ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ بۆسۈش خاراكتېرلىك شۆھرەت قازاندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ بۆسۈش خاراكتېرلىك شۆھرەت قازاندى

[ تاغدىن-باغدىن ]

مېدىتسىنادىكى زور بۆسۈش
Shoukhrat Mitalipov Lab

ئامېرىكا ئورېگون دۆلەتلىك ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار تەتقىقات مەركىزى(ONPRC)دىكى دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ باشچىلىقىدىكى خادىملار ئادەم تېرىسىدىن تۆرەلمە غول ھۈجەيرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى، باشقا ئالىملارنىڭ قارىشىچە بۇ تارىختىن بۇيان تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ، ئىنسانلار مېدىتسىنا تارىخىدىكى زور بۆسۈش ھېسابلىنىدىكەن. بۇ تېخنىكا ئارقىلىق ئادەملەرنىڭ ئەزالىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدىكەن.

干细胞 stem cells: غول ھۈجەيرە ئۆزىنى كۆچۈرۈش (self-renewing) ئىقتىدارىغا ئىگە يوشۇرۇن ئىقتىدارى زور ھۈجەيرىدۇر. غول ھۈجەيرىنىڭ يېتىلىش جەريانى تۆرەلمە غول ھۈجەيرە (胚胎干细胞 embryonic stem cell) ۋە يېتىلگەن غول ھۈجەيرە (成体干细胞 Adult Stem Cell) دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ.

ئادەم بەدىنىدىكى غول ھۈجەيرە ئىككى خىل بولۇپ، بىرى پۈتۈن ئىقتىدارلىق غول ھۈجەيرە بولۇپ ئادەمنى كىلونلاشقا بولىدۇ، يەنە بىرى كۆپ ئىقتىدارلىق غول ھۈجەيرە بولۇپ، ئادەملەرنىڭ ئەزالىرىنى يېتىلدۈرۈشكە، كۆچۈرۈشكە ۋە زەخمىلەنگەن ئەزلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.

2008-يىلى 9-ئايدا دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كەلگەندە، مەن ئۇ ئاكىمىز بىلەن پاراڭلاشقاندا ماڭا ئاددىي قىلىپ مۇنداق چۈشەندۈرۈپ بەرگەن ئىدى، مانا بۈگۈن ئۇنىڭ نەتىجىسى چىقىپتۇ. يەنى ئۇ ئاكىمىز ماڭا مۇنداق چۈشەندۈرگەن ئىدى، ناۋادا يۈرىكىڭىزدىن چاتاق چىقسا، تېرىڭىزىن ھۈجەيرە ئېلىپ، ئۇنى تەجرىبەخانىدا يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، كاردىن چىقاي دېگەن يۈرىكىڭىزنى ئېلىۋېتىپ، ئۆزىڭىزگە %100 ماس كېلىدىغان يۈرەكنى سېلىپ داۋالاشقا بولىدۇ. كىم ماڭا يۈرەك سوۋغا قىلاركىن دەپ ساقلاپ ئولتۇرمايسىز دېگەن ئىدى.

ئىنگلىزچە خەۋەرلەر:
Embryonic stem cells: Advance in medical human cloning
تۆرەلمە غول ھۈجەيرە: مېدىتسىنادا ئىنسانلارنى كىلونلاشتا ئىلگىرلەش بولدى
http://www.bbc.co.uk/news/health-22540374

شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تور ئادرېسى:
http://www.ohsu.edu/xd/research/centers-institutes/stem-cell-center/mitalipov-lab/index.cfm
=============================
ئىسمى: شۆھرەت مۇتەللىپ
خەنزۇچە: 舒克拉特·米塔利波夫
ئىنگلىزچە: Shoukhrat Mitalipov

1961-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ئالمۇتا شەھىرىدىكى غالجات ئۇيغۇرلار مەھەللىسدە تۇغۇلغان. 1989-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە موسكىۋا تېببىي ئىرسىيەت ئىلىمى تەتقىقات مەركىزىدە دوكتۇرلۇق ئوقۇپ، ئىرسىيەتشۇناسلىق يۆنىلىشى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. 1993-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە موسكىۋا تېببىي ئىرسىيەت ئىلىمى تەتقىقات مەركىزىدە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1995-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە ئامېرىكا ئۇتا ئۇنىۋېرسىتېتى ھايۋانات، مال دوختۇرلۇق ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى بۆلۈمىدە دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچى بولۇپ خىزمەت قىلغان.

