن بولسا.پەچەت بولاتتى.(ئاقمايدىغان گەپتىن بىرنى قىلدىمدە).
Windows 8 نى تەشۋىق قىلىپمۇ قالار.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم
windows8 توغۇرلۇق شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىمۇ پروگرامما ئورۇنلاشتۇرۇپ قالار. بەلكىم تەرتىپنىڭ جىقلىقىدا قايسىسىنى چىقىرىشنى بىلمەيۋاتقان ئوخشايدۇ. ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەرتىپ بۇيىچە قىلىشى كېرەكتە ئۇلارمۇ.
ئەمما كۆپچىلىك بىز ئامما ئەڭ ياخشى تەشۋىقات ھەممىمىز windows8 ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرساق، باشقىلارغا ئۆگەتسەك بىلىدىغانلار، تەشۋىقات قىلساق، ئۈندىدار، چ چ ، ھەرقايسى بلوگ توربەتلەردە تەسۋىقات قىلىۋەرسەك چوقۇم تېز ئومۇملىشىدۇ.
شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى نىمىشقاwindows8نىڭ تەشۋىقاتىغا
كۆڭۇل بۆلمەيدۇ ….چوقۇم بىر سەۋەبى بارمۇ قانداق ……..ئۇلار بەزىدە تىما تاپالمامدۇ قانداق ھىچ قانداق تەشۋىق قىلىش ئەھمىيىتى يوق تىمىلارنى تەشۋىق قىلىدۇ
ئۇلار بەك خۈش بوپ كەتمىدى.
windows8 غا ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلىسام نىمىشقا مۇشۇ بىلوگقا ئوخشاش خەتلىرى چىرايلىق چىقمايدۇ مۇئەللىم ؟
كېسىۋېتىپتۇ…دېگەن گەپ سەل كۆڭلۈمنى بىئارام قىلىپ قويدى.windows 8 توغرۇلۇق يەنىلا خوش خەۋەرلەر كۆپ بولۇۋاتىدۇ،windows 7نىڭمۇ مۇلازىمەتلىرىنى توختۇتۇپ «كۆڭۈلدىكى سۆز»دىكىلەرمۇ windows8 گە مەجبۇرلانغاندا،شۇ كېسىۋەتكەنلىرى ئېسىگە كېلىپمۇ قالار…
بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن كېيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ كىتىپتۇ دېگەن گەپ ھەرقانچە ئورۇنلۇق بولۇپ كەتسىمۇ،ئالىم مۇئەللىمگە ئوخشاش ئۇستازلىرىمىزنىڭ بىزگە شۇ مۈڭگۈز چىقىرىش ئۈچۈن جاپالىق ئەجىز-مېھنىتى بەدىلىگە يارىتىپ بەرگەن نەتىجىلىرىگە ھەرگىزمۇ كۆز يۇمۇشقا بولمايتتى… مىللىتىمىز ئارىسىدا كومپيوتېر دېگەن نەرسىنى ئۇمۇملاشتۇرۇشتا ئالىم مۇئەللىمگە ئوخشاش تۆھپىكارلاردىن ئىككىنچى بىرىنى ساناپ بېرەلمەيمەن…شەخسەن ئۆزۈممۇ بۇ ئۇقۇمنى تۇنجى بولۇپ تېلىۋىزوردا مۇئەللىمنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان… ئارتۇق گەپنىڭ ھاجىتىمۇ يوق. بىز ئۈچۈن قىلغانلىرىڭىز ھەرگىزمۇ يەردە قالمايدۇ مۇئەللىم، تېنىڭىز سالامەت،كۈنلىرىڭىز خاتىرجەم بولغاي…
دىمىسىمۇ بۇ سۆھبەتنى بەكلا قسىقارتىۋېتىپتۇ . ئۆتكۈرگە قائىل بولدۇم ، ئاۋۇ ئەقلىلەشكەن شىنجاڭ پىلانى بەك قالتىسكەن ، مەن 2يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ئاشخانىدا ئىشلىگەن ۋاقتىمدا ئەقلىلەشكەن ئاشخانا تەسەۋۋۇرىنى قىلىپ باققان ، ئۆتكۈر بولسا ئەقلى دۇنيا قۇرۇشنى ئويلاپ يىتىپتۇ … ( يۈرەك دىگەن با يەدە بارئىكەن )
بۇ ماختتاش سۆزلىرىن سىرىت مىنىڭ ئۇزۇندىن بىرى ئالىم مۇئەللىم ۋە باشقا ئۇستازلارغا ۋە باشقا پىروگراممېىلار ۋە ئۆگەنگۈچىلەرگە دەيدىغان بىر گېپىم بارئىدى ، يەنى ئۆزۈم مۇشۇ يۇمشاق دىتال تۈزۈشكە بەك قىززىقىمەن ، ھازىرغىچە ئۆزۈم ئۇچراشقان ۋە ئۆگىنىپ باققان پىروگگىرامما تىللىرىنىڭ ھەممىسى ئىنگىلىزچە بولغانلىقتىن بۇلانى ئۆگىنىشىم بەكلا تەسكە چۈشىۋاتىدۇ ، خەنلەر «ئى تىلى» دەيدىغان پىروگرامما تىلىنى ئىجاد قىلىپ چىقىپتۇ ، قارىسام مەن ئۇيغۇرتىلىدىن قالسىلا خەنزۇچىنى ياخشى بىلىدىكەنمەن شۇڭا مۇشۇنى ئۆگىنىشنى باشلىغان تىزلا چۈشىنىۋالدىم ، ( ئىنگلىزتىلنىغۇ چۇقۇم ئۆگىنىمەن ) شۇڭا ئويلاپ قالدىم ئەگەر مۇشۇنداق ئۇيغۇرچە بۇيرۇق يېزىپ دىتال تۈزۈشكە بۇلىدىغان پىروگرامما تىلى بولغان بولسا بىزدەك ئېنگلىزتىلى بىلمەيدىغانلارغا بەك ياخشى بۇلاركەن .دىمەكچى بولغىنىم كۆپچىلىك مۇشۇ ھەقتە بىر ئويلىنىپ باقسا كاللسغا يىڭى خىياللار كىلىپ قېلىشى ئەجەپ ئەمەس دەپ بۇ ئىنكاسىمنى يوللىدىم .بولسا ئالىم مۇئەللىم مۇشۇنداق بىر پىروگرامما تىلىنى ياساپ بەگەن بولسا ( ئالىم مۇئەللىمنىڭ قىلىدىغان ئىشىنىڭ كۆپلىكىنى بىلىمەن شۇڭا بۇچاقچاق )
پىروگرامما تىلىنى ئۈگىنىش سىزدىن چوقۇم ئىنگلىزتىلىنى ئۈگىنىشنى تەلەپ قىلمايدۇ.پەقەت بىلسىڭىز تىخىمۇ ياخشى بولىدۇ خالاس .
پروگرامما تىلىدا مۇقىم بولغان ھالقىلىق سۆزلەر بار . شۇلارنى ياخشى ئىگەللەش بىلەن ياخشى بولغان ئىددىيەنى شەكىللەندۈرەلىسىڭىزلا شۇ يىتەرلىك ! ھىلىقى ئى تىلى دىگەنلەرنى ئۈگىنىپ يۈرمەي javaدىگەندەك ئاتاقلىق تىللارنى ئۈگىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن . دەسلىپىدە تىل مەسىلىسىنى قايرىپ قويسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ، خۇددى ماتىماتىكىدىكى قورمۇلاغا ئوخشاش دەپ شۈشىنىپ ئۈگىنىپ تۇرسىڭىزمۇ تامامەن بولىدۇ!
بىر پروگرامما تىلىنى ئىجاد قىلىش ئۇنداق ئاددى ئىش ئەمەس. پىروگرامما يىزىش بىلەن بىر قاتاردا كۆرۈشكە تىخىمۇ بولمايدۇ .
ئالايلۇق : بىز پروگرامما يازغاندا a=12,b=13 c=a+b دەپ يازساق cئۆزلىكىدىن 15بولۇپ قالىدۇ. نىمە ئۈچۈن؟ چۈنكى پىروگرامما تىلى بىز ئۈچۈن بۇلارنى تەييار ھەل قىلىپ بەرگەن.