1998-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە ئورىگون شىتاتى ساغلاملىق ۋە ئىلىم-پەن ئۇنىۋېرسىتېتى، ئورىگون شىتاتى دۆلەتلىك پىرىماتلار تۈرىدىكى (يەنە ئومۇرتقىلىق) ھايۋاناتلار يادرو كۆچۈرۈش ۋە غول ھۈجەيرە تەتقىقات مەركىزىدە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
66 پارچە باھا يېزىلدى
  • خېلى كۈنلەر بولدى مەن مۇشۇ خەۋەرنى ھەر قايسى تور بېكەتلەردىن ئىزدەپ سۇراپ دېگەندەك تەپسىلىي كۆرىۋاتىمەن
    تېرە غول ھۈجەيرىسىدىن تۇقۇلما -ئەزالارنى يېتىشتۈرۈش ئەمەلگە ئاشسا ئەزا ئالماشتۇرۇش ، يىلىك ، قان ئالماشتۇرۇش دېگەنلەر ئادەتتىكى ئىشلارغا ئايلىنىدۇ دېگەن گەپ ، شۆھرەت ئەپەندىنىڭ مۇۋاپىقيىەت قازنىشىغا تىلەكداشمەن

    ھە راس ئالىم مۇئەللىم ، 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا مىكروسوفىتWindows8.1 نى ئېلان قىلىدىكەن دېگەن خەۋەرلەر كۆپيىپ قېلىۋاتىدۇ ، Windows8.1 دە ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى سەل چىرايلىقلاشتۇرىلامۇ ؟؟ مۇشۇ ھەقتە ئازراق گەپنىڭ ئۇچىنى چىقىرىپ قويغان بولسىڭىز . مەن قارىسام باشقا مۇنبەرلەردە خەت نۇسخىسىنى چىرايلىقلاشتۇردىغان ئۇسۇل دەپ ھەر خىل خەت نۇسخىلرىنى تەمىنلەپتۇ ، بۇنى ئىشلەتكەن ياخشىمۇ يە ؟؟ مەنغۇ سېستىمىنىڭ خەت نۇسخىسى دېگەندەك ھۆججەتلىرىگە قېيشىپ باقمىغان . ھازىرقسىمۇ شۇنداق ياخشىكەن ، بىر ئوبدانلا كۆنۈپ قالدۇق مانا ، لېكىن مۇشۇ قېتىملىق چوڭ كۆلەملىك نەشىرنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە خەت نۇسخىلىرى تېخىمۇ كۆركەم بوپكەتكەن بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 20:01
    • مەن بىلگىنىمچە دەپ باقاي.ئالىم مۇئەللىمنىڭ Microsoft نىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەھدە بار،بەزى ئىشلارنى ئالىم مۇئەللىم ئاشكارلىسا بولمايدۇ.
      مېنىڭچە مۇنبەرلەردىكى خەتنى چىرايلىقلاشتۇرىدىغان نەرسىلەرنى ئىشلەتمىگەن ياخشى. ھازىرقى خەت نۇسخىسىمۇ ياخشى.خەت نۇسخىسىنى سىلىق،چىرايلىق قىلىش بىزنىڭ ئىشىمىز، باشقا تىللارمۇ ئوخشاش.ئالىم ئۆتكەندە خەت نۇسخىسىنىڭ ئىشى 2011-يىلىلا بىكىتىپ بولغان دېگەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى am 06:08
      • شۇنداق، ناھايىتى توغرا جاۋاب بېرىپسىز، بۇ پەقەت 8.0 دىن 8.1 گە يېڭىلىنىش بولغاچقا، چوڭ ئۆزگىرىش يوق.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى am 07:51
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇئەللىم ! ئەسسالامۇئەلەيكۇم كۆپچىلىك !
    ھەقىقەتەن خۇش بولدۇم. بەك پەخىرلىنەرلىك ئىش بوپتۇ.

    مۇشۇ پۇرسەتتە بىر قانچە تۈرلۈك ئىشلارنى قېرىنداشلارغا تەۋسىيە قىلغۇم كەلدى.

    1. ھەركۈنى كەشتە بەدەن چېنىقتۇرۇش ئېلىپ بېرىش
    2. ھەركۈنى سەھەردە ئۇچۇق ھاۋادا بالدۇر تۇرۇپ يىنىك تەنھەرىكەت قىلغاش دەرس ئۆگىنىش
    3. ياخشى بولغان جۇشقۇن مۇزىكىلارنى كۆپرەك ئاڭلاپ بېرىش
    4. بەدەن ئۇۋىلىتىشقا ئەھمىيەت بېرىش
    5. ئۈچ ۋاق تاماققا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ناشتىنى ياخشى قىلىش، ۋاقتىدا قىلىش
    6. ھەركۈنى بىر قېتىم كۆز گىمناستىكىسى ۋە بەدەن گىمناستىكىسى ئويناش

    كومپيۇتېر كەسپى، بۇلۇپمۇ مۇشۇ پروگرامما كەسپى بىلەن شۇغۇللانغانلار دېققەت قىلمىسا ھەرخىل ئۆسمە ئۇستىخان، گىمىروي، كۆز ئاجىزلىق، ئىممونېت تۆۋەنلەش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە كۆپ ئۇچرايدۇ. شۇڭا قېرىنداشلار يۇقارقى ئىشلارغا ئەمەل قىلساق، ئىزچىل قىلساق بۇنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز.

    ئالىم مۇئەللىم سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراڭ ! يۇقارقى ئىشلارنى بۇلۇپمۇ سىزگە بەكرەك تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى سىز بەك ئالدىراش…….

    ھەممىڭلارغا رەھمەت !

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى am 08:45
    • رەھمەت، بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتتى. ئادەتتە ھەر ئىككى يىلدا بىزنى بىر قېتىم تەكشۈرتۇپ تۇرىدۇ، ھازىرچە سىز دېگەندەك مەسىلىلەر يوق ئىكەن، شۈكرى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى am 11:13
      • ئالىم مۇئەللىم سالامەتلىك مەسىلىسىدە بەك چىڭ دەيمەن.ئۆتكەندە قىزىل بايراقتا ئالدىراش كېتىۋاتسام ئالىم مۇئەللىم تورنىك تارتقىلى تۇرۇپتىكەن. -ۋوي! ئالىم مۇئەللىم، ھەجەپ كېچىدە تورنىڭ تارتىپ قاپسىزغۇ دېسەم، ئۇكام بايام بىلوگىمدىكى چاشقان 100 سوملۇق خىرۇم ئايىغىمنى غاجاپ تۆشۈك قىلىپ قويۇپتىكەن، كۆڭلۈم يېرىم ئالبەنى يېگەچ تورنىڭ تارتتىم دېگۈدەك،بەك قىززىق-ھە.(كۆزنىڭ قۇيرۇقىدا سەت كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 14:11
  • بۇ خۇشخەۋەرنى ئەجەپ كۆرۇپتىمەن دىسە.
    ھەرقايسى ساھەلەردە قىتىرقىنىپ ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 19:49
  • ئالىملار ئالىملارنىڭ نەتىجىسىدىن خوش بولىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 13:31
  • بۇ ئالىمنىڭ گۇرۇپىسىدا يەنە بىر ئۇيغۇر ئالىمىمۇ باركەن ئىسمى ئالىمجان پۇلات
    Masahito Tachibana, Paula Amato, Michelle Sparman, Nuria Marti Gutierrez, Rebecca Tippner-Hedges, Hong Ma, Eunju Kang, Alimujiang Fulati, Hyo-Sang Lee, Hathaitip Sritanaudomchai, Keith Masterson, Janine Larson, Deborah Eaton, Karen Sadler-Fredd, David Battaglia, David Lee, Diana Wu, Jeffrey Jensen, Phillip Patton, Sumita Gokhale, Richard L. Stouffer, Don Wolf, Shoukhrat Mitalipov

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى am 10:37
  • ئالىم مەلىمنىڭ ئۇچۇر سەرگۈرلۈكى بەك سەت تېزكەن، بۇ خەۋەرنى تۇنجى بولۇپ ئېلان قىلدى، مەنمۇ تۇنجى بولۇپ بۇ يەردە كۆردۈم، قارىغاندا ئەڭ پايدىلىق، ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى مۇشۇ يەردىن كۆرسەك بولغۇدەك، چۈنكى بۇ يەرگە ماز مەزمۇنلار چىقىرىلمايدىكەن، ئەمەمسم…

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى am 10:21
    • بەك تىز دىگىلى بولمايدۇ،ناھايىتى كەمدىن كەم خەۋەر چىقىرىدۇ ئەمەسمۇ……ھى ھى ھى ……

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 21:25
  • بۇلسا مۇشۇ ئاكىمىز يەنە بىر كەلسە !!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى am 10:03
  • ھەقىقەتەن قالتىس بۇسۈش !مۇشۇ خەۋەرنىن تۇنجى قىتىم كۈرگەندە كۈزۈمگە ياش كەلگەندتى !!قارىسام سۇمۇرۇغ تورىدا «ئامىرىكىلق ئۇيغۇر» دەپتىكەن شۇھاماتلا تەڭسۈن مىكرو بىلوگىمغا يۇللىۋەتتم!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى am 10:02
    • قازاقىستاندىكى ئۇيغۇردۇ؟ ئېنگىلىزچە مەنبەلەردە قازاقىستانلىق ئۇيغۇر دەپ ئېلىنىپتۇ، ئالىمىمىزنىڭ ئاتا ئانىسىمۇ قازاقىستاندا ئىكەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 13:32
  • كىلون تېخنىكىسى بولسا جىنىسسىز كۆپىيشكە تەۋە. ئىسلام دۇنياسى ئادەم كىلونلاشقا بىردەك قارشى، نېمە ئۈچۈن دېگەندە كىلون تېخنىكى جىنىسسىز كۆپىيشكە تەۋە، لېكىن ئادەم جىنىسلىق كۆپيشى كېرەك.مېنىڭچە ئادەم كىلونلاپ مۇۋاپىقىيەت قازىنىش بەك تەس ياكى زىنھار مۇمكىن ئەمەس.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى am 09:55
    • ئادەم كىلونلاشقا قارىتا خەلقارادىمۇ چەكلىمە قۇيۇلغان ، بۇ تېخنىكا گەرچە ئادەم كىلونلاشنىڭ ئاساسى بولسىمۇ ، لىكىن شۆھرەت ئاكىمىزنىڭ قىلماقچى بولغىنى ئادەم كىلونلاش ئەمەس بەلكى ئاشۇ تۆرەلمە غول ھۈجەيرىدىن ھەر خىل ئەزالارنى شەكىللەندۈرۈش ، ئەزالارغا مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېرىشكىلى بولسىلا ، بۇنىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور .

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 17:11
      • شۇنداق، ئەزا يېتىشتۈرۈش، يېتۈشتۈرگەندىمۇ تېرىدىكى غول ھۆجەيرىدىن يېتىشتۈرۈپ چىقىش.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى am 11:16
      • نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ياپونىيەلىكلەر چىشنىڭ غول ھۇجەيرىسىنى تېپىپ چىققان.شۆھرەت ئاكىمىز راستىنلا ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ھۇجەيرىلىرى دىففىرىنسىيەلىنىپ كېلىدىغان غول ھۇجەيرىنى تاپالىغان بولسا بۇنىڭ راستىنلا ئىنسانىيەتكە تۆھپىسى زور بولىدۇ.ھازىر تېرىدىن تۆرەلمە غول ھۈجەيرىنىسىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان بولسا بۇ تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنى قايسى ئەزالارنىڭ ھۈجەيرىلىرىگە دىففىرىنسىيەلىنىدىغانلىقىنى تېپىشقىمۇ بىر مەزگىل ۋاقت كېتىدۇ.شۆھرەت ئاكىمىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 14:00
  • بۇ قېتىم شۇنى ھېس قىلدىمكى، بۇ ھەقتە ئۇيغۇر تاراتقۇلىرىدا ئالىم ئەھەت تور خاتىرسى ۋە ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىدىن باشقىلار بۇ ھەقتە «ئۆھۆ’ دەپمۇ قويمىدى. ئېتى ئۇلۇغ، سۇپىرىسى قۇرۇق، دەپ مانا مۇشۇنى دەيمىز. نەدىكى بىر ماز نەرسىنى مەزمۇن دەپ چىقىرىدۇ، دۇنيا خاراكتېرلىك مۇنداق ئىش بولۇۋاتسا قۇيرۇقىنى تىكىپ نەگە كەتتىكىن؟ ھەممىسى سوخۇ، شىنلاڭ، ۋاڭيىنىڭ قۇلى بولدى ھازىر، شۇلار نېمە چىقارسا شۇنى چىقىرىدۇ، نېمە دېگەن قالاقلىق بۇ، ما تور بېكەت ئاچقانلار سەل كاللاڭلارنى سىلكىۋېتىڭلار، بۇ قېتىم ئالىم مەلىم ۋە ئىلقۇت بۇرادەردىن مەمنۇنمەن…

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى am 09:21
    • جىددىيلەشمەڭ
      جىقراق تور ئارىلاپ بېرىڭ، ئەلداۋا ۋە باشقا تورلاردىمۇ بۇ ھەقتە دەرھاللا خەۋەر بېرىلدى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 13:31
  • شۆھرەت ئەپەندىنى مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەردە بىر تونۇشتۇرغان،ئىسمىنى روسلارنىڭ ئىسمىدەك چىقىرىپتىكەن،ئۇيغۇرلىقىنى بىلمىدى دەپ ئويلىدىم.پەن-تېخنىكا ساھەسىدە جان كۆيدۈرۈپ كۆرەش قىلىۋاتقان ئالىملىرىمىز تېخىمۇ كۆپ شۆھرەت قازانغاي. ئالىم مۇئەللىممۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە،ئۇيغۇرلاردا ئۈمۈت زور،بۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىل.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى am 07:33
  • قارىغاندا، شۆھرەت ئاكىمىز بۇ قېتىم مىللىتىمىزگە زور شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدىغان ئوخشايدۇ، ئاللاھ خالىسا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرى يەنىمۇ ياخشى بولغاي…

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 22:47
  • شۆھرەت ئەپەندى تېخىمۇ كۆپ شۆھرەت قازانغاي.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 22:35
  • مۇبارەك بولسۇن!!!!!!!!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 21:53