بىر پىروگرامما تىلىنى ئىجاد قىلىش ئۈچۈن 汇编语言,机器语言 دىگەندەك قاتتىق دىتال بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلالايدىغان تىللار ئارقىلىق ئىجاد قىلماقچى بولغان تىلغا ۋاستىچى قىلىمىز .
كومپيۇتىر كەسپىدە ئوقۇپ باققانلار بىلىدۇ ،ئاددىسى، ئىككى دانە ئىككىلىك ساننى قوشۇشمۇ ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس.
بىزنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتىمىدا ئۇنى قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ .
ھەم ئۇنداق قىلىشنىڭمۇ قىلچە ئەھمىيىتى يوق . بىز تەييار ئىجاد قىلىنىپ قويۇلغان يۇقىرى دەرىجىدىكى تىللاردىن پايدىلىنىپ قانچىلىك چوڭ نەرسىلەرنى ياساپ كىتىپتۇق؟!
بۇلارنى ئويلايلى ، پىكىر قىلغاندا ئەمەلىيەتچىلرەك بولمىساق بولمايدۇ.
تولا ئۆزىمىزگە ‹ئىنگلىزتىلى بىلمەيمەن›دەپ باھانە تاپماي تىرىشىپ ئۈگەنسەك پىروگرامما بىزدىن ئۇنچە يۇقىرى ئىنىگلىزتىلى سەۋىيىسىنى تەلەپ قىلمايدۇ .
c=25دىمەكچى ئىدىم ، 15 دەپ خاتا يىزىۋاپتىمەن.
مىنى كومپىيۇتېر كەسپىدە ئەمەسكە چىقىرۋەتتىڭىزغۇ ئەمدى ، ئاشخانىدا ئىشلىدىم دىسەم ئاشپەز دەپ قالغان ئوخشايسىلە (چاقچاق ھە! ) بىر يىل بولاي دىدى تور كەسپىدە ئوقۇۋاتىمەن، ئىلگىرى ئىنگلىزتىلىغا ئانچە قىزىقماپتىكەنمەن شۇڭىمىكىن ( ئۆگىنىشنى باشلىۋەتكىلىمىغۇ خېلە بولدى لىكىن سىلەرگە ھەرگىز يەتمەيمەن ) دەسلەپ پىروگرامما تىللىرنى ئۆگەنگەن چاغلىرىمدا ( سى تىلى، asp,php ,#c تىللىرنى ئۆگەنگەن ) شۇنداق قىينالغانلىرىم ئىسىمدە شۇڭا يۇقۇردىكى تېمىنى يوللغان ، بەك جېق گەپ قىلماي بۇ بەتنى توشقىزۋەتمەيدەپ بەزى مەقسەتلىرىمنى تۇلۇق يازماي قالغان ئوخشايمەن .
سىزنىڭ پىكىر قىلغاندا ئەمىليەتچىل بولساق دىگەن گېپىڭىزنى ۋە بۇنداق قىلىشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق دىگنىڭىزگە مەن قاتتىق نارازى بولدۇم ، بۇنداق غايىبانە خىيالىڭنى ئۆيۈڭدە ئولتۇرۇپ قىل بۇ بىلوگ قارشى ئالمايدۇ دىسىڭز بۇلىدۇ مەن پىكىر قىلماي . يەنە بىرسى بۇنداق قىلىشنىڭ راستىنلا ھاجىتى يوقمىدۇ ؟ ھازىرقى تەرەققىياتىمىزدا ئۇمى قىلىش راسلا مۇمكىن ئەمەسمۇ؟ بۇنىڭغا مىنىڭ يەنە ئارتۇق گەپ قىلىپ ئابلىكىم ئەپەندىنى سەپرا قىلغۇن يوق ، ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئەتە ئويغانغاندا بۇلاغا ھەر ئىككىلىمىز قايىل بولدىغان جاۋاپ قالدۇرۇپ قۇيۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
ئىككىمىزنىڭ كۆزقارشى خىلى ئوخشاشكەن، مىنىڭ بىر ئارزۇيۇم مۇشۇ كومپىيوتېر ساھەسىدە ئۇيغۇر تىلىنى ھىچقانداق باشقا تىلغا يىلىنماي ئۆزئالدىغا مۇككەممەل ئىشلەيدىغان قىلىش ئىدى.
بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇچۇن شۇ كومپىيوتېر ساھەسىنىڭ ئاساسى بولغان پروگىرامما يىزشتىن باشلاش كىرەك،يەنى پروگىراممىنى ئۇيغۇرچە يىزش كىرەك.
مەن «ئاقيول»تور خاتىرسىدە كۆردۇمغۇ دەيمەن ئەرەپلىك بىر مۇئەللىم ئەرەپ تىلىدا پىروگىرامما يىزشقا تىرىشۋىتپتۇ،بىراق كۆپ قىيىنچىلىققا ئۇچۇراپتۇ.
باشتا چىققاندا ھەممە نەرسە مۇكەممەل بولمايدۇ،لىكىن ياشلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا سوغاق سۇ سەپسەك بولمايدۇ،دېتاللارنى مەنمۇ ئىشلىتىپ باقتىم.ھەقىقەتەن مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىگىشلىك يەرلىرى بار ئىكەن. سۆھبەتتە يانفون مەشقۇلات سېستىمىسى توغرۇلۇق تۈزۈك پاراڭ بولماپتۇ.يەنە بىر جەھەتتىن ئېيىتقاندا،بۇ سۆھبەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا قاراپ windows8نىڭ ئۇيغۇرچىنى يىلتىزدىن قوللىغىنىدەك بۆيۈك ئىشلارنىڭ تەشۋىقاتى ئاز بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلدىم.
شۇنداق بۇنى ئالقىشلاشقا تېگىشلىك، ئاساسىي تەشۋىقات ئۆتكۈرنىڭ ئىش ئىزلىرى بولغاچقا، مەن ياندىن ئىلھام ۋە باھا بەردىم، گەرچە windows8 نىڭ گەپلىرى دېيىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنى كېسىۋېتىپتۇ. ھېچقىسى يوق.
رىياسەتچى بەك بىلەرمەن بولۇپ كەتسە سەت تۇرىدىكەن،ئالدىدا ئولتۇرغان ئادەمنىىڭ كىملكىنى ئوبدان بىلمەيدىغان ئوخشايدۇ.ئەجەپ ئاچچىغىم كەلدى…..ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئالدىدىمۇ ئاتكاچىلىق قىلامدۇ دەيمەن؟؟؟ئەستەغپۇرۇللا
رىياسەتچى بەك بىلەرمەن بولۇپ كەتسە سەت تۇرىدىكەن،ئالدىدا ئولتۇرغان ئادەمنىىڭ كىملكىنى ئوبدان بىلمەيدىغان ئوخشايدۇ.ئەجەپ ئاچچىغىم كەلدى…..ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئالدىدىمۇ ئاتكاچىلىق قىلامدۇ دەيمەن؟؟؟
ئۈمۈت غەنى قاتتىق تىرىشچانلىق بىلەن ھازىرقىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى،خېلى يىللار بۇرۇن قەتئى كۆرگۈم كەلمەيتتى،ھازىر كۆپلا ياخشى بوپ قالدى.بۇرۇن چوڭ كىچىك دىمەي گىپىنى بۆلۈپ،قولاشمىغان چاقچاقلار،بىراۋ بىر پاتمان سۆز قىلسا بىر ئېغىزمۇ باھا ياكى جايىدا ھېممىتىنى بىلدۈرمەيلا ئىككىنجى ئادەمدىن سوئال سوراپ چۈشەتتى(يا تەھرىرلىگەندە كىسىۋەتتىمۇ بىلمىدىم)، ئوقۇغۇچىلار سوئالغا جاۋاپ بەرسىمۇ مۇئەللىم بولغان ئادەم لايىقىدا باھا بېرىدىغۇ؟
مۇشۇ نەچچە يىلدا تۇيۇقسىز ئوڭشۇلۇپ قالدى،تەپەككۈر،پىكىر قىلىش،ئانالىز،گەپ-سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى جەھەتتىمۇ كىشىنى قايىل قىلارلىق سۆزلەيدىغان بولدى، بەك خوش بولدۇم، كىيىنچە تېخىمۇ ياخشىلىنىپ كىتىشىگە ئىشىنىمەن.(بۇ يەردە ئۇ ئاداشنىڭ غەيۋىتىگە چۈشۈپ كەتتىمغۇ ئەمدى